خەۋەر ئۇيغۇرلارنىڭ بازار مەدەنىيىتى $ _- w- b5 W4 s, p
ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەجداتلىرىدا شەھەرلىشىش ناھايىتى بۇرۇن باشلانغان. بۇنداق مۇقىم ئولتۇراق تۇرمۇش ۋە دېھقانچىلىقنىڭ تەرەققىياتى، شەھەرلىشىش ۋە تاۋارلاشقان ئىشلەپچىقىرىش بازارنىڭ پەيدا بولىشى ۋە تەرەققى قىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان. يىپەك يولى ۋە كارۋان قاتنىشى بازار تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن مۇھىم ئامىل بولۇپ قالغان. بازارنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تەرەققىياتى ئالدى بىلەن تاۋار ئالماشتۇرۇش ۋە سودا- تىجارەت پائالىيەتلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. تاۋار ئالماشتۇرۇش ۋە سودا- تىجارەت ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي مەدەنىيىتىدە بىرقەدەر بۇرۇن مەيدانغا كەلگەن بىر ساھە. ئۇيغۇرلاردىكى تاۋار قارىشىنىڭ يېتىلىشى ۋە تاۋار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتى، ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچمەن چارۋىچىلىق ئىگىلىكى ئاساسىدا باشلانغان. تارىخي خاتېرىلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ئىگىلىكىدە يېڭىچە يۈكسىلىش بارلىققا كېلىپ، مەخسۇس سودا- تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر ئىجتىمائىي گۇرۇھ شەكىللەنگەن. بۇ تەرەققىيات خانلىقنىڭ ھۆكۈمران تەبىقىسى بىلەن يېڭىدىن شەكىلەنگەن سودا- تىجارەتچىلەر تەبىقىسىنىڭ بايلىققا بولغان قارىشىدا زور ئۆزگىرىش پەيدا قىلغان. ئۇلار شۇ دەۋرلەرگىچە چارۋا- مالنى بايلىق ھېساپلاپ كەلگەن بولسا، ئەمدىلىكتە ئالتۇن- كۈمۈش، ئۈنچە- مەرۋايىت، تاۋار- دۇردۇن قاتارلىقلارنى مۇھىم بايلىق ھېساپلايدىغان بولغان. بۇ يۈزلىنىش تەدرىجى ئاۋام- خەلققىمۇ تەسىر كۆرسىتىپ، كىشىلەردە تاۋار قارىشىنىڭ يېتىلىشىگە زىمىن ھازىرلاپ بەرگەن. بۇنداق ئەھۋال پۈتكۇل خانلىق تەۋەسىدە سودا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنىڭ كۆلىمىنى، سۈرئىتىنى تېخىمۇ تىزلەتكەن. تەڭرىتاغ ئەتراپى ۋە تارىم بوستانلىقلىرىدا يېزا ئىگىلىك بىلەن چارۋىچىلىقنى بىرلەشتۈرۈپ، شۇنداقلا شەھەر- قەلئە بەرپا قىلىپ مۇقىم ئولتۇراق تۇرمۇش كۆچۈرىۋاتقان خەلقلەردە، تاۋار ئالماشتۇرۇش ۋە سودا- تىجارەتنىڭ شەرت- شارائىتى خېلى بۇرۇنلا پىشىپ يېتىلگەن. قەدىمكى يىپەك يولى ياكى برونزا يولى دەپ ئاتالغان خەلقئارا سودا كارۋان يولى مۇشۇ جاينى مۇھىم تۈگۈن قىلغاچقا، ئۇيغۇر، سوغدى قاتارلىق مۇشۇ رايۇنلاردىكى قەدىمكى مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ سودا- تىجارەتتىكى پەۋقۇلئاددە ماھارىتى ۋە ئىستىداتى بىلەن تونۇلغانتارىختىكى يىپەك يولى سودىسى ئاساسەن كارۋان سودىسىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، سودىگەرلەر گەرچە ئۆزلىرىنىڭ ماللىرىنى جۇڭگونىڭ ئىچكىي رايۇنلىرىدىن، ھىندىستاندىن، پىرىسسىيىدىن ۋە ئوتتۇرا سەرق رايۇنلىرىدىن ئېلىپ كەلسىمۇ، مال ئالماشتۇرۇش ياكى سېتىش پائالىيىتى ھەرقايسى بوستانلىقلاردىكى شەھەر- بازارلاردا، دەڭ -سارايلاردا ئېلىپ بېرىلغان. سودا پائالىيىتىنىڭ ئورنى ۋە ۋاقتىمۇ بىر قەدەر مۇقىم بولغان. مۇنداق بىر قەدەر مۇقىم ئورۇنلارنى ئاساس قىلىپ ئېلىپ بېرىلىدىغان سودا پائالىيىتى جەمئىيەتنىڭ تۈرلۈك ساھەلىرىدىكى تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىشلەرگە تۈرتكە بولغان. جۈملىدىن بازارلارنىڭ پونكىتسىيىسى ۋە رولىنى كېڭەيتكەن. بىر- بىرىدىن يىراق -يىراق ئايرىلىپ تۇرىدىغان بوستانلىقلاردىكى خەلقلەرگە نىسبەتەن بازار ئۇلارنى بىر- بىرسىگە باغلاپ تۇرىدىغان، ئۇلارنىڭ تۈرلۈك مۇناسىۋىتىنى تەمىن ئېتىدىغان مۇھىم بازىغا ئايلانغان. يەنى ئۇلار نۇقۇل سودا قىلىش ئېھتىياجى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى، ئۆزئارا تۈرلۈك ئىجتىمائىي ئالاقىلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۈملىدىن ئۆزئارا چۈشىنىش، مۇھەببەت- نىكا ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش، كۆڭۈل ئېچىش زۆرۈرىيىتى بىلەنمۇ، ئەنە شۇنداق بازار دەپ ئاتالغان جايلارغا توپلىشىپ پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان ئەھۋال شەكىللەنگەن. بۇنىڭدىن، ئۇيغۇرلاردىكى بازار مەدەنىيىتىنىڭ پەيدا بولىشى ۋە تەرەققىياتىدا، ئۇيغۇرلار ياشىغان ئالاھىدە جۇغراپىيىلىك مۇھىت ۋە شەرت- شارائىتنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ. يازما مەنبەلەر ۋە ئارخىئولوگىيىلىك تېپىلمىلاردىن مەلۇم بولىشىچە، ئوتتۇرا ئەسىردە يەنى قاراخانىلار دەۋرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋرلەردە، ئۇيغۇرلارنىڭ دېھقانچىلىق، قول سانائەت مەھسۇلاتلىرى سودىسى پۈتۈنلەي دېگۈدەك پۇل ۋاستىسى ئارقىلىق بولۇشتىن تاشقىرى، مەخسۇس ئالتۇن- كۈمۈش، ئۈنچە- مەرۋايىت قاتارلىق ئېرىق مال سودىسىمۇ راۋاجلانغان. تاۋار دېگەن ئاتالغۇ مۇشۇ دەۋردە مەيدانغا كەلگەن. قاراخانىلار دەۋرىدە تاۋار ئىگىلىكى، سودا- تىجارەت كەسپىنىڭ زور دەرىجىدە تەرەققى قىلغانلىقىنى بىز يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قۇتادغۇبىلىك داستانى ۋە مەھمۇد قەشقەرىنىڭ دىۋان لۇغەت تۈرك ناملىق ئەسىرىدىنمۇ ئېنىق كۆرىۋالالايمىزسودا- تىجارەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، مەخسۇس پۇل مۇئامىلە كەسپى، ۋاكالەت سودا كەسپى، مەخسۇس سودا سارايلىرى، چار بازارلار، ھەرقايسى كەسىپ ۋە تاۋارلار بويىچە دۆكا سودىگەرلەر تەبىقىسى شەكىللىنىپ تەرەققى قىلدى. يەكەن، قەشقەر، كۇچا قاتارلىق سودا مەركەزلىرىدە مەيدانغا كەلگەن گەزمال سارىيى، گىلەم سارىيى، تىللا سارىيى قاتارلىق كەسپىي سارايلار ۋە ئاياغ بازىرى، ئاشلىق بازىرى، پاختا بازىرى، مال بازىرى، ياغ بازىرى، دوپپا بازىرى... قاتارلىق ھەر خىل كەسپىي بازارلار ۋە كەڭ يېزىلاردىكى ھەپتىنىڭ ھەر كۈنى قاتارى بولىدىغان بازار سودىسىمۇ تەرەققىي قىلدى. جەنۇبى شىنجاڭدىكى نۇرغۇن يېزا- كەنتلەر نامىنىڭ ئۆزىدە بازار بولىدىغان كۈننىڭ نامى بىلەن يەكشەنبە بازار، دۈشەمبازار،سەيشەمبازار، چاشەمبازار، پەيشەمبازار، شەمبازار دەپ ئاتىلىشىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ بازار مەدەنىيىتىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئورنى ۋە تەسىرىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. ھازىرمۇ دېھقانلار ھەر بازار كۈنى چوڭى ئاشلىق، مال- جاندار، كىچىكى، سەي- كۆكتات، تارشا گۈگۈت، بىر- ئىككى كاللەك يىلىم قاتارلىق نەرسىلەرگىچە ئېلىپ كېلىپ سېتىشنى ياكى ئۆزلىرى ئېھتىياجلىق نەرسىلەرنى سېتىۋېلىشنى ئادەت قىلىشقان. بۇنداق بازار كۈنى توخۇ سۈتىدىن باشقىسى تېپىلىدۇ. بۇ كۈن كىشىلەرنىڭ مۇھىم ئىقتىسادىي پائالىيەت كۈنى، مەنىۋىي كۆڭۈل ئېچىش كۈنى، ئۇرۇق- تۇغقان، ئەل- ئاغىينىلەرنىڭ ۋە ياش يىگىت- قىزلارنىڭ ئۇچرىشىدىغان كۈنىگە ئايلىنىپ قالغان. شۇنداق چوڭراق بازار بولىدىغان جايلارغا شەھەردىن سودىگەرلەرمۇ چىقىپ سودا قىلىشقا ئادەتلەنگەن. مۇنداق قاتارى يېزا بازىرى جەنۇبىي شىنجاڭدا ناھايىتى ئومۇملاشقان بولۇپ، 50- يىللارغىچە داۋاملاشقان. بىر مەزگىل مەۋجۇتلۇقتىن قېلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋىتىشتىن كېيىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.بازار-ئۇيغۇر فولكلور مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم بىر تەركىۋى قىسمى. ئۇنىڭ رولىنى مۇنداق تۆت چوڭ نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ: 1) بازار ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي ئىقتىسادىنى تەرەققى قىلدۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىغان. تاۋار ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرگەن. 2) بازار ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە ئۇنىڭ خارەكتېرىنى بەلگىلەش رولىنى ئوينىغان. ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ خىل ئىگىلىكنى بىر گەۋدە قىلغان ئىقتىسادىي بازىسىغا ئاساس سالغان، ماددىي مەەنىيەت بىلەن مەنىۋىي مەدەنىيەتنىڭ ماس قەدەمدە راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. 3) بازار ئىچكى بىرلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينىغان. مىللىي ئورتاق تىلنىڭ شەكىللىنىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان. قاتناش- تىرانسىپورتنى تەرەققى قىلدۇرۇش رولىنى ئوينىغان. ئاددىسى ئۆلچەم بىرلىكلىرىنىڭ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. 4) بازار مىلىلىي مەدەنىيەتنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەدەبىيات- سەنئەتنى تەرەققى قىلدۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىغان. مەدداھلىق، دارۋازلىق، سىرىك، چاقپېلەك، سارغايدى قاتارلىق مىللىي ئەلنەغمە- تىياتېرلىرى ۋە خەلق ئويۇنلىرى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن. قىسقىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەت قۇرۇلمىسى ۋە پىسخىكىسىنى شەكىللەندۇرۇشتە بازاردىن ئىبارەت بۇ سورۇن ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان.ئۇيغۇر بازارلىرى ئۆزلىرىنىڭ كۆلىمى، ۋاقتى، تاۋار خىلى، جايلاشقان ئورنى قاتارلىقلار بويىچە ھەر خىل ناملار بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن. مەسىلەن، قەشقەردەك بىرقەدەر چوڭ ھەم قەدىمى مەدەنىيەت مەركەزلىرىنى ئالساق، بۇنداق شەھەرلەردە قول ھۈنەرۋەنچىلىك، سودا -تىجارەت بىرقەدەر گۈللەنگەن بولغاچقا، كۆپ خىل تاۋار ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئالماشتۇرۇش ئەنئەنىسى بارلىققا كەلگەن. بازارلىرىنىڭ تۈرىمۇ كۆپ، قۇرۇلمىسىمۇ بىرقەدەر مۇرەككەپ. ئادەتتە ياغاچ- تاش، ئوتۇن- سامان، ئات- ئۇلاغ قاتارلىق يىرىك ھەم تىرىك مەھسۇلاتلار بازىرى شەھەر ئەتراپىغىراق جايلاشقاندىن باشقا، قالغان بازارلار شەھەرنىڭ ھەرقايسى ئاۋات كوچا- رەستىلىرىگە تارقاق جايلاشقان. ئۇلار ئادەتتە بازار بولىدىغان مال تۈرى بويىچە چاپان بازىرى، خام بازىرى، ياغ بازىرى، ئۇلاغ بازىرى، ئات بازىرى، قوناق بازىرى، تۇماق بازىرى، دوپپا بازىرى، ئاياق بازىرى، قاسقان بازىرى، گىلەم بازىرى، ئەتلەس بازىرى، ئوتان بازىرى دېگەندەك نۇرغۇن تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ. بۇنداق بازارلارنىڭ بەزىلىرى ھازىر مەۋجۇتلۇقتىن قالغان بولسىمۇ، ئىلگىرى بازار بولغان كوچا- كويلارنىڭ نامى ھېلىھەم شۇنداق ئاتىلىپ كەلمەكتە. ئۇندىن باشقا، جايلاشقان ئورنى بويىچە ئوي بازار، چۇقۇ بازا، دۆڭ بازار، ھېيتكا بازىرى، ئوردا ئالدى بازىرى دېگەندەك ناملار بىلەنمۇ ئاتىلىدۇ. دېمەك، ئەينى ۋاقىتتا، بۇنداق قەدىمىي شەھەرلەرنىڭ ئۆزىنى ئەنە شۇنداق ھەر خىل بازارلار ۋە بازارغا مۇناسىۋەتلىك ئۆي-ئىمارەت، قۇرۇلۇش- ئەسلىھە، بوتكا- دۇكان، غالتەك ۋە سايىۋەنلەر دۆۋىسىدىن تەركىپ تاپقان دېيىشكىمۇ بولىدۇ. كېيىنكى يىللاردا باشقۇرۇش ۋە قولايلىق بولۇش كۆزدە تۇتۇلۇپ، ھەرقايسى شەھەر، ناھىيە ۋە چوڭراق يېزىلادىكى بازارلار بىر يەرگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ئومۇملاشقان چوڭ بازارلار مەيدانغا كەلدى. مەسىلەن، قەشقەردىكى تۈمەن بويىغا جايلاشقان يېڭى بازار، خوتەندىكى ئوي بازار، ئۈرۈمچىدىكى دۆڭ كۆۋرۈك بازىرى، خەلقئارا چوڭ بازارغا ئوخشاش. بۇنداق ئومۇملاشقان بازارلارمۇ قۇرۇلما جەھەتتىن گەزمال بازىرى، ئاياق بازىرى، گىلەم بازىرى، چەرچىن ماللار بازىرى، يىمىش بازىرى دېگەندەك بۆلەكلەردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ھەرقايسىسى ئۆز تۈرى ۋە رېتى بويىچە جايلاشقان.ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي بازارلىرىنىڭ مۇھىم تۈرلىرىدىن بىرى چار بازاردۇر.چار بازار-- يېزا- قىشلاقلاردا ھەپتىنىڭ ھەرقايسى كۈنلىرى نۆۋەت بىلەن بولىدىغان، كۆلىمى شەھەر ۋە ناھىيە بازارلىرىدىن كىچىكرەك بولغان، سودىگەر ۋە ماللارمۇ كۆپۈنچە شەھەر ۋە ناھىيە بازارلىرىدىن كېلىدىغان يەنى سەييارە تىجارەتچىلەرنى ئاساس قىلىدىغان بازارلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق بازارلاردا ئايلىنىپ يۈرۈپ تىجارەت قىلغۇچىلار چار بازارچى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلار ئۇلاغ ياكى باشقا قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ ياردىمىدە، ھەرقايسى بازارلاردا سەييارە تىجارەت قىلىدۇ. بۇنداق چار بازارلار ئادەتتە بازار بولىدىغان كۈننىڭ نامى بىلەن يەكشەنبازار، دۈشەمبازار، سەيشەمبازار، چاشەمبازار، پەيشەمبازار، شەمبازار دەپ ئاتىلىدۇ. ئادەتتە بۇنداق بازار ناملىرى شۇ يۇرت ياكى يېزا- قىشلاقلارنىڭ يەر نامى سۈپىتىدە ئىستىمال قىلىنىدىغان ئەھۋال كۆپ ئۇچرايدۇ. شەھەرلەرنىڭ پەيدا بولۇشىدا بازارنىڭ رولى چوڭ. بولۇپمۇ، شەھەر- بازارلاردا بولىدىغان چاسا، سەينا، كارۋان ساراي ،دەڭ، ساماۋەرخانا، مۇنچا، ھاممام، سەرراپخانا دېگەنگە ئوخشاش مۇلازىمەت خارەكتېرلىك بىر قاتار ئاممىۋىي ئەسلىھەلەر ئەسلىدىنلا سودا- تىجارەت ۋە سەييارە سودىگەرلەر تەبىقىسىنىڭ، شۇنداقلا يېقىن- يىراقتىن كەلگەن بازار ئىشتىراكچىلىرىنىڭ ھەر تۈرلۈك ئېھتىياجىنى قامداش زۆرۈرىيىتى بىلەن بارلىققا كەلگەن. ئۇلارنىڭ پونكىتسىيىسى ۋە تەرەققىياتىمۇ بازار مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۆزگىرىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئۇيغۇرلار كۆپ خىل ئىگىلىك شەكىللىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن مىللەت. ئۇلار كۆچمەن چارۋىچىلىقنى ئاساسلىق ئىگىلىك شەكلى قىلىشتىن قالغاندىن كېيىنمۇ، دېقانچىلىققا بىرلەشتۈرۈپ باقمىچىلىق، بورداقچىلىق، باغۋەچىلىك، مىۋە- چىۋىلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش، قول ھۈنەرۋەنچىلىك ۋە سودا- تىجارەت بىلەن كەڭ شۇغۇللىنىپ كەلگەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئوخشىمىغان دەرىجىدە تاۋارلاشقان ئىشلەپچىقىرىش بولۇپ، بۇ خىل ئىگىلىك شەكىللىرىنىڭ تەرەققىياتى، جۈملىدىن كەسىپلىشىشى بازارنىڭ تەلىۋى ۋە ئېھتىياجىدىن ئايرىلمايدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ يىمەك- ئىچمەك مەدەنىيىتىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان ناۋايلىق، ساماۋەرچىلىك، سامسىپەزلىك، مانتاپەزلىك، كاۋاپچىلىق قاتارلىقلاردىن تارتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تازىلىق، سالامەتلىىك ۋە داۋالىنىشقا ئائىت ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەتلىرىدىن بولغان ساتىراشلىق، تىبابەتچىلىك، «سەكسەنخالتا» قاتارلىقلارغىچە بىۋاستە بازارغا يۈزلەنگەن كەسىپلەر بولۇپ، ئۇلار ئەنە شۇ بازارنى مۇھىم سەھنە ياكى ئاساسى سورۇن قىلىپ راۋاجلانغان. بازار بولمىغان شارائىتتا بۇنداق كەسىپ تۈرلىرىنىڭ بولىشى مۈمكىن ئەمەس. بازار ئۇيغۇر جەمئىيىتنىڭ بىر پۈتۈن تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئويناپلا قالماي، ئەڭ مۇھىمى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان بىر تەرەپ. بازاردىن مۇستەسنا ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ شەكىللىنىش ئالاھىدىلىكىنى تولۇق شەرھىلەپ بەرگىلى، ئۇيغۇرلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي تەرەققىياتىنى جۈملىدىن ئىقتىسادىي ھاياتىنى سۈرەتلەپ بەرگىلى بولمايدۇ. شۇڭا بازار ۋە بازار ئېڭى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى، ئۇيغۇر خارەكتېرىنى چۈشىنىشنىڭ مۇھىم ئاچقۇچى. ئۇيغۇرلار ئاللىبۇرۇن بازاردىن ئىبارەت بۇ مەدەنىيەت ھادىسىسىنىڭ زور ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي فونكىسسىيىسىنى ئىستىخىيىلىك ھالدا تونۇپ يەتكەن ۋە ئۇنىڭ رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ كەلگەن. بازار ئېڭىنى ئاناڭ بازار، داداڭ بازار دېگەن بىر جۈملە سۆزگە يىغىنچاقلىغان. بۇ گەپنى ئوبدان تەھلىل قىلساق، ئۇنىڭدىن ھازىرقى ۋاقىتتىكى ئىقتىسادىي قانۇنىيەت، بازار مىخانىزىمى، بازار ئارقىلىق تەڭشەش، قىسقىسى بازار ئىگىلىكى دېگەن ئوقۇملارنىڭ مەنىسى چىقىپ تۇرىدۇ. كاجنى بازار ئوڭشايدۇدىن ئىقتىسادىي رىقابەتنىڭ كۈچى ۋە رولىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ.سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى شارائىتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي بازار ئېڭى ۋە بازار مەدەنىيىتىنى كەڭ جارى قىلدۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى زور. بازار ئىگىلىكى دېگەن ئەسلى ئۇيغۇرلارغا يېڭى نەرسە ئەمەس، پەقەت نەزەرىيەلەشمىگەن ياكى ھازىرقى زامان ئۇقۇمى ۋە فورمىسى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلمىگەن، خالاس. شۇڭا ئۇنى ھازىرقى زامان بازار ئېڭى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈش، يېڭى ئاتالغۇ ۋە ئۇقۇملار بويىچە قېلىپلاشتۇرۇش مىللىي ئىگىلىكنى تەرەققى قىلدۇرۇشتا، جۈملىدىن ئۇنى ھازىرقى زامان بازارلىرىغا يۈزلەندۇرۇشتە، ئىلغار مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.بازار ساياھەتچىلىكى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭنىڭ قەشقەر، تۇرپان، يەركەن، كۇچا، خوتەن قاتارلىق قەدىمىي مەدەنىيەت مەركەزلىرىدە گۈللىنىشكە باشلىغان مىللىي مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ- ئادەت ساياھەتچىلىكنىڭ مۇھىم بىر مەزمۇنى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشىۋاتقان شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدە، چەتئەللىك ۋە ئىچكىرى رايۇنلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە نىسبەتەن ئەڭ قىززىق نۇقتا بولىۋاتقىنى دەل ئۆزگىچە بازار مەنزىرىسىنى كۆرۈش ۋە مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە بويۇملارنى سېتىۋېلىشتىن ئىبارەت بولماقتا. مەسىلەن، قەشقەردىكى يېڭى بازار (يەنى ئوتتۇرا ۋە غەربىي ئاسىيا سودا بازىرى)نى ئالساق، ھەريىلى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن بۇ بازارغا كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانى نەچچە ئون مىڭدىن ئاشىدۇ. مەخسۇس شۇنداق ساھەتچىلەر ئۈچۈن مال ساتىدىغان تىجارەتچىلەر، شۇنداقلا مەخسۇس شۇلار ئۈچۈن سېتىلىدىغان ئېسىل بويۇملار مەزكۇر بازارنىڭ ئەڭ مەركىزىدىن، ئەڭ كۆرىنەرلىك جايىدىن ئورۇن ئالغان. چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ شىنجاڭدىكى ناھىيە بازارلىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزا-قىشلاقلارغا قىلغان ساياھىتىدىمۇ ئاساسلىق قىلىپ كۆرىدىغىنى يەنىلا چار بازارلاردىن ئىبارەت. ئۈرۈمچى خەلقئارا چوڭ بازىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي بازار مەدەنىيىتى بىلەن زامانىۋىي بازار مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئۆزىگە يىغقان بولۇپ، ئۇيغۇر بازارلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا ۋە خەلقئاراغا يۈزلەندۇرۈشتە بېسىلغان چوڭ بىر قەدەم بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ھازىر بۇ بازار ئۈرۈمچىدىكى ئەڭ ئاۋات، قايناق بولغان سودا نۇقتىسىلا ئەمەس، بەلكى بىردىنبىر چوڭ ساياھەت نۇقتىسى بولۇپ قالدى. بۇ شىنجاڭدىكى بازار ساياھەتچىلىكىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىدىن بىشارەت بېرىدۇ، ئەلۋەتتە. قىسقىسى، ئۇيغۇر بازار مەدەنىيىتىنى سوتسىيالىستىك بازار ئىقتىسادىنىڭ تەلىۋىگە ماسلاشتۇرۇش ھەمدە ئۇنىڭ شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدىكى ئورنىدىن ياخشى پايدىلىنىش زۆرۈر.
% O5 J' T1 k+ y) t; b4 j
) w1 G7 u7 G9 w- n3 J$ a4 z7 Jمەنبەسى:www.millitim.cn چۈشۈرۈش
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |