ئۇيغۇر
يېزىلاردا بەزى جايلاردىكى مەكتەپلەر شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا قالايمىقان ھەق ئېلىپ دېھقانلار پەرزەنتلىرىنىڭ تەربىيىلىنشتىكى شەرتلەرنى ئۆستۈرۈپ،دېھقانلارنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى.بۇخىل ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن گوۋۇيۈەن2003-يىلى9-ئاينىڭ 20-كۈنى يېزا مائارىپ خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدا قارار چىقىرىپ يېزىلاردىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ نامۇۋاپىق ھەق ئېلىش تۈرلىرىنى چەكلەپ،ھەق ئېلىش تۈرلىرىنى قاتتىق تىزگىنلىدى.دۆلەت تەرەققىيات ،ئىسلاھات كومىتېتى يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىدا 2004-يىلىدىن باشلاپ«بىرھەق تۈزۈمى»نى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى.«بىرھەق تۈزۈمى »دېگىنىمىز،پارچە-پۇرات ھەق،دەرسلىك ۋە تاپشۇرۇق دەپتىرى ھەققىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بېكىتىش ئاساسىدا ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرھەق ئېلىش سوممىسىنى بېكىتىش،ئاندىن ئوقۇغۇچىلاردىن بىرقېتىمدىلا بىرتۇتاش ئېلىشتەك ھەق ئېلىش چارىسىنى كۆرسىتىدۇ.دۆلىتىمىزنىڭ يەرمەيدانى كەڭ،رايونلار ئارا،شەھەر-بازارلار ئارا ئىقتىسادىي تەرەققىيات تەكشى ئەمەس،ئاممىنىڭ ئىقتىسادىي كۆتۈرۈش ئىقتىدارىمۇ ئوخشىمايدۇ.شۇڭا بۇ قېتىم يولغا قويۇلغان «بىرھەق تۈزۈمى»دە،مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش ئۆلچەم يولغا قويۇلمىدى.ھەرقايسى جايلارنىڭ «بىرھەق تۈزۈمى»بويىچەھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۆزجايىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش پرىنسىپى بويىچە بېكىتىلىدۇ.شۇڭا،يېڭىدىن يولغا قويۇلغان «بىرھەق تۈزۈمى»بويىچە ھەق ئېلىش ئۆلچىمى مەملىكەت بويىچە ئوخشاش ئەمەس.شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا ھەربىرئۆلكە،ئاپتونوم رايون،بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەر ئىچىدىكى ھەرقايسى رايونلار ۋە شەھەر-بازارلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىمۇ تەكشى ئەمەس،ئاممىنىڭ ئىقتىسادىي كۆتۈرۈش ئىقتىدارىمۇ ئوخشاش ئەمەس،شۇڭا ئوخشاش بىرئۆلكە،ئاپتونوم رايون،بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەردىكى ئوخشىمىغان رايونلار ئارا،شەھەر-بازارلار ئارا «بىرھەق تۈزۈمى»بويىچە ھەق ئېلىش ئۆلچىمىمۇ ئوخشاش بولمىسا بولىدۇ،مەسىلەن،ئوخشاش بىرئۆلكە ئىچىدە بىرنەچچە تىپ بويىچە مۇۋاپىق ھەق ئېلىش ئۆلچىمى بېكىتىشكە بولىدۇ.
( l; z& S8 q) s8 h1 e5 z) A! x$ R5 u' Z# G8 @2 e4 \: Y1 j
مەنبەسى:http://uyghur.xjedu.gov.cn/plun/2013/62629.htmرەسىم
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |