يانفۇن
! k- B. x9 \" h I; Z( M: t; p: f9 F& N! s; K
قەدىمدىن تارتىپ قۇۋۋەت دورىسى قۇۋۋەت يېمەكلىكلىرىگە يەتمەيدۇ ، دېگەن سۆز بار . ئىستېمال قىلىش مۇۋاپىق بولسىلا يېمەكلىكلەر ئارقىلىقمۇ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋە داۋالىغىلى بولىدۇ . « ئەنگىلىيە كۈندىلىك پوچتا گېزىتى » نىڭ ئەڭ يېڭى سانىدا كېسەل داۋالاش رولىغا ئىگە بولغان يەتتە خىل قۇرۇق مېۋە تونۇشتۇرۇلغان .
, g0 t; m' N9 S* Q# V* كىشمىش (قۇرۇق ئۈزۈم) سۆڭەك شالاڭشىش كېسىلىنى داۋلىيالايدۇ
% z2 r9 Y/ i- `. Z0 {, J( mكىشمىشنىڭ تەركىبىدە خىمىيەۋى ئېلمېنت بور مول بولۇپ، بور ھەيز توختاش مەزگىلىدە تۇرغان ئاياللاردىكى سۆڭەك ئېقىپ كېتىش خەتىرىنى تۆۋەنلىتىدۇ. قۇرۇق ئۈزۈمنى كالتسىي تەركىبى مول بولغان قېتىق بىلەن بىللە ئىستېمال قىلغاندا بورنىڭ شىپالىق ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
3 d! {( J/ [( E k& T* چىلان ماغدۇرسىزلىق، چارچاش ھېس قىلىشنى داۋالايدۇ; J. K' f4 _2 x' H% W
چارچىغاندا كىشىلەر تاتلىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنداق چاغدا شېكەر تەركىبى نىسبەتەن تۆۋەن بولغان چىلان ئەڭ ياخشى تاللاش بولۇپ، ئۇنى يېگەندە قان شېكىرى ئۆرلەپ كەتمەيدۇ. چىلاننى يەنە قاتتىق پوستلۇق مېۋە بىلەن بىللە يېگەندە قورساقنى تويغۇزىدۇ.
2 H' a2 c8 t0 p+ f/ nقۇرۇق گىلاس يەللىك بوغۇم ئاغرىقىغا شىپا بولىدۇ
8 t* X8 H0 y9 a* i" Z6 ?( q: H* گىلاسنىڭ تەركىبىدە سىئانىدىن ناھايىتى مول، ئۇنىڭ بوغۇم ئاغرىقى، يەللىك بوغۇم ئاغرىقى كېسەللىرىنى داۋالاش ئۈنۈمى ئىنتايىن يۇقىرى. ئامېرىكا مىچىگان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يېقىنقى بىر تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىدىن بايقىلىشىچە، ئوزۇقلۇق تەركىبى يۇقىرى بولغان گىلاس ئارقىلىق ياللۇغنى 50 پىرسەنت داۋالىغىلى بولىدىكەن. يەنى كۈندە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 132 گىرام گىلاس يېگەندە يۇقىرىقى كېسەللەرنى ساقايتقىلى بولىدىكەن .1 i) b5 P" z7 c
* گۈلە (ئۆرۈك قېقى) يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ
, u" B" j% h0 Lگۈلە تەركىبىدىكى كالىينىڭ مىقدارى باناننىڭ ئۈچ ھەسسىسىچىلىك كېلىدۇ، كالىينىڭ قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش ئۈنۈمى ئالاھىدە يۇقىرى. ئامېرىكا كېسەللىكنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ يېقىنقى بىر تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىدىن بايقىلىشىچە، كالىينىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارى ناترىينىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىدىن يۇقىرى ئىكەن، ئۇ يۇقىرى قان بېسىم ۋە يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.6 Q6 r; w6 X3 Q3 @9 U6 d* u* t' F
* قۇرۇق ئاپېلسىن دوۋساق ياللۇغىغا پايدا قىلىدۇ9 a) v: f" [6 r
ئامېرىكىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدىن ئىسپاتلىنىشىچە، ھەر كۈنى ئىككى پارچە (42.5 گىرام) قۇرۇق ئاپېلسىن يېگەندە دوۋساق ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان ئاياللارنىڭ كىچىك تەرىتىدىكى ئۈچەي ئېشېرىخىيە باكتېرىيەسىنىڭ «يېپىشقاق»لىقىنى تۆۋەنلىتىدىكەن. چۈنكى، قۇرۇق ئاپېلسىن تەركىبىدىكى ئاكتىپ ماددا سىئانىدىن يېپىشقاقلىقنى تۆۋەنلىتىشتىن ئىبارەت ئالاھىدە رولغا ئىگە ئىكەن.
0 X1 ^3 z$ z6 Y- p9 D H! }0 X* قەۋزىيەت بولغانلار ئەينولا قېقى يېسە مۇۋاپىق
& x+ i6 `. {. m3 |) p+ `( [بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، كۈندە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئالتە تال (تەخمىنەن 50 گىرام) ئەينولا قېقى يېگەندە قەۋزىيەتنىڭ ساقىيىش ئۈنۈمى دورىدىن ياخشى بولىدىكەن. ئەينولىنىڭ تەركىبىدە سوربونىست مول بولۇپ، ئۇ چوڭ تەرەتنىڭ نەملىكىنى ئاشۇرۇپ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش رولىغا ئىگە ئىكەن.
, i3 v* {- H! O2 u* ئەنجۈر قېقى قان ئازلىق كېسىلىنى داۋالايدۇ
: }6 L; r) P2 e; D) P* [ھەر كۈنى تۆت تال ئەنجۈر قېقى يېگەندە ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان كۈندىلىك تۆمۈر مىقدارىنىڭ تۆتتىن بىرى قوبۇل قىلىنىپ، قان ئازلىق كېسىلىنىڭ ئالدى ئېلىنىدىكەن. ئەنجۈر قېقىنى تەركىبىدە ۋىتامىن c مول بولغان ئاپېلسىن شەربىتى بىلەن بىللە ئىستېمال قىلىش تۆمۈرنىڭ بەدەنگە قوبۇل قىلىنىشىغا پايدىلىق ئىكەن.
' F! C- m' Q9 i! sمەنبە:ساغلاملىق بىلىملرىدىن ئېلىندى
/ x6 n4 V$ f& F. d
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |