3d
ئىقتىساد پەنلىرى دوكتورى ئىبراھىم باسىت
5 U9 h0 E: b% i* H( H1 i9 I* U; @. N: m; A
مۇھەممەد باسىت 4 ^8 I$ F$ t# s d
% _' r# M8 b% k5 W" j
! ]% S3 o h' Q6 p8 V$ A6 } ئىبراھىم باسىت دوتسېنىت ،1967-يىلى 5-ئاينىڭ10- كۈنى قۇمۇل شەھىرى شەھەر ئىچى يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1984-يىلى قۇمۇل ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ،شۇ يىلى شىنجاڭ مالىيە- ئىقتىساد ئىنىستوتىنىڭ ئوقۇتقۇچى يىتىشتۈرۈش كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان.1984-1986 يىلغىچە شىنجاڭ مالىيە- ئىقتىساد ئىنىستوتىنىڭ خەنزۇ تىلى ۋە ئاساسى پەنلەرنى ئۆگۈنۈش ۋەزىپىسىنى تاماملىغاندىن كىيىن، 1986-يىلدىن 1990-يىلغىچە شەنشى مالىيە- ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتىنىڭ پۇل-مۇئامىلە كەسپىنى پۈتتۈرۈپ،باكلاۋۇرلىق ئۇنۋانى ئالغان. 1990-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ تا ھازىرغىچە شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتىتى پۇل-مۇئامىلە ئىنىستوتىدا ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ كىلىۋاتىدۇ. 2002-يىلدىن 2003-يىلغىچە شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتىدا ئېنگىلىس تىلى ئۆگەنگەن. 2005-يىلدىن2007-يىلغىچە شىنجاڭ مالىيە –ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتىنىڭ پۇل-مۇئامىلە كەسپىدە ئاسپىرانتلىقنى تاماملىغان.2008-يىلدىن2009-يىلغىچە بېيجىڭ تىل-مەدەنىيەت ئۇنىۋېرسىتىدا ئېنگىلىس تىلى ئۆگەنگەن.2010-يىلى 9-ئايدا مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئېلىنغان دوكتور ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ ياخشى نەتىجە بىلەن 2011-يىلدىن 2013-يىلغىچە مەركىزى مالىيە –ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتىدا دوكتور ئاسپىرانىتلىقتا ئوقۇغان.2013-يىلى 7-ئايدا << ئاز سانلىق مىللەت رايونى پۇل-مۇئامىلە ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا تەتقىقات>> ناملىق ئوقۇش پۈتتۈرۈش دىسسېرتاتسىيىسىنى ياقلاپ، باھالىغۇچىلارنىڭ يۇقۇرى باھاسىغا ئېرىشىپ ئىقتىساد پەنلىرى بويىچە دوكتور ئاسپىرانىتلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ، دىيارىمىز پۇل-مۇئامىلە كەسپى ساھەسىدە ئۇيغۇر دوكتور بولماسلىقتەك بوشلۇقنى تولدۇرۇپ، مىللىتىمىزگە شان-شەرەپ ئېلىپ كەلدى.* ^2 N# x/ y; |% }! ?5 O
دوكتور ئىبراھىم باسىت ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شوغۇللىنىش جەريانىدا <<پۇل-مۇئامىلە ئىلمى>>،<<بانكا كىردېت كەسپىنى باشقۇرۇش>>،<<سودا-بانكا ئىلمى>>،<<قەرز-پۇل تۈرلىرىنى باھالاش ئىلمى>>،<<پۇل-مۇئامىلە بازار ئىلمى >>،<<ئاكسىيەگە مەبلەغ سېلىش قائىدىسى>>ۋە <<پۇل-مۇئامىلە قۇرلۇش ئىلمى>> قاتارلىق كەسپى دەرسلەرنى ئۆتۈش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان.ئۇندىن باشقا ئىنىسىتىتوت رەھبەرلىرى تەشكىللىگەن مىللى تىل-يېزىقتىكى دەرسلىك ماتىرياللىرىنى تۈزۈشكە قاتناشقان،يەنى<<بانكا كىردېتىنى باشقۇرۇش ئىلمى>>، <<سودا-بانكا ئىلمى>>قاتارلىق دەرسلىك ماتىرياللىرىنڭ مەسئول مۇھەررىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان.يەنى<<باشقۇرۇش ئىلمىنىڭ قائىدىسى >>،<<تاشقى سودىنى باشقۇرۇش ئىلمى>>،<<پۇل-مۇئامىلە بازار ئىلمى>>ۋە <<مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىلمى>> قاتارلىق دەرسلىك ماتىرياللىرىنى تۈزۈشكە قاتناشقان.ئۇندىن باشقا<<سۇغۇرتا ئىلمى>>،<<بانكا بوغالتىرلىق ئىلمى>>،<<تاۋار-ئوبۇروت كارخانىلىرىنىڭ بوغالتىرلىقى>>،<<ماركىتىڭ ئىلمى>> قاتارلىق خەنزۇچە دەرسلىك ماتىرياللىرىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىشقا قاتناشقان.6 m) @" F1 Z. u' L) Z0 N
دوكتور ئىبراھىم باسىت ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىدىن باشقا تۇرپان شەھەرلىك يېزا-ئىگىلىك بانكىسى،سودا-سانائەت بانكىسى،توقسۇ يېزا-ئىگىلىك ئامانەت قەرز –كوپىراتىپى قاتارلىق ئورۇنلاردا نەزىرىيە بىلەن ئەمىليەتنى بىرلەشتۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاش بىلەن بىرگە،قەرز پۇلىنى بەش تۈرگە ئايرىش خىزمىتىگە يىتەكچىلىك قىلغان.يۇقۇرقى خىزمەتلەردىن باشقا،دۆلىتىمىزنىڭ پۇل-مۇئامىلە ئىسلاھاتى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى جەريانىدا ساقلىنىۋاتقان ئەمەلىي مەسىلىلەر ئۈستىدە كۈزىتىش ۋە تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىپ،رايونىمىز ئىچى ۋە سىرتىدىكى گىزىت ۋە كەسپىي ژورناللاردا 60 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي تەتقىقات ماقالىسىنى ئېلان قىلغان.ھازىر دوكتورلۇق تەتقىقات تېمىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى بىلەن شوغۇللۇنۇپ،ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مىللىي رايونلارنىڭ پۇل-مۇئامىلە ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئائىىت تېمىلارنى ،بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادى تەپەككۇرى،پۇل-مۇئامىلە ئېڭى،مىللىي كارخانىلارنى باشقۇرۇش، رىقابەت ئىقتىدارىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش،نامرات رايونلاردىكى پۇل-مۇئامىلە ئاپىراتلىرىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى يوقۇرى كۆتۈرۈش،باي-نامراتلىق پەرقىنى كىچىكلىتىش قاتارلىق ئىقتىسادى مەسىللەرگە دائىر ئىلمىي تەتقىقات خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كىلىۋاتىدۇ.0 a/ m- a" l- @) w
ئاخىرىدا قېرىندىشىمىزنىڭ تېنىگە سالامەتلىك،ئائىلىسىگە خاتىرجەملىك،بۇندىن كىيىنكى كەسپى خىزمەتلىرىگە زور ئۇتۇقلار تىلەيمىز.
, P2 \7 f) c# i$ f3 P 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى قۇمۇل
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |