مائارىپ
ئەي ئەرەپلەر، ئەردۇغاندىن ئۈگۈنىڭلار! s9 e( k- k3 b9 M: {1 o: w
مۇھەممەد يۈسۈپ تەرجىمىسى
9 Y9 W" z, M: S4 T& Aسۈرىيەلىك يازغۇچى، قاتاردىكى «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ دىكتورى، ژۇرنالىست فەيسەل قاسىم 2014-يىلى4-ئاپرېل كۈنى، «قۇددۇس»گېزىتىدە، « ئەي ئەرەبلەر ئەردۇغاندىن ئۆگىنىڭلار! »دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:« تۈركىيەدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەردۇغاننىڭ يېتەكچىلىكىدە بۇ قېتىمقى شەھەرلىك ھۆكۈمەت مەسئۇللىرىنى تاللاش سايلىمىدا ئۇتۇپ چىقىشى ئوتتۇرا شەرقتىكى ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى دۈشمەنلىرى ئۈچۈن ماتەم بولدى. ئەردۇغاننىڭ پارتىيەسىگە قىلىنغان ئىچكى ۋە تاشقى بارلىق سۇيىقەستلەر، يوشۇرۇن پىلانلار، بىرلىشىپ تەييارلانغان تۇزاقلار ھەممىسى سۇغا چىلاشتى. تۈركىيە خەلقى ئەردۇغاننىڭ پارتىيەسىنى قوللاش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئېسىللىكىنى، ئەقىل-پاراسىتىنى ۋە مەدەنىيلىكىنى بۇ قېتىم تېخىمۇ روشەن ئوتتۇرىغا قويغان بولدى. بىز بۇ يەردە، دىكتاتورلارنىڭ قولىدا خۇددى تاياق بىلەن قامچىنىڭ كۈچى ئارقىلىق باشقۇرۇلۇۋاتقان قويلارغا ئوخشاپ قالغان قوشنا دۆلەت خەلقلىرىدىن سۆز ئاچقىنىمىز يوق. بەلكى بىز تىلغا ئېلىۋاتقان خەلق ئەقلى-ئىدراكى ۋەتىنى بىلەن تەڭلا تەرەققىي قىلغان، ۋەتىنى ئۈچۈن نېمىنىڭ پايدىلىق، نېمىنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى، ئۆزلىرىنى باشقۇرۇشقا كىمنىڭ لايىق ۋە كىملەرنىڭ لايىق ئەمەسلىكىنى ئوبدان بىلىدىغان، مۇسۇلمانلىقتا ۋە مەدەنىيەتتە ۋايىغا يەتكەن تۈركىيە خەلقىدۇر. توغرا تۈركىيە خەلقى تۈركىيەدە بىر ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت داۋاملىشىپ كەلگەن ھەربىي ھاكىمىيىتىنىڭ زۇلۇملىرىنى، ئۇلارنىڭ رەزىل ئىنقىلابلىرىنى تولا كۆرۈپ تەجرىبىلىك بولۇپ قالغان بىر خەلق. بىز ئەرەبلەردىن ئەردۇغان تەرەپتە تۇرۇشىنى ياكى ئۇنى قوللىشىنى تەلەپ قىلغىنىمىز يوق. پەقەت ئەردۇغانغا قارشى دۈشمەنلىكىنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلىمىز. بىز بۇ ئادەمگە نېمىشقا دۈشمەن بولىمىز؟ ئۇ تېررورچىمۇ؟ ياكى ئۇنىڭ پارتىيەسى خەلقئارادا چەكلەنگەن بىر پارتىيەمۇ؟ ياكى ئەردۇغان ئەرەبلەرگە يامانلىق قىلدىمۇ؟ ياق. ئەرەبلەردىن بىز تۈركىيەدىكى دېموكراتىيەنى قوللاپ بېرىشىنىمۇ تەلەپ قىلغىنىمىز يوق. پەقەت ئەردۇغاننىڭ شەنىگە تىل تەككۈزمەسلىكىنى ۋە تۈركىيە خەلقىنىڭ جاسارىتىگە ھەسەت قىلماسلىقىنى سورايمىز. چۈنكى ئەردۇغاننىڭ پارتىيەسى ئىسلامنىڭ دېموكراتىيە بىلەن ماسلىشالايدىغانلىقىنى ۋە دېموكراتىيەنى ئىسلام ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى خەلقى ئالەمگە كۆرسىتىپ قويدى. تۈركىيە خەلقى قوشنا دۆلەتلەردىكى خەلقلەرگە ئوخشاش چەت دۆلەتلەر تۆلىگەن دوللار ھېسابىغا ئاۋازلىرىنى باشقىلارنىڭ پايدىسى ئۈچۈن ساتمىدى، ئالدانمىدى، ھەتتا ئۆزلىرىنى ئىسلامچى دەپ كۆرسىتىپ تۇرۇپ، چوڭ دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان جامائەتلەرگىمۇ ئىشەنمىدى.»
* S$ I" ]/ j1 m0 E- R4 c) ?ئەردۇغاننىڭ قولغا كەلتۈرگەنلىرى' l$ z0 p) c% J( M. F) j
ماقالىدە يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان:« ئەردۇغان ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان 12 يىل ئىچىدە ئۇنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى قىسقىچە بايان قىلماقچى بولساق، شۇنى دەيمىزكى، ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە تۈركىيەنىڭ چەت دۆلەتلەر بىلەن قىلغان سودىسى 152 مىليارد دوللارغا يەتكەن. بۇ ئەردۇغان ھاكىمىيەتكە چىقىشتىن ئىلگىرىكىسىدىن 10 ھەسسە ئارتۇق دېگەن گەپ. ئەردۇغان بۇ 12 يىل ئىچىدە تۈركىيە دۇنيادىكى ئەڭ ئىقتىسادى كۈچلۈك دۆلەتلەر قاتارىدىكى 111- ئورۇندىن 17- دەرىجىگە يۈكسەلدى. بۇ خەلقئارا بانكىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغان سۆزدۇر. تۈركىيەدە ھەربىر شەخسنىڭ مۇندىن 12 يىل ئىلگىرى يىللىق كىرىمى 3500 دوللار بولغان بولسا، ھازىر 10500 دوللارغا يەتكەن. دېمەك، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ئۆزىنىڭ ئىسمىغا ھەرپمۇ-ھەرپ، سۆزمۇ-سۆز ئەمەل قىلغان ۋە ماسلاشقان. بۇ ئىسلامىي ۋە مىللىي غەلىبىدۇر. كاشكى، ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ باشلىقلىرىمۇ ئەردۇغاندىن ئۆگەنسە ئىدى. مالايسىيانىڭ سابىق رەئىسى مۇھاتىر مۇھەممەد ئىسلامىي ۋە مىللىي ئۈلگىنى ياراتقان بولسا، تۈركىيەدە ئەردۇغان شۇ ئۈلگىنىڭ ئۆزىنى ياراتتى. ئاتاقلىق ئالىم ۋە يازغۇچى ھەسەن راۋاد ئەردۇغان ھەققىدە مۇنداق دېگەن ئىدى:" تۈركىيەدە ئەرەبلەردە بولغان بايلىق يوق، نېفىتمۇ يوق، تۈركلەرمۇ خۇددى بىز ئەرەبلەرگە ئوخشاش ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرىدىن ئىدى. لېكىن ئاللاھ تائالا ئۇلارغا ئەردۇغانغا ئوخشاش بىر مۇسۇلمان، ۋەتەنپەرۋەر، ئاق كۆڭۈل، شىجائەتلىك بىر لىدېرنى ئاتا قىلدى. نەتىجىدە، ئەردۇغان ئىسلامنىڭ تەرەققىيات بىلەن قانداق ماسلىشىدىغانلىقىنى، مۇسۇلمانلارنىڭمۇ دېموكراتىيەدىن پايدىلىنىشنى قانداق بىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى." ئەردۇغان يا رادىكال ئىسلامچى ئەمەس، ياكى پاسسىپ ئىسلامچى ئەمەس، بەلكى ئۇ ئوتتۇراھاللىقنى ئاساس قىلغان مۆتىدىل ئىسلامچىدۇر. بارلىق ئەرەبلەرنىڭ چاقىرىۋاتقان نەرسىسىمۇ ئوتتۇرھال ئىسلامچى بولۇش ئەمەسمىدى؟ مانا ئەمدى ئەردۇغان ئەرەبلەر ئارزۇ قىلغاندەك بىر ئىسلامچى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقتى. ئەمدى ئەرەبلەر نېمە ئۈچۈن ئۇنى قوللىمايدۇ؟»
' P4 C4 N' O& Oئەردۇغاندىن ئۆگىنەيلى
: S( |: u( A( L( c« ماقالىدە يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان:« بىز ئەرەبلەر نېمە ئۈچۈن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىدىن ئۆگەنمەيمىز؟ نېمە ئۈچۈن ئەردۇغاننىڭ تەجرىبىسىنى ئۆگىنىشتىن نومۇس قىلىمىز؟ بىزنىڭ ئارقىدا قالغان ئىقتىسادىي ھالىتىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالىمايمىزمۇ؟ خالايمىز. ئۇنداق نېمە ئۈچۈن تەرەققىي قىلغان بىر مۇسۇلمان دۆلەتنى ئۆزىمىزگە ئۈلگە قىلمايمىز؟ ھالبۇكى، تۈركىيە بىزنىڭ قوشنىمىزدۇر. بىز تۈركىيە بىلەن دىن، ھازارەت، مەدەنىيەت ۋە كۆپلىگەن تەرەپلەردە ئورتاقلىشىپ كەلگەن خەلقىمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممىمىز سۈننىي مۇسۇلمانلاردىن سانىلىمىز. ئارىمىزدا ئىختىلاپ قىلىشقا ھېچقانداق ئورۇن يوق، سەۋەب يوق. بىز ئىراننىڭ شىئەلەشتۈرۈش خەتىرىدىن سۆز ئېچىۋاتىمىز، ئەنسىرەۋاتىمىز. ھالبۇكى، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى تامامەن سۈننىي مەزھەپتە بولۇپ ئەقىدىدە پەرقىمىز يوق. بىز تۈركلەر بىلەن بىرلىشىپ ئىراننىڭ خەتىرىگە تاقابىل تۇرساق بولمامدۇ؟ باشقا چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىغا ۋە تەرەققىياتىغا چۆمچەيگەندىن كۆرە، يېنىمىزدىكى تۈركىيەنىڭ تەجرىبىلىرىدىن ئۆگەنسەك، ھەمكارلاشساق بولمامدۇ؟ زادى دىنىمىزمۇ بىزنى شۇنداق قىلىشقا چاقىرىدۇ ئەمەسمۇ؟ ئەگەر بىز ئىسلامچى بولساق، ئەردۇغاننىڭ قايسىبىر ئىشى ئىسلامىي ئەمەسكەن ئېيتىپ بېرەمسىلەر؟ بىلمىسەڭلار مەن ئېيتىپ بېرەي: ئەردۇغاننىڭ تۈركىيەدە مۇسۇلمان خانىم-قىزلارنىڭ ھىجابلىنىش ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى، پۈتۈن مەكتەپلەرنىڭ دەسرلىك كىتابلىرىنى پۇلسىز قىلىۋەتكەنلىكى، خەلقنىڭ داۋالىنىسىنى ئوڭايلاشتۇرۇپ بەرگەنلىكى، ئوتتۇز يىلدىن بىرى قان تۆكۈشىۋاتقان تۈرك - كۇرد كىرىزىسىنى ھەل قىلىپ، قان تۆكۈشنى توختاتقانلىقى ۋە چىرىكلەشكەن ھەربىي ھاكىمىيىتىنىڭ نوپۇزىنى تۆۋەنلىتىپ، چېرىكلىككە قارشى ئىسلاھات ئېلىپ بارغانلىقى ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئىسلامىي خىزمىتى ئىدى. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئىسلامىي ئىشلار بولۇپ، قانداقلا بىر ئىسلام ھاكىمىيىتىنىڭ دەسلەپ قىلىدىغان مۇھىم ئىشلىرىدىن بىرىدۇر. ئەمما ئەردۇغان بۇ ئىشلارنى دېموكراتىيە نامى بىلەن قىلدى.»
! m8 U. i' A0 i7 m8 ]- D* Zhttp://bbs.bozqir.biz/thread-3854-1-1.htmlچۈشۈرۈش
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |