ئۇيغۇر
[size=6]ئاپتونوم رايونلۇق يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى ئوزۇقلاندۇرۇش پىلانى بويىچە ئىككىنجى تۈركۈمدىكى سىناق نۇقتا ناھىيىلىرى خىزمىتى باشلاندى
$ ?3 ~) e$ G3 r5 h0 M" W5 c+ E6 J% M4 v
ئاپتونوم رايونلۇق يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى ئوزۇقلاندۇرۇش پىلانى بويىچە ئىككىنجى تۈركۈمدىكى سىناق نۇقتا ناھىيىلىرى خىزمىتى 28-مارت باشلاندى. ئاپتونوم رايونىمىزدا يەنە 38 مىڭدىن ئارتۇق يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى ئوقۇغۇچى «ئۈچ يۈەنلىك» ئوزۇقلۇقتىن بەھىرلىنەلەيدىغان بولدى. ( A" ^. Y& x+ z1 h* C
«ئوزۇقلۇقنى ياخشىلاش پىلانى» نىڭ ئىككىنجى تۈركۈمدىكى سىناق نۇقتا ناھىيىلىرى ئايرىم ھالدا نىلقا، باركۆل، ئۈچتۇرپان ۋە كەلپىن قاتارلىق دۆلەت دەرىجىلىك يۆلەش ئېچىش خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ناھىيەلەر ھېسابلىنىدۇ.
# m) ?& ^: K5 x& ~' [1 T0 a+ [ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل دۆلەت 22 مىليون يۈەن مەخسۇس مەبلەغ ئاجىرتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «ئوزۇقلۇقنى ياخشىلاش پىلانى» نى تولۇقلايدىكەن. ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تەتقىق قىلىپ، بۇ بىر قىسىم مەبلەغنى «ئوزۇقلۇقنى ياخشىلاش پىلانى»نىڭ سىناق ناھىيىلىرىنى كېڭەيتىشكە ئىشلىتىشنى قارار قىلغان. بۇلتۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى ئوزۇقلاندۇرۇش پىلانى باشلانغاندىن بۇيان، ھەر قايسى سىناق ناھىيىلىرى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئاجىراتقان مەبلىغى ئاساسىدا ئۆز ئالدىغا مەبلەغ يۈرۈشتۈرگەن. بىر قىسىم سىناق ناھىيىگە كىرگۈزۈلمىگەن ناھىيىلەرمۇ ئۆز ئالدىغا «ئوزۇقلۇقنى ياخشىلاش پىلانى» نى يولغا قويغان، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ توقسۇ ناھىيىسى 7 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ ئاجرىتىپ، ناھىيىدىكى 44 يېزا باشلانغۇچ مەكتىۋىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى «ئۈچ يۈەنلىك» ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىگەن. بۇ يىل، بۇ ناھىيە مالىيىدىن يەنە 3 مىليون يۈەن كۆپەيتىپ، ئوزۇقلاندۇرۇش دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىدىكەن." p; ^' A2 ]+ i
# i+ j' i) e: [1 J. a2 J5 T
مەنبەسى:شىنجاڭ رادىيو تورى9 N- n* ~" e: u7 }* P6 k& W
ئىزدە
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |