مائارىپ
3 مىليون يۈەنلىك دەرس
% e9 |! o5 \+ q$ h: d
0 f, X- x# S0 b& `7 h9 qبىرىنچى دەرس5 T( E+ y% s/ P7 u3 G8 p% d
بىر ئەر ئايالى يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىن مۇنچىغا كىرمەكچى بوپتۇ. بۇ چاغدا ئىشىك جىرىڭلاپتۇ. ئايال دەرھال بەدىنىنى يۆگەپ ئىشىك ئالدىغا بېرىپتۇ. ئىشىكنى ئېچىپ قارىسا قوشنىسى جورج.
6 H+ B$ r/ g" }6 h, w. x1 v: P ئايال گەپ قىلىپ بولغىچە جورج ئېغىز ئېچىپتۇ:, B5 Q( e5 A+ `0 l
−بەدىنىڭىزنى كۆرسەتسىڭىز 800 دوللار بېرىمەن.
5 L5 X* d- M9 S3 r3 Q2 sئايال بىر دەم تۇرۇپ كېتىپ، بەدىنىنى ئېچىپتۇ. بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن جورج ئۇنىڭغا 800 دوللارنى بېرىپ كېتىپتۇ.
: ?8 A2 b9 K6 Z! E d. Zئايال بەدىنىنى يۆگەپ ئۆيگە كىرىپتۇ، ئۇ مۇنچىغا كىرىشىگە ئېرى ”كىمكەن؟“ دەپ سوراپتۇ. ”قوشنىمىز جورجكەن“ دەپتۇ ئايالى.
H; m* l6 Z& u, {6 d− شۇنداقمۇ،- دەپتۇ ئېرى،− ئۇ 800 دوللار قەرزنى قايتۇرىدىغاننىڭ گېپىنى قىلمىدىمۇ؟
$ z% l5 a4 D; \' fخۇلاسە كالام: پايچىكلار مۇھىم ئۇچۇرلاردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشى كېرەك، بولمىسا سەتچىلىكى ھامان ئاشكارىلىنىدۇ.* F# x. N8 h% r z' R3 O
ئىككىنچى دەرس
0 T6 }/ j/ G, tمال ساتقۇچى، خىزمەتچى ۋە ئۇنىڭ خوجايىنى چۈشلۈك تاماق يېگىلى كېتىۋاتقاندا بىر يەردىن جىن چىراغ تېپىۋاپتۇ. ئۇلار چىراغنى سۈرتۈپ تۇرۇشىغا بىر جىن سەكرەپ چىقىپ:
) v/ n. I' c( Q O( i% ^6 Y−مەن سىلەرنىڭ ھەر بىرىڭلارنىڭ ئارزۇسىنى قاندۇرىمەن،-دەپتۇ.* c9 d6 ?/ b* ~. p
ــ مەن دەي، مەن دەي،- دەپتۇ خىزمەتچى قىز ئالدىراپ،- مېنىڭ بالى ئارىلىغا بېرىپ، قولۋاق تېيىلىپ ئوينىغۇم بار.
6 x3 n- E& ^9 a! V& I* [قىزچاق بۇ گەپنى دەپلا غۇييىدە ئۇچۇپ كېتىپتۇ.- h( `: D0 f+ t. `! L# M
−ئەمدى مەن دەي،- دەپتۇ مال ساتقۇچى،− مېنىڭ ھاۋاي ئارىلىغا بېرىپ، قۇم ساھىلدا يېتىپ ئارام ئالغۇم بار، بەدىنىمنى تۇتۇپ قويىدىغان قىزلار، ھەقسىز ئىچىملىكلەر بولسۇن. G! L7 @4 y3 f! `4 G& \5 G
ئۇمۇ بۇ گەپنى دەپ بولۇپلا غۇييىدە ئۇچۇپ كېتىپتۇ.
/ g1 k, N6 S* M, v$ m/ n- r4 K6 l: I' c− ئەمدى ساڭا كەلدى،- دەپتۇ جىن خوجايىنغا./ B0 _3 ` K& C# |9 q- ]9 M8 a
− بۇ ئىككى ئەخمەق چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن دەرھال ئىشقا كەلسۇن!- دەپتۇ خوجايىن جىلە بولۇپ.# i4 p! C8 Y4 Q8 ?! Q
خۇلاسە كالام: خوجايىنىڭىز باشتا ئېغىز ئاچسۇن.
6 J- d* W4 a# v6 D J7 vئۈچىنچى دەرس
9 E2 H" _( e1 }; W بىر بۈركۈت دەرەخنىڭ ئۇچىدا ئارام ئېلىپ تۇرسا، توشقان ئۇنى كۆرۈپ سوراپتۇ:
! B! g& d* L3 ^, |, O−مەنمۇ سەندەك بىكار ئولتۇرۇپ ھۇزۇرلانسام بولمامدۇ؟
! Y, a3 Q5 `* j% k3 P− بولىدۇ، نېمىشقا بولمىغۇدەك،−دەپتۇ بۈركۈت.$ e) p& {: m; I4 @8 O
شۇنىڭ بىلەن توشقان بۈركۈت قونغان دەرەخنىڭ ئاستىدا ئارام ئاپتۇ. توساتتىن بىر تۈلكە پەيدا بولۇپ، ئېتىلىپ بارغىنىچە توشقاننى يەۋېتىپتۇ.
* X1 r- q. k- tخۇلاسە كالام: بىكار ئولتۇرۇپ ھۇزۇرلىنىش ئۈچۈن ئورنىڭىز چوقۇم يۈكسەك بولۇشى كېرەك.
0 h4 c* |2 B+ F2 p/ v- jتۆتىنچى دەرس
" H& g8 f: {7 j1 }1 n' e8 eبىر قۇش قىشتىن ئۆتىۋېلىش ئۈچۈن جەنۇبقا سەپەر قىلىپتۇ، بارغىچە مۇزلاپ كېتىپ ئېتىزلىققا چۈشۈپ كېتىپتۇ، نىمجان ياتقاندا بۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئىنەك ئۇنىڭ ئۈستىگە پوقلاپ قويۇپتۇ. قۇش پوقنىڭ ئىسسىقىدىن راھەتلىنىپ، تېنىگە جان كىرىپ، خۇشاللىقىدىن ۋىچىرلاپ سايراشقا باشلاپتۇ. بۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان مۈشۈك، نېمە ئاۋازدۇ بۇ دەپ يېقىنلاپ قارىسا، پوقنىڭ تېگىدە بىر قۇش سايراۋاتقۇدەك، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى تارتىپ چىقىپ يەۋېتىپتۇ.3 D& J3 c) d, z5 B
خۇلاسە كالام:9 A) t9 V: P$ S: m( J
1) كاللاڭغا چىچىپ قويغاننىڭ ھەممىسى دۈشمىنىڭ ئەمەس.+ C. b" t' f4 B5 f+ D0 D
2) سېنى پوقتىن تارتىپ قويغاننىڭ ھەممىسى دوستۇڭ ئەمەس.
' C/ c7 V# I7 v3) پوقنىڭ تېگىدە قالساڭ، ئەڭ ياخشىسى ئاغزىڭنى يۇم.
7 ?7 \/ R/ K3 Y7 L Vبەشىنچى دەرس
$ k& R4 {$ [- w7 m% C7 b بىر ناۋاي بىلەن ئوغرى دوست ئىكەن. ئاشپەز سەھەر تۇرۇپ نان ياقسا، ئوغرى ئەتىگەندە شەھەرگە كىرىپ، ئاپتوبۇس قىستاڭچىلىقىدا يانچۇقچىلىق قىلىدىكەن. ئۇلار ئىشلىرىنى ئاقسىتىپ قويماسلىق ئۈچۈن، بىر-بىرىنى قاق سەھەردە ئويغىتىپ قويۇشقا كېلىشىۋاپتۇ. يىللار ئۆتۈپ ئۇلار كەينى-كەينىدىن ئۆلۈپ كېتىپتۇ. پەرىشتىلەر يانچۇقچىنى جەننەتكە، ناۋاينى جەھەننەمگە سۆرەپتۇ. چۈنكى يانچۇقچى ھەر كۈنى سەھەردە ياخشى ئىش قىلىپ، ناۋاينى نان يېقىشقا چاقىرىدىكەن. ناۋاي بولسا ئۇنىڭ ئەكسىچە، يانچۇقچىنى يامان ئىشقا چاقىرىدىكەن.8 O, j5 v( ~$ c: q+ l X
خۇلاسە كالام: دۇنيالىقتا توغرا دەپ قارىغان ئىشىڭنىڭ چوقۇم توغرا بولۇشى ناتايىن.
8 m B4 T" S/ X0 r# ]7 W; K ئالتىنچى دەرس
. s7 G& i- p2 x; L( P يولدا ماشىنا ھەيدەپ كېتىۋاتىسىز، تۇيۇقسىز بوران چىقىپ، يامغۇر يېغىپ كەتتى. بىر بېكەتتىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقىنىڭدا بېكەتتە ئۈچ ئادەمنىڭ جىددىيلىشىپ تۇرغانلىقىنى كۆردىڭىز. ئۇلارنىڭ بىرى ئۆلەپ دەپ قالغان بوۋاي، ئۇنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىش كېرەك. يەنە بىرى دوختۇر، ئۇ سىزنى خەتەرلىك كېسەلدىن داۋالاپ ساقايتقان، سىز ئۇنىڭ ياخشىلىقىغا جاۋاب قايتۇرۇشنى دائىم ئويلاپ كېلىۋاتقان. يەنە بىرى سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدىكىدەك لايىق (يەنى كېلىشكەن يىگىت ياكى چىرايلىق قىز). ئەگەر مۇشۇ قېتىم پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويسىڭىز، ئىككىنچى ئېرىشەلمەيسىز. ئەمما سىزنىڭ ماشىنىڭىزدا سىزدىن باشقا پەقەت بىرلا ئادەم ئولتۇرالايدۇ. ئۇنداقتا سىز ماشىنىڭىزغا كىمنى سېلىۋالىسىز؟
, [! |% ^% K& A' E. \. i( G, kشىركەت ئادەم ئالغاندا 200 ئادەمدىن مۇشۇ سوئالنى سورىغان، پەقەت بىرلا ئادەم توغرا جاۋاب بېرىپ شىركەتكە كىرەلىگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: مەن ماشىنىنىڭ ئاچقۇچىنى دوختۇرغا بېرىمەن، ئۇ كېسەل بوۋاينى دوختۇرخانىغا ئاپىرىدۇ، ئاندىن مەن ئۆزەمنىڭ كۆڭلىدىكى لايىق (يىگىت ياكى قىز) بىلەن ئاپتوبۇس ساقلايمەن.3 O; i V6 V4 a( m
مەن تونۇيدىغانلارنىڭ ھەممىسى بۇ جاۋابقا قايىل بولدى، ئەمما ھېچكىم، ھەتتا مەنمۇ باشتا بۇنى ئويلاپ يېتەلمىگەن.% j! J$ j" A1 \. L, l
خۇلاسە كالام: بىز ئۆز كوزۇرىمىز (ماشىنىمىزنىڭ ئاچقۇچى)دىن ۋاز كېچىشنى ئەسلا ئويلاپ باقمىدۇق، شۇنداقمۇ؟ بەزىدە بىز جاھىللىق، چۈپەيلىك قىلمىساق، بەزى ئەۋزەللىكىمىزدىن ۋاز كەچسەك تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرگە ئېرىشەلەيمىز.
/ [0 C1 N+ {3 U# U7 N N يەتتىنچى دەرس
1 [* O0 l& @9 S! k بۇرۇننىڭ بۇرنىسىدا ئادەملەر يالىڭاياغ يول يۈرىدىكەن. بىر پادىشاھ پۇقراچە كىيىنىپ يېزا-قىشلاقلىرىنى ئارىلاۋېتىپ، تاشلىق يولغا كىرىپ قاپتۇ، پۇتلىرىغا تاش پېتىپ، ئاغرىپ، كۆپ قىينىلىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئوردىغا قايتىپ بېرىپ، تاشلىق يوللارنى بىر قەۋەت كالا تېرىسى بىلەن قاپلاشقا بۇيرۇپتۇ. مۇشۇنداق قىلسام ئۆزەمگىمۇ، خەلقىمگىمۇ ياخشى، كىشىلەر يول ماڭغاندا قىينالمايدۇ دەپ ئويلاپتۇ. نەتىجىدە، دۆلەت تەۋەلىكىدىكى بارلىق كالىلار ئۆلتۈرۈلۈپ، تېرىىسى يوللارغا سېلىنىپتۇ، تېرىلەر يېتىشمەپتۇ، نۇرغۇن بايلىق، ئادەم كۈچى ئىسراپ بوپتۇ. بۇ ئۇچىغا چىققان بىمەنىلىك، ئىسراپچىلىق بولسىمۇ، پادىشاھنىڭ يارلىقى بولغاچقا، كىشىلەر ئامالسىز بويسۇنۇپتۇ. شۇ چاغدا بىر مالاي پادىشاھقا ئەقىل كۆرسىتىپ: پادىشاھىم، نېمىشقا شۇنچە كۆپ ئادەمنى ئىشقا سېلىپ، شۇنچە نۇرغۇن كالىنى ئۆلتۈرۈپ، نۇرغۇن مال-دۇنيانى ئىسراپ قىلىلا؟ ئۇنىڭدىن كۆرە ئۆزلىرىلا پۇتلىرىغا كالا تېرىسىنى يۆگەپ يول يۈرسىلە بولمامدۇ؟- دەپتۇ. پادىشاھ بۇنى ئاڭلاپ ھەيران قاپتۇ، مالاينىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، بۇيرۇقىنى دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇپتۇ، ئېيتىلىشىچە، بۇ ئۆتۈكنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخىكەن.& m5 O7 P* L9 I
خۇلاسە كالام: دۇنيانى ئۆزگەرتىش تەس، ئۆزىنى ئۆزگەرتىش بىر قەدەر ئاسان.شۇڭا
6 ^+ R$ X& k/ P) wدۇنيانى ئۆزگەرتىمەن دەپ يۈرمەي ئۆزەڭنى ئۆزگەرت (ئۆزەڭنىڭ پۇتىغا كالا تېرىسى يۆگە)، سىرتتىن كېلىدىغان دەخلى-تەرۇز، ئاۋارىچىلىققا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئۆزەڭنىڭ مەلۇم قاراشلىرى ۋە ئۇسۇللىرىڭنى ئۆزگەرت. ئۆزەڭنى ئۆزگەرتكەندىن كېيىن نەزەرىڭدىكى دۇنيامۇ ئۆزگىرىدۇ، ئەگەر دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشىنى ئۈمىد قىلساڭ، بىرىنچى بولۇپ قىلىدىغان ئىشىڭ ئۆزەڭنى ئۆزگەرتىش. قەلبىڭ ئۆزگەرسە پوزىتسىيەڭ ئۆزگىرىدۇ، پوزىتسيەڭ ئۆزگەرسە ياشاش ئادىتىڭ ئۆزگىرىدۇ، ياشاش ئادىتىڭ ئۆزگەرسە ھاياتىڭمۇ ئۆزگىرىدۇ.
+ }# ?+ J1 r& K. e# D5 k r8 [1 T2 q1 T5 G n
مەنبە: ئىزدىنىش ئەرتۈرۈك تەرجىمىسىرەسىم
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |