يانفۇن
بەدەن چېنىقتۇرغاندىن كېيىن پەمىدۇر ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە بەدەن ئېنىرگىيسىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. بەدەن چېنىقتۇرغاندىن كېيىن پەمىدۇر ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە بەدەن ئېنىرگىيسىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.
: u/ M( v' G- ~ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىن باش چىڭقىلىپ، مۇسكۇللار قاتتىق ئاغرىسا بىر تال پەمىدۇر يەپ بەرگەندە ئەھۋال ياخشىلىنىدۇ. ئەنگىلىيىنىڭ «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 2-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گرېتسىيىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، پەمىدۇر ئادەم ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىنكى ھېرىپ-چارچاشنى تۈگىتىدىكەن.! A8 f2 U" d) i5 t, I4 F
گرېتسىيە ئالىملىرى 15 نەپەر قاتناشقۇچىنىڭ ھەرىكەت قىلىشتىن بۇرۇنقى،ھەرىكەت جەريانىدىكى ۋە ھەرىكەتتىن كېيىنكى بىرقاتار ئۆزگۈرۈشلەرگە قارىتا ئىككى ئاي سىناق قىلىش ئېلىپ بارغان، بۇنىڭ ئىچىدە توققۇز نەپەر قاتناشقۇچى ھەرىكەتتىن كېيىن پەمىدۇر ئىستېمال قىلغان، قالغان ئالتە نەپەر كىشى ئېنىرگىيىلىك ئىچىملىكلەرنى ئىچكەن. تەتقىقات نەتىجىسى شۇنى كۆرسەتتىكى، پەمىدۇر ئىستېمال قىلغان كىشىلەرنىڭ جىسمانىي كۈچى ناھايىتى تېزلا ئەسلىگە كەلگەن، قاندىكى شىكەرنىڭ مىقدارىمۇ ناھايىتى تېزلا نورمال ھالەتكە يەتكەن. ئېنىرگىيىلىك ئىچىملىك ئىچكەنلەرنىڭ بولسا بەدەننىڭ جىسمانىي كۈچىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى بىرقەدەر ئاستا بولغان. 8 N T/ P' {# B8 v
يۇقىرىقى نەتىجىگە ئاساسەن، تەتقىقاتچىلار پەمىدۇرنىڭ تەركىبىدە سالامەتلىككە پايدىلىق بولغان لىكوپېن بولغانلىقتىن، ئۇ مۇسكۇلنىڭ ھارغىنلىقىنى ياخشىلاش ۋە قاندىكى شىكەر مىقدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە پايدىلىق بولغان، دەپ قاراشتى.4 v- S! u0 k1 q$ p) C F
مەنبەسى:شىجاڭ ياشلار گېزىتى
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |