ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 873 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 470|ئىنكاس: 1

ناخشا مەشھۇر ئاسترونوم ئۇلۇغبەگتەييارلىق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

10

يازما

133

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
28 سەر
تۆھپە
31 سەر
تىللا
36 دانە
جەۋھەر
0 دانە
خەۋەر بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نارات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-11 16:16  
0 d! R' d1 W, D5 ~
2 m- V1 S5 t" u" m        5 l2 g8 ?- C. u+ ~$ ]' M3 u
مەشھۇر ئاسترونوم ئۇلۇغبەگ. z' A; D3 y  S. w( \6 e
9 f4 ~. E, ^4 G( J0 ^
15- ئەسىر ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى تارىخىدا مەدەنىيەت ۋە ئېلىم – پەن تازا گۈللەنگەن دەۋر بولۇپ، بۇ دەۋردە يالغۇز ئەدەبىيات، پەلسەپە، تىلشۇناسلىق ۋە باشقا ئىجتىمائىي پەنلەر تەرەققىي قىلىپ قالماستىن، بەلكى ئاسترونومىيە، ماتېماتىكا ، فىزىكا قاتارلىق تەبىئىي پەنلەرمۇ راۋاج تېپىپ، پۈتۈن ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان ئالەمشۇمۇل ئالىملار مەيدانغا كەلگەن. ئۆزبېك ئالىمى ئۇلۇغبەگ (ئەسلى ئىسمى مۇھەممەد تاراغاي) ئەنە شۇلاردىن بىرىدۇر. ئۇلۇغبەگ 1394- يىلى 3- ئاينىڭ 22- كۈنى سەمەرقەنت شەھرىدە تۇغۇلۇپ، 1449- يىلى 10- ئاينىڭ 27- كۈنى 55 يېشىدا ئۆز ئوغلى ئابدۇللىتىپ تەرىپىدىن پاجىئەلىك ھالدا ئۆلتۈرۈلگەن.
# P- m$ Q: U6 E& j
/ Z. Q& p9 O3 Kئىلىم-پەندە داڭقى چىققان قەدىمكى شەھەر سەمەرقەنت 13- ئەسىردە چىڭگىزخان قوشۇنلىرى تەرىپىدىن پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىۋېتىلگەن بولۇپ، كېيىن كونا ئورنىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدە يېڭىۋاشتىن قەد كۆتۈرگەن. شۇ چاغدىكى سەمەرقەنت شاھى ئاقساقتۆمۈر (تۆمۈرلەڭ) نۇرغۇن يىل ئۇرۇش قىلىش ئارقىلىق، ئىلگىرى –كېيىن بولۇپ، ئامۇ – سىر دەرياسى ئارىلىقىدىكى كەڭ زېمىن ماۋرائۇننەھىرگە پىرىسىيە، خارازەم، ئالتۇن ئوردا خانلىقى، ھىندىستان، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلارنى بويسۇندۇرۇپ، ناھايىتى چوڭ ئىمپېرىيە قۇرۇپ، سەمەرقەنتنى پايتەخت قىلغان. ئاقساقتۆمۈر ئۇرۇشتا ئولجا ئالغان ھېسابسىز ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى قايتىدىن دۇنياغا كېلىۋاتقان سەمەرقەنتنى بېزەشكە ئىشلىتىپ، ھەيۋەتلىك مەسچىت، مەدرىس، ساراي ۋە چاھارباغلارنى سالدۇرغان. ئەمما بۇ قۇرۇلۇشلار ئىچىدە ئاقساقتۆمۈرنىڭ نەۋرىسى ئۇلۇغبەگ 1417- يىللىرى سالدۇرغان مەسچىتكە يىتىدىغىنى يوق ئىدى.  {* i5 E. d6 N+ l

& x. m: G/ b7 J; n5 j9 mئاقساقتۆمۈر 1405- يىلى ئۇرۇش سەپىرىدە سىر دەرياسى بويىدىكى ئوترار شەھرىدە ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ ئوغلى شاھرۇھ ئىچكى قالايمىقانچىلىقلارنى ئوڭشىغاندىن كىيىن، 1409- يىلى 15 ياشلىق ئۇلۇغبەگنى سەمەرقەنت شاھى دەپ جاكارلىغان. ئۇلۇغبەگ دېگەن ئەركىلەتمە ئىسىم شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇنىڭ رەسمىي ئىسمى بولۇپ قالغان. ئۇ تەختكە چىققاندىن كېيىن باشقا قەبىلىلەرگە قارشى ئېلىپ بارغان بىر نەچچە قېتىملىق ئۇرۇشلار ئارقىلىق كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئاھۇ- زارى، ئۇلار تارتىۋاتقان ھېسابسىز زۇلۇملارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن. مانا بۇلار ئۇنىڭ بۇ يولدىن قايتىشىغا ۋە ئۇرۇشنى توختىتىپ ئىلمى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىغا تۈرتكە بولغان. ئۇ شۇنىڭدىن باشلاپ ئۆزى ھەۋەس قىلىدىغان ئاسترونومىيە ئىلمىنى قولغا ئېلىپ، رەسەتخانا سالدۇرۇپ، ھاياتىنى ئاسترونومىيە ئىلمىنى يۈكسەلدۈرۈشكە بېغىشلاش قارارىغا كەلگەن ۋە شۇ يولدا ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە تىرىشقان.
4 _/ T5 ?* H! I* {, Y7 A& j" w2 t* ~5 `8 u, e7 G0 l% |# e
ئۇلۇغبەگ شىكار قىلىشقا بەكمۇ ئامراق ئىدى، بوش ۋاقىتلىرىدا يەنە مەيخانا، باغچىلارغا ئوخشاش كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىدا (شەيخ، موللىلارنىڭ يىلى بىلەن ئېيتقاندا «گۇناھ پۇراقلىرى» ئىچىدە) ئۆتكۈزەتتى. ئۇ ئۆزىدىن بۇرۇن ئۆتكەن برونىي، قازىزادە روھىي ۋە غىياسىدىن جەمشىد قاتارلىق ئالىم، ئاسترونوملارنى ئۇستاز تۇتۇپ، نۇرغۇن يىللار تېرىشىش ئارقىلىق ئاخىرى 1018 ھەرىكەتسىز يۇلتۇزنىڭ ھالىتىنى كۆرسىتىدىغان يۇلتۇزلار جەدۋىلىنى تۈزۈپ چىققان. ئۇنىڭ بۇ كەشپىياتى 15- ئەسىردىلا ئەمەس، بەلكى 17- ئەسىردىمۇ ئۆز قىممىتىنى يوقاتماي كەلگەن. شۇڭا ئۇنىڭ يۇلتۇزلار جەدۋىلى 15 يىل ئىچىدە لوندوندا ئۈچ قېتىم (1650-1652- يىللىرى) نەشىر قىلىنغان. بۇ جەدۋەل يەنە 19- ئەسىردە لوندون ئاسترونومىيە كارول جەمئىيىتى تەرىپىدىن قايتا نەشىر قىلىنغان. مانا بۇنىڭدىن بۇ جەدۋەلنىڭ قىممىتىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئۇلۇغبەگ شۇ چاغدا بىر يىلنى 365 كۈن 6 سائەت 10 مىنۇت 8 سېكۇنتقا تەڭ دەپ ھۆكۈم قىلغان ئىدى. ئۇنىڭ بۇ ھۆكۈمى شۇ دەۋرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ناھايىتى زور كەشپىيات ھېسابلىناتتى. ئۇلۇغبەگ سالدۇرغان رەسەتخانا ۋە ئۇنىڭدىكى ئەسۋابلار ناھايىتى چوڭ بولۇپ ، شۇ چاغدا دۇنيادا ئۇنىڭغا تەڭ كەلگۈدەك ھېچقانداق كۆزىتىش ئەسۋابلىرى بولمىغان. بۇ ئەسۋابلارنىڭ تېلېسكوپ كەشىپ قىلىنىشتىن بۇرۇنقى ئوينىغان رولى ئىنتايىن چوڭ بولغان. ئۇلۇغبەگ مانا بۇ رەسەتخانىدا يۇلتۇرلار ھەرىكىتىنى كۆزەتكەن ۋە ئۇلۇغ نەتىجىلەرنى قازانغان ئىدى. لېكىن ئۇلۇغبەگنىڭ بۇ ئىلمىي پائالىيەتلىرى ھەسەتخور شەيخ، موللىلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. چۈنكى ئۇلۇغبەگ دىنىي خۇراپاتلىققا قارشى بولۇپ ، دائىم: «مەن شەيخلەرنىڭ ھېكايىلىرىنى كۆپ ئاڭلىدىم، لېكىن ئۇلار كۆڭۈلدىكىنى تاپالمىدى. بىر سائەتلىك مۇنازىرە 50 يىللىق ئىبادەتتىن ئەۋزەل» دەپ قارايتتى. شۇڭا شەيخ، موللىلار ئۇلۇغبەگنى ئۆزلىرى ئۈچۈن خەۋپلىك دۈشمەن ھېسابلاپ ئۇنى كۆزدىن يوقاتماقچى بولغان. ئۇلار بۇ ئىشتا ئۇلۇغبەگنىڭ چوڭ ئوغلى ئابدۇلىتىپتىن پايدىلانغان. چۈنكى ئۇلۇغبەگ ئابدۇللەتىپنى ياخشى كۆرمەيتتى ۋە ئۇلار ئوتتۇرىسىدا دائىم توقۇنۇشلار بولۇپ تۇراتتى. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇنىڭغا سۈيقەست قىلغۇچى بۇ گۇرۇھ ئىچىدە ئۆز دادىسى ئۇلۇغبەگ تەرىپىدىن جازاغا تارتىلغان سۇلدۇز قەبىلىسىدىن بولغان ئابباس دېگەن ئادەممۇ بار بولۇپ ، ئۇ دائىم دادىسىنىڭ ئۆچىنى ئېلىش ئۈچۈن پەيت كۈتۈپ تۇراتتى. بىر قېتىملىق توقۇنۇشتا ئۇلۇغبەگ ئابدۇللەتىپنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان. مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدىمۇ ئۇ ئىلمىي پائالىيىتىنىڭ ئىستىقبالىدىن ئەنسىرىگەن ۋە بۇ ئىلمىي پائالىيەتنى قانداق داۋاملاشتۇرۇش ئۈستىدە ئويلانغان. ئابدۇللىتىپ ئۇلۇغبەگنى نەزەربەند ئاستىغا ئالغاندىن كېيىن، مەككىگە يولغا سالغان. لېكىن قارا نىيەت ئابباس ئۇلۇغبەگنى ئۆلتۈرۈش سۇيىقەستىنى يوشۇرۇن پىلانلاپ، بۇنىڭغا ئەقىلسىز ئابدۇللەتىپنىمۇ كۆندۈرگەن. 1449- يىلى 10- ئاينىڭ 27- كۈنى ئابباس ئۇلۇغبەگنى ھەج سەپىرىدىن تۇتۇپ كېلىپ، سەمەرقەنتتىن تېرمىزغا بارىدىغان يول بۇيىدىكى كىچىككىنە بىر قىشلاقتا قاتىللىق قىلىچىنى قانغا بويىغان. ئابدۇللىتىپ ئۇلۇغبەگدىن كېيىن پەقەت يېرىم يىلدىن ئوشۇقلا ياشاپ، باشقىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. كېيىن ئۇلۇغبەگنىڭ جەسىتى خەلق تەرىپىدىن ھۆرمەت بىلەن سەمەرقەنتتىكى مەشھۇر گۆرئەمىر قەبرىستانلىقىغا يۆتكەلگەن. ئارخېئولوگ ۋە ئاناتومىيە ئالىملىرى ئۇلۇغبەگنىڭ جەسىتىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، ئۇنىڭ بېشى گەۋدىسىدىن ئاجرالغان دەپ ھۆكۈم چىقارغان.6 C  `0 w3 t5 n5 t0 W/ q& R
' h8 ]/ q7 ?+ e4 e
مەنبەسى:http://izdinix.com/ShowPost.aspx?ThreadID=54860ئىزدە

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى
  • تېخىچە نادىر تېما يازمىغان ئوخشايدۇ ...
مۇناسىۋەتلىك نادىر تېمىلار

0

تېما

7

يازما

137

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
4 سەر
تۆھپە
2 سەر
تىللا
121 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-9-12 20:04:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما,رەھمەت سىزگە
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗