مائارىپ
جەمئىيەتكە قەدەم باسقاندىن بۇيان ئۆزۈمنىڭ چوڭ بولۋاتقانلىقنى بۇنىڭ بىلەن ئۆز مەسئوليىتىمنىڭ بارغانسىرى كۈچىيۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىۋاتاتتىم.ئوغۇل-قىزلار ئوتتۇرسىدىكى پەدىشەپ بارغانسىرى سۈزلىشىۋاتقان،شەرمي- ھايا قايرىلىپ قىلىۋاتقان بۈگۈنكىدەك كۈندە جەمئىيەتنىڭ قاپقارا كۆز ئەينەكلىرى كۆزۈمنى توسۇۋالماسلىقى،ئۆز بۇرچۇمىنى، قىزلىق مەسئوليىتىمنى تولۇق ئادا قىلىشىم كىرەك دەپ ئويلايتىم. ئارزۇلۇرۇم ئۇچۇن توختاۋسىز كۈرەش قىلىۋاتقان، قىلىپ بولالمايۋاتقان ئىشلىرىمنىڭ كۆپلىكىدىن بىر كۈن 24 سائەتتىن ئۇزۇن بولسىچۇ دەپ ئاغرىنىۋاتقان كۈنلەردە ئاپتۇبۇستىكى بۇ ئىشلار مىنى نۇرغۇن ئويلارغا كۆپ تەشۋىشلەرگە سېلىپ قويدى. ئۆز ھىسىياتىمنى، كۆز قاراشلىرىمنى تولۇق بىلدۇرۇش مەقسىتىدە ئوقۇرمەنلەرگە بۇ ۋەقەنى ئەڭ چىن ھالىتىدە سۈپەتلەپ ئوتتۇرغا قويماقچىمەن.
) a& y [/ X' s# T يىقىندا ئازرراق ئىشلىرىمنى پۇتتۇرۇش تۇپەيلىدىن، شىنجاڭ تىببى ئونۋېرسىتىتىغا بىرىش ئۇچۇن يەنئەن يولىدىن brt3- لېنىيىسىگە چىقتىم. بۇگۈن ھەپتە كۈنى بولغاچقا ئاپتۇبۇستا ئادەم ئاز ئىدى. مەن ئاپتۇبۇسقا چىقىپلا كەينى تەرەپتىكى 4كىشلىك ئورۇنغا كىلىپ ئولتۇردۇم. ھېرىپ قالدىممۇ ئەيتەۋۇر ئاپتۇبۇسقا چىقىپلا،ئۇرۇندۇققا بىشىمنى يۆلەپ سىرتقا قاراپ ئولتۇردۇم. ئاپتۇبۇس دۆڭكۆۋرۈك بىكىتىگە كەلگەندە ، چوڭراق بىر ئايال چىقىپ يىنىمغا كىلىپ ئولتۇردى.ئارقىدىنلا بىر ياش قىز بىلەن بىر ياش ئوغۇل چىقىپ ئالدىمىزدا ئولتۇردى. قىزنىڭ ھەركىتى قوپال بولغانلىقتىن پۇتۇمنى سەل ئىچىگىرەك تارتىپ ئولتۇردۇم.ئاپتۇبۇسقا چىققاندىلا قولتۇقلىشىۋالغانلىقىدىن بۇلارنىڭ مۇھەببەتلىشىۋاتقان بىر جۇپلەر ئىكەنلىكىنى ئايرىماق تەس ئەمەس ئىدى.
/ |6 `4 O1 e" K' C-ئىشقىلىپ تۈنۈگۈن ئاقمىدىڭ، خەخنىڭ ئالدىدا پوق بولدى يۈزۈم. قىز شۇنداق دەپلا سىرتقا قاراپ ئولتۇرۋالدى." I) t6 O* l2 l9 ~
-ۋاي جىنىم خاپا بولمىغىنە، ئاشۇ ئادىل دىگەن ماز بولمامدۇ....ئوغۇل شۇنداق دەپ قىزنىڭ يۈزىنى سىلاپ ئۆزىگە قاراتتى.
O+ ^# r% k, d3 U R* r& p-ھە....4 s* W; q0 w' d* ]
-جىنىم،بۇدا چوقۇم بارىمەن.: l( H% E8 ]/ G( P! E
-ئىشقىلىپ بۇدا يۈز بەرمىسەڭ ئىككىمىزمۇ سەتلىشىپ قالىمىز جۇمۇ...قىز شۇنداق دەپ تىلفۇننى ئويناشقا كىرىشتى. ئوغۇلمۇ ئوشۇق گەپ قىلماي، تىلفۇنىنى ئالدى. شۇ ئەسنادا نىمە بولدۇمكى تاڭ تىشىغا قاراپ ئولتۇرغان ئادەم ئۇلارغا كۆزۈم چۇشۇپ قالدى. ئادەملەرگە تىكىلىپ قاراشنى، كىيىم-كىچەكلىرگە دىققەت قىلىشنى ئەيىب بىلىدىغان مەن بۈگۈن نىمە بولدۇمكى تىكىلىپ قالدىم. قىز قىشىنى لاچىن قانىتىدەك ئىنچىكە ئەگىمەچ چىكىۋالغان، قاپىقىنىڭ ئۇستىگە كۆزى بىلەن قوشۇپ تىشىغا بىر مىتىر ئۇزۇنلۇقتا سىزىۋالغان،(بۇنداق سىزىش ھىس قىلىشىمچە يۈسۈپ-زىلەيىخا كىنوسىدىن كىيىن مودا بولغان ئىدى) قۇلىقىنىڭ ئۇچ يىرىنى تىشىۋالغاننى ئاز دەپ بۇرنىنىمۇ تىشىپ بىر قارا رەڭلىك كۆز ھالقا تاقىۋالغان ئىدى. چىچىنى خۇددى شىر پادىشاھنىڭ كىنوسىدىكى سىنبانىڭ چىچىدەك سېرىق رەڭدە كۆپتۇرۋالغان ئىدى. بىز بۇنى ئادەتتە توبا باش ياكى كىگىز باش دەپ قوياتتۇق. نىمە بولدىكى بىلمىدىم بىر-ئىككى يىل بولدى قىزلارنىڭ چاچنى بىشىنىڭ چوققىسىدىن بوغۇش مودا بولدىمكى، ئۇ قىزمۇ شۇنداق بوغۇپ چىچىنىڭ كەينىنى غايەت زور دەرىجىدە كۆپتۇرۋالغان ئىدى. بوينىغا بەكلا جىق نەرسە ئىسىۋاپتۇ. ئۇنى زەنجىز ياكى ئارغامچا دەپ سۇپەتلەشنى بىلمىدىم. ئىشقىلىپ شۇنچە كۆپ نەرسىلەرنى ئارتىپمۇ ھارمىغان تىنىگە ئىچىم ئاغرىپ قالدى. قىز مىنىڭ قارغىنىمنى بىلگەندەك ماڭا بىر قاراپ ئالىيىپ قويۇپلا، يەنە تىلفۇنىغا كىرىشتى. ئاھ خۇدا نىمانداق قورقۇنۇشلۇق . ئەزەلدىن بىر يەرلىرى كۆك بىر يەرلىرى يېشىل كۆرىندىغان كۆزنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن. مۈشۈكتىن ھەددىدىن ئارتۇق قورۇققانلىقىم ئۇچۇنمۇ ئۇنىڭ كۆزى شۇ مۇشۇكنىڭ كۆزىدەك كۆرۇنۇپ يۈرۈكۈم قارتتىدە قىلىپ قالدى.سەل-پەل مىدىراپ ئىچىگىرەك ئولتۇردۇم. قىزنىڭ كۆزى راستىنلا بەك چوڭ ئىدى. بىر مىتىر تىشىغا سىزىلغان سىزىق بىلەن بىر چوڭ كۆز غايەتكە ئۆزگەرگەن ئىدى. ئۇنىڭ ئۇستىگە كۆزنىڭ ئىچىگە سىلىۋالغان ئاۋۇ ئەينەكچۇ، قورۇققۇنىمدىن ھەسەن-ھۇسەندەك يەتتە خىل رەڭدە كۆرۈنۇپ كەتتى. خەخنىڭ ئاپپاق تىرىسىگە ياراشقان كۆك كۆزلەر بىر مىتىر قىلىنلىقتىكى ئۇپا باسالمىغان قارا تېرىگە پەقەتلا ئاشمىغان ئىدى. قانداقتۇر شەيتىنىم ئۇنىڭغا قارا دەپ ئارام بەرمەيۋاتاتتى. بۇ قىتىم ئۇنىڭغا ئۇنداق قارمىدىم، كۆزۈمنىڭ قىرىدا قارىدىم. قىسقا خۇرۇم چاپىنى، بوينىغا تارتىۋالغان شارپىسى ئۇنىڭ مۇزلىغىنىغا دالدا بولالمايۋاتقاندەك قىلاتتى. تايغاندەك پۇتىغا تار قارا ئىشتان كىيىۋالغان، پۇتىنى ئالماشتۇرۇپ ئولتۇرغان قىز ھەر قىتىم ئاپتۇبۇس بىكەتكە كىرىش ئالدىدىكى ئازرا تەۋرىنىشتىن پۇتىنىڭ ماڭا تىگىپ كىتىپ بارغانلىقىنى بىلمەمدۇ يا بىلسىمۇ گەپ قىلمامدۇ ئەيتەۋۇر، بىرى قارا بىرى ئاق بويالغان تىرناقلىرىنى ئەركىن پەرۋاز قىلغۇزۇپ ، ئالىي دەرىجىلىك تىفۇنىنى ئويناپ، بىرەم-بىردەم ماز، لاۋزا، تىتىقسىز دىگەن سۆزلەرنى تەكرارلايتتى. يىنىمدىكى بىشىغا ياغلىق ئارتىۋالغان، چىرايىدىن ساددىلىقى چىقىپ تۇرغان ئايال ئۇلارغا قىتىپ قالغاندەكلا تىكىلىپ ئولتۇراتتى.
1 u& Q P" l: q-جىنىم قارا مانىڭ رەسىملىرىنى.....ئوغۇل شۇنداق دەپ قىزغا تىلفۇنىنى كۆرسەتتى. قىز تىلفۇنغا قاراپلا -ۋۇي تىتىتقسىز، چىقىرىپ قويغان رەسىمىنى،ئوغۇلمۇ بۇ ، ئاتقان پولىرىدىن مۇھەببىتى قانچىلىك نەرسىكى دىسەم،ئاخشام سورۇندا كۆردۇمغۇ تايىنلىق نەرسىكەن..
x6 z% r4 y' {5 I$ ~-ۋاي جىنىم، ئۇنىڭ بىلەن يۈرۋاتامدۇ بىلمەك تەس، ماڭا باشقا بىرىنىڭ گىپىنى قىلىپ يۇرەتتى بۇ.5 x' D! g2 \4 M- K: _" K- }# V
-ھە مانا ئاشتا بولىدۇ. تاللاپ- تاللاپ تازغا ئۇچرامدۇ تىخى . ئۆزىنى چاغلىماي تىخى.ھى..ھى...شۇندامۇ يا .قىز بىردەم توختىغاندىن كىيىن گىپىنى داۋاملاشتۇردى., a2 C* L [4 `% q0 R& S/ G$ n
-سېنىڭ بەختىڭ بار جۇمۇ، مىنى تىپىۋالغاندىن كىيىن......* e4 M8 _, s8 f
قىز شۇنداق دىگىنىچە ئوغۇلغا ئەكىلدى.
7 A, ~8 [6 ]' {4 J3 o+ ]+ i-ئەلۋەتتە جىنىم....
8 j# N' e0 M3 f6 r T-يا سېنىڭمۇ دۇككان ئىككىمۇ يا.....
" j- b8 q& o& T2 `, F* n' z- توۋۋا دىگىنە......8 V) F$ Q& E. j0 p5 [7 e
ئوغۇل شۇنداق دەپ قىزنىڭ قۇلقىغا بىرنىمىلەرنى پىچىرلىدى. قىز بىلەن ئوغۇل تەڭلا كۈلۈشۇپ كەتتى. قىز ئەركىلەشكە باشلىدى. ئۇ بىشىنى ئوغۇلنىڭ مۆرىسىگە قويۇپ، بىزگە بىرنى قاراپ قويۇپ ئوغۇلنىڭ قوللىرىنى سىقتى. يوغان پۆپەك چاچلىرى ئوغۇلنىڭ يۈزلىرىگە تىگىپ تۇرسىمۇ، ئوغۇل يەنىلا جىم ئولتۇرماقتا ئىدى. قىز بىردەم ئوغۇلنى غىدىقلايتتى، بىردەم ئۇنى قۇچاقلايتتى، بىردەم..................................................
* v( N1 ?( j: _2 uشۇ ئەسنادا ئوغۇلغىمۇ كۆز يۈگۈرتۈپ قالدىم. ئۇنىڭ چاچلىرىمۇ سېرىق بويالغان، قارامتۇل كەلگەن، بوينىغا نىمىدۇر بىر نەرسە ئېسىۋاپتۇ. قىز ئوغۇلنىڭ قۇچىقىغا بىشىنى قويدى، ئۇغۇل ئۇنىڭ چاچلىرىنى سىلاپ تىلفۇن ئويناپ ئولتۇردى...............................................................+ @! V( @/ ]7 Q' l6 ?
دىسەم-دىمىسەم كەينىمدە ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارغا قاراپ ئولتۇردىغۇ دەيمەن،يىنىمدىكى ئايال تۇرۇپ-تۇرۇپ ياقىسىنى چىشلەپ قوياتتى. كەينىمدىكىلەرنىڭ چىكىلداشلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. & N: V. ?4 [& d
شۇندىلا ئىچىمنىڭ قانچىلىك سىقىلغانلىقىنى ھىس قىلدىم.يىنىمدىكى ئايال ئىككىمىز تۇرۇپ-تۇرۇپ بىر-بىرىمىزگە قاراپ قوياتتۇق، ئۇ بەزىدە ياقىسنىمۇ چىشلەپ قوياتتى. كەينىمدە ئولتۇرغانلار ئوغۇل بولغانلىقى ئۇچۇن ئۆزۈمنى قويىدىغان بىر يەر تاپالمايۋاتاتتىم. راسىت گەپنى قىلسام نەچچە رەت ئاغزىمى ئىچىپ گەپ قىلاي دەپ ئويلىدىميۇ، قورۇقتۇم.....قورۇقۇشىمغا نۇرغۇن ئوي- خىياللار سېڭىپ كەتكەن ئىدى..........................ئىمكانسىز شۇلارنىڭ ھەركەتلىرىگە دىققەت قىلىشقا ئۇندىگەن كۆزلىرىمگە، گەپلىرىنى ئاڭلاپ قالغان قۇلاقلىرىمغا ئاچچىقلاندىم، نىمىشقا قارايسەن كۆزلۈرۈم ، كۆرمەي يۈمۈپ ئولتۇرسام بولمامدۇ ياكى كىتابىمنى كۆرۈپ ئولتۇرساڭ بولمامدۇ كۆزۈم دەپ كۆزۈمدىن ئەيىب ئىزدەشكە باشلىدىم.ياق، ئەيىب مەندە ئەمەس........يۈرۈكۈمنىڭ بىر يەرلىرى ئىچىشۋاتاتتى. ھەدىس كىتابلاردىن چاچنى تۆگىنىڭ لوتكىسىدەك قىلىپ ئۇنداق بوغسا بولمايدۇ ئاللا ئىگەم ياقتۇرمايدۇ، تىرناققا لاك سۈرسە گۈناھ بولىدۇ، لاك سۈرۈلگەن تىرناقتا ناماز ئۆتىسە يەنى تاھارەت ئالسا دۇرۇس بولايدۇ(تىرناققا سۇ ئۆتمەيدۇ دەپ قارىلىدۇ)دەپ ئوقىغىنىم تىخى ئىسىمدە.....ئەجىبا بۇ قىز بۇنى بىلمەمدىغاندۇ؟ ياق، ئۇنىڭغا ھەدىستىن سۆز ئىچىش ئەمەس، ئاددىي شەرمي- ھايادىن سۆز ئىچىش تەسكە توختاتتى. شۇنچە سوغۇقتا بىر مايكىنى ئۇستىگىلا يىلىڭ چاپاننى كىيىپ بىلىنى ئىچىپ قويۇش مودىمۇ؟خەخمۇ قىپتۇ مەنمۇ قىلىپ باقاي دەپ يارىشىش، ياراسماسلىقى بىلەن ھىساپلىشىپ ئولتۇرماي كۆزنىڭ سىرتىغا بىر مىتىر سىزىش مودىمۇ؟بىرنى ئاق بىرنى قارا قىلىپ شاھماد دامكىسىدەك تىرناق بوياش مودىمۇ؟32 چىشنى بىر كۆرسىتىپ قوي دىگەندەك سېغىزنى بولارىغا چايناپ، بەزىدە ھەممە ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتقىدەك ھالەتتە قاس چىقىرىش مودىمۇ؟ئويلاپ باقتىڭىزمۇ قىزچاق ماچىلداپ سېغىز چاينىغان ۋاقىتتىكى چىراي ئىپادىڭىزنىڭ قانچىلىك چىرايلىق بولۇپ كىتىدىغىنىنى؟ ئويلاپ باقتىڭىزمۇ قىرىندىشىم كۆزىڭىزگە رەڭگارەڭ ئەينەك سېلىپ خەققە قارىغاندىكى قورقۇنۇشلۇق ھالىتىڭىزنى ئەمەس، دۇنيادا ھەر يىلى %30 ئادەمنىڭ شۇ ئەينەك سالغانلىق سەۋەبى بىلەن كۆزى قارغۇ بولۇپ قالىدىنىنى؟باشقىلارنى ئويلىمىسىڭىزمۇ ئۆزىڭىزنى ئويلاپ قويسىڭىز بولاتتىغۇ؟ ھەممە نەرسىنىڭ ھامان جاۋاپ بىرىدىغان بىر كۈنى بولىدىغىنىنى نىمىشقا ئويلاپ قويمايسىز؟كۆزلىرىڭىزگە نىمە دەرسىز؟. L6 D$ Z1 _; H$ l0 h& N
ئۈچ-تۆت يىرى تىشىلىپ زىيدە بولۇپ كەتكەن قۇلقىڭىزغا نىمە دەرسىز؟تىشىشقا تىگىشلىك بولمىغان بۇرنىڭىزغىچۇ؟سىز يا ھىندىستانلىقمۇ؟قايسىبىر ناخشا تىكىسىدىكى «نىسىۋەڭ بار ئاي ۋە قۇياشتا» دىگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ياق سىز ئۇلارغا دىققەت قىلمايسىز.....5 M7 t$ }' n# s/ g
يۈرۈكۈم يەنە قاتتىق ئىچىشىۋاتىدۇ. ئانام سۈپەت شۇ ئايالنىڭ ئالدىدا ئەدەپسىزلىك، ياق ئەدەپسىزلىك قائىدىسىدىنمۇ ئىشىپ كەتكەن قىلىقلارنى قىلىشقا ئۇيالمامسىز قىز؟ئەجىبا ئانىڭىز ئالدىدىمۇ قىلامسىز؟
+ }8 J7 u+ o1 l) T1 }6 F6 Dرەھمەتلىك بۇۋامنىڭ؛«ھەممە دىننىڭ ئەخلاقى بولىدۇ، ئىسلام دىنىنىڭ ئەخلاقى ھايادۇر.»دىگىنى تىخى يادىمدا...شۇنداق ھاياسىز مىللەت ھالەك بولىدۇ، ھامان تەڭرىنىڭ، تەبىئەتنىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ.ھايا ئەڭ ئالدى بىلەن قىزلارنىڭ سۆزى، ھەركىتى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ.بالدۇر ئىچىلغان گۈل ھامان بالدۇر توزۈيدۇ دەپ جار سالىمىز، شۇنداق شەرمي-ھايا، ئەخلاق، پەدىشەپ ئۇستىگە قۇرۇلمىغان مۇھەببەت ساختا مۇھەببەت....چىن مۇھەببەت تەن بىلەن تەننىڭ بىرلىكى ئەمەس، بەلكى ھەرقانداق ئىشتا ئەخلاق، ئىتقادنى، ھايانى بىرىنجى ئورۇنغا قويۇپ ئاخىرغىچە تەڭ سوقىدىغان روھنىڭ بىرلىكىدۇر....3 h* n( ]7 ^9 ?" V7 q& I
يۈرەك رىتىمىمىم ئىتىكلىشىپ كىتىۋاتىدۇ. جىنىم دادا، جىنىم ئانا دەپ ئەڭ ئۇلۇغ زاتلىرىمىزغا ئىشلىتىدىغان
( I2 V* _& t) D«جىنىم» دىگەن ھۆرمەت سۆزىنىڭ ، بىر ئۇيغۇر ئوغلى تەرىپىدىن چاچلىرى پۆپەك، قاشلىرى ئىگىز-پەس، تىرناقلىرى ئۈزۈن بىر ئۇيغۇر قىزىغا ئەمەس بىر مەخلۇققا ئىشلەتكىنىدىن كۆڭلۈم بىر قىسما بولىۋاتىدۇ، ئەجىبا يىگىت سىزنىڭ جىنىڭىز شۇنداق ئەرزانمۇ؟: U' ^. p5 C9 C! Z) D1 u
ئانىلار بىر قولىدا بۆشۈك تەۋرەتسە بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرىتىدۇ دەپ شوئار تولايمىز. مۇشۇنداق بولسا دۇنيا ئەمەس بۆشۈكنى تەۋرىتىشىمۇ تەسكە توختايدۇ.مۇشۇنداق ئانىلار ئايىغى ئاستىدا جەننەت بولارمۇ؟ ............................
v' r1 T& _ m3 E5 ?+ I2 ?3 Z. C+ R5 Wبىز ئۆزىمىزنىڭ يولىنى تاپالمايۋاتقانلار. زىلەيخا كۆزىنى ئۇزۇن بويايدىكەن دەپ بوياپ باقتۇق، تۇركىيە فىلىملىرىگە دۇم چۇشۇپ تاس قالدۇق ھۇررەم بولۇپ قالغىلى، كورىيە فىلىملىرىنى كۆرۈپ ئۇلارنىڭ ھەيران قالغاندا ئاغزىنى يوغان ئىچىپ تۇرىدىغان چىراي ئىپادىلىرىنى دوراپ باقتۇق. خەخقە ياراشقان بىلەن بىزنى بۇ چىراي ئىپادىلەر لەقۋا، ھاڭقا، دۆت كۆرسۈتۈپ قويىدىغىنى ئۇنتۇپ قالدۇق.بىز ئۆزىمىزنى ئۇنتۇپ قىلىۋاتامدۇق يا ئۆزىمىز بىزدىن زىرىكىپ بىزنى تاشلاپ كىتىپ بارامدۇ؟ چاچلىرىمىزنى قىسقا ياسىتىپ ئوغۇللارچە ياساندۇق. شەرىئەتتىكى «قىزلار ئوغۇللاردەك ئوغۇللار قىزلاردەك ياسانسا بولمايدۇ» دىگەن قۇرلارنى ئۇنۇتتۇق. مۇقەددەس كىتاپلار ئۇنتۇلۇپ قىلىۋاتىدۇ، توپا بىسىۋاتىدۇ........' d% y6 o9 `+ O. I$ ~# l
بىر قىسىملىرىمىزنىڭ دەستىدىن ھەممە قىزلار بىر تاياققا ھەيدىلىپ ئوغۇللار قىزلارغا ئىشەنمەيدىغان ھالەت كىلىپ چىقىۋاتىدۇ.قايتىدىن ، دىلىمىزدىن يۈرىكىمىزدىن ئويلىنىپ باقايلى.ھەققىي قىزلىق ھايا بىلەن دۇنياغا باقايلى. قىلىۋاتقان ئىشلىرىمىز، قىلماقچى بولغىنىمىز، قىلىدىغانلىرىمىزنى قەلبىمىزنىڭ چوڭقۇر قىتىدىكى ئەڭ ساپ، ئەڭ پاك ئورۇنغا قويۇپ تۇرۇپ قىلايلى، چۇنكى بىز مىللەتنىڭ ئانىسى....................................6 M5 S9 G; n0 Y" U% U& L
زۇلخۇمار ئەزمەت خۇدابەردى قاسىمى(زۇلئاي) % F+ Z9 g" i) e' i8 C+ w% ]
مەنبەسىmisken.cnئىزدە
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |