ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 873 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 650|ئىنكاس: 2

ئوقۇغۇچۇم-شاتگۈل(ھېكايە)تەييارلىق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

448

تېما

478

يازما

8606

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
2629 سەر
تۆھپە
1626 سەر
تىللا
1229 دانە
جەۋھەر
3 دانە
مائارىپ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قاشتېشى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-14 08:45  
; o0 w" ~' G5 Y- O1 w$ x+ O, O4 N3 |3 R* e0 [1 S5 m
79_239_5f4198cccd32f7a.jpg
  
7 Z! g3 I/ Y7 {  V: \
  I4 B  ^" ]* T0 x# G+ V2 w
ئوقۇغۇچۇم –شاتگۈل
4 H) y9 f* f4 Q' d9 ^( B
(ھېكايە)
% m$ b" a" Q( A! i2 Nئابدۇلئېزىز ئىسمايىل

( N; L8 ]) a, t! I6 B6 @+ f6 t. [* H" \# A
شاتگۈل مەيلى ئەخلاق ،مەيلى ئۆگۈنىشتە بولمىسۇن  مەكتەپ بۇيۇنچە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان زېرەك ،تىرىشچان ئوقۇغۇچى ئىدى .سىنىپىمدا ئەنە شۇنداق ئوقۇغۇچۇمنىڭ بولغىنىدىن چەكسىز پەخىرلىنەتتىم .نېمە بولدىكىن ،ئۇ ئىككى كۈندىن بۇيان مەكتەپكە كەلمەي ،مېنى ۋەھىمىلىك خىيالغا ئەسىر قىلغانىدى .
, j( H# Z- H* Tبۈگۈن چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايسىلىنىپ ئۇنى چاقىرىپ كېلىش ئۈچۈن نىمكەش موتۇسكىلىتىمنى بولىشىغا كاكىرتىپ ،مەكتەپتىن بەش چاقىرىم يېراقلىقتىكى ‹‹ قۇميار ›› كەنتىگە قاراپ ئۇچقاندەك چاپتىم .يېزىمىزنىڭ غەربىدىكى پايانسىز قومساڭ تۆپلىككە جايلاشقان ،تەبىئىي شارائىتى ناچار ،نامراتلىقتا داڭقى چىققان 40 نەچچە تۈتۈنلۈك بۇ خىلۋەت ،غېرىبانە مەھەللىگە ھەش-پەش دېگۈچە يېتىپ كەلدىم .باشقىلاردىن سوراپ شاتگۈلنىڭ ئۆيىنى تەستە تاپتىم .
/ _$ w# C0 D9 C) e6 y3 Fئۇللىرى زەيلەپ ،سۇۋاقلىرى زەمبىلدەك كۆپۈپ ،ئوڭغۇل –دوڭغۇل بولۇپ كەتكەن ۋەيرانە ئۆينىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدىم . ‹‹ شاتگۈلنىڭ ئۆيى شۇمىدۇ؟...›› ھەيرانلىق ،ئېچىنىش ئىلكىدە ئۆز-ئۆزەمگە پىچىرلىدىم :‹‹ ‹ باينىڭ بالىسى ،كەمبىغەلنىڭ كالىسى كېرەككە كەلمەپتۇ › دېگەندەك ،باياشات ئائىللەرنىڭ پەرزەنتلىرى ياخشى ئوقۇمىغان ،شاتگۈلدەك نامرات دېھقان بالىلىرى قىيىنچىلىققا باش ئەگمەي تىرىشىپ ئۆگەنگەن .مەكتىپىمىزدىكى 1200 دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىنى ئۆزىنىڭ زېرەك –ئەقىللىقلىقى ،گۈزەل ئەخلاق پەزىلىتى بىلەن قايىل قىلىپ كەلگەن شاتگۈل ئەسلىدە ‹ بەشتە كېپىل › ئائىلىنىڭ قىزىكەن ئەمەسمۇ ،مۇشۇ چاققىچە  بۇنى نېمىشقا بىلمىگەندىمەن ؟! مېنى  قانداقمۇ ياراملىق سىنىپ مۇدىرى دېگېلى بولسۇن ؟! ...››
5 c5 ~4 d% o! ^  مەن  يۇلغۇن  ،ئاپتاپپەرەس شاخلىرى بىلەن قاشالانغان شور توپا بوقسۇپ تۇرىدىغان  ھويلىغا خىجىللىق ،غەشلىك ئىچىدە كىرىپ كەلدىم .شاتگۈل كەڭرى  ھويلىنىڭ كۈنگەي بۇلىڭىدىكى بىر دۆۋە قوناق شېخى ئۈستىدە پۈتۈن زېھنى بىلەن كىتاپ ئوقوپ ئولتۇراتتى .
& ?, r5 K! g) T" g0 yــ شاتگۈل ‹‹ كىچىك بۈۋى ›› بولاي دەپ مەكتەپكە بارماي ھەپتىيەك يادىلاۋاتقان ئوخشىمامسىز ؟ــ دېدىم مەن چاقچاق قىلىپ .2 s. R; b( v" `& g; _( N
ئۇ توك سوققاندەك چۈچۈپ ئورنىدىن ئىرغىپ تۇرۇپ ،ئاستا ئالدىمغا كەلدى-دە ، ھۆپپىدە  قىزىرىپ يەرگە قارىغىنىچە بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى .) R+ P3 J7 X/ L7 I6 u* q" O/ ~
  ــ خىجىل بولماڭ ،چاقچاق قىلىپ قويدۇم ، ــ دېدىم ئۇنى بەزلەپ ، ــ ئىككى كۈندىن بېرى مەكتەپكە بارمىدىڭىز ،نېمە بولدىكىن دەپ كېلىشىم .
( ]) g# E2 x9 z& b3 C% aشاتگۈل يامغۇردەك تۆكىلىۋاتقان كۆز ياشلىرىنى قوللىرى بىلەن سۈرتكەچ يىغلامسىراپ سۆزگە كىرىشتى :
! Z9 G* ?7 o: q- K  ــ مۇ ئەللىم ، بۆنەر كۈنى ئەتتىگەنلىك گىمناستكا ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ،  ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان ئايقىز دېگەن ساۋاقدىشىمىزغا ئىئانە يىغىش پائالىيىتىدە مەن...مەن  ئۇ بىچارە ساۋاقدىشىمغا بىر پۇڭ بېرەلمەي، نۇمۇستىن يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولۇپ كەتتىم .شۇ كۈنى كەچتە دادامدىن پۇل سورىسام ،‹‹ جېنىم قىزىم ،ئۇ بەختسىز ساۋاقدىشىڭىزغا  ياردەم بەرمەكچى بولغىنىڭىز  بەك ياخشى بوپتۇ .بىراق ، ئھتىياتسىزلىقتىن ئۆگزىدىن چۈشۈپ كېتىپ بېلىنىڭ تۆۋىنى پالەچ بولۇپ قالغان ئىنىڭىزنى داۋالىتىمىز ،دەپ پۇلغا يارىغۇدەك نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى سېتىپ قاق سەنەم بولۇپ كەتتىم .ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇرۇق-توغقان ،خولۇم-خوشنىلارغىمۇ بىرمۇنچە قەرز بولۇپ قالدىم .راستىنى ئېيتسام ،ھازىر يېرىم جىڭ سۇ مېيى ئالغۇدەكمۇ پۇل يوق .ئەگەر پۇل بولغان بولسا،ئۇ بىچارە ساۋاقدىشىڭىزغا قانچىلىك ياردەم قىلىمەن دېسىڭىز شۇنچىلىك بېرەتتىم .ئاپىڭىز رەھمەتلىك ھايات بولغان بولسا ،بۇ كۈنگە قالماستۇق .ھەي،يوقسۇزلىق ،ھەي نامراتلىق !؟...
$ l) D1 i- H' A6 Q# s5 ?لېكىن ،خاتىرجەم بولۇڭ ،جېنىم تېنىمدىلا بولىدىكەن ئىنىڭىزنى داۋالىتىپ ساقايتىپ ،ئىككىڭلارنى ئالىي مەكتەپكىچە ئوقۇتۇپ راۋۇرۇس ئادەم قىلىپ چىقىمەن .مۇئەللىمىڭىز بەك  سۈيلەپ تۇرىۋالسا ،مەكتەپكە بارماي تۇرۇڭ،ئىككى –ئۈچ كۈن باشقىلارنىڭ قونىقىنى ئورۇشۇپ بېرىپ ئازراق پۇل غەملەي ،ئاندىن ئۇ پۇلنى ئېلىپ مەكتەپكە بېرىڭ ، دېگەنتى .شۇڭا ...1 `( U% ]0 a- Q$ ~* G
  بۇنى ئاڭلاپ يۈرىكىم پىچاقتا تىلغاندەك ئېچىشىپ  كەتتى .ھەر بىرىڭلار كېمىدا بەش سوم ئىئانە بېرىسىلەر دەپ ،سىنىپىمدىكى بالىلارغا بۇيرۇق قىلغىنىمغا ئىچ-ئىچىمدىن قاتتىق ئۆكۈندۈم ، ،پۇشايمان يىدىم .نۇمۇس-خىجىللىقتىن  نېمە دېيىشىمنى بىلمەي ،ئىختىيارسىز كۆزۈمگە ياش ئېلىپ ،شاتگۈلگە قاراشقىمۇ پېتىنالماي، ھويلىنىڭ قاق ئوتتۇرىسىدا ئۈششۈك تەككەن خەمەكتەك شۈمشۈيۈپ ئاچچىق مۇڭغا پاتتىم ...% v/ R8 g7 [% I( S' u1 s0 j8 |
ــ مۇئەللىم ،چىرايلىرى تاتىرىپ كېتىپتۇ ،مېجەزلىرى يوق ئوخشىماندۇ؟ ــ دىدى شاتگۈل ئالدىمغا كېلىپ ،ــ  ئۆزلىرىنى قىيناپ ئۆيىمىزگە كەلگىلى ساپتىمەن ،مېنى  كەچۈرسىلە .. j$ W5 Y4 R" D! T
شاتگۈلنىڭ يىغلامسىراپ ئېيتقان سۆزىدىن چۈچۈپ ئەسلىمگە كېلىپ  ،ئۇنىڭ بېشىنى چەكسىز مېھىر، ھېسداشلىق ئىلكىدە سىيلاپ ، ــ ھېچنىمە بولمىدىم ،ئەنسىرىمەڭ ، ــ دېدىم پۇغانىمنى زورىغا بېسىپ ، ــ مەن...مەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە ئەھۋالى بىلەن ھېساپلاشماي ، ئۇلارغا قارغۇلارچە بېسىم قىلىپتىمەن . بولدى ، كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماي ،سىز ئىئانە بەرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ . دەرستىن قالماڭ ، يۈرۈڭ مەكتەپكە بارايلى .1 C( ^! w+ n# ^2 R' N' s
شاتگۈل  ياشتىن خىرەلەشكەن قوي كۆزلىرىنى چىمىلدىتىپ ، ــ رەھمەت مۇئەللىم ، ــ دېدى يەنە يىغلامسىراپ. لېكىن ئۇنىڭ غۇبارسىز چېھرىدە زور ئۈمىد-ئىشەنچ بىلەن يۇغۇرۇلغان شادىيانە تۇيغۇ جىلۋە قىلىپ تۇراتتى .

) |! `  h2 M- g% |. }مەنبەسى:شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى5 i' V6 i% [& {9 g1 A
چۈشۈرۈش

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يېزىلغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
مۇناسىۋەتلىك باشقا تېمىلار
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗