خەۋەرمەدەنىيلىشىشمۇ، ياتلىشىشمۇ؟(1) ) C8 N) K) ~: S, G6 U& h1 u
% B( n. P7 W/ g: y
4 G9 ?0 c2 W6 y5 Z% t! t, P' y
يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق 1 o5 P2 g5 C7 ~ g% p& X6 P
* j" G$ }. M" P1 P; J! d# o$ M( [8 M S/ ]% T- C8 H: u2 B
توغرىسىنى ئېيتقاندا، ھەممىمىز كۆز ئالدىمىزىكى رېئاللىقتا بىر سەپتە، بىر خىل مۇھىتتا ياشاۋاتىمىز. كۆز ئالدىمىزدىكى ھايات مەنزىرىسى نەزىرىمىزدىن يىراق ئەمەس. بىراق بۇ ئەمەلىيەتكە بەزىلەر دىققەت قىلغان، بەزىلەر تازا دىققەت قىلالمىغان، بەزىلەر ئەپسۇسلۇق ئىچىدە ئىچىگە تىنىشقان، بەزىلەر پەرۋاسىزلىق بىلەن كۆزىنى يۇمۇشقان. بەزىلەر كۆزنىڭ ئىنكاسىنى جۈرئەتلىك ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىدۇ، ئەپسۇسكى نۇرغۇنلىرىمىز ئۈچۈن بەزى ۋايساشلار ئەخمەقلىق بولۇپ تۇيۇلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ سىر ئەمەسكى ھازىرقى رېئاللىق، تەرەققىيات، چېكىنىش، مەدەنىيلىشىش ۋە ياتلىشىش توغرىسىدا خېلى كۆپ پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، بۇ توغرا تەۋسىيىلەر بىزگە رېئاكسىيە بېرىۋاتامدۇ قانداق؟ ئەيتاۋۇر نۇرغۇن ئىشلار تېخىمۇ ئەدەپ كەتكىلى تۇردى. بىر ئۇلۇغ زاتتىن: «تەكەببۇرلۇق نېمە؟» دەپ سورىسا، «ھەق سۆزنى تەن ئالماسلىق ۋە باشقىلارنى كۆزگە ئىلماسلىقتۇر» دەپ جاۋاب بەرگەن ئىكەن. ئۇنداقتا بىزگە مەسلىھەت، ھەق تەۋسىيىلەرنىڭ تەسىر قىلمايۋاتقانلىقى بىزدىكى بىمەنە تەكەببۇرلۇقمۇ ياكى ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىكمۇ؟
2 I* ?9 N/ d8 s5 z5 R2 s, w$ Mمەن يەنە ئەنئەنە، مەدەنىيلىشىش، ياتلىشىش ھەققىدە قەلەم تەۋرىتىپ قېلىۋاتىمەن. بۇنىڭدىن مەقسەت كۆزىمىزدىن ياتلىشىپ مىللىي خاسلىقىمىزنى زاۋاللىققا يۈزلەندۈرىۋاتقان بىر قىسىم ئەھۋاللار، ياخشى ئەنئەنىمىزدىن يىراقلاپ كەتكەن بەزى ئېزىقىشلار ئارقىلىق ئۆزىمىز ھەققىدە قايتىدىن ئويلىنىش ئۈچۈن ئەينەك كۆتۈرۈش. ئۇقمايمەن، قارىغۇنىڭ شەھىرىدە ئەينەك كۆتۈرۈپ ماڭسا خورلۇققا قالغاندەك، بەزىلەرنىڭ قاراڭغۇ قەلب ئۆڭكۈرىگە ئەينەك كۆتۈرۈپ كىرىمەن دەپ، ناكەسلەرنىڭ قارغىشىغا ئۇچرارمەنمۇ؟
: d7 I1 J4 N8 I9 k+ ^«ياتلىشىش»نىڭ لۇغەت مەنىسىدىن قارىغاندا، بىر خىل نەرسىدىن ئىككىنچى خىل نەرسىگە ئۆزگىرىپ كېتىش، ئەكسىگە قايتىش مەنىسىنى بېرىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن يىراقلىشىش، ئايرىلىش دېگەنگە ئوخشاش مەنىلەرنى بېرىدۇ. ھازىرقى دۇنيادا ئىنسانلارنىڭ ياتلىشىشى توغرىسىدا مەخسۇس تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلىپ، ئىنسانلارنىڭ ئۆزى توغرىسىدا ئىزدىنىشى ئۈچۈن يوچۇق ئېچىشقا تىرىشىۋاتىمىز. ياتلىشىش كۆپ تەرەپلىمىلىك مەزمۇنلار ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن. مەسىلەن: ئاڭنىڭ ياتلىشىشى، بۇنى گېگىل:«ئاڭ ئۆزىنىڭ پائالىيىتى جەريانىدا ئۆزىنى ياتلاشتۇرۇپ، ئىككىنچى بىر خىل ئوبيېكتقا ئايلىنىدۇ» دەپ قارىغان. ئەمگەكنىڭ ياتلىشىشى توغرىسىدا ماركس ئالدى بىلەن ئەمگەكچىنىڭ ۋە ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ياتلىشىشى مەسىلىسىدە ئەمگەكچىلەرنىڭ ئۆزى ئىشلەپ چىقارغان نەرسە بولماستىن، بەلكى ئەمگەكچىلەر ئۆزى ئىشلەپ چىقارغان مەھسۇلاتلارنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. يەنە بىر نۇقتىدىن، ئەمگەك جەريانىنىڭ ياتلىشىشى مەسىلىسىدە ئەمگەك ئەمگەكچىلەر ئۈچۈن مەجبۇرىيەت ۋە بېسىمغا ئايلىنىپ قالغان. ئەمگەكچىلەر ئەمگەك جەريانىدا خۇشاللىق ۋە ئازادىلىك ھېس قىلماستىن، ئەمگەكتىن بىزارلىق ھېس قىلىدىغان روھىي ھالەت. يۇقىرىقىلاردىن باشقا ئادەم ماھىيىتىنىڭ ياتلىشىشى، ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ياتلىشىشى، مەدەنىيەتنىڭ ياتلىشىشى، ئېتىقادنىڭ ياتلىشىشى، جىنسىي ياتلىشىش قاتارلىق كۆپ تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.2 e/ W) b1 \1 {2 ] S7 i/ |
بىر مىللەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندىمۇ ياتلىشىشنىڭ بىرقانچە تەرىپى بولىدىكەن. بىرى، پاكلىنىش ۋە تەرەققىيات خۇسۇسىدىكى يېڭىلىنىش، يەنە بىرى، بۇلغىنىش خاراكتېرىدىكى ئۆز- ئۆزىنى دەپنە قىلىش. يېڭىلىنىش ئىككى خىل ئۇسۇل بىلەن بولىدۇ، بىرى كونا، قالاق، قاتمال، مەنىۋى زەئىپلىك قاتارلىق مىللەتنىڭ ۋۇجۇدىدا ساقلىنىۋاتقان ئەنئەنىۋى ئىللەتلەردىن پاكلىنىش بىلەن مىللەتنىڭ شان- شەرىپىگە، مەۋجۇتلۇقىغا، تەرەققىياتىغا، كەلگۈسى ئىستىقبالىغا تۈرتكە بولىدىغان ئىلغار ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇش ۋە ئۇنى زاماننىڭ تەلىپىگە ماس ھالدا تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش، ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش، ئىلغار ئىدىيە، ئىلغار مەدەنىيەت ئامىللىرىنى، پەن- تېخنىكا نەتىجىلىرىنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈش. بۇنىڭ ئەكسىچە بولغان بىر خىل يۈزلىنىش، ئاللىبۇرۇن باشقىلار سۈپۈرۈپ تاشلىۋەتكەن ئەخلەت- چاۋالارنى قوبۇل قىلىۋېلىپ ئۆزىنى بۇلغاش. بىزدە ھازىر ئىلغار ئەنئەنىلىرىمىزنى جارى قىلدۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاز، قالاق، قاتمال، چۈشكۈن، خۇراپىي ئەنئەنىنى جاھىللىق بىلەن ساقلاش كۆپرەك. چەت ئەلنىڭ ئىلغار قىممەتلىك ئېڭىنى، مەدەنىيەت ئۇتۇقلىرىنى قوبۇل قىلىش ئازراق، ئۇلار ئاللىقاچان چۆرۈپ تاشلىۋەتكەن ئەخلەتلىرىنى، تۈكۈرۈۋەتكەن تۈكۈرۈكلىرىنى قوبۇل قىلىۋېلىپ، مىللىتىمىز-
( v9 @3 ^" ] k! R) Bنىڭ مىللىي روھىنى، مىللىي ئەنئەنىسىنى بۇلغاش، مىللىي خاسلىقىمىزنى بارا- بارا دەپنە قىلىش كۆپرەك بولۇۋاتىدۇ.* r" H* j; D8 a& j
مەدەنىيلىشىش بىلەن تەرەققىيات تۇرمۇشقا يېڭىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. بىراق، ئۇ ھەرگىز ئەنئەنىنى چەتكە قېقىش ئارقىلىق ئىپادىلەنمەيدۇ. بەلكى قالاق ئەنئەنىلەردىن يۈرەكلىك ۋاز كېچىش، ئىلغار ئەنئەنىلەرنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. ئەنئەنىدىن ۋاز كېچىش تەرەققىي قىلىش ئەمەس، بەلكى بارا- بارا ئۆزىنى ئۇتتۇرۇش بىلەن باراۋەر. ياخشى ئەنئەنىدىن ۋاز كەچكەن مىللەت چوقۇم يامان تەقدىرنىڭ قولىغا تۇتۇلىدۇ.
7 |5 z/ y" y( d! x9 w5 iئۇيغۇر خەلقى مۇكەممەل، گۈزەل ۋە پارلاق ئەنئەنىگە ئىگە مىللەت. بۇ ئەنئەنە ئۇزاق يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قىممەت قارىشى، ئېتىقادى، ئېستېتىك ئېڭى، تۇرمۇش ئادىتى، تارىخىي تەرەققىياتى، مەدەنىيىتى، دىنىي ئېتىقادى ئارىسىدا بارا- بارا مۇكەممەللىشىپ، بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ ئوبرازىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان، مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى نامايان قىلىدىغان مۇھىم كاتېگورىيىگە ئايلانغان. ئۇيغۇر خەلقى شۇنى چۈشىنەتتىكى، ئەنئەنىدىن ئايرىلغان مىللەت مىللەت سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايتتى. ئەنئەنىدىن ئايرىلغان مىللەت قىپيالىڭاچ قۇرۇق گەۋدىگە ئايلانغان تىرىك جەسەتكە ئوخشايتتى.
9 ]8 v0 G6 S) J7 j9 A2 u7 Iھازىرقى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە خەلقنىڭ ئورتاق بىر ساداسى شۇكى، ھازىرقى خېلى كۆپلىگەن ياشلاردا غەرب مەدەنىيىتىگە قارىغۇلارچە چوقۇنۇش خاھىشى بىر خىل ئومۇمىيلىققا ئايلانماقتا. بۇنداق ياتلىشىش يالغۇز ئىدېئولوگىيە جەھەتتىلا ئىپادىلىنىپ قالماستىن، بەلكى مىللىي ئەنئەنە، مىللىي ئۆرپ- ئادەت، مىللىي قىممەت قارىشىغا جەڭ ئېلان قىلىش ئارقىلىقمۇ ئۆزىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ. ھەتتا بىز شۇنداق ھادىسىلەرنى بايقىدۇقكى، جىنسىي ئەركىنلىك تەشەببۇسلىرىمۇ بىر قىسىم نادان ياشلىرىمىزنى سېھرى جادۇسىنىڭ تەسىر تورىغا چۈشۈرۈۋېلىشتىن باش تارتمايۋاتىدۇ. يەنە بىر جەھەتتە ئەخلاقىي جەھەتتىكى ئىجتىمائىي كونتروللۇقىنىڭ تىزگىنىدىن بوشىنىشقا ئۇرۇنۇپ تىپىرلاۋاتىدۇ. ھايانىڭ ئورنىنى ھاياسىزلىق ئىگەللىگىلى تۇردى. مەن ئۇيغۇرلاردىكى ياتلىشىشنىڭ كونكرېت ئىپادىسى سۈپىتىدە مۇنداق بىر قانچە تىپىك ئەھۋالنى مىسال قىلىپ بېرەي:
8 {0 |. z! n8 A9 n$ X- qئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ- ئادىتىدە توي- تۆكۈن، ئۆلۈم- يېتىم ئىشلىرى ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. بىراق ھازىر ئەڭ ياخشى، گۈزەل ۋە ھايا ئۈستىگە قۇرۇلغان ئىلغار ئەنئەنىمىزنىڭ ئورنىغا ئۆزىمىزگە قەتئىي مۇناسىپ كەلمەيدىغان يات بىر ئادەتلەر دەسسىۋالدى.1 y1 R5 m" l4 {: s( a
ئۇيغۇرلاردا بالىلارنىڭ سۈننەت تويى بىر بالىنىڭ يەتتە ياشقا كىرىپ، جەمئىيەتنىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ قالغانلىقىدىن ئىبارەت ھاياتىدىكى مۇھىم بىر بۇرۇلۇش باسقۇچىنى تەبرىكلەش، شۇنداقلا بۇ بالىنىڭ سۈننىتىنى قىلىش ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئەنئەنىسىنى ئىپادىلەش مۇراسىمى. بۇ تويدا قازان ئېسىپ يۇرتقا ئاش بېرىش ئارقىلىق بالىلارنىڭ بەخت- سائادەتلىك، ياراملىق ئادەم بولۇشىنى ئۈمىد قىلاتتى. بىراق، ھازىر ئاتا- ئانىلارنىڭ قۇرۇق سۆلەتۋازلىقى بىلەن بۇ مەسۇم بالىلارنىڭ بەخت- ئىقبالى توغرىسىدىكى تىلەكلەر رېستوراندىكى ھاراق- شاراب، مەستلىك- نەسلىك، قالايمىقان كۈلكە- چاقچاق ئىچىگە يۇغۇرۇلۇپ كەتتى." C4 J. a) M7 J1 z4 z: V
بىر قېتىم مەن بىر زۆرۈرىيەت بىلەن مەلۇم بىر رېستورانغا باردىم. بۇ يەردە بىر بالىنىڭ سۈننەت تويى ئۆتكۈزۈلىۋاتقانىكەن. ئەڭ ئەپسۇسلىنارلىق يېرى، رىياسەتچى بىلەن توي ئىگىسى سەھنىگە چىقىپ توينىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلىدىغان چاغدا ئۇ ھەر ئىككىسى قولىدا لىق مەي تولدۇرۇلغان رومكىلارنى تۇتۇشۇپ ئاجايىپ دەبدەبە، ھەيۋەت بىلەن بالىنىڭ بەخت ئىقبالىنى ۋە ئىستىقبالىنى تىلەشتى. بىر مىللەتكە نىسبەتەن بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق ياتلىشىش بولامدۇ؟
( m+ B$ y( D, z/ N+ D بۇرۇنقى قىز- يىگىت تويىدا ئاۋۋال قىزنى يۆتكەپ كېلىپ، ئىككى ياش بىر ياستۇققا باش قويغاندىن كېيىن، ئەتىسى ئىككى ياشنىڭ بىرىنچى كېچىنى ياخشى، مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىك شەرىپىگە ئوغۇلنىڭ ئۆيىدە توي بېرىلەتتى. ئەتىسى قىزنىڭ يۈزى ئېچىلغانلىقى ئۈچۈن سىمۋوللۇق ھالدا يۈز ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئاندىن قىز كىشىلەرگە يۈزىنى كۆرسىتەتتى. ئەگەر ئالىمادىس قىزدا مەسىلە كۆرۈلۈپ قالغان بولسا، ئەتىسى قازان ئېسىلمايتتى. بۇ ئەنئەنە ئىنتايىن قائىدىلىك، تەرتىپلىك، ئەھمىيەتلىك ئىدى. ھازىر بۇنىڭ پۈتۈنلەي تەتۈرىسىچە، قىزنى ئاتا- ئانىسىنىڭ ئۆيىدىن يۆتكەپ كېلىپ، ئاۋۋال كوچا- كوچىلارنى سازايى قىلدۇرىمىز، ئاندىن رېستورانغا ئېلىپ بېرىپ ئۇسسۇلغا، تانسىغا سالىمىز، ئاندىن تېخى يۈزى ئېچىلمىغان قىزنىڭ يۈزىنى ئاچىمىز. بۇ ھازىر قىزلارنىڭ يۈزى توي قىلىشتىن بۇرۇن ئېچىلىپ بولغانلىقىنىڭ سىمۋولىمۇ؟ شۇنىڭ بىلەن يەنە بىر يوشۇرۇن پاجىئەمۇ بار. ئوغۇلغا توي شادلىقى دەپ كۆپلەپ ھاراق ئىچۈرۈلىدۇ، نەتىجىدە ئۇ بىرى قىزنىڭ ھەقىقىي پاك ياكى پاك ئەمەسلىكىنى بىلىش، ھېس قىلىش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قېلىنىۋاتىدۇ. يەنە بىرى، ئەگەر شۇ مەستلىكتە بالا بولۇپ قالسا، ئۇ بالا چوقۇم مۇكەممەل ئادەم بولۇش سالاھىيىتىنى ھازىرلىمىغان بولىدۇ. بۇنى پۈتكۈل جەمئىيەت ناھايىتى چوڭقۇر ئويلىنىشى كېرەكقۇ، دەيمەن.
5 r8 m: W: A/ }% @, I. A0 tئۈچىنچى بىر تىپىك مىسال، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك، تارىخىي ۋە رېئالنىي قىممەتكە ئىگە بىر بايرىمىمىز بار. ئۇ بولسىمۇ نورۇز بايرىمى. نورۇز بايرىمى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي ھاياتىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان. نورۇز بايرىمىنىڭ مەنىۋى جەھەتتىكى قىممىتى بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىقتىسادىي قىممىتىمۇ خېلى ئەھمىيەتلىك ئىدى. بىراق، ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدە نورۇز بايرىمىغا كۆڭۈل بۆلۈش بىزدە ناھايىتىمۇ زەئىپ ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. پەقەت نورۇز كېچىسى تېلېۋىزوردا بېرىلگەن نورۇز بايرىمى سەنئەت كېچىلىكى بىزنىڭ بىردىنبىر تەبرىكلەش پائالىيىتىمىز بولۇپ قالدى. ئۇيغۇرلارنىڭ كالېندارى بويىچە 3- ئاينىڭ 21- كۈنى كۈن بىلەن تۈن تەڭ بولىدۇ. شىنجاڭدا باھار باشلىنىدۇ. يەر- زېمىن تەۋرەيدۇ، قۇرت- قوڭغۇزلارمۇ ئۇيقۇدىن ئويغىنىدۇ، ئەتىيازلىق تېرىقچىلىق باشلىنىپ كېتىدۇ. يېڭى بىر يىلدىكى مول- ھوسۇل ئۈچۈن ئاساس سېلىنىدۇ. بۇ خۇشاللىقنى تەبرىكلەپ يېزا- يېزىلاردا ئاجايىپ مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ، كىشىلەرنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشى يېڭى- يېڭى مەزمۇنلار بىلەن بېيىتىدۇ.9 S9 q% b+ d- K9 ?
بىر مىللەتنىڭ تۇرمۇشىدىكى، ئەنئەنىسىدىكى ھەرقانداق ئۆرپ- ئادەت ۋە ئەنئەنە ھەرگىزمۇ بىكاردىن- بىكار ئىچ پۇشۇقى ئۈچۈنلا يارىتىلغان ئەمەس. ئۇ شۇ مىللەتنىڭ پۈتكۈل ھايات تارىخى بىلەن زىچ باغلىنىپ كەتكەن. بىر مىللەتنىڭ ئەنئەنىسى شۇ مىللەتنى تەشكىل قىلغان ئومۇمىي جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ئەزەلدىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان تۇرمۇش ئادەتلىرى ۋە ياشاش ئادەتلىرىنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسىنى كۆرسىتىدۇ. بىزنىڭ گۈزەل ۋە قىممەتلىك ئەنئەنىلىرىمىز كېيىنكى تەرەققىياتىمىز ئۈچۈن مۇھىم ئۇل. ئۇ ھەم ئۆزىمىزنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى، ھەتتا ئەڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. قىممەتلىك نەرسىلەر ھەرگىز كونىرىمايدۇ. ئەنئەنىدىن ئۇنىڭ كونا بولغانلىقى ئۈچۈنلا ۋاز كەچكۈلۈك ئەمەس. ئەگەر ئۇنداق دەپ قارىساق ۋەتەنمۇ بىز ئۈچۈن كونا، ئۇنىڭدىنمۇ ۋاز كېچىش كېرەكمۇ؟ مىللىتىمىزنى كونىتى دەپ ئۇنتۇپ كېتىش زۆرۈرىيىتى توغۇلامدۇ؟
: c7 F; e w+ z# D* p, g" g9 sئومۇمەن، بىزدە ياتلىشىش ھەقىقەتەنمۇ ئېغىر. بۇ نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ بۇ ھەرگىزمۇ بىزنىڭ تەرەققىي قىلىپ كەتكەنلىكىمىزدىن، ئەنئەنىمىزنىڭ تەرەققىيات يولىمىزدا پۇتلىكاشاڭ بولغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى بۇ بىر تەرەپتىن بىزدىكى ئەنئەنىنى سۆيۈش، ئەنئەنىنى قەدىرلەش ئاڭلىقلىقىمىزنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇرىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن بىزنىڭ نادانلىقىمىزنى، گۈزەللىكنى ۋە ھەقىقىي قىممەتنى تونۇمىغانلىقىمىزنى، ئۆزىمىزنى قەدىرلەش ئىقتىدارىمىزنىڭ تۆۋەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئۈچىنچى تەرەپتىن، ئاتا- ئانىلار ئۆزلىرىنىڭ يېتەكچىلىك، يادرولۇق رولىنى يوقىتىپ قويغان، ئەنئەنە تەربىيىسىگە تازا كۆڭۈل بۆلمىگەن. شۇنىڭ بىلەن ھازىرقى ياشلاردا مىللىي روھ ئاجىزلاشقان، ئۆزىنى بىلىش، ئۆزىنى قەدىرلەش يېتەرلىك بولمىغان، باشقىلارغا قارىغۇلارچە چوقۇنۇش، ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز كەمسىتىش خاھىشى باش كۆتۈرگەن. ئۇلارغا نەسىھەت قىلسا، بۇلار زامان ئۆزگەردى، دەۋر ئۆزگەردى، ھازىرقى زامان سىلەرنىڭ دەۋرىڭلارغا ئوخشىمايدۇ، دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئۇنداقتا زامان ئۆزگەرسە، دەۋر ئۆزگەرسە مىللەتمۇ ئۆزىنىڭ ئىلغار، قىممەتلىك ئەنئەنىسىدىن ئاينىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلامدۇ؟ دەۋر تەرەققىي قىلسا، نادان، مەدەنىيەتسىز مىللەت ئۈچۈن ئۆزىدىن ياتلىشىش، ئۆزىدىن ۋاز كېچىش لازىم بولامدۇ؟ پەقەت روھىي جەھەتتىن زەئىپلەشكەن كىشىلەرلا ئاشۇنداق ئاينىش، ئۆزىنى ئۇنتۇش، قارىغۇلارچە باشقىلارغا چوقۇنۇشنى تەرەققىياتقا يۈزلىنىش دەپ قارايدۇ. ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ، مىللەتكە بولغان يۈكسەك ھۆرمەت، ئۆزىگە بولغان مۇھەببەت پارلىغان جۇشقۇن روھلۇق ياشلار روھىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى ئىزدەش، ئۆزىنى قايتىدىن قۇرۇش، ئەنئەنىنى زامانغا يارىشا تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇكى، ھەرگىزمۇ مىللەتنىڭ ئىلغار ئەنئەنىسىگە ئاسىلىق قىلمايدۇ. نادان، ھاماقەت، ئازغۇن كىشىلەرلا ياتلىشىش، ئاينىشنى ئەنئەنىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش دەپ چۈشەندۈرىدۇ، مەنىۋى جەھەتتىكى چۈشكۈنلۈكنى ئەركىنلىتىش دەپ چۈشىنىدۇ.( o m# b1 Z% c$ K& i* [7 X
0 j/ C9 p. g9 U
ھەقىقەتمۇ كونىرامدۇ؟
& {* t1 g3 D8 ]4 }0 M5 K. R' ^3 t) u2 d7 _" O1 }
مەن كىتاب ئوقۇش ھاياتىمدا ئەڭ چوڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئەسەر يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» ناملىق پەلسەپىۋى ئەسىرى. مەن بۇ ئەسەرنى ئۆزۈم ئۈچۈن ئەڭ ياخشى مەنىۋى مەكتەپ بولدى، دەپ قارىسام ناھايىتى مۇۋاپىق بولىدىغانلىقى مۇقەررەر. چۈنكى، مەن بۇ كىتاب ئارقىلىق دۇنيا قاراش جەھەتتە بەلگىلىك ئۆزگىرىش ياسىدىم. ئۆزۈمگە بولغان تونۇشنى، ئۆزۈمگە قويغان تەلەپنى يېڭىلىدىم؛ ھاياتنىڭ مەنىسىنى، كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ قىممىتىنى باشقىدىن ھېس قىلىشقا باشلىدىم. بىر ئالىم «قۇتادغۇبىلىك»نى ناھايىتى نۇرغۇن كوچىلاردىن تۈزۈلگەن بىر ياسىداق شەھەرگە ئوخشىتىپ، «تېخى بىرەر ئادەممۇ بۇ شەھەرنىڭ ھەممە كوچىلىرىنى سەير قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىدى» دېگەن ئىدى. ھەقىقەتەن مەن ھەر قېتىم بۇ ئەسەرنى ئوقۇغان ۋاقتىمدا يېڭى- يېڭى چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولىمەن. ئەڭ مۇھىمى مەندە ئاجايىپ بىر ھەيرانلىق ۋە يەنە بىر چۈشىنەلمەسلىك بار.) K1 e9 `3 J5 o9 M- y
ھەيرانلىقىم شۇكى، «قۇتادغۇبىلىك»تىكى بىلىش چوڭقۇرلۇقى ۋە چۈشەنچنىڭ كەڭلىكى بىلەن بىللە ئۇ ئەسەرنىڭ 11- ئەسىر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بارلىققا كەلگەنلىكىگە بولغان ھەيرانلىق. ئەسەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پەلسەپىۋى مەسىلىلەر، ھاكىمىيەت مەسىلىلىرى ۋە تۇرمۇشنىڭ كونكرېت ھالقىلىرىغىچە بولغان بارلىق ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي مەسىلىلەرگە بولغان چۈشەنچە ئىنتايىن ئىلغار. گەرچە ئالىم 11- ئەسىردىكى فېئودال مۇھىتتا، دىنىي ئىدېئولوگىيە ھۆكۈمرانلىقىدا ياشىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھاكىمىيەت، قانۇن ھەققىدىكى تەشەببۇسلار ياۋروپادا شۇنىڭدىن بەش ئەسىر كېيىن تەشەببۇس قىلىنغانىدى. ئەسەردە ئالغا سۈرۈلگەن تۇرمۇش قانۇنىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان يەكۈنلەر بۈگۈنمۇ ۋە كەلگۈسىدىمۇ، ئومۇمەن ئىنسانىيەت جەمئىيىتى مەۋجۇتلا بولىدىكەن، ئۆزىنىڭ قىممىتىنى يوقاتمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆز ئەسىرىنىڭ ھاياتىي قىممىتىگە چەكسىز ئىشەنگەن. ئۇنى «بۇ دۇنيانى ئىزدىسەڭمۇ يول مۇشۇ، ئۇ دۇنيانى تىلىسەڭمۇ يول شۇ»، «ھەرگىز يولۇڭدىن ئازماي ئۇشبۇ يول بىلەن ماڭغايسەن. بۇ مەندىن ساڭا مىراس قالغان سۆز، ھەرقانچە ئالتۇن- كۈمۈشمۇ بۇ سۆزلىرىمنىڭ قىممىتىنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ. ئالتۇننى خەجلىسەڭ تۈگەيدۇ، ئەمما مېنىڭ بۇ سۆزلىرىم ساڭا مەڭگۈ ئەسقاتىدۇ» دېگەن. ھەيرانلىقىمنى تېخىمۇ ئۇلغايتقان يەنە بىر نەرسە - 11- ئەسىردە يۈسۈپ خاس ھاجىپلا ئەمەس، بەلكى مەھمۇد قەشقەرى، ئىمانىددىن قەشقەرى قاتارلىقلارغا ئوخشاش بۈيۈك تىلشۇناسلار ۋە تارىخچىلار بارلىققا كەلگەن. «قۇتادغۇبىلىك»تىكى مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، قاراخانىلار دەۋرىدە تەبىئىي پەنمۇ ئاجايىپ زور ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەن. مانا شۇنداق ئۇلۇغ ئالىملارنى ۋە نادىر ئەسەرلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن شۇ چاغدىكى ئىلمىي مۇھىت، شۇ چاغدىكى مائارىپ كېيىن نەگە كەتكەن بولغىيتتى؟
0 R; g" L' g' |0 @, q) gشۇنداق، «قۇتادغۇبىلىك» بىلەن «تۈركىي تىللار دىۋانى» ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىنىڭ ئەڭ ئىلغار ھالقىسىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇلار 21- ئەسىردە ياشاۋاتقان ئەۋلادلىرىغا دائىملىق ئۇستاز بولۇش رولىنى ئوينايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ مەن بىر ئۆمۈرلۈك تەتقىقات نىشانىم قىلىپ «قۇتادغۇبىلىك»نى تاللىۋالغانىدىم. ئۇنى جەمئىيەتكە تونۇشتۇرۇش، ئۇنىڭدىكى قىممەتلىك مەنالاردىن، ئۇلۇغۋار مەزمۇن ۋە تەۋسىيەلەردىن خەلقىمنى بەھرىمەن قىلىپ، ئۇلارنىڭ قەلبىدە بىر خىل پەخىرلىنىش ھېسسىياتىنى ئويغىتاي دېگەن بىر نىيەتتە مەن. بۇنداق بولۇشتا يەنە ماڭا تەسىر قىلغان مۇھىم بىر ئىش «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ نەزمىي يەشمىسى نەشر قىلىنىپ، بىزدىن ئەسىرلەپ جۇدا بولۇپ تۇرغان بۇ ئەسەر قايتىدىن يورۇقلۇققا چىقتى. ئەسلىدە ھەربىر ئۇيغۇر ئائىلىسىدە بىردىن تەۋەررۈك قىلىنىپ ساقلىنىشى كېرەك ئىدى. ئەپسۇسكى ئىش ئۇنداق بولمىدى. ئۆز ۋاقتىدا خەلقىمىز بۇ ئەسەرنىڭ قىممىتىنى ياخشى ھېس قىلالمىدى. يەنە بىر جەھەتتە نەزمىي بولغانلىقى ئۈچۈن بەدىئىي تەربىيىلىنىشى تۆۋەن ۋە مەدەنىيەت سەۋىيىسى يېتەرلىك بولمىغان كىشىلەر بۇ ئەسەردىن ئۈنۈملۈك مەنپەئەت ئالالمىدى. گەرچە خېلى كۆپ كىشىلەر كىتابنى قەدىرلەپ ئېلىپ قويغان بولسىمۇ، تاكى ھازىرغىچە ئوقۇپ باقمىغان زىيالىيلار ناھايىتى كۆپ. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن بېسىلغان كىتاب سانى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېھتىياجىدىن ئېشىپ كېتىپ، ئاخىر باھاسى چۈشۈرۈلۈپ سېتىلدى. تاكى يېقىنقى يىللارغىچە شۇنداق بولدى.3 Z. U; h: W/ O: A4 y& x! L! ]! i
مەن ساۋاتلىق دەپ قارىغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ «قۇتادغۇبىلىك»نى بىر ئوقۇپ چىقىشىنى تولىمۇ ئۈمىد قىلاتتىم. ھازىرغىچە ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدا بارلىققا كەلگەن بىرەر ئەسەر «قۇتادغۇبىلىك»تەك كۆپ تەتقىقاتچىلارنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىمىغان. مەخسۇس مۇشۇ ئەسەرنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن تۆت نۆۋەت مەملىكەتلىك ئىلمىي تەتقىقات يىغىنى چاقىرىلدى. بىر نۆۋەت خەلقئارالىق يىغىن چاقىرىلدى. مەخسۇس كىتابلاردىن ئون نەچچە پارچە، ئىلمىي ماقالىدىن نەچچە يۈز، ھەتتا نەچچە مىڭ پارچە ماقالە يېزىلدى. تېلېۋىزور، گېزىت- ژۇرناللارنىڭ سەھىپىلىرىدە بۇ ئەسەرلەردىن ئۈزۈندىلەر بېرىلىپ تۇردى. شۇنداق كەڭ كۆلەملىك تەشۋىقاتنىڭ تەسىرى بىلەن بولسا كېرەك، ئەسەر نەشر قىلىنغان 1984- يىلىدىن 1998- يىلىغىچە بولغان ئون تۆت يىلدىن كېيىن بەزى كىشىلەردە «قۇتادغۇبىلىك»كە بولغان قىزغىنلىق قوزغالدى. بۇ ۋاقىتتا كىتابنىڭ باھاسى ئون ھەسسە ئېشىپ يۈز يۈەندىن سېتىلدى.
5 L3 I4 K7 s- u) y2 kبەزى كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ باھا ۋە چۈشەنچىسى بويىچە كىشىلەرنىڭ قىزغىنلىقىغا سوغۇق سۇ سېپىدىغان كۆزقاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى. بۇنىڭ ئەڭ تىپىكلىرى مۇنۇ مەزمۇندا: «بىز قاچانغىچە بۇ ئىككى كونا چاپاننى («قۇتادغۇبىلىك» بىلەن «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى دېمەكچى) كىيىۋېرىمىز»، «ئىككى كىتابنى تەكىي قىلىپ ياتامدۇق» دېگەندىن ئىبارەت. ھەتتا ماڭىمۇ «كونا چاپان» لەقىمى سىڭىپ قالغىلى ئاز قالغانىدى. ھەتتا ئۆزىنى ئەڭ كاتتا چاغلايدىغان بەزى شائىرلار ئوچۇق- ئاشكارا پۈتۈن ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنى ئىنكار قىلىشقان. ئۇنىڭدا بىز ئۈچۈن لازىملىق ھېچ نەرسە يوق دەپ قارىغان.
5 y: h4 W. ^2 C) m" O6 {مېنى تېخىمۇ ئەپسۇسلاندۇرغان يەنە بىر تىپىك ئەھۋالمۇ بار. بىر كۈنى بىرقانچە كىشىلەر بىلەن بىر سورۇندا سۆھبەتتە بولۇپ قالدۇق. بۇ سورۇندا يۈسۈپ خاس ھاجىپ توغرىسىدا پاراڭ بولۇپ قالدى. بۇ چاغدا بىر ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىجتىمائىي پەن ئوقۇتقۇچىسى ئەسكى تامدىن مۇشت چىققاندەكلا: «يۈسۈپ خاس ھاجىپ دېگەن كىم؟ ئۇ نەلىك ئادەم؟» دەپ سوراپ قالدى. بىز ئۇنى چاقچاق قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ، «سېنىڭ يۇرتلۇقۇڭ» دەپ جاۋاب بەردۇق. ئۇ يەنە ئۇلاپلا «قەيەردە ئىشلەيدىغان ئادەم ئۇ؟» دېمەسمۇ، سورۇندىكىلەر بىر- بىرىمىزگە ئەجەپلىنىپ قاراشتۇق. ئۇ چاقچاق قىلمايۋاتاتتى، راستتىنلا يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ كىملىكىنى بىلمەيدىكەن. مېنىڭ ۋۇجۇدۇمنى ئەپسۇسلىنىش ۋە ئۈمىدسىزلىنىش ئىگىلىگەن ئىدى.8 K3 E2 Z$ Y" G* J3 x' }
− ئەي سادىغاڭ كېتەي بۇرادەر، ئىنساپ قىل، سەن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ كىملىكىنى بىلمەي، قانداقمۇ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىم بار دەپ قارايسەن،- دېدىم.. m' M) K5 d. B6 q( [+ M
− بىرەر ئادەمنى بىلمىگەنگە نېمە بوپتۇ، سەن بىلمەيدىغان ئادەملەرمۇ كۆپقۇ،- دەپ تېرىكتى ئۇ.6 U4 T8 ?! S- S- y3 i/ E6 R
− توغرا، بىز بىلمەيدىغان ئىشلار ناھايىتى كۆپ، بىراق بىز ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ ئۇلۇغ ئالىمىمىزنى بىلمىسەك تولىمۇ نومۇسسىزلىق بولىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپقىمۇ يۈز كېلەلمەيمىز،- دېدىم.
9 J6 f: k& h& M+ @' t& a% X6 Gمەن كېيىن بۇ ھەقتە مەخسۇس تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللاندىم. مەلۇم بولدىكى 90 پىرسەنت ئوقۇتقۇچى «قۇتادغۇبىلىك»نى ئوقۇپ باقماپتۇ. 100 پىرسەنت ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى تېخىمۇ يىراق ئىكەن. ھەتتا دەرسلىك مەزمۇنىدا «قۇتادغۇبىلىك»نى ئوقۇپ كېلىش تەلىپىنى قويماپتۇ. بۇنىڭدا يەنىلا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ناھايىتى چوڭ. بىرەر چەت ئەللىك بىرەر ئوقۇغۇچىدىن «سىز قۇتادغۇبىلىك»نى ئوقۇپ باققانمۇ؟ دەپ سوراپ قالسا نېمە دەپ جاۋاب بەرگۈلۈك.6 A4 l9 S7 o1 L- }( B. s8 g
بىز تەكىتلەۋاتقان ساپا مائارىپى بويىچە ئېيتقاندا، مىللەتنىڭ ساپاسى ۋە ئۇنىۋېرسال بىلىم قۇرۇلمىسىنى نېمىگە ئاساسەن ئۆلچەيمىز؟ بىز كىتاب ئوقۇمدۇق، قانداق كىتابلارنى ئوقۇيمىز، پەقەت مۇھەببەت كىتابلىرىلا بىزگە ھەقىقىي ساپا ئاتا قىلالارمۇ؟ «كونا چاپان» دەپ قاراۋاتقان بۇ ئىككى ئەڭگۈشتەرنى قاچان كىيىپ باقتۇق؟ ئۇنى كىيىپ باقماي تۇرۇپ، ئۇنىڭ كونا- يېڭىلىقىنى، ئۆزىمىزگە مۇناسىپ كېلىدىغان ياكى كەلمەيدىغانلىقىنى قانداق ھېس قىلالايمىز؟ «قۇتادغۇبىلىك»تە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەزمۇن پۈتۈنلەي ھايات ھەقىقىتى ۋە قانۇنىيىتىنىڭ يەكۈنلىنىشى. ھەقىقەتنىڭ كونىرىغىنىنى نەدە ئاڭلىغان؟ «تۈركىي تىللار دىۋانى» ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ غالىپلىقىنىڭ نەمۇنىسى، ئۇلارچە بولغاندا، تىلىمىزنى كونىرىدى، دەپ تاشلىۋېتىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلامدۇ؟
+ C4 v% _+ ?1 o# T* eھازىر بىزنىڭ ئالدىمىزدا ناھايىتى نازۇك بىر تاللاش تۇرۇپتۇ. تارىخنىڭ بۇ ئاچىلىدا بىر قەدەمنى خاتا باسساق تارىخ چاقى مىجىپ يانچىيدۇ. بىلىش كېرەككى، ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ مۇنداق ئىككى ئالاھىدىلىكى بار: بىرى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ئاجايىپ جۇشقۇن، قايناق ۋە رەھىمسىز بازار. يەنە بىرى ئەڭ جىددىي ۋە دەھشەتلىك بەيگە مەيدانى. بازارمۇ نابابلىرىنى شاللىۋېتىدۇ. بەيگىمۇ چىدامسىز، غەيرەتسىز، قابىلىيەتسىزلىرىنى چاڭ- توزان ئارىسىدا قالدۇرىدۇ. چۈنكى تارىخ رەھىمسىز، ئۇ ھەرگىزمۇ كەينىگە قاراپ ساقلاپ تۇرمايدۇ. ئۇ ئىنسانىيەتنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق دەھشەتلىك رىقابىتىگە كەڭرى يول ئېچىپ بېرىپ، بۇ رىقابەت خاسىيىتىدىن كەشىپ قىلىنغان رەڭگارەڭ مۆجىزاتلار بىلەن ئۆزىنى ياساندۇرغان بولسا، يەنە شۇ رىقابەت «تىغ»لىرىدىن تۆكۈلگەن دەريا- دەريا قانلار بىلەن ئۆزىنى يۇيۇپ پاكلىماقچى بولىدۇ. مەلۇم مەنىدە بۇ تارىخنىڭ گۇناھى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ شان- شەرىپى ۋە ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىشى ھېسابلىنىدۇ. تارىخ شۇنى ئىسپاتلىغانكى، رىقابەت بەيگىسىدىن ئۆزىنى قاچۇرغان خەلق تارىخ سەھنىسىدىن ئۈن- تىنسىزلا غايىب بولىدۇ. شۇڭا، بۇ ھايات- ماماتلىق بەيگىدە يېڭىلگەنلەر، بازاردىن شاللانغانلار، توغرا يول تاپالمىغانلار بەيگىدىن، بازاردىن، يولدىن ئاغرىنىشى ئەخمەقلىق. ئەگەر دانا بولماقنى ئىزدەيدىكەنمىز، ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ نابابلىقىمىزدىن ئاغرىنساق بولىدۇ. مەن تۆۋەندە مىللەتنى خاراب قىلىدىغان بىرقانچە ياتلىشىش ئەھۋاللىرىنى قىسقىچە بايان قىلىمەن:- t- u% r O9 Z' y
( R( I& V9 P( X( ~+ W
غەيرىي جىنسىي ئۆزگىرىش ئىپادىلىرى
2 H- L0 B- ^1 }/ @! K# ^9 {, H; v5 n$ l
دۇنيادىكى بارلىق جانلىقلار ئەركەك ۋە چىشى ئىككى جىنستىن يارىتىلغان. ئەركەكتە ئەركەككە خاس ئالاھىدىلىك ۋە خۇسۇسىيەت، چىشىدا چىشىغا خاس ئالاھىدىلىك ۋە خۇسۇسىيەت ناھايىتى روشەن ئايرىلغان. شۇنىڭغا ئوخشاش ئىنسانلارمۇ ئەر- ئايال ئىككى جىنستىن فىزىئولوگىيىلىك، ئاناتومىيىلىك ۋە پسىخولوگىيىلىك جەھەتتە روشەن جىنسىي پەرققە ئىگە قىلىنغان. ئەرلەردە ئەرلىك تەبىئەت ناھايىتى روشەن، ئاياللاردا ئاياللىق تەبىئەت ئىنتايىن گەۋدىلىك. بۇ بىر خىل ئومۇمىيلىق. مانا مۇشۇ ئومۇمىيلىقلار قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئىش تەقسىماتى جەھەتتە بولسۇن، كىيىم- كېچەك، زىبۇزىننەت ۋە يۈرۈش- تۇرۇش جەھەتتە بولسۇن، روشەن ئالاھىدىلىكىنى شەكىللەندۈرگەن.
: k( F( T& X- U2 ?( X+ Qمىللىي خاسلىق نۇقتىسىدىن قارىغاندىمۇ ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس مىللىي خاسلىقىنى ۋە ئەركەكلىك سالاپىتىنى ئىپادىلەيدىغان فىزىئولوگىيىلىك ۋە پسىخولوگىيىلىك كۆركى بار. ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭمۇ ئاياللىق خۇسۇسىيىتىنى، ئاياللىق تەبىئىتىنى ئىپادىلەپ تۇرىدىغان ئىنتايىن نازۇك خاسلىقى بار. قەدىمكى ئەسەرلەردىكى بايانلارغا سەپسالىدىغان بولساق، ئاياللارنىڭ گۈزەللىكى ۋە ئاياللىق خاراكتېرى كۆپىنچە ئۇلارنىڭ ئەخلاقىي- پەزىلىتى، ھاياسى، دىيانىتى، قەددى- قامىتى، ھۆسن- جامالى، زىبۇزىننىتى قاتارلىقلار تەرەپتىن يورۇتۇپ بېرىلگەن بولسا، ئەرلەرنىڭ تاشقى كۆركىگە ئېتىبار قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق دەپ قاراپ، كۆپىنچە ئەرلىك خاراكتېرىنى ئىپادىلەيدىغان ئەقىل- پاراسىتى، غۇرۇر- ۋىجدانى، باتۇرلۇقى، قەيسەر، قەھرىمانلىقى، ئىلىم- ھۈنەر جەھەتتىكى ئىقتىدارى، ئۆلۈمدىن قورقمايدىغان جاسارىتى قاتارلىق تەرەپلەرگە كۆپرەك ئورۇن بېرىلگەن. مەسىلەن، كۆلتېكىننىڭ ئەرلىك سۈپىتىنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ:«ئۇ يىگىرمە بىر ياش ۋاقتىدا بىز چاچا سەنگۇن (سانغۇن) بىلەن سوقۇشتۇق. دەسلەپتە ئۇ تارقىن چورىننىڭ بوز ئېتىنى مىنىپ جەڭگە كىردى، بۇ ئات ئۇ يەردە ئۆلدى. ئىككىنچى قېتىم ئىشبارا ياقىرانىڭ بوز ئېتىنى مىنىپ جەڭگە كىردى، ئۇ ئات ئۇ يەردە ئۆلدى. ئۈچىنچى قېتىم يەگىن سىلىگ بەگنىڭ ئېتىنى مىنىپ جەڭگە كىردى، ئۇ ئات ئۇ يەردە ئۆلدى. ئۇنىڭ ساۋۇت ۋە دۇبۇلغىسى يەكمە (يېپىنچا)سىگە يۈزدىن ئارتۇق ئوق تەگدى. (لېكىن) يۈز- بېشىغا بىر تال ئوقنىمۇ تەگكۈزمىدى...» «كۆلتېكىن مەڭگۈ تېشى»، «قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرى» 86- بەت.- Y% G% D6 `* }+ v: j
بۇ بىر ئەرنىڭ باتۇرلۇقىنى، قەھرىمانلىقىنى، قورقماس جاسارىتىنى ئىپادىلەيدىغان بىر خىل ئەرلىك خاراكتېر. ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى داڭلىق ئىپوسلىرىدىن ۋە خەلق ئەدەبىياتىدىكى بىر قىسىم نادىر ناماياندىلەردىن ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ بەدەن قۇرۇلۇشى خەلقىمىزنىڭ ئەرلىك سالاپەت ئېڭى ئاساسىدا ئاجايىپ يۈكسەك ئورۇنغا قويۇپ تەسۋىرلەنگەنلىكىنى كۆرىمىز. «ئوغۇزنامە»دە ئوغۇزخاننىڭ ئوبرازى ھەقىقىي ئەركەكلىك قىياپەت بىلەن خەلق قەلبىدە مۇنداق ئورۇنغا ئىگە بولغان: «بىر كۈنى ئايخاننىڭ كۆزى يورىدى، ئۇ بىر ئوغۇل تۇغدى. بۇ ئوغۇلنىڭ يۈز- چىرايى كۆك، ئاغزى چوغدەك قىزىل، كۆزى ھال، چاچلىرى، قاشلىرى قارا ئىدى. ئۇ ھۆر- پەرىلەردىنمۇ چىرايلىقراق ئىدى. بۇ ئوغۇل ئانىسىنىڭ سۈتىنى بىر قېتىم ئېمىپلا ئىككىنچىلەپ ئانىسىنى ئەممىدى. خام گۆش، ئاش، مەي سورىدى. تىلى چىقىشقا باشلىدى. قىرىق كۈندىن كېيىن چوڭ بولدى، ماڭدى، ئوينىدى. ئۇنىڭ پۇتى بۇقا پۇتىدەك، بېلى بۆرە بېلىدەك، مۈرىسى قارا بۇلغۇننىڭ مۈرىسىدەك، كۆكسى ئېيىق كۆكسىدەك ئىدى.» «ئوغۇزنامە»، مىللەتلەر نەشرىياتى نەشرى، 90- بەت.
) R, ^; a" L0 x* b9 mيۇقىرىقى تەسۋىردىكى ئوغۇزخان ئەگەر ھازىرقى خەلقئارا بەدەن گۈزەللىك ۋە ساغلاملىق مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ مۇنبەرگە چىقسا ئالتۇن مېدال ئېلىشىدا شۆبھە يوق.
% D) T& V9 s- h, gئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ تاشقى ئەرلىك سۈپىتىدىكى يەنە بىر ئۆلچەم ساقال- بۇرۇت خۇسۇسىدا ئىپادىلىنەتتى. چۈنكى، ئۇيغۇرلاردا ئەرلەرنىڭ مۇھىم بىر زىننىتى ساقال دەپ قارىلىدۇ. ئۇيغۇر ئەرلىرىگە ئۆز تەبىئىتىگە، ئەرلىك خاراكتېرىگە يانداشقان ھالدا قويۇق، ساقال- بۇرۇت ئاتا قىلىنغان. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەرلەرنىڭ تاشقى كۆركى توغرىسىدا توختىلىپ: «ئەرلەرنىڭ ساقال- چېچى ئۇز بولسۇن، ئاۋازى ئەرەنچە ۋە ئوچۇق بولسۇن، يۈرۈش- تۇرۇشى مەردانە بولسۇن، ساقال- چاچ كىشىنىڭ ھەيۋىتىنى، ئەرلىك سالاپىتىنى ئاشۇرىدۇ، بۇ ھەيۋەت بىلەن ئەرنىڭ ھۆرمىتى ئاشىدۇ» دېگەن. مۇنداق تەبىئىي ئۆلچەمنىڭ تەكىتلىنىشى ۋە قەدىرلىنىشى ئۇيغۇرئەرلىرىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكى يېتىلدۈرگەن تەبىئىي ئۆلچەم ئاساسىدا شەكىللەنگەن. ھەقىقەتەن ئۇيغۇر ئەرلىرىگە ئاتا قىلىنغان قويۇق ساقال- بۇرۇت تەبىئەتنىڭ بىزگە بەرگەن بىر ئەرلىك سالاپىتى ئىدى.& o! j0 o8 s+ N6 f" v! k- i$ \
ھازىرقى ئەمەلىي رېئاللىقتا ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ ئەرلىك سالاھىيىتى ۋە ئەرلىك خاراكتېرىنى ئۆلچەيدىغان چۈشەنچىلىرىدە بەلگىلىك ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىۋاتىدۇ. بۇنى مۇنداق بىرقانچە تەرەپلەردىن كۆرسىتىش مۇمكىن.# O, g9 p2 n" p) u
بىرىنچى، جىسمانىي ساپادىكى چېكىنىش ئالامەتلىرى/ Q6 X) w8 K7 q+ Y! G4 }
ئەرلەر ئۈچۈن جىسمانىي ساپا ئىنتايىن مۇھىم. ئۇيغۇرلاردا «ئادەمنىڭ كىچىكى بولغۇچە ئىتنىڭ كۈچۈكى بول» دېگەن گەپ بار. ھازىر ئۇيغۇرلاردا بىر تەرەپتىن پاكار ئادەملەر كۆپىيىپ كەتتى. يەنە بىرى مېيىپ ئادەملەرنىڭ سانى ئېشىپ كەتتى. بەدەن زەئىپلىكىنىڭ يەنە بىر روشەن ئىپادىسى شۇكى، ھازىر ئوتتۇرا ياش ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ قورسىقى خۇددى توققۇز ئايلىق قورساق كۆتۈرگەن ئانىلارنىڭكىدەك تومپىيىپ چىققان. بەزىلەر چىرايلىق ئەرلىك سالاپەتنى يوقىتىپ، خۇددى بىر پارچە پور كۆتەككە ئايلىنىپ قالغان. بۇ ئىشنىڭ بىر تەرىپى. ئەڭ ئەپسۇسلىنارلىق تەرىپى شۇكى، ئەرلەر ئۆزىدىكى مۇشۇنداق نورمالسىز فىزىئولوگىيىلىك ھالەتتىن پەخىرلىنىپ، ئۇنى باياشادچىلىقنىڭ ئىپادىسى دەپ قاراپ، كىشىلەرگە كۆز- كۆز قىلدىىغان بىر كۇزۇر قىلىۋالغان. بۇ خىل نورمالسىزلىق ئەمەلىيەتتە ئەرلەردىكى جىسمانىي ئەمگەكتىن قاچىدىغان، يېمەك- ئىچمەككە دىققەت قىلمايدىغان، چىنىقىشقا ئەھمىيەت بەرمەيدىغان، ھۇرۇن، بىكار تەلەپ كىشىلەردە كۆپرەك كۆرۈنىدىكەن. بىلىش كېرەككى سېمىزلىكمۇ بىر خىل كېسەل، شۇنداقلا نۇرغۇن خەتەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئانىسى. شۇڭا، ئۇ خىل بىنورمال بەدەن قۇرۇلۇشىمىز بىزنىڭ زەئىپلىكىمىزنى، كېسەللىكىمىزنى، پالاكەتلىكىمىزنى، يارىماسلىقىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، ھەرگىزمۇ بىزنىڭ سالاپەتلىك، ساغلام، بېجىرىم ئەركەك ئىكەنلىكىمىزنى ئىپادىلىمەيدۇ. چۈنكى نورمالسىز، كېلەڭسىز بەدەن تۇرمۇش، خىزمەت ۋە باشقا جەھەتلەردە پەقەت بىزگە قۇلايسىزلىق كەلتۈرىدۇ، خالاس.2 E* b* Z) W1 L5 {- O+ o
ئەرلەردىكى غەيرىي جىنسىي ياتلىشىش توغرىسىدا سۆز ئاچقاندا، ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ ساقال- بۇرۇتقا تۇتقان مۇئامىلە- مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدىمۇ گەپ قىلىش زۆرۈر. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەرلىرى بىلەن بۇنىڭدىن يېرىم ئەسىر بۇرۇنقى ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ سېلىشتۇرمىسىدا خېلى كۆپ ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى ھېس قىلىش مۇمكىن. ھازىرقى ئۇيغۇر ئەرلىرى ساقال- بۇرۇتنى مۇنداق ئىككى تەرەپتىن خاتا چۈشىنىدىغان ئەھۋال پەيدا بولدى. بىرى، ساقال- بۇرۇتنى پەقەت سەھرالىقلارغا ۋە قارىي، ئىماملارغا خاس ئىش. ئۇ مەدەنىيەت كاتوگورىيىسىگە كىرمەيدۇ، دەپ چۈشىنىش. يەنە بىرى، ساقال- بۇرۇت قويۇشنى قېرىغانلىقنى ئاشكارىلاش دەپ قاراپ، قېرىلىقنى يوشۇرۇشنىڭ بىر ئۇسۇلى سۈپىتىدە ساقال- بۇرۇتنى پاكىز قىرىپ يۈرۈش. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن قىرانىغا يەتكەن ئەرلىرىمىزمۇ ساقال- بۇرۇتىدىن نومۇس قىلىدىغان ھالەت شەكىللەندىمۇ قانداق؟ پېشقەدەم، يەتمىش- سەكسەن ياشلىق مۆتىۋەرلىرىمىزنىڭ يۈزلىرى مومايلارنىڭ يۈزىدىن پەرقلەنمەيدىغان بولدى. ئەسلىدىن ئالغاندا ساقال- بۇرۇت ئەرلەرنىڭ قېرىلىقىنى يوشۇرۇپ، يۈزلىرىدىكى قورۇقلارنى يېپىپ، ھەيۋىتىنى ئاشۇراتتىغۇ. تەبىئەت ئاتا قىلغان بۇ ئالاھىدىلىكنى قانداقمۇ يوقىتىۋەتكىلى بولسۇن. بۈگۈن قىرىۋەتسە يەنە ئەتىسى چىقىدىغان تۇرسا. مەن خېلى يىللاردىن بېرى بۇرۇت قويىمەن. ئۇنىڭ مېنىڭ تۇرمۇشۇمغا، دۇنيا قارىشىمغا، گۈزەللىكىمگە، ئەرلىك سالاپىتىمگە قىلچىلىك تەسىر قىلغانلىقىنى ئۇقمايمەن. ئەكسىچە مەن بۇنىڭدىن پەخىرلىنىمەن. ساقال- بۇرۇت دېگەن بىزگە نىسبەتەن بۇرنىمىزنىڭ قاڭشارلىق، كۆزىمىزنىڭ قارا، قاپاقلىرىمىزنىڭ قاتلاق، چاچلىرىمىزنىڭ قوڭۇر ۋە قارا يارىتىلغانلىقىغا ئوخشاش تەبىئەتنىڭ بىر ئىلتىپاتى. ئەخمەق نادانلار شۇنى ھېس قىلىشى كېرەككى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئانىدىن تۇغما تەبىئىتى يەتتە ياشقا توشقاندا سۈننەت قىلىنىدۇ. ئەمدى كېلىپ، ساقال- بۇرۇتلىرىمىزنى پۈتۈنلەي قىرىپ سۈننەت قىلىش قايسى مەزھەپتە باركى؟# U5 B8 m9 n M, V( I7 t
ئىككىنچى، ئەلەرنىڭ زىبۇزىننەت بۇيۇملىرىنى تاقىشى مەدەنىيلىكنىڭ ئىپادىسىمۇ؟3 h$ F! [) f" L: E: X; o4 }" c# A7 {
ھازىر بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا بىر خىل غەيرىي جىنسىي ياتلىشىشقا ئوخشىشىپ كېتىدىغان بىمەنە «مەدەنىيلىشىش» خاھىشى باش كۆتۈرۈۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئىپادىلىرى شۇكى، بىز بەزى ئۇيغۇر ئەركەكلەرنىڭ ئارىسىدا بويۇنلىرىدا زەنجىر، قوللىرىدا ئۈزۈك، بەزىلەرنىڭ بىلىكىدە بىلەزۈك تاقىغان غەيرىي مەدەنىي ياشلارنى ئۇچرىتىمىز. بۇ خىل ئەھۋالغا نىسبەتەن ھەر خىل قاراشلار مەۋجۇت. بىرى زامان تەرەققىي قىلدى، پۇل بولسا زىبۇزىننەت بۇيۇملىرىنى تاقىغاننىڭ نېمە يامىنى، ئۇمۇ بىر خىل مەدەنىيەت ۋە گۈزەللىككە ئىنتىلىشنىڭ ئىپادىسى، دەپ قاراش. يەنە بىرى «ئۇچامدا ئىشتان يوق، ئېتىم مارجان بۈۋى» دەپ ئەرلىك خۇسۇسىيەت، ئەرلىك قەددى- قامەت، ئەرلىك ئالاھىدىلىكىنى يوقىتىش نېمىدىگەن قىلىقسىزلىق، ئاياللار ھوقۇقىغا دەخلى- تەرۇز قىلغانلىققۇ بۇ، دەپ تەنقىدلەش. مېنىڭچە ئىككىنچى خىل پىكىردىكى كىشىلەرنى مۇتەئەسسىپلىك قىلدى، دەپ قاراشقا بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ئىلمىي ئاساسىمۇ، مىللىي ئەنئەنە ئاساسىمۇ بار. مۇقەددەس كىتابلاردا «ئەردەك بولۇۋالغان ئاياللارغا، ئاياللاردەك بولۇۋالغان ئەرلەرگە لەنەت» دېيىلگەن. بۇ ئەر ئەر بولسۇن، ئەرلىك ئالاھىدىلىكىنى ساقلىسۇن، ئايال ئايال بولسۇن، ئاياللىق خۇسۇسىيىتىنى ساقلىسۇن دېگەن تەلەپ ئىدى. ئەگەر بۇنى مەدەنىيەت نۇقتىئىنەزەرىدىن قارايدىغان بولسا، تەرەققىيات، مەدەنىيەت ھەرگىزمۇ ئەرلىك خۇسۇسىيەتتىن، ئەرلىك سالاھىيەتتىن مەھرۇم قىلىشقا ئېلىپ بارىدىغان نەرسە ئەمەس. ئەگەر پۇل بىزنىڭ ئەرلىرىمىزنى ئەرلىك خۇسۇسىيەتتىن، ئەرلىك سۈپەتتىن قول ئۈزدۈرۈپ، ئالتۇن- جابدۇقلار بىلەن ئۆزىنى بېزەشكە مەجبۇر قىلىدىغان بولسا، بۇ زادى قانداق پىسخىك تەقەززالىقنىڭ كۈچىدۇ؟ مەن زىبۇزىننەت بىلەن ئۆزىنى پەردازلىۋالغان «ئەركەك»لەرنىڭ پسىخىكىسى، مەدەنىيەت ساپاسىنى ئىگىلەپ باقتىم. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئازراق پۇل تاپقان، چەللىدە ئات چېپىۋاتقان نادان، ئېلىپنىڭ سۇنۇقىنى بىلمەيدىغان بايچاقلار ئىكەن. ئۇلار ئۆزىنىڭ پۇلدارلىقىنى ۋىۋىسكا بىلەن ياكى پۇللىرىنى مەيدىسىگە چاپلاپ ياكى ئېسىپ نامايىش قىلىشنى ئەپسىز كۆرگەنلىكى ئۈچۈنلا، زىبۇزىننەتلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بايلىقىنى كۆز- كۆز قىلىدىكەن. يەنىمۇ مۇھىم تەرەپ شۇكى، بۇ خىل ئادەتنى مەدەنىيلىك نۇقتىسىدىن چۈشەندۈرۈشكە تېخىمۇ ئاساسىمىز يوق. چۈنكى، پۇل ھېچقاچان مەدەنىيەتلىك ئىنساننىڭ بەلگىسى بولغان ئەمەس. پۇل پەقەت مەدەنىيەتلىك بولۇش ئۈچۈن ۋاسىتە بولۇش رولىنى ئوينايدۇ. شۇڭا، كلاسسىكلىرىمىز پۇل- بايلىقىلا بولۇپ بىلىمى، مەدەنىيەت ساپاسى يوق كىشىلەرنى «بىر خۇرجۇن ئالتۇن ئارتىلغان ئېشەك» دەپ سۈپەتلىگەن. زىبۇزىننەتلەرنىڭ مەنسۇبىتىدىن قارىغاندىمۇ ئالتۇن، زىبۇزىننەتلەر ئاياللارنىڭ نازۇك بەدەنلىرىگە، ئۇلارنىڭ جەلپكارلىقىنى ئاشۇرۇشقا، ئۇلارنىڭ ئاياللىق خۇسۇسىيىتىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق ئىدى. ئەرلەرنىڭ يۇڭلۇق بەدەنلىرى، ئارىدەك قوللىرى، تارشىدەك بىلەكلىرىگە نازۇك ھالقا، ئۈزۈك، زەنجىر، بىلەزۈكلەرنى تاقاشقا قانداقمۇ مۇناسىپ كەلسۇن؟$ b9 {- ?' v7 d
قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان ئۇزاق تارىخىي مۇساپىدە ئۇيغۇر ئەرلىرى ئەرلىك سالاپىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدىغان بىرمۇنچە ئادەتلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن. ئىشلەپچىقىرىش زۆرۈرىيىتى بىلەن بېلىگە پوتا باغلاش، پىچاق ئېسىش قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئەرلەرگە خاس ئادەتلەر بارلىققا كەلگەن. بىز ھازىر بارلىق ئۇيغۇر ئەرلىرى بېلىگە پوتا باغلىسا، پىچاق ئاسسا بولاتتى دېمەكچى ئەمەسمىز، بىراق بېلىگە پوتا، پىچاق ئېسىشنىڭ ئورنىنى بوينىغا زەنجىر، قولىغا ئۈزۈك سېلىش ئىگىلىگەن. بىز بۇ نەرسىلەر بىلەن تۇرمۇشتىكى قايسى بىر ئىشنى ئەرلەرچە بېجىرىش ئۈچۈن پايدىلىنارمىز. پەقەت ھاياتىمىزنى خەتەر ئىچىگە قويۇشنىڭ بىر كۈلكىسى بولۇش رولىنى ئوينار. ئۇيغۇرلارنىڭ بەلۋېغى بىلەن پىچىقى تۇرمۇش ئېھتىياجى، ئىشلەپچىقىرىش ئېھتىياجى ئۈچۈن ھەرقاچان زۆرۈر لازىمەتلىكلەر ئىدى. ھەتتا بەلۋاغ سىمۋوللۇق ھالدا ئەرلەرنىڭ ئىرادىسىگە، ئىشەنچىسىگە، جۈرئىتىگە، باتۇرلۇقىغا ئىشارە قىلىناتتى. ئالتۇن- جابدۇقلار ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ نېمىسىگە سىمۋول قىلىنار؟
* ]" ?8 d: Q$ ?$ H6 T2 n# K3 n; Uئەي، ئۆزىنى ئەركەك دەپ سانايدىغان ئۇيغۇر ئوغۇللىرى، خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىڭلار! بىز ياشاۋاتقان جەمئىيەت چەت ئەل ئەمەس. بىز مۇشۇ جەمئىيەتتە ياشاۋاتقان ئىكەنمىز ئۆز خەلقىمىزنىڭ يوللۇق قائىدە- يوسۇنلىرىغا، تۇرمۇش مىزانىغا ھۆرمەت قىلىشىمىز، ئۆز ئەھۋالىمىز بىلەن ئوبدان ھېسابلىشىپ كۆرۈپ، ئۆزىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ ئەرلىك ئۆلچەم تارازىسىغا سېلىپ تۇرىشىمىز لازىم. قەلبىمىز قۇرۇق، ساۋاتسىز، مەدەنىيەتسىز تۇرۇپ، تېرە- گۆشلىرىمىزنى بېزىۋالغانلىقىمىز بىزنىڭ قەدىر- قىممىتىمىزنى، مەدەنىيلىكىمىزنى كۆرسىتىپ بېرەلمەيدۇ. بۇنى ئاتا- بوۋىلىرىمىز «بوياقلىق ھەيكەل» دەپ ئاتىغان.
1 N9 M# j+ Q: L5 k0 p$ y6 o+ Aبىر پەيلاسوپتىن ئادەم بىلەن ھايۋاننى پەرقلەندۈرىدىغان شەكلەن پەرق توغرىسىدا سورىغاندا مۇنداق جاۋاب بەرگەن ئىكەن: بىرى، ھايۋاننىڭ يېمىكىنىڭ نامخالىسى بولمايدۇ، نېمە ئالدىغا كەلسە يەۋېرىدۇ. ئادەم بولسا ئۆزىگە مۇناسىپ نەرسىلەرنى يەيدۇ. ئىككىنچى، ھايۋانلارنىڭ مۇقىم ئولتۇراق ۋەتىنى بولمايدۇ، قەيەردە ياشاشقا توغرا كەلسە ياشاۋېرىدۇ، ئىنسانلارنىڭ بولسا ئۆز ۋەتىنى بولىدۇ، يۇرتى بولىدۇ، ئۇلار ۋەتىنى ئۈچۈن تۇغۇلىدۇ، ۋەتىنى ئۈچۈن ئۆلىدۇ. ئۈچىنچى، ھايۋانلارنىڭ ئەركەك چىشىسىنى بىر قارىماققا پەرق ئەتكىلى بولمايدۇ، بىراق ئادەمنىڭ ئەر- ئاياللىق پەرقى ناھايىتى روشەن زاھىر بولۇپ تۇرىدۇ.
7 A" I* u# P3 Pدېمەكچى، ئادەملەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى جىنسىي پەرق جەمئىيەتتىكى مۇھىم قانۇنىيەتلەرنىڭ بىرى، ئىنسانلار مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئاساسى. گەرچە تاشقى ئىپادە جەھەتتىكى غەيرىي ئۆزگىرىش ماھىيەتلىك پەرقنى ئۆزگەرتىۋېتەلمىسىمۇ، لېكىن مۇئەييەن نۇقتىدا غەيرىي جىنسىي ئۆزگىرىشنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. شەكلەن ئۆزگىرىش بارا- بارا مەزمۇن جەھەتتىكى ئۆزگىرىشكە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىل بولۇپ قالىدۇ. مەلۇم مەنىدە شەكىل جەھەتتىكى ئۆزگىرىش مەزمۇننىڭمۇ ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنىڭ بىر خىل ئىپادىسى ئەمەسمۇ؟
: w% ?* ^4 O+ [; ?8 w2 u3 |& e6 b. P8 v
; }& ]& {0 l6 a ) N6 R% H) P, f& {. |
9 s. r) M7 M% p
دىتال
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |