ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 873 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1169|ئىنكاس: 1

سېرىق مەھمۇد مۇھىتىنىڭ چەتئەلگە ھىجرەت قىلىش جەر ...تەييارلىق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

30

تېما

41

يازما

604

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
157 سەر
تۆھپە
147 سەر
تىللا
117 دانە
جەۋھەر
0 دانە
خەۋەر
مەھمۇد مۇھىتىنىڭ چەتئەلگە ھىجرەت قىلىش جەريانى
& b5 @, g% l6 P4 t0 C  _
2 H! X7 {; B$ \! v5 I. B' c
4 ]( F7 p( ~; o3 O" v6 N5 {تارىخقا يېزىلمىغان ئىشلار
1 u9 D- d! ~% g1 H
8 F/ j  I  I1 P7 R4 G, S
9 k% C: [6 q  M. J( h7 w$ W: q* [
1937 –يىلى قەشقەر ، باش ئەتىياز . شېڭ شىسەينىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق – 6 دېۋىزىيىسنىڭ قوماندانى مەھمۇت مۇھىتى ئىشخانىسىدا چىرايلىق بۇرۇتقويغان ئاق يۈزلۈك بىر ئادەم بىلەن سۆ ھبەتلىشىپ ئولتۇراتتى . بۇ ئادەم مەھمۇت مۇﻫىتىنىڭ سۆھبەت ئۈلپىتى ،دېۋىزىيە سىياسىي – قانۇن باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ، تىۋىپ بايئاخۇن ئەزىزى ئىدى . سۆﻫبەت ئۈستىگە ئىشخانا كاتىپى كىرىپ ، قەشقەر گارنىزوندىن بىر ئادەمنىڭ كەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى .# u" g; a' G) v( Q2 l4 \$ L/ R
- نېمە ئىش بىلەن كەپتۇ ، دەپ سورىدى مەھمۇت مۇﻫىتى .. v. F0 P, S- a' O5 M
- نېمە ئىشلىقىنى ماڭا دېمىدى ، سىجاڭنىڭ ئۆزى بىلەن كۆرۇشىمەن ، مۇﻫىم ئىشىم بار دەيدۇ . سىرتتا ساقلاپ تۇرىدۇ .+ B  q' J- K* Z) C# P' l
- مېنى ئالدىراش دېمىدىڭمۇ ؟
' k/ F) g' F+ k4 j- شۇنداق دېدىم سىجاڭ ، گېپىڭ بولسا ماڭا دە ، مەن يەتكۈزۈپ قوياي دېسەم ، ئۇ مۇﻫىم بىر ھۆججەت بار ، سىجاڭنىڭ ئۆزىگە تاپشۇرىمەن ، دەپ تۇرۇۋالدى .
0 a) |$ V7 n9 s1 W, K  E- كىرگۈزىۋەت .8 J' C( L" H; ~! Y( k
كاتىپ چىقىپ كەتتى ، ﻫايال بولماي ، مەﻫمۇت مۇھىتىنىڭ بىر قوغدىغۇچىسى پۇقراچە كىيىنگەن پاكار بويلۇق بىر كىشىنى باشلاپ كىردى . مېھمان گارنىزون سىياسىي باشقارمىسىنىڭ خىزمەت گۇۋاﻫنامىسىنى چىقىرىپ مەﻫمۇت مۇﻫىتىغائۇزاتتى . قوغدىغۇچى ئۇنى سىجاڭغا يەتكۈزۈپ بەردى .
9 M" p3 M& e% M# ^- نېمە ئىش ؟ دېدى سىجاڭ قىسقىلا قىلىپ .5 ]) x) l1 j3 H% S2 [
+ ?0 \3 m' J" a$ U" Y' N
- مەن مەلۇماتنى ئاغزاكى يەتكۈزمەكچى ، بۇ يەردە ئادەملەر تۇرسا بولمايدۇ – دېدى پاكار ئادەم ئەتراپتىكىلەرگە قاراپ .$ J5 d, R0 C) e! v, K$ ]8 ?
* f$ u8 W* C3 n7 N8 d
سىجاڭ ئىشارەت قىلدى ، مۇﻫاپىزەتچى چىقىپ كەتتى .. D+ p+ k/ e1 O9 L/ |- q

, Y3 M2 l6 h, l; @1 H) d8 X- بۇ كىشى .... – دەپ بايئاخۇنغا قارىدى گارنىزون خادىمى .' s) Y# @+ t# z; C7 J# f2 g
- ﻫېچقىسى يوق ، بۇ كىشى مېنىڭ ئۆز ئادىمىم ، گەپنى مەن بىلەن بىللە ئاڭلىسا بولىدۇ . گارنىزون خادىمى سەل ئىككىلەنگەندەك قىلىپ سۆزىنى باشلىدى .$ ]! e& _5 V9 M% T2 @  W- d7 |
, C$ c  T) e, ^$ d
- بىزنىڭ چۇجاڭ جاناپلىرى سىلىگە سالام ئېيتتى ، ئۇنىڭ ئۆزلىرى بىلەن كۆرۈشكىسى بار ئىكەن ، مەن چۇجاڭ جانابلىرىنىڭ مۇش ئۈمىدىنى سىلىگە يەتكۈزگىلى كەلگەن .$ e9 ^* B" O5 H5 a" G: l
1 n% G' B7 z  X1 d% s
- گەپ ئوچۇقراق بولسۇن ، چۇجاڭ جانابلىرى نېمە ۋەجىدىن مەن بىلەن كۆرۈشىدىكەن ، نېمىشقا ئۆزى كەلمىدى ؟* Z/ N' E, q4 y- _' ?9 d3 W
! P5 S6 }; @  N' C6 P( x9 t( l/ y
- چۇجاڭ جانابلىرى سىجاڭنىڭ ئىشلىرىغا بەك كۆڭۈل بۆلىدىكەن ، مۇﻫىم بىر ئىشنى سىلىگە مەلۇم قىلماقچى ئىكەن ، چۇجاڭنىڭ سىلىڭبۇغا كېلىشى بىئەپ ئىكەن ، كۆرۈشۈش ئورنى ۋە ۋاقتىنى بېكىتىپ بەرگەن بولسىلا ، چۇجاڭ جانابلىرى شۇ جايدا سىلى بىلەن دىدارلاشسام دەيدۇ .7 s' J# k4 i& c/ a$ g3 s; Z

5 A! X8 O1 X! S5 }0 Sمەھمۇت مۇﻫىتى جاۋاپ قىلمىدى ، ئۇ ئورنىدىن قوزغالماي جىمجىت ئولتۇراتتى .3 d$ _; ?: V1 W
- [- `! F7 m1 L) j4 G( E9 G
- شۇنداق مۇﻫىم ئىشمىكەن ، بەك ئالدىراشمۇ ؟ دېدى مەﻫمۇت مۇﻫىتى .6 n$ z  F& t) K" J$ S/ f( i# w
5 V: W7 N- j4 h6 z! R
- شۇنداق تەقسىر . بەك مۇھىم ئىش ئىكەن . چۇجاڭ جانابلىرىنىڭ دېيىشىچە ، بۇ ، سىجاڭ جانابلىرىنىڭ ﻫايات – ماماتىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش ئىكەن ، ئۇ كىشى سىلىگە خەيرلىك تىلەيدۇ .+ M( \3 C0 a  s8 q  J

6 t6 b$ e$ J* I4 L% T1 L- ئوبدان ، ئەمىسە گەپ مۇنداق بولسۇن : مانا بۇ كىشى ، دېدى مۇﻫمۇت مۇﻫىتى بايئاخۇننى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ، ئەتە نامازدىگەر بىلەن نامازشام ئارىلىقىدا چۇجاڭنىڭ يېڭىشەﻫەردىكى ئۆيىگە سالامغا بارىدۇ . بارغىچە ﻫېچقانداق ئالاقە گۇۋاﻫنامە بېرىلمەيدۇ . سىجاڭنىڭ نېمەن گېپى بولسا ، مۇشۇ كىشىگە خاتىرجەم دەۋەرسۇن ، بۇ كىشىگە دېيىلگەن گەپ مېنىڭ ئۆزەمگە دېگەنگە ئوخشاش ، يەنە نېمە ئىش بار ؟
2 h2 D/ p$ `+ G1 |# K2 x5 [6 C" a5 q/ ?& v
- باشقا ئىش يوق تەقسىر ، دېدى گارنىزون شتابىنىڭ خادىمى ، ئاندىن بايئاخۇنغا ئوبدان سىنچىلاپ قارىۋالغاندىن كېيىن ئىشخانىدىن چىقىپ كەتتى . ﻫويلىدا مۇنداقلا بىر مەپە يولغا چىقىشقا تەييار تۇراتتى . بايئاخۇن دىگەرنى ئوقۇپ بولۇپ ئۆزىنى تۈزەشتۈرگەندىن كېيىن ، بىسمىللا دەپ ئوڭ پۇتى بىلەن بوسۇغا ئاتلاپ ئۆيدىن چىقتى . سىرتتا پۇقراچە كىيىنگەن ئېگىز بويلۇق بىر مۇھاپىزەتچى بىلەن يەنە ھارۋىكەش ئۇنى مەپە يېنىدا ساقلاپ تۇراتتى . ئۇلار سالاملاشقاندىن كېيىن مۇھاپىزەتچى بايئاخۇننى مەپىگە چىقىرىپ قويۇپ ، ئۆزى مەپىنىڭ ئالدى تەرەپ ئوڭ شوتىسىغا سەكرەپ چىقىپ جايلاشتى ، مەپە يېڭىشەھەر تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى . بۇ كۈنلەردە مەھمۇت مۇھىتى بەكمۇ قىيىن ئەھۋالدا قالغاندى . ئۆلكە دۈبەنى شېڭ شىسەي قەشقەردە تۇرۇۋاتقان قوراللىق كۈچلەرنىڭ باشلىقلىرىدىن خوجانىياز ﻫاجى بىلەن مەﻫمۇت مۇﻫىتىنى يوقىتىشنىڭ كويىغا چۈشكەن بولۇپ ، بىرىنچى قەدەمدە خوجانىياز ﻫاجىنى ئۆلكە مۇئاۋىن رەئىسى نامى بىلەن يۆتكەپ ئېلىپ كەتكەن ، مەﻫمۇت مۇﻫىتى تىزگىنلەپ تۇرۇش ئۈچۈن ليۇ بىڭ دېگەن ئادەمنى قەشقەر گارنىزون قوماندانى قىلىپ تەيىنلەپ ، شۇنىڭغىمۇ خاتىرجەم بولالماي ، مەﻫمۇت سىجاڭنىڭ كۈچىنى ئاجىزلىتىش ئۈچۈن ئۇنىڭ تايانچ كادىرلىرى ، تۈەنجاڭ ،ليەنجاڭلىرىدىن بولۇپ 10 نەچچە كىشىنى مەﻫمۇت سىجاڭنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قويماي ، ئۇگىنىشكە دەپ ئۇرۈمچىگە چاقىرتىۋالغاندى . ئۇنىڭدىن باشقا شېڭ شىسەي يەنە قەشقەر شەﻫىرى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ساقچى ئورۇنلىرىنىئىگىلەپ ، كەڭ ئىشپىيونلۇق تورى ئارقىلىق مەﻫمۇت سىجاڭ ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنى قاتتىق نازارەت ئاستىغائالغاندى . مەﻫمۇت مۇﻫىتى شېڭ شىسەينىڭ ئۆزىنى يوقىتىش سۇيقەستىنى بىلگەن بولسىمۇ ، لېكىن شېڭ شىسەيگە ئوچۇق قارشى چىقالمايتتى ، چۈنكى سوۋېت ﻫۆكۈمىتى شېڭ شىسەينى قوللايتتى . ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇش ئۇچۈن ،مەﻫمۇت مۇﻫىتى ئەڭ ئىشەنچلىك كىشىلىرى بىلەن مەخپىي مۇزاكىرە ئۆتكۈزگەندە بىرسى يىغىن مەزمۇنىنى قەشقەردىكى گارنىزون قوماندانى ليۇ بىڭغا ۋە سوۋېت كونسۇلىغا يەتكۈزۈپ قويىدۇ . بۇنداق ئىش يەنە ئىككىنچى قېتىم تەكرارلىنىدۇ ، ئىشلار ئۇدۇللۇق شېڭ شىسەيگە مەلۇم بولۇپ تۇرىدۇ ، شۇنىڭدىن كېيىن شېڭ شىسەي مەﻫمۇت مۇﻫىتىنىڭ ئاساسلىق كادىرلىرىدىن يەنە يىگىرمە نەچچە كىشىنى ئۈرۈمچىگە چاقىرتىۋالىدۇ . مۇشۇلارنى ئويلاپ بايئاخۇن ئۆزىنىڭ يېڭىشەﻫەر گارنىزون سياسىي باشقارما باشلىقىنىڭ ئۆيىگە قانداق بېرىپ قالغانلىقىنى تۇيماي قالىدۇ . بايئاخۇن مۇﻫابىزەتچىسىنى سىرتتا قالدۇرۇپ قوبۇلخانىغا مەپىكەش بىلەن بىللە كىردى . مېﻬمانلارنى باشقارما باشلىقىنىڭ كاتىپى – تۈنۈگۈن مەﻫمۇت مۇﻫىتىنىڭ ئىشخانىسىغا بارغان ﻫېلىقى پاكار كىشى ئوچۇق چىراي قارشىئېلىپ بۇ يەرگە باشلاپ كىرگەنىدى.
  |5 q* D; M0 M# ^- مانا بۇ كىشى چۇجاڭ جانابلىرى بولىدۇ ، دەپ تۇنۇشتۇردى ئۇ يېنىدىكى تۈگمىلىرى ياندىن ئېتىلىدىغان ئۇزۇن چاپان كىيگەن ئېگىز بويلۇق تاقىرباش ، قاشلىرى ئۆسكىلەڭ كەلگەن ئورۇق خەنزۇ كىشىنى كۆرسىتىپ . باشقارما باشلىقى ئۇلارنى ئورۇندۇققا تەكلىپ قىلدى ۋە سىجاڭنىڭ ئامانلىقىنى سورىدى . كاتىپ ئارىدىكى گەپلەرنى تەرجىمە قىلىپ تۇردى .
$ Y, e6 |# h7 N  I) C- ﻫەرقايسىلىرى بىلەن كۆرۈشكىنىمدىن بەك خۇرسەنمەن ، دېدى باشقارما باشلىقى ۋە مەپىكەشنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ، بۇ كىشى كىم بولىدۇ ، دەپ سورىدى .
+ F* N( X" j) u' d- بۇ كىشى تۇڭچى بولىدۇ ، دېدى بايئاخۇن .9 k+ S/ z; _  b+ c4 T
بۇ «تۇڭچى» ئەسلىدە ئۆلۈم جازاسىغا ﻫۆكۈم قىلىنىپ تۈرمىدە ياتقان جىنايەتچى بولۇپ ، ئۇستا تىلماچ ئىدى . مەﻫمۇت مۇﻫىتى بۈگۈن ئۇنى بايئاخۇنغا «مەپىكەش» قىلىپ قوشۇپ بەرگەندى .
% O. s# h$ `4 L+ `7 W: A/ |1 C- بۇ كىشى چىقىپ كەتسۇن ، بىز ئىككىمىز يالغۇز سۆزلىشىمىز ، بۇ كىشىمۇ چىقىپ كېتىدۇ ، دەپ ئۆزىنىڭ تەرجىمانىنى كۆرسەتتى .
$ g; h* Q) }3 y" ]+ Y  d# z# v, I$ [# x) F
- مەن سېنىڭ سۆزۈڭنى بىلمەيمەن ، دېدى بايئاخۇن .$ A; }/ D3 a" X) o
9 n9 E# V' D" j  q. G) q. E
- مەن سېنىڭ سۆزۈڭنى بىلىمەن ، دېدى باشقارما باشلىقى ئۇيغۇرچە ئوبدانلا تەلەپپۇز بىلەن ، ئۇ ئۆزىنىڭ تەرجىمانىغا ئىما قىلغاندى ، كاتىپ بايئاخۇننىڭ تۇڭچىسىنى باشلاپ چىقىپ كەتتى . ئىككەيلەن يالغۇز قالغاندىن كېيىن ئۆي ئىچى سىرلىق جىمجىتلىققا چۆكتى . ئەمدى ئۇلار تەرجىمانسىز سۆزلەشتى ، باشقارما باشلىقىنىڭ سۆزى ئانچە راۋان بولمىسىمۇ ، مەزمۇنى ئېنىق ئىدى .
  {( I: I, \6 ?2 \' u" @. x2 R# F
- ﻫازىر مەﻫمۇت سىجاڭغا يامان بولدى ، دەپ سۆز باشلىدى باشقارما باشلىقى تاقىر بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ .  b4 Y$ {  J7 m+ ?; j$ h  p, l

( R& y, H, E5 ?- بۇ قانداق گەپ ؟ !' N% Y) N; i" X7 l* p- g& [( {
( L8 w- d8 X+ k, l) ]
سىجاڭنىڭ يېنىدا ئىشپىيون بەك كۆپ ، شېڭ دۇبەن بوش ئادەم ئەمەس ، ئۇ سىلەرنىڭ سىلىڭبۇغا نۇرغۇن - ئىشپيون قويدى . سەن بۇنى بىلەمسەن ؟0 E- S9 P$ }% _, n! [3 Z

  R/ z6 I- w1 p* \- بۇنى بىز بىلىمىز .5 I5 h: b  a( M. t; M$ {! I; [
' X% Z$ ]1 m1 O& n# H
- ﻫەي ... شۇنداق ، سەن بىلىسەن ، لېكىن كىم ئىشپىيون بۇنى بىلەمسەن ؟1 F4 b/ @3 U& h! }1 z& P: V# }1 l
- بۇنى سەن بىلەمسەن؟: P" c3 o1 J5 f! V& A7 D
) p3 s9 `- q& ]9 h; l
مەن ئوبدان بىلىمەن . گەپ مانا مۇشۇ يەردە . ئۇ يەردىكى ئىشپيونلارنى مەن سىجاڭغا ئېيتىپ بەرسەم - بولامدۇ ؟1 f( O5 V% K: t4 ?' h" J7 s
5 ?% v' H5 ^9 X2 t4 M, S  s2 U8 W! E
بايئاخۇن سەل تۇرۇپ قالدى – يۇ ، ئۆزىدىكى ئەجەپلىنىشنى چاندۇرماسلىققا تىرىشىپ :2 x  F0 J. x6 E' G& v) @" N/ V$ t
* ]0 ]) \/ D9 [$ f9 r6 q" X2 j# j
- سەن نېمىشقا ئىشپيونلارنى سىجاڭغا دەپ بېرىسەن ؟ سەن توغرا دېمەيسەن ، بىز ئىشەنمەيمىز، دېدى ئاخىر .. K8 F$ g" y+ U, \$ S: E

: F8 Q: y/ j  x( S; C% z# Dراست دېمەيسەن ، ئەگەر مەن ئىشپىيونلارنى ئېيتىپ بەرسەم سىجاڭ گېپىمگە ئىشەنمەيدۇ . ﻫازىر مەندە - دۇبەن ئەۋەتكەن بىر مەخپىي ئالاقە بار ، بۇ دۇبەن ئۆزى قول قويغان ئىشپيونلار تىزىملىكى ، مەن شۇنى سىجاڭغا بەرمەكچى ،قانداق بولامدا ؟ چۇجاڭ سەل تۇرۇۋالغاندىن كېيىن : ئەﻫۋال سىلەر ئويلىغاندىن كۆپ ئېغىر ، دەپ قوشۇپ قويدى .
. C& C5 Y  R/ P  w* v2 p8 Vبۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ بايئاخۇن سەل ئويلىنىپ قالدى .3 N3 Q' B6 L7 w
  S9 {$ R; j5 g6 c* L- k
- سەن كىمنىڭ ئادىمى ؟ بايئاخۇن .
$ Y* f9 e. ]9 T( \, g; T
- J: b* b* O5 X; I% N* \, O& n- مەن شېڭ دۇبەننىڭ ئادىمى ، ﻫۇشۇم جايىمدا ، سىلەر ئۈچۈن ئىشلىمەيمەن ، لېكىن تىزىملىكنى بېرىشتە مېنىڭ ئالاﻫىدە بىر شەرتىم بار ، سىجاڭ بۇنى چوقۇم ئورۇنداپ بېرىشى كېرەك .
* h4 `1 v2 e8 ~; W3 }) d
$ u- l: i+ [5 I- ئۇ قانداق شەرت؟/ T  v  [" p, @" o2 u

' m: z) q' p# ^- سىجاڭ شەﻫەرلىك پوچتا ئىدارىسىنىڭ جۈيجاڭىنى ئۆلۈمگە ﻫۆكۈم قىلىپ بېرىدۇ . بايئاخۇن كەينى – كەينىدىن چىقىۋاتقان بۇ يوچۇن گەپلەرنى ئاڭلاپ ئۆزىنى تېخىمۇ تەمكىن تۇتۇشقا تىرىشتى .
3 c- D6 A! j- l5 h+ w0 f
9 S' C+ i: q, B( X2 L. G- ئۇ قانداق ئادەم ، نېمىشقا ئۆلۈمگە ﻫۆكۈم قىلىنىدۇ ؟
8 y7 f: S6 U* Y: a8 b3 A( T! n- Z( z3 ?! h3 {0 L# e: e  C, ~
- جۈيجاڭ ياخشى ئادەم، لېكىن ئۇ ئۆلسە ئۇنىڭ خوتۇنىنى مەن ئالىمەن .
$ d5 u* Y# f1 `3 g' s
" x) v. p1 {, |6 I5 X, N0 ]- ياخشى ئادەمگە ئۇۋال بولغۇدەك ، بولمايدۇ ، باشقا شەرتىڭ بولسا دە ، بىز ئورۇندايلى .; i" ^# {" q" P! X, W
' O4 g  Z. t+ w6 W
باشقا شەرتىم يوق ، سەن بىر ياخشى نىيەتلىك مۇسۇلمان ، چىرايىڭدىن نۇر يېغىپ تۇرۇپتۇ ، مەن بىلىمەن - ،باشقىلارغا ئۇۋال بولىدىغان ئىشنى سەن قىلمايسەن ، لېكىن ئەﻫۋال مۇشۇ يەرگە يەتكەندىمۇ ئارىسالدى بولىدىغان ئىش بولسا ، بولۇنغان گەپ مۇشۇ يەردە قالسۇن ، مەن ساڭا يەنە شۇنى دەي :- g7 k8 q: s$ t$ o) N
* m- V! a- L5 r+ \" f4 \; r
جۈيجاڭنىڭ راستىنلا ئۆلۈمگە لايىق جىنايىتى بار، مەن ئۇنى ئۆزەم توغرىلاپ قويدۇم ، سىجاڭ پەقەت ﻫۆكۈمنى ئىجرا قىلىپ بەرسىلا بولدى . سىلەرگە ﻫېچقانداق ئاۋارىچىلىق يوق .
) [4 t2 |, n8 V9 {! f$ h: G6 L2 N: c& x) l; k. G9 x0 \
- قولۇڭدىكى ﻫۆججەتنى قاچان بېرىسەن ؟ دېدى بايئاخۇن ، سەل ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن .5 A! n! S/ F; {5 L0 s7 r. U
5 q" o( ^' L5 Y* p; C0 d
- ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىپ بولغاندا .
! `* x9 b! F, `" B3 K; N. W: S' N* |8 D: V+ S( B6 q
- سېنىڭ گېپىڭگە قانداق ئىشىنىمىز ؟3 H. _2 }$ C6 j/ l% T1 t
* K( T# \7 q, G. \: @8 C
- ئەگەر سىجاڭ مەسلىﻬەتىمگە كۆنسە قالغان ئىشنى شۇ چاغدا دېيشەيلى ، گەپ مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن ، دەپ چۇجاڭ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى . بايئاخۇن ئەزىزى مېڭىشقا تەمشەلدى .! `' x3 R, W, q+ n! d

/ W) C' z6 \' D4 E8 {( B3 _5 S" X/ qكېيىنكى قېتىملىق سۆﻫبەت ئەتىسى – 6 دېۋىزىيە شتابىغا يېقىن بىر جايدىكى بىر يەرلىك كىشىنىڭ مېﻬمانخانىسىدا بولدى . بۇ قېتىمقى سۆﻫبەتكە بايئاخۇن ئەزىزى يالغۇز ئۆزى باردى . سۆﻫبەتتە چۇجاڭنىڭ تەلىپى ئورۇندىلىدىغان بولدى .
3 f5 ^3 G4 N+ @- ]1 h! u2 Z- پوچتا ئىدارىسىنىڭ جۈيجاڭى دۆلەت مەخپىيەتلىكى جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىدۇ ، دېدى چۇجاڭ بايئاخۇنغا  چۈشەندۈرۇپ ، مەن سىلەرگە بەرمەكچى بولغان ﻫۆججەت مۇشۇ ئاينىڭ – 7 كۈنى پوچتا ئىدارىسىغا يېتىپ كەلگەن ، ئۇنى پوچتا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئۆزى قول قويۇپ ئالغان . ئەتىسى – 8 چىسلا مەن ئۇنى پوچتا ئىدارىسى باشلىقىنىڭ ئۆز قولىدىن ئالدىم . لېكىن خەت – ئالاقە تىزىملىك دەپتىرىگە قول قويمىدىم . جۇيجاڭ ئەمدى ﻫۆججەتنى ماڭا بەرگەنلىكىنى ئىسپاتلىيالمايدۇ . ئۇ دۇبەننىڭ قەتئىي مەخپىي ﻫۆججىتىنى يوقاتقان بولىدۇ ، بۇ جىنايەت ئۆلۈم جازاسىغا تولۇق توشىدۇ . مېنىڭ ﻫۆججەتنى سىلەرگە تاپشۇرۇش ئىشىغا كەلسەك ، سوراق كۈنى مېنى گۇۋاﻫلىققا چاقىرتىسىلەر ، سوراقتىن كېيىن مېنى گۆرۈ ئورنىدا تۇتۇپ قالسىلەر . كاتىپ ﻫۆججەتنى ئېلىپ كېلىپ مېنى قايتۇرۇپ كېتىدۇ .3 K4 w4 F* O: i
– 2 قېتىملىق سۆﻫبەت تۈگىدى . سۆﻫبەت ئاخىرلىشىپ جىددىي تەييارلىقتىن كېيىن شۇ كۈنى كېچىسى دېۋىزىيە ﻫەربىي سوتى سوت يىغىنى ئاچتى . سوتتا پوچتا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى خەت – ئالاقە ئىشلىرىنىڭ راۋانلىقىنى ئېيتىپ ، – 7 چىسلادىكى ﻫۆججەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك كىشىگە يەتكۈزۈلگەنلىكىدە چىڭ تۇردى . گۇۋاﻫلىققا چۇجاڭ چاقىرتىلدى
3 E9 X; B% i0 U, @$ d4 O( A5 h! c
، مەخپىي ﻫۆججەتلەر تىزىملىك كەلتۈرۈلدى ، پوچتا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى – 8 چىسلا كۈنىدىكى چىقىش خاتىرىسىگە قول قويۇلمىغانلىقىنى كۆرگەندە بىردىن تاتىرىپ ئوڭدىسىغا ئۇچۇپ كەتتى .8 L7 I" ~! t! h7 m% \
سوت ئاخىرلاشتى ، سوتتا پوچتا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساتقان جىنايىتى ئۇچۈن ئۆلۈم جازاسىغا ﻫۆكۈم قىلىندى . ئەتىسى ئەتىگەندە سوتنىڭ ﻫۆكۈمى يېزىلغان ئېلان كوچىغا چاپلىنىپ سائەت 10 لاردا ئىجرا قىلىندى . ئۇزۇن ئۆتمەي سىياسىي باشقارما كاتىبى مەخپىي ﻫۆججەتنى ئېلىپ كېلىپ ، چۇجاڭنى ئېلىپ كەتتى . پوچتا ئىدارىسىنىڭ باشلىقىغا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىۋاتقان شۇ چاغدا ئۈچ كىشى قەشقەردىن تۇرپانغا قاراپ يولغا چىققاندى ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى ئۇيغۇرچە ياساندۇرۇلغان خەنزۇ كىشى بولۇپ ، بېشىغا تاشلانمىغان ئۆرە تېرە تۇماق ، ئۈستىگە ئۇزۇن چەكمەن چاپان كىيدۈرۇلۇپ ، بېلىگە پوتا باغلاپ قويۇلغان ، گازىر كۆز ، ساقاللىق بۇ كىشى جېنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئىچكىرىگە كېتىشكە رازى بولغان پوچتا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئىدى . سىلىڭبۇ ئۇنىڭغا يېتەرلىك يول خىراجەت بېرىپ ، ئۇنىڭ توقسۇنغا بىخەتەر بېرىۋېلىشى ئىككى ئادەمنى قوشۇپ بەرگەندى . جازا مەيدانىدا ئېتىۋېتىلگەن كىشى بايئاخۇن بىلەن چۇجاڭنىڭ ئۆيىگە مەپە ﻫەيدەپ بارغان ، ئەمدىلىكتە پوچتا ئىدارىسى باشلىقىنىڭ كىيىمىنى كىيگەن ﻫېلىقى تىلماچ ئىدى .9 ^4 m. ?4 k3 \
مەﻫمۇت سىجاڭ ﻫۆججەتنى ئېچىپ ئوقۇپ ، ﻫۆججەتتە يېزىلغانلارغا ئىشىنەلمەي قالدى . ﻫۆججەتكە شېڭ شىسەينىڭ ئۆز ئىمزاسى قويۇلغان بولۇپ ، مەﻫمۇت مۇﻫىتىنىڭ ئۈرۈمچىگە ئۈگىنىشكە بارغان بىر قىسىم مۇﻫىم ئادەملىرىنىڭ ئىسمى يېزىلغان ﻫەمدە ئۇلارنىڭ ئۆلكىلىك ﻫۆكۈمەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقى ، قەشقەر گارنىزون سىياسىي باشقارمىسىنىڭ ئۇلارنىڭ خىزمەتلىرىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىشى ۋە ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل بولۇشى ئۇقتۇرۇلغاندى .
8 F( i! K3 h+ N# J7 Bمۇشۇ ئىشتىن كېيىن مەﻫمۇت مۇﻫىتى دېۋىزىيە شتابىدا بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلارنى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل يۈرگۈزۈشكە ئىمكانىيەت قالمىغانلىقىنى تولۇق تونۇپ يەتكەندى . قانداق قىلىش كېرەك ! ئەمدىلىكتە ئۇنىڭ ئالدىدا ئىككى يول تۇراتتى ، بىرى ، جاننى تىكىپ قويۇپ ئىشەنچ بولمىغان جەڭگە ئاتلىنىپ قان تۆكۈش ؛ يەنە بىرى پەشنى قېقىپ چەتكە چىقىپ كېتىش . ئۇنىڭ كۆڭلى كېيىنكى تەدبىرنى تارتىپ تۇرسىمۇ ، لېكىن ئۆزىنى كېچە – كۈندۈز پايلاپ تۇرغان گارنىزون قوماندانى ليۇ بىڭنى قانداق ئازغاشتۇرۇپ قەشقەردىن چىقىپ كېتىش بىر مەسىلە ئىدى .. |% C! j; `) o7 w+ M5 R% @
قەشقەر گارنىزون قوماندانى ليۇ بىڭ قەشقەر يېڭىشەﻫەر سېپىلى ئىچىدىكى گارنىزون شتابىنىڭ ﻫويلىسىدا ئۆزى يالغۇز ئەتىگەنلىك ﻫەربىي مەشىق چامباشچىلىق ﻫەركەتلىرىنى قىلىۋاتاتتى . سېپىل ئىچىدىكى قاراۋۇللارنىڭ شۇ كۈنلۈك نۆۋەتچى باشلىقى ليۇ بىڭنىڭ ئالدىغا ئالدىراپ يېتىپ كەلدى .7 u+ R$ P: `. D$ K, r, @; E
- دوكلات قوماندان ، دېدى نۆۋەتچى پۇتلىرىنى جۈپلەپ ﻫەربىيچە سالام بېرىپ ، سېپىل ئۈستىدىكى قاراۋۇللار  دۇربۇندا 40 – 30 ئادەمنىڭ كونىشەﻫەر تەرەپتىن بىز تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ ، مەن قاراپ باقسام ئۇلار – 6 دېۋىزىيىنىڭ ئەسكەرلىرىدەك تۇرىدۇ .
0 m! ~; j9 `% }( T
7 t: l& Z" Y- l1 L9 v3 B- ئۇلار قانچىلىك يىراقلىقتا ؟ دېدى قوماندان .
& i7 |9 z1 n, w8 _
+ B9 U  i6 N# p. K* ]+ M- مۆلچەرىمچە ئۇلار ﻫازىر بەش يول يىراقلىقتا بولسا كېرەك .* S$ y- z. f' s# V
# B/ j' u/ D3 d. C6 I: B
ئۇنىڭغىچە يەنە بىر ئوفىتسېر يۈگۈرۈپ كەلدى .  }$ A8 t. j' C6 E
% H9 y8 B, j& Z" L2 T
دوكلات ، دېدى ئۇ ، ﻫاسىراپ ﻫۆمۈدەپ تۇرۇپ ، كوناشەﻫەردىن كېلىۋاتقان ئاتلىقلارنىڭ ئالدىدىكى - مەﻫمۇت سىجاڭ ئىكەن ، ئۇنى تونۇۋالدۇق .
3 Z+ K/ N7 e+ `. G, D; d4 g# Y  m$ ?
- ئېنىق كۆردۈڭمۇ ؟& W) C3 H/ h5 H; H

) _2 T9 k5 m8 [- شۇنداق ، قوماندان مەن ئۇنى ۋە ئۇنىڭ مىنگەن ئېتىنى ئوبدان تونۇيمەن .! U& |) i+ f9 O2 w9 g/ i

+ H4 d1 U' N: B& p9 w, K- T& Oليۇ بىڭ سەل جىددىيلەشكەندەك بولۇپ دەرﻫال ئۆزىنى ئوڭشىۋالدى .
3 A* C. B5 t0 Y7 B# ?& e. y) I6 Y* X0 t! n/ F! i' O
بۇيرۇق ! – ليۇ بىڭ ئالدىدىكى ئىككى ئوفىتسېرغا قاراپ : سېپىل ئۈستىدىكى قاراۋۇللار ﻫەسسىلەپ - كۆپەيتىلسۇن، سېپىل ئىچى جىددىي ﻫالەتكە ئۆتسۇن !
3 M; [5 n( P9 e" O2 z& S" x/ G! g0 zئاتلىقلار سېپىلغا يېقىنلاشقاندا ليۇ بىڭ رەسمىي ﻫەربىي كىيىم بىلەن بىرنەچچە ئادەمنى ئۆزىگە ﻫەمراﻫ قىلىپ ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقتى . ليۇ بىڭ بىلەن ئاتلىقلار يۈزمۇ – يۈز ئۇدۇللاشتى .
: g  L) F2 I3 z) Z5 f/ ^' V
9 l' E* N. z* [" S9 Hسىجاڭ جانابلىرى ئامان بولغاي ، دېدى ليۇ بىڭ ئوچۇق چىراي بىلەن كۈلۈپ تۇرۇپ ، مۇبارەك - قەدەملىرىنىڭ بۇ يەرگە يېتىپ كېلىشىدىن خەۋەرسىز قاپتىمىز ، ئالدىلىرىغا چىقالمىدۇق ، كەچۈرگەيلا .7 x$ M) ?- X2 c9 z) x9 z" j' j
9 s  T$ {  T3 o4 ~3 T+ H& c- l, O
ئۇنداق بولامدىغان ، ئەتىگەندە قومانداننىڭ ئارامىنى بۇزۇپ ، جانابلىرىنى مالال قىلىپتىمىز ، ئالدىلىرىدا - خىجىلمەن ، دېدى – مەﻫمۇت مۇﻫىتى ئاتتىن چۈشۈپ تەكەللۇپ بىلەن : ئۇزۇندىن بۇيان يەپ يېتىپ ﻫورۇنلىشىپ قالدۇق ، ﻫاۋا يېگەچ ئەتىگەنلىك چىنىقىشقا چىققان ، جاناپلىرى بەﻫوزۇر ئارام ئالغاي ، دەپ مەﻫمۇت مۇﻫىتى. قولىنى كۆكسىگە قويدى ؛ ئاندىن ئاتقا يەڭگىل مىنىپ ﻫەمراﻫلىرى بىلەن سېپىل ياقىلاپ سەﻫرا تەرەپكە يۈرۈپكەتتى .
. b' x& M* t' ?+ h8 {$ a7 w% @: oگارنىزون قوماندانى ليۇ بىڭ ئاتلىقلارنىڭ كەينىدىن ئۇزۇنغىچە قاراپ تۇرۇپ قالدى ، ئۇلارنىڭ ﻫەرىكىتىنى كۈزىتىش ئۈچۈن كەينىگە ئادەم قويدى . ئاتلىقلار يېزا يوللىرى بىلەن ئاتلىرىنى تەكشى يورغىلىتىپ خېچىرچىغىچە بارغاندىن كېيىن ، ئۆستەڭ بويىدا ئاتتىن چۈشۈپ يۈز – كۆزلىرىنى يۇيۇپ ئازراق دەم ئېلىشتى ، ئاندىن يەنە ئاتلىق كەينىگە قايتىپ سېپىل تۈۋىدىن ئۆتتى ، ئۇلار كەلگەن يولى بىلەن ئۇدۇل شەﻫەرگە كىرىپ كەتتى .& W( p0 D) a2 i7 F
شۇ كۈندىن باشلاپ ئەتىگەنلىك چىنىقىش ﻫەر كۈنى ئۆز قەرەلىدە بولۇپ تۇردى ، چىنىقىش بەزى كۈنلىرى پىيادە ،بەزى كۈنلىرى بولسا ئاتلىق ئېلىپ بېرىلاتتى . پىيادە بولغان كۈنلىرى مەﻫمۇت مۇﻫىتى ئادەملىرى بىلەن ﻫەزىرەتكىچە ياكى مىراخۋاشتامغىچە پىيادە بېرىپ كېلەتتى . ئاتلىق بولغان كۈنلىرى ئوخشاش بىر يول بىلەن سېپىل تۈۋىدىن ئۆتۈپ ، خېچىرچىغىچە بېرىپ ياناتتى . ئاتلىقلار بېرىپ قايتىشتا ﻫەر قېتىم سېپىل تۈۋىدىن ئۆتكەندە قاراۋۇللار بىر قېتىم جىددىيلەشتى . كۈنلەر ئۆتكەنچە بۇنداق جىددىيلىشىشمۇ پەسلەپ باردى .( Z5 ~1 V+ f/ f% T5 q4 m) b
بىر كۈنى مەﻫمۇت مۇﻫىتى شېڭ شىسەينىڭ تېلېگراممىسىنى تاپشۇرۇپ ئالدى . تېلېگراممىدا مەﻫمۇت سىجاڭنىڭ ئۆلكە بويىچە ئېچىلىدىغان يىغىننىڭ تەييارلىق كېڭەش ئىشلىرى ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە كېلىشى ئۇقتۇرۇلغاندى . مەﻫمۇت مۇﻫىتى بۇنىڭ ئۆزىگە قويۇلغان قىلتاق ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرۈپ يەتتى .
, \; n7 F& z, rمەﻫمۇت مۇﻫىتى شېڭ دۇبەنگە جاۋاپ تېلېگرامما يازدى ، تېلېگراممىدا مۇنداق دېيىلدى : « مۆﻫتىرەم شېڭ دۇبەن جانابلىرى ، كەمىنە مەن ئۆزەمنىڭ يىغىن تەييارلىق ئىشى ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە بېرىش ﻫەققىدىكى تېلېگراممىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم . ﻫازىر قەشقەردىكى ﻫەربىي قىسىمنىڭ ئىچى ئانچىلا تىنچ ئەمەس . بىر قىسىم جاﻫىل ئوفىتسېر ۋە ئەسكەرلەر بويۇنتاۋلىق نەسىﻬەتنى قۇلاققا ئالماي ، جاﻫاننى مالىمان قىلىش كويىدا بولۇۋاتىدۇ ، ئۇلارنى نىيىتىدىن ياندۇرۇش ، ﻫەربىي ئىنتىزامنى چىڭىتىش بىلەن كەمىنەنىڭ قولى بوشىمايۋاتىدۇ . مەن يوق مەزگىلدە نادانلارنىڭ ئىش تېرىپ ئاۋامنى پاراكەندە قىلىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەپ تۇرۇۋاتىمەن ، شۇڭا مەسلىﻬەت ئىشى ئۈچۈن ﻫازىرچە ئاغام موسۇل ﻫاجى ﻫوزۇرلىرىغا بارىدۇ . بۇ يەردىكى ئىشلار ئىزىغا چۈشكەندىن كېيىن ئۆزۈم قوبۇللىرىغا بارىمەن . » دېمىسىمۇ شۇ مەزگىللەردە  6- دېۋىزىيە ئىچىدىكى بىر قىسىملارنىڭ قوزغىلىپ جەڭ بىلەن ئىشنى ﻫەل قىلىش نىيىتىدە بولۇۋاتقانلىقىنى شېڭ شىسەي بىلەتتى . ئەگەر سوۋېت ئىتتىپاقى ئارقا تېرەك بولمىسا بۇنىڭغا بەرداشلىق بېرىشكە شېڭ شىسەينىڭ كۆزى يەتمەيتتى . شۇڭا شېڭ شىسەي مەﻫمۇت سىجاڭنىڭ تېلېگراممىسىغا باشقىچە پىكىردە بولدى .
( q, |4 D9 o1 q3 b% S+ Y" z! T3 ]' X9 ~* Cئېيتىشلارغا قارىغاندا ، موسۇل ﻫاجى ئۈرۈمچىگە يېتىپ بارغاندا شېڭ شىسەي ﻫاجىمنى ئىززەت – ئېكرام بىلەن قارشى ئېلىپ ئۇنىڭ بىلەن ئۈچ كېچە – كۈندۈز سۆﻫبەت قىلغانىكەن . سۆﻫبەت جەريانىدا موسۇل ﻫاجى باشتىن – ئاخىر بېشىنى تۆۋەن سېلىپ بىر ئېغىزمۇ سۆز قىلماي جىمجىت ئولتۇرۇپتۇ ، ئۇ پەقەت تايىنىپ ئولتۇرغان ﻫاسىسىنىڭ ئۇچىنى تاختايلىق پولغا توك – توك ئۇرۇپ قويىدىكەن . 3–كۈنى شېڭ شىسەي تەكەللەپنى قويۇپ :
& Z' l( A3 j  `0 j% [- ﻫاجىم، ئۈچ كۈن بولدى ، بولۇنغان گەپلەرگە بىر ئېغىزمۇ جاۋاپ قىلمىدى . مېنىڭ گېپىمنى چۈشەنگەنمىدۇ ؟ دەپتۇ . موسۇل ﻫاجى : يىغىپ كەلگەندە ، دەپ ﻫاسىسىنى يەنە بىر قېتىم توك – توك ئۇرۇپ قويۇپ : مۇشۇ زىمىننىڭ ئىشى ئىكەن ، دەپتۇ .( a% l% P9 N) `; ]7 O+ l1 M& k
شۇنىڭدىن كېيىن دۇبەن ﻫېچقانداق سۆز قىلماپتۇ ، سۆﻫبەتمۇ ئاياقلىشىپتۇ موسۇل ﻫاجىنى شېڭ شىسەي تەمىرات ( قۇرۇلۇش ) نازارىتىنىڭ نازىرى مەنسىپى بىلەن ئۈرۈمچىدە تۇتۇپ قاپتۇ . ئۇزۇن ئۆتمەي مەﻫمۇت مۇﻫىتى شېڭ شىسەيگە مۇنداق مەزمۇندا يەنە بىر تېلېگرامما يازدى : « ﻫازىر قەشقەردىكى ﻫەربىي قىسىملارنىڭ ئىچى بىر قەدەر تىنچلاندى . كەمىنە مەن دۇبەن جانابلىرى بىلەن دىدارلىشىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە بېرىشقا تەرەددۈتلەندىم ، شۇندىمۇ ئەمدىلا تەرتىپكە چۈشكەن ﻫەربىي ئىچىنىڭ تىنچلىقىغا ئوبدان كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ، مەن يوق مەزگىللەردە ﻫەربىي ئىچىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق كىشى ئاغام موسۇل ﻫاجىمنىڭ قەشقەردە تۇرۇپ بەرمىكى زۆزۈردەك تۇرىدۇ . موسۇل ﻫاجىم قەشقەرگە يېتىپ كەلگەن ﻫامان پېقىر يولغا چىقىدىغانلىقىمنى جانابلىرىغا مەلۇم قىلىمەن .» مەﻫمۇت مۇﻫىتىنى ئۈرۈمچىگە ئەكىلىش ئۈچۈن شېڭ شىسەي ئۇزۇندىن بېرى كۆزلەپ كېلىۋاتقان ، ئۇنىڭ ئۈچۈن بەكمۇ مۇﻫىم ئىش ئىدى . شېڭ شىسەي ئىشنى ئاسانراق ﻫەل قىلىشنى ئويلايتتى ، ئۇ سەل گۇمانلانغان بولسىمۇ ،موسۇل ﻫاجىنى دەرﻫال قەشقەرگە يولغا سېلىۋەتتى .+ B- ?+ e* [# a  M0 K. R
1937–يىل 4–ئاينىڭ 8–كۈنىدىكى ئەتىگەنلىك چىنىقىشتا مەﻫمۇت مۇﻫىتىغا يېڭىدىن موسۇل ﻫاجى ﻫەمراﻫ بولدى . ئۇلار سېپىل تۈۋىدىن ئۆتكەندە سېپىل ئۈستىدىكى ئەسكەرلەر ئۆز جايلىرىدا مىلتىقلىرىنى قولتۇقلىشىپ ئەسنەپ ئولتۇرۇشاتتى . ئاتلىقلارنىڭ مەشىقتىن قايتقان – قايتمىغانلىقى بىلەنمۇ ﻫېچكىمنىڭ كارى بولمىدى . ئاتلىقلار شۇ ماڭغانچە يېڭىسارغا يېتىپ بارغاندىلا ئاندىن ئۇلارنىڭ مەشىقتىن قايتمىغانلىقى مەلۇم بولدى . مەﻫمۇت مۇﻫىتى يېڭىساردا ئۇ يەردە تۇرۇۋاتقان ئىشەنچلىك ئادىمى غوپۇر تۈەنجاڭ بىلەن كۆرۈشكەندىلا ، ئاندىن ئۆز ئىشلىرىدىن خاتىرجەم بولغان ﻫەمدە ئۇ يەردىن يەكەنگە بېرىپ ﻫىندىستانغا ئۆتۈپ كەتكەن .2 h: s, |! j* l* J2 F4 t1 w+ ?
مەن كۆرگەن ماتىرىياللاردا مەﻫمۇت مۇﻫىتىنىڭ قەشقەردىن چىقىپ كەتكەن كۈنى – 4 ئاينىڭ –4 -كۈنى دېيىلگەن ،ماڭا سۆزلەپ بەرگۈچىلەر بۇ كۈننى قەشقەرنىڭ بازار كۈنى ئىدى دەيدۇ . ئاتلىقلار يولدا قەشقەر شەﻫىرىگە كىرىۋاتقان نۇرغۇن بازارچىلارنىڭ مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەن . ئېنىقلىنىشىچە ، قەشقەر شەﻫىرىدە پەيشەنبە كۈنى بازار بولىدىغان بولۇپ ، مەﻫمۇت مۇﻫىتى12 –ئاپرېل ( بايرام ) ﻫارپىسىدا چىقىپ كەتكەنلىكتىن ، شۇ كۈنلەردىكى پەيشەنبە كۈنى كالىندار بويىچە4 –ئاينىڭ – 8 كۈنى( ياكى1 –كۈنى ) بولىدۇ . مەن بۇ ئىشلارنىڭ ﻫېچقايسىسىنىڭ شاﻫىدى ئەمەس ، ئۇ چاغلاردا مەن تېخى دۇنياغا تۆرەلمىگەندىم . ئۈچ ئاغا –ئىنى – موسۇل مۇﻫىتى ، مەخسۇت مۇﻫىتى ، مەﻫمۇت مۇﻫىتىلارنىڭ تۇرپان ئاستانىدىكى قورۇ جايلىرى بىزنىڭ مەﻫەللىدە بولۇپ، بوۋام نىياز ﻫاجى مۇﻫىتىلارنىڭ ۋەﻫپە ئىشلىرىغا ئارىلاشقان . كېيىن بۇ ئىش دادام ئىلياس قارىغا مىراس بولۇپ قالغانكەن ، دادامنىڭ تاغىسى ئابدۇراﻫمان پاقاباش – 1932 يىلىدىكى تۇرپان – قۇمۇل دېﻬقانلار قوزغىلىڭىدا مۇﻫىتىلار بىلەن قەشقەرگە بارغان ﻫەمدە مايور دەرىجىسى بىلەن ئۇلارنىڭ يېنىدا خىزمەت قىلغان . دادامنىڭ ئىنىسى ئەيسا نىياز تۇرپان ۋە قەشقەرلەردە ئىزچىل ﻫالدا مەﻫمۇت مۇﻫىتىنىڭ مۇﻫاپىزەتچىلەر قوشۇنىدا ئەسكەر بولۇپ تاكى – 1935 يىلى تاشكەنتكە ئوقۇشقا ماڭغىچە دېۋىزىيە شتابىدا خىزمەت قىلغان . ئۆزۈم مۇﻫىتىلارنىڭ ئوغۇللىرىدىن ئۈچ كىشى بىلەن ( گەرچە تەڭ دېمەتلىك بولمىساممۇ ) بىۋاستە تونۇشىمەن . مۇشۇنداق مۇناسىۋەتلەر تۈپەيلى ، يىگىت چاغلىرىمدىمۇ يۇقۇرىدا دېيلگەن كىشىلەرنىڭ ئېغىزىدىن قۇمۇل – تۇرپان دېﻬقانلار قوزغىلىڭى ﻫەققىدە ﻫەر خىل سورۇنلاردا پارچە – پۇرات ﻫەر خىل ئىشلارنى ئاڭلىغان بولساممۇ ، ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا ئانچە سەڭگەرمەپتىمەن . يېشىم چوڭىيىپ بىر قىسىم تارىخى كىتاپلارنى ئوقۇپ باقسام ، ئۇلاردا خوجانىيازﻫاجى ، مەﻫمۇت مۇﻫىتىلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم ۋەقەلەر سۆزلىنىپتۇ . كېينرەك تەزكىرە ماتىرىيللىرىنى ئوقۇشقا كىرىشىپ قالدىم . گەرچە بۇ ماتىرىياللاردا نۇرغۇن مەلۇماتلار يېزىلغان بولسىمۇ ، مەﻫمۇت مۇﻫىتىنىڭ چەتكە چىقىپ كېتىشىگە مۇناسىۋەتلىك بىز يۇقۇرىدا بايان قىلغان ئىشلار ﻫەققىدە ﻫېچقانداق ماتىرىيال ئۇچراتمىدىم . بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب ، بۇ ئشلارنى باشقا بىلىدىغان ئادەم يوقمۇ ياكى بۇ ئىشلار يېزى قالدۇرۇش قىممىتىگە ئىگە ئەمەس دەپ قارالغانمۇ ، بۇنىسى ماڭا مەلۇم ئەمەس . مەن بۇ يازمامنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنى چوڭ ئاكام يۈسۈپ ئىلياسقا ئوقۇپ بەرسەم ، ئۇ ، بۇلارنى ئۆزىنىڭ چوڭلاردىن بىرنەچچە قېتىم ئەينەن ئاڭلىغانلىقىنى ئېيتىپ ، يازغانلىرىمنى تەستىقلىدى ، بىر قىسىم مۇﻫىم تۈزىتىش ۋە تولۇقلاش پىكىرلىرىنى بەردى .
. X4 T9 r$ b: T  v0 F  Y) m  e( I  z  E# [* g) I3 Q5 r! w
مەھمۇد ئىلياس ئىدىقۇتلۇق! l5 S  y% V0 h: D3 r; o1 r4 i& Q

" H% \5 T: u* R, g& \4 K1 C( شىنجاڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىدىن ), `  X0 M6 [/ k! R- u
: R6 q9 }" p* I" l
شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى ژورنىلى – 2004 يىللىق – سانىئىزدە

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى
  • تېخىچە نادىر تېما يازمىغان ئوخشايدۇ ...
مۇناسىۋەتلىك نادىر تېمىلار

0

تېما

3

يازما

68

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
2 سەر
تۆھپە
2 سەر
تىللا
60 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-8-5 14:57:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا...توغرا.,..مەن ياقتۇردۇم  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗