يانفۇن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-11 19:20
- h+ v, T* b8 S8 M1 } d& U7 u0 P4 f/ _/ G) n( H2 }( d Q
تىلەمچىنىڭ دۇنياغا كېلىشى
8 N. D2 ~4 f( D( b5 F(ھېكايە) 1 Q+ B" r( Y( _# T( T; z
يىمىڭ 9 r1 h, K1 N; I: z m# o
7 A! H, A/ Z8 W; ^ئۇ ئادەتتىكى بىر دېھقان ئىدى، ئېلېكتىر چىرىغىنىمۇ كۆرۈپ باقمىغان تاغلىق كەنتلىك دېھقان ئىدى.
$ J& Q0 Q5 O9 J3 |7 v1 }ئۇ پۇت قولى بېجىرىم، كۈن بىلەن تەڭ تۇرۇپ، كۈن ئولتۇرغاندا ئارام ئالىدىغان، ئۆز جېنىنى ئاران باقىدىغان دېھقان ئىدى. ئۆزى تونۇيدىغانلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق تۇرمۇش كەچۈرگەچكە ئۇ ئۆز تۇرمۇشىدىن ھېچقانداق نورمالسىزلىق ھېس قىلمايتى. & A7 t1 u D. ?1 A, H
مەلۇم بىر كۈنى ئۇ باشقىلارنىڭ شەھەرگە چېپىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ شەھەرگە كىرىپ باققۇسى كېلىپ شەھەرگە كىردى. ' a' N' w8 {2 U( ]0 s/ O
ئۇ شەھەرلىكلەرگە، ئاسمان پەلەك ئېگىز بىنا ۋە بارلىق نەرسىلەرگە ئەيمىنىش ۋە قىزىقىش نەزەرى بىلەن قارايتى.
$ O7 f6 o: j4 W& ]8 P" N R; ^/ oشەھەرلىكلەرمۇ ئۇنىڭ ئۇچىسىدىكى جۇل-جۇل كىيىملىرىگە، قاسماق باسقان يۈزىگە، ئۇنىڭ مۈرىسىدىكى جەمئىيەتتىن يوقالغىنىغابىر نەچچە ئەسىر بولغان ئەسكى تاغارغا ۋە پۈتۈن ئۈستى بېشىغا قىزىقىش نەزەرىدە قاراشماقتا. , L' ~) @7 L/ G
ئايلىنىۋېرىپ قورسىقى ئاچتى، ئۇ چوڭ بىر تۇڭنىڭ يېنىدا ئاق رەڭلىك قۇتىلارنى، ۋە بەزى قۇتىلارنىڭ ئىچىدە يېمەكلىك بارلىقىنى كۆردى. ئۇ قىلچە ئىككىلەنمەستىن قۇتىدىكى يېمەكلىكنى يېيىشكە باشلىدى، مۇنداق يېمەكلىكنى ئۇ ھەتتا ھېيت-بايراملاردىمۇ تېتىپ باققان ئەمەس ئىدى. & ]) w5 r) t1 k0 v8 i) t4 C. p
ئۇنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان شەھەرلىكلەرمۇ ئوخشاشلا ئۇنىڭغا ھەيرانلىق بىلەن قاراشماقتا، ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىشماقتا ئىدى. ئۇنىڭ بۇ قىلىقلىرى شەھەرلىكلەرنىڭ نەزەرىدە ئەقىلگە سىغمايدىغان ئىش ئىدى. - h) M! Z4 m+ B$ s$ v
ئۇنىڭ قورسىقى تويۇپ ئۇيقۇسى كەلدى-دە، تاغىرىنى ياستۇق قىلىپ شۇ جايىدىلا ئۇيقىغا چۈشۈپ كەتتى. ئۇنىڭغا نىسبەتەن بۇ نورمال ئەھۋال ئىدى، چۈنكى يۇرتىدىمۇ ئېتىز باشلىرىدا مۇشۇنداقلا ئۇخلاۋېرەتتى. ( J" k; M5 `0 C! Y8 ^( H t. m5 d; h& X
بىر چاغلاردا بىر قىزچاق ئۇنىڭ ئەھۋالىغا ئىچ ئاغرىتىپ ئۇ بايا تاماق يېگەن تېز تاماق قۇتىسىغا بىر يۈەنلىك پۇلدىن بىرنى تاشلاپ قويدى، شۇنىڭ بىلەن يولدىن ئۆتكەنلەرمۇ بىر-بىرلەپ قۇتىغا پۇل تاشلاشتى، ئۇزۇن ئۆتمەي قۇتا پۇلغا لىق توشتى. * U8 |3 u/ \! c- O0 h/ R
بىر ھازادىن كېيىن ئۇ ئويغىنىپ ئالدىدىكى پۇلغا قاراپ ھەيران قالدى، شۇ ھەيرانلىقتا تۇرغاندا يەنە بىرەيلەن كېلىپ قۇتىغا پۇل تاشلىدى.
, F& }7 X9 [. e* M% M9 Kئۇ خۇشلىقىدا« ئاھ تەڭرىم، بۇ يەردە بىكار ئولتۇرسىمۇ باشقىلار پۇل تاشلاپ بېرىدىكەن-ھە! بۇ پۇل مېنىڭ يېرىم يىل تېرىقچىلىق قىلىپ تاپقان كىرىمىمدىنمۇ كۆپكەن ئەمەسمۇ! » دېگەنلەرنى خىيالىدىن كەچۈردى.
1 W" D! l" o( d% J9 T) L) V" jشۇنىڭ بىلەن كوچىدا يەنە بىر تىلەمچى كۆپەيدى. 9 y6 y% j7 n) R7 u1 _
«تاللانغان مىكرو ھېكايىلەر» ژورنىلى 2005-يىللىق 17-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.. o: Y. l" C8 D* R: L4 R
مەنبەسى: ئانا دىيار مۇنبىرىئىزدە
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |