3d
ئاپتۇبۇستا ( ھېكايە )
6 K Y$ R6 Q0 t8 S) Z! t
7 f# V% R+ W6 g/ `. D ئارام كۈنى ئىدى . ئەركىن ئاتا - ئانىسىنى يوقلاشنى كۆڭلۈگە پۈكۈپ ناھىيە مەركىزىدىن 20 كىلومىتىر يىراقلىقتىكى يېزىغا بېرىش ئۈچۈن ئالدىراپلا بىكەتكە يول ئالدى . بىكەتتە پەقەت بىرلا ئاپتىبۇس بولۇپ ، ئاپتىبۇستا قوش كىشلىك ئورۇندۇقتىن بىر كىشلىك ئورۇنلا قالغان ئىدى . ئورۇننىڭ دىرىزە تەرپىدە 25 ياشلار چامىسىدىكى ئاقپىشماق بىر چوكان كۈلۈمسىرەپ ئولتۇراتتى . ئەركىننىڭ دەرھال ئۇنىڭ يىنىدا ئولتۇرغۇسى كەلدىيۇ ، << ئىھتىمال ، بىر دەمدىن كېيىن ، بۇ چوكاننىڭ ئېرى ياكى بىرەر تۇغقىنى شۇ ئورۇندۇقتا ئولتۇرسا كېرەك >> دەپ ئويلاپ ، ئولتۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمىدى . ئاپتوبۇس قوزغۇلۇپ ، ئاسفالىت يولدا ئۇچقاندەك يۈرۈپ كەتتى . بىكار ئورۇنغا ئادەم چىقمىغانلىقى ئۈچۈن ، ئەركىن ئۇ چوكاننىڭ يىنىدىكى بوش ئورۇنغا بىرىپ ئولتۇردى . ئاپتىبۇسنىڭ ياڭراتقۇسىدىن چىقىۋاتقان مۇزىكا قۇلاقنى ياراتتى . چوكان شوخلۇق قىلىپ ، قىلىق چىقىرىپ قىمىلداپ ، ئەركىننىڭ دىققىتىنى قوزغىدى . ئەركىن 20 نەچچە يىللىق خىزمەت تارىخىغا ئىگە 40 ياشلار چامىسىدىكى ئوقۇتقۇچى ئىدى . ئايالى ئۆلۈپ كەتكەن بولغاچقا ، توي قىلماي بويتاق يۈرگىنىگە بىر نەچچە يىل بولغان ئىدى . ئۇ ، قىشىدا ئۆزىگە يىقىنچىلىق قىلىپ ، تەلمۈرۈپ ئولتۇرغان ، كۆڭلۈدىكىنى ئىزھار قىلىشقا تەمشىلىۋاتقان چوكانغا تۇيدۇرماستىن ئىسسىق ئۆتكۈزۈشنى كۆڭلىگە پۈكتى ۋە ئۇنىڭ رايىنى سىنىماقچى بولۇپ ، بىقىنىغا يىنىككىنە نوقۇپ قويدى . قاپقارا كۆزلىرىدىن ئۈمۈد نۇرى تۆكۈلۈپ تۇرغان چوكان شۇ تاپتا تېخىمۇ جۈرئەتكە كەلدى . ئەركىن مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ، ئۇنىڭغا نەزەرىنى ئاغدۇردى ؛% Z- B2 G% C: T
/ R7 k S8 D+ ~# k. ?
___ سىز . . . بەكمۇ چىرايلىق ئىكەنسىز . . . مەن سىزنى كۆرۈپلا . . . قاراڭ خىنىم ، ياش ئىكەنمىز ، كۆڭۈل ئىشى دىگەن شۇ . . . ئىككىمىز ئاپتۇبۇستىن چۈشۈپ قالايلى ، مەن مىھمانخانىدىن ياتاق ئاچاي ، بىردەم - يىرىمدەم ئولتۇرۇپ ئارام ئىلىپ ، ھال - مۇڭ بولساق قانداق ؟ __ ئەركىن دۇدۇقلاپ سۆزلىگەچ ، چوكاننىڭ قولىنى چىڭ تۇتتى . ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم ! __ دېدى چوكان سالماقلىق بىلەن ، __ ياخشى تۇرۇپسىز ، سىزنى كۆرۈپ بەكمۇ خۇشال بولدۇم . كۆرۈشمىگىلى شۇنچە يىل بوپتۇ ، ھە ! . . . مىنى تونۇيالمىدىڭىزما ؟
3 \- y1 m K$ Y) L. s' p
: U! V2 V j& O; k1 @ I$ h3 a- r7 kئەركىن ئۇنىڭ چىرايىغا قاراپ تاتىرىپ ھودۇقۇپ كەتتى ؛. ~3 W% H. o; m7 H
$ q) j" w, g0 ^* a+ Z__ ھە ... ھە .... ياخ ... ش .... ى سىز ...
# H9 |* [) ^; T7 i
" W! |5 ^9 R1 f) z__ مەن ئايگۇل ئەمەسمۇ ؟ سىزنىڭ تۇنجى قارارلىق ئوقۇغۇچىڭىز . . .2 g8 h0 ~: I8 K) N
; B. _4 i, p& z. s: h- o8 Zئەركىن ئۆزىنىڭ ئالا كۆڭۈللۈك قىلغىنىدىن ، ئۆز ئوقۇغۇچىسى قەلبىدىكى يۇكسەك ئوبرازىنى يوقۇتۇپ قويغىنىدىن ئۆكۈندى .
9 p" G. m; b8 v3 z1 I- ?. f: c! ~$ |$ _* T Y, ?; N( R2 b: {# u
__ شوپۇر ماشىنىنى توختۇتۇڭ ... دەپلا ، ماشىنىدىن چۈشۈپ قالدى . . . 2 S# \ b. B4 a( o% }, ^# e, P s, f
http://barmu.cn/Text/Read.aspx?id=4047رەسىم
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |