3d
بىر دېھقان قويى بىلەن كالىسىنى سېتىش ئۈچۈن، كالىسىنى يېتىلەپ، ئارقىسىغا قويىنى ئەگەشتۈرۈپ شەھەرگە مېڭىپتۇ، قوينىڭ بوينىغا بىر تال قوڭغۇراق ئېسىقلىق بولۇپ، جىرىڭلاپ تۇرىدىكەن. شۇ ئارىدا دېھقاننىڭ قوي-كالىلىرىغا ئۈچ شېرىك ئوغرىنىڭ كۆزى چۈشۈپ قاپتۇ-دە، ئارىدىن بىرى شېرىكلىرىگە: «مەن ئاشۇ دېھقانغا تۇيدۇرماي، ئۇنىڭ قويىنى ئوغرىلاپ كېلەي» دەپتۇ؛ يەنە بىرى: «ئۇنداقتا، مەن ئۇنىڭ كالىسىنى ئوغرىلاي» دەپتۇ؛ ئەڭ ئاخىرقى بىرىمۇ بوش كەلمەي: «بۇ قانچىلىك ئىشتى، مەن بۇ دېقاننىڭ ئۇچىسىدىكى كىيىم-كېچەكلىرىنىمۇ سالدۇرۇۋالالايمەن» دەپتۇ.) R! Y" ]4 a1 D. F8 V: F
شۇنداق قىلىپ، بىرىنچى ئوغرى دېھقانغا تۇيدۇرماستىن قويغا يېقىنلىشىپ، بوينىدىكى قوڭغۇراقنى يېشىپ، كالىنىڭ قۇيرۇقىغا چىگىپ قويۇپتۇ-دە، قوينى يېتىلەپ كېتىپ قاپتۇ. دېھقان يولنىڭ دوقمۇشىغا ئەگىلىدىغان چاغدا قويىنىڭ يوقلۇقىنى كۆرۈپ، ئىزدەشكە باشلاپتۇ. بۇ چاغدا ئىككىنچى ئوغرى دېھقاننىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن نېمىنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى سوراپتۇ. دېھقان كالىنىڭ كەينىدىكى قويىنىڭ يىتىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. ئوغرى ئۇنىڭغا: «مەن بىرەيلەننىڭ قوي يېتىلەپ ئاۋۇ ئورمانلىققا كىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم، ھازىر قوغلىسىلا يېتىشىۋالالايلا» دەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان دېھقان ئۇنىڭدىن كالىسىغا قاراپ قويۇشنى ئۆتۈنۈپ، قويىنى ئىزدەپ ئورمانلىققا كېتىپ قاپتۇ. شۇنداق قىلىپ، ھېلىقى ئوغرى ھېچقانچە كۈچىمەيلا ئۇنىڭ كالىسىنى ئېلىپ كېتىپتۇ.
5 p" z3 O& J* G2 |' iدېھقان ئورمانلىققا كىرىپ، يا قويىنى، يا ئوغرىنى تاپالماي، يۇم-يۇم يىغلىغىنىچە كەينىگە يېنىپتۇ. بىر كۆلنىڭ بويىغا كەلگەندە، ئۇ بىرەيلەننىڭ يىغلاپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، نېمە ئىش بولغانلىقىنى سوراپتۇ. ھېلىقى ئادەم: «بىرەيلەن ماڭا بىر خالتا ئالتۇننى شەھەردىكى دوستىغا يەتكۈزۈپ بېرىشنى ھاۋالە قىلغانىدى، يولدا بەك چارچاپ كېتىپ، مۇشۇ كۆل بويىغا كەلگەندە يېتىپ ئۇخلاپ قاپتىمەن، ئويغىنىپ قارىسام، ئالتۇن سېلىنغان خالتا كۆلچەككە چۈشۈپ كېتىپتۇ، شۇنىڭ دەردىدە يىغلاپ ئولتۇرۇپتىمەن» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. «ئەمىسە، نېمىشقا كۆلچەككە چۈشۈپ خالتىنى سۈزۈپ چىقمايسىز؟» دەپ سوراپتۇ دېھقان ھەيران بولۇپ. «سۇدىن قورقىمەن ھەم سۇ ئۈزەلمەيمەن، ئالتۇنلىرىمنى تېپىپ بەرگەن ئادەمگە 20 تىللا بېرىشكە رازى ئىدىم» دەپتۇ. بۇنىڭدىن گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتكەن دېھقان كۆڭلىدە: «قوي بىلەن كالامنى ئوغرى ئېلىپ كەتتى، قارىغاندا، پەرۋەردىگار ماڭا زىيىنىمنى تولدۇرۇۋېلىشنى بۇيرۇغان ئوخشايدۇ» دەپ ئويلاپ، كىيىم-كېچەكلىرىنى سېلىپ كۆلچەككە چۈشۈپتۇ، ئەمما ھەر قانچە ئىزدەپمۇ ھېلىقى «بىر خالتا ئالتۇن» نى تاپالماي، كۆلچەكتىن قايتىپ چىقىپتۇ. قارىسا، قىرغاقتىكى كىيىم- كېچەكلىرى يوق تۇرغۇدەك. ئۇ، شۇندىلا بىچارە قىياپىتىگە كىرىۋالغان ھېلىقى ئوغرىنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشكەنلىكىنى بايقاپ، پۇشايماننى ئالغىلى قاچا تاپالماي زار-زار يىغلاشقا باشلاپتۇ…3 O# [, ?9 R- _& V2 r; \* N( H
مانا بۇ، كىشىلىك ھاياتتىكى ئۈچ چوڭ قىلتاق: بىخەستىلىك، خەقنىڭ گېپىگە ئوڭاي ئىشىنىپ كېتىش ۋە ئاچكۆزلۈك.
2 u ~6 c3 I; a- e* @ ئىزدە
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |