ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 874 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 444|ئىنكاس: 1

كىنوئاخىرى چىقمىغان خىياليانفون

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

72

تېما

110

يازما

1399

جۇغلانما

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
368 سەر
تۆھپە
304 سەر
تىللا
244 دانە
جەۋھەر
1 دانە
يانفۇن يىگىرمە نەچچە يىل ئەمەل تۇتۇش تەمەسىدە قىلمىغىنى قالمىغان بۆلۈم باشلىقى خەمىتنىڭ تەلىيى كېلىپ بىر قېتىملىق كەلكۈن ئاپىتىدە خىزمەت كۆرسىتىپ، ئۇزاق قالماي ئىدارىگە مۇئاۋىن باشلىق بولۇپ ئۆستۈرۈلدى. ئۇ بەزىدە« چىقساڭمۇ دۆڭنىڭ ئېگىزىگە چىق دەپ، دەپتىكەن، قانداقلا بولمىسۇن، بىرىنچى قولنىڭ ئورنىغا چىقىدىغان ئىشنى قىلىپ ئۆزەمنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىمنى بىر كۆرسىتىپ قوياي» دېگەنلەرنى ئويلاپ يۈرگەن كۈنلەردە بىرىنچى قول باشلىق چېنقىش ئۈچۈن ئاساسىي قاتلامغا بىر يىللىق چۈشتى، يۇقىرىدىن ئۇ قايتىپ كەلگۈچە ۋەزىپىسىنى خەمىتنىڭ ئىشلەيدىغانلىقىنى ئورۇنلاشتۇردى.
0 c, ~  O5 t; D7 p( o
7 t4 [  J3 G+ H# Q* Z# B7 r( a0 p«سەۋرى قىلساڭ غورىدىن ھالۋا پىشىدۇ دېگىنى شۇكەندە ، نەچچە يىلدىن بېرى كۈتكىنىمگە ئەمدى ئېرىشتىم. دېمەك بۇ ئىدارىدە مېنىڭ دېگىنىم دېگەن، قىلغىنىم قىلغان بولىدۇ. ئىشنى نەدىن باشلىسام، قانداق قىلسام رەھبەرلەرنىڭ ھەقىقەتەن ئىقتىدارى بارئىكەن، دېگەن ماختىشىغا ئېرىشىپ، ئورنۇمنى مۇستەھكەملىۋېلىش بىلەن بىرگە، نەپكە ئېرىشەرمەن ؟»خەمىت شۇلارنى ئويلاپ بىرنەچچە كۈن ئۇخلىيالمىدى.
- w" m: ]% s6 V8 o6 X$ Q. x-باشقا ئورۇنلار خېلى يىللار بۇرۇنلا رىقابەتلىشىپ ئىش ئورنىغا چىقىشنى يولغا قويۇپ ،نۇرغۇن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.ئىدارىمىزنىڭ كادىرلارنى ئۆستۈرۈشتىكى كونا قائىدىلىرىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە يۇقىرىنىڭ ئىقتىدارلىقلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش سىياسىتىگە ئاكىپ ئاۋاز قوشۇش، ئىدارىمىزنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، پات يېقىندا بىر قېتىم ئومۇميۈزلۈك رىقابەتلىشىپ ئىش ئورنىغا چىقىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئويلاۋاتىمەن .باشقىلارنىڭ قانداق پىكىرى بار؟-دېدى خەمىت بىر قېتىملىق يىغىندا رەھبەرلىك كوللىكتىپىدىكىلەرنىڭ تومۇرىنى تۇتۇپ بېقىش مەقسىتىدە .  D. @* G, a; s" t0 O
-ئۆزلىرى دېگەندەك قىلساق ياخشى بولغۇدەك، دېمىسىمۇ يۇقىرىدىن ھازىر كاردىرلارنى ئۆستۈرۈشتە رىقابەتلىشىپ ئىش ئورنىغا چىقىشنى تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ...،-دېدى ئەزەلدىن بىرىنچى قول نىمە دېسە «پىكىرىڭىزگە قوشۇلىمىز،نېمە دېسىڭىز شۇ »دېگەن گەپنى قىلىشقا كۆنۈپ كەتكەن مۇئاۋېن باشلىقلار.خەمىت ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتۈپ ئىدارىدە بارلىق ئىشچى -خىزمەتچى قاتناشقان چوڭ يىغىندا بۇ ئىشنى ئېلان قىلدى.يىغىن تۈگىگەندىن كېيىن بىر قىسىم بۆلۈم باشلىقلىرى ئىقتىدارىغا ئىشىنىپ غەم قىلماي يۈردى، بىر قىسىملىرى ئەنسىرەپ، قانداق قىلىپ ئۆز ئورنىنى ساقلاپ قېلىش توغرىسىدا باش قاتۇرۇشتى، ئەمەل تەمەسىدە يۈرگەنلەر قايسى ئورۇننى تالاشسام بولار، قانداق قىلسام شۇ ئورنغا چىقارمەن ؟دېگەنلەرنى ئويلاپ ئىشنى نەدىن باشلاش توغرىسىدا باش قاتۇرۇشقا باشلىدى. ئەمەل تەمەسىدە يۈرگەنلەرنىڭ ئۆزىگە قانداق مۇئامىلەقىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن خەمىتمۇ ئويلاپ تاپقان چارىسىدىن سۆيۈنۈپ، بۇرۇنقىغا قارىغاندا بەكرەك غادىيىپ ماڭىدىغان بولىۋالدى.3 `! V8 N6 E2 t! G
-خاتىرجەم بولۇپ ئىشلەپچىقىرىش بۆلۈمىنىڭ باشلىقلىقىنى تالىشىۋېرىڭ .رىقابەتتە ئۇتۇپ چىققانلارنى يېڭى ئىش ئورنىغا قويۇشتا ئىدارە گۇرۇپپىسى مۇزاكىرە قىلىپ بىكىتىپ بولۇپ يۇقىرىغا يوللايمىز .يۇقىرىدىنمۇ بىزنىڭ پىكىرىمىزگە ئاساسىي جەھەتتىن قوشۇلىدۇ،-دېدى ئۇ يىللادىن بېرى بۆلۈم ئەزاسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان ياسىن ئۆيىگە بىر قوينىڭ گۆشى،10 مىڭ يۈەن پۇل كۆتۈرۈپ كىرگەندىن كىيىن.  ]" _9 W% _$ R" s5 Z* o
ياسىننىڭ خەمىتنىڭ ئۆيىگە بىر نەرسە ئەكىرىپ ئىشىنى توغرىلىغانلىقى ئۇنىڭ ئاغزى بوش ئايالى تەرىپىدىن سىرتقا تارقىلىپ كەتتىمۇ قانداق ،ئەتىسىدىن باشلاپ ھوقوق تەمەسىدە يۈرگەنلەرسوۋغا -سالاملىرىنى تەييارلاپ خەمىتنى ئىزدەشكە باشلىدى .خەمىتمۇ كىرگەنلەرنى نا ئۈمۈدتە قويماي ،بىر تالاي ۋەدىلەر بىلەن يولغا سالدى. رىقابەتلىشىپ ئىش ئورنىغا چىقىش خىزمىتى ئاخىرلىشىپ، خەمىتنى ئىزدىگەنلەرنىڭ ھەممىسى بۆلۈم باشلىقى ،مۇئاۋېن بۆلۈم باشلىقى بولدى، خىزمەتتىكى ئىقتىدارىغا ئىشىنىپ ئۇنى ئىزدىمىگەن بۇرۇنقى مۇئاۋېن بۆلۈم باشلىقى بىلەن بۆلۈم باشلىقلىرى ئادەتتىكى كادىرلىققا چۈشۈپ قالدى.«نېمە ئۈچۈن بىرىنچى قول باشلىق بولۇش ئۈچۈن جان -جەھلى بىلەن كۆرەش قىلىدىغاندۇ دېسەم ،ھوقۇق بولسا ھەممە ئادەم ئىگىلىپ تۇرىدىغان، پۇل دېگەن ئىشىكتىنمۇ تۈڭلۈكتىنمۇ كىرىدىغان گەپكەن ئەمەسمۇ ؟ كاللامنى سەل -پەل ئىشلىتىۋېدىم، بىرىنچى قوللۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ ئالتە ئاي بولا -بولمايلا يانچۇقۇم خېلى تومپىيىپ قالدى. ئۇنىڭدىن پالانچىغا مۇنچىلىك ،پۇستانچىغا مۇنچىلىك سۈڭگۈتۈپ بىرىنچى قولنىڭ كەشىنى باشقا ياققا توغرىلىسام ..»خەمىت شۇلارنى خىيال قىلىپ ئولتۇرغىنىدا ئىشخانىنىڭ ئىشىكى چىكىلىپ ،ۋېلايەتلىك خىيانەتچىلىك -پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ بىر نەچچە خادىمى كىرىپ كەلدى..; @* l, S! ~3 O4 Q, t# ~( P7 k

' T0 e1 Z7 R& t4 ?& |3 q0 v$ tمەنبە : www.dilqi.com

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

0

تېما

2

يازما

47

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
2 سەر
تۆھپە
2 سەر
تىللا
40 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-11-27 20:14:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆڭلۈمدىكىدەك تېما ئېلىپ كەپسىز  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗