3d
- @2 M4 t/ |- h4 d. K2 A9 @! ~
- Y K5 r: Q: j6 w
4 i5 v% t7 G0 ^) ]
" c6 I) Q& D2 N9 p! X4 z: U3 Y
ھەسەن روھانى 1948-يىلى ئىراننىڭ سوئۇرخې (Suoer He) شەھىرىدە تۇغۇلغان، كېيىن شوتلاندىيەدىكى گلاسگوۋ كالېدونىيان ئونىۋېرسىتېتى (Scotland's Glasgow Caledonian University) دە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ھەسەن روھانى ياش ۋاقىتلىرىدىن باشلاپلا دىننى تەتقىق قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، 1979-يىلىدىكى ئىنقىلابتىن بۇرۇنلا ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ھۈمەينى (Khomeini) نى قوللاشقا باشلىغان. ئىگىلىنىشىچە، ئانا تىلى پارس تىلىدىن باشقا، ھەسەن روھانى يەنە ئىنگىلىز تىلى، گىرمان تىلى، فىرانسوز تىلى، روس تىلى ۋە ئەرەب تىلىنى ناھايىتى پۇختا ئىگىلىگەن ئىكەن. ئۇنىڭ يەنە ئەنگىلىيە گلاسگوۋ كارد لىدونىيان ئونىۋېرسىتېتى (University of Glasgow card Liduonian) نىڭ قانۇن پەنلىرى دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى بار ئىكەن.) ]/ L7 _' g# n* ^" | P' I8 W+ n
1979-يىلىدىن كېيىن ھەسەن روھانى ئىران ھۆكۈمىتىدە 10 نەچچە يىل مابەينىدە ئايرىم-ئايرىم ھالدا، 1980-يىلىدىن 2000-يىلىغىچە پارلامىنت ئەزاسى، 1989-يىلىدىن 2005-يىلىغىچە ئالى دۆلەت بىخەتەرلىكى كومىتىتىنىڭ كاتىپى، 1999- يىلىدىن بۇيان «مۇتەخەسسىسلەر يىغىنى» (مەزكۇر ئورگان دىنى زاتلاردىن تەشكىل تاپقان ئەڭ ئالى رەھبەر تاللاپ چىقىدىغان كومىتىت ھىسابلىنىدۇ.) نىڭ ئەزاسى بولۇپ كەلگەن، ھەسەن روھانى ئىران زۇڭتۇڭى بولۇشتىن بۇرۇن يەنە «دۆلەت مەنپەتى كومىتىتى» نىڭ ئەزاسى بولغان بولۇپ، بۇ دەل ئالى رەھبەرلىك ئورنىنىڭ ۋارىسلىق نامزاتى بولۇشنىڭ مۇھىم بىر شەرتى ئىدى، بىراق تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى ھەسەن روھانى مەزكۇر ئالى رەھبەرنىڭ مەسلىھەت كىڭىشىگە تەۋە بولغان ئىستىراتىگىيىلىك تەتقىقات مەركىزىنىڭ رەئىسى بولغان. B7 ], d7 ]9 O) n% ^7 L
ئىراندا ئىسلاھاتچىلار گوروھىغا تەۋە زۇڭتۇڭ خاتامى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىللەردە ھەسەن روھانى 2003-يىلىدىن 2005 -يىلىغىچە بولغان ئارلىقتا ئىران يادرو سۆھبىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى بولغان. بۇ مەزگىلدە روھانى ئوراننى قويۇلدۇرۇشنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە مەسئۇل بولغان بولۇپ، ئوران قويۇلدۇرۇشنى ۋاقىتلىق توختىتىپ غەرب ئەللىرىنىڭ ئىرانغا بولغان بېسىمىنى يىنىكلەتكەن ئىدى. ئىران يادرو پىلانى 2002-يىلىغا كەلگەندە ئاندىن جامائەتچىلىككە ئاشكارلانغان.
8 i6 f* f4 T5 a5 A* Z# {' Oھازىرقى زۇڭتۇڭ ئەھمەدى نىجادقا سېلىشتۇرغاندا، ھەسەن روھانى خەلقئارا مەسىلىلەر جەھەتتە بىر قەدەر مۆتىدىل ئۇسۇلنى قوللىنىشقا ۋەدە بەردى، بۇنىڭ ئىچىدە ھەممە كىشى دىققەت قىلىپ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىران يادرو مەسىلىسىمۇ بار. ھەسەن روھانى گەرچە غەرب ئەللىرىگە قەتئىي باش ئەگمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق يەنىلا خەلقئارا بىلەن يېقىندىن ماسلىشىپ، يېقىن مۇناسىۋەت بەرپا قىلىشنى ۋە شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىرانغا قارىتىۋاتقان ئېغىر ئىمبارگوسىنى ينىكلىتىشنى قولغا كەلتۈرۈشنى قارار قىلغان.
8 @* Q* J0 u% R9 L5 z7 \8 R# `ھەسەن روھانى بۇ قېتىملىق زۇڭتۇڭ سايلىمى مەزگىلىدە ئىسلاھات توغرىسىدا خېلى كۆپ كۆز-قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، يەنى سىياسى جىنايەتچىلەرنى قويۇپ بېرىدىغانلىقى، خەلقنىڭ ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تېلېۋىزىيە نۇتۇقى سۆزلەش جەريانىدا، ئۇ ناھايىتى ئاكتىپلىق بىلەن جەسۇرانىلىق بىلەن ئىراندا چەكلەنگەن بەزى بىر قىسىم مەسىلىلەرنى تىلغا ئالدى، مەسىلەن، دۇنيادىكى كۆپ قىسىم چوڭ دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى قاتماللاشتۇرىۋىتىپ بارغان ئىران يادرو مەسىلىسى، ناھايىتى ئېغىر بولغان خەلقئارا ئىمبارگوسى، دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ يولۇققان قىيىنچىلىقلىرى ۋە شۇنداقلا ئىراننىڭ خەلقئارا جەمئىيەتتىكى ئورنى قاتارلىقلار. ئۇ ئىپادە بىلدۈرۈپ ئىراننىڭ خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا بەل باغلىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ۋەدە بېرىپ ئىراننىڭ كونا رەقىبى ئامېرىكا بىلەن 1979-يىلىدىن بۇيان ئۈزۈلۈپ قالغان دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
& N `; e. ]$ i( T# R% n1 W! x" G! b% t6 b3 b7 D
چۈشۈرۈش
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |