3d
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا چولپان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-5 13:00 2 d% r0 A# V4 f8 \3 s
$ O( L. Z! m- a0 K7 S5 sئابدۇللا قەشقەر كوناشەھەر ناھىيە ئوپال يىزا 2-كەنىتتە ئولتۇرۇشلۇق دىھقان ئابلىز يۈسۈپنىڭ ئوغلى بولۇپ ،2006-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى تۇغۇلغان .ئۇ كىچىكىدە ئىنتايىن تىتىك ،ئوماق ھىچقانداق غەمسىز ئۆتۈۋاتقان بىر سەبى ئىدى ،ئەمما 2010-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى ئۇنىڭ غەمسىز ۋاقىتىلىرى ئازاپقا ،بەخىتسىزلىككە ئايلاندى ،تۇيۇقسىز كەلگەن بىر تاساددىپى بىر ھادىسە ئۇنى بىر ئۆمۇر بەخىتسىزلىككە دۇچار قىلدى ،ئۇ كىچىك تۇرۇپلا تەقدىرنىڭ ھۆكۈمىنى ئامالسىز كۈتۈشكە مەجبۇر بولدى ،بۇ كۈنى ئۇ ھەر كۈنىدىكىگە ئوخشاشلا بىشىغا كىلىۋاتقان شۇم تەقدىردىن خەۋەرسىز ھاممىسىنىڭ ئۆيىدىكى تويغا قاتنىشىپ ئويناپ يۈرەتتى ، چوڭ ئانىسى ئورۇق توققانلارغا ياردەملىشىپ يۈرگەن بىر پەستە ئۇ چوڭ ئانىسىدىن ئايرىلىپ ھويلىسىدىكى تاماق ئىتىش ئۈچۈن ياسالغان چوڭ تونۇرنىڭ قىشىغا بارىدۇ ،شۇ دەمدە ئۇنىڭ ئەسلىدىنلا بولغان تۇتققاقلىق كىسىلى تۇتۇپ قىلىپ چوڭ تونۇرنىڭ ئىچىگە چۇشۇپ كىتىدۇ ،بۇ جەرىياندا ئۇ ھۇشىدىن كەتكەچكە توۋلاشقا ئۈلگۈرەلمەي ئۇنىڭ باش قىسمىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى شۇنداقلا قولى پۈتۈن كۆيۈپ كىتىدۇ ،ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنى بايقىغان ۋاقىتتتا ئۇ ئاللىقاچان ھۇشىدىن كەتكەن باش قىسمى ۋە يۈز قىسمى تونۇغۇسىز بولۇپ كەتكەن بولۇپ ئۇنى كۆركەن ئاتا-ئانىسى بۇ تەقرىگە يۈزلىنەلمەي ئۆزىنى يوقىتىپ قويۇشىدۇ ،شۇ ھامانلا بالىنى ئىلىپ جەنۇبى شىنجاڭ ھەربى دوختۇرخانىغا ئىلىپ بارغان ،دۇختۇرلارنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن قوتقۇزۇشى ئارقىسدا بالا قۇتۇلۇپ قالغان بولىسمۇ ئەمما بالىنىڭ ھاياتى ئۈچۈن ئۆچمەس تامغىنى پەيدا قىلىدى ،بالا ساقايدى ئەمما بالىنىڭ يۈزىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى ئىچىنشلىق ھالدا بۇزۇلۇپ كەتكەن ئىدى ،بالىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ چىدىمىغان بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى قولىدا بار يوق بىساتىنى ئىشلىتىپ بالىنى ئىككى قىتىم چوڭ ئوپراتسىيە قىلىدۇرغان بولسىمۇ ئەمما بالىنىڭ ئەھۋالىدا چوڭ ئۆزگىرىش پەيدا قىلالمىدى، بالىنىڭ دادىسى ئابلىز يۈسۈپ بىلەن ئانىسى مىھىرىگۈل ئىلگىرى -كىيىن بولۇپ 40-50مىڭ يۈەن خەجلەپ بولدى ،ئەمما بالىنىڭ ئەھۋالىدا قىلچە ياخشىلىنىش بولغىنى يوق ،ئۇلار ھەر قىتىم بالىسىغا قارىغان ۋاقىتتا ئۆزىنى يوقىتىپ قويىغلى تاس قالاتتى ،ئۇلار دىھقان بولغىنىغا شۇنداقلا قولىدىكى بىساتنىڭ يوقلىقىغا قارىماي بالىنى داۋالاتماقچى بولغان بولسىمۇ ئەمما بالىنى داۋالىتىشقا ئىقتىسادى ئەھۋالى يار بەرمىگەنلىكى سەۋەبىدىن ئامالسىزلىقتىن ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلىماقتا ،ھازىر 7ياشقا كىرىپ قالغان ئابدۇللانىڭ باش قىسمىنىڭ يىرمىنىڭ چىچى پۇتۈنلەي يوق ،يۈز قىسمى ئىغىر دەرىجىدە بۇزۇلۇپ كەتكەن ،ئىغىر كۆيۈك يارىسى دەستىدىن ئۇ كۆزىنى ئىچىشقىتىمۇ ئىنتايىن قىينىلىدۇ ،ئاتا-ئانا بالا ئۈچۈن مەڭگۈلۈك باقىۋەندە ئەمەس ،ئابدۇللا بىىلەن مىھرىگۈل بالىنى ئازاپ قوينىدىن قوتقۇزماقچى ،ئەمما ئىقتىسادى شارائىتى ناچار بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئۇلار يالغۇز قالماقتا ،جەمىيەتتىكى كەڭ ساخاۋەت ئىگىلىرىنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىن يارىدەم بىرىشىگە مۇھتاج بولماقتا ،كەڭ ساخاۋەت ئىگىلىرىنىڭ ئۈزى بىلەن بىرلىكتە ئوغلىنى قوتقۇزۇشقا ھەمدەم بولۇشىنى ئۈمۈت قىلىماقتا .5 w" i9 X+ @+ v2 y) h
ھۆرمەتلىك قىرىنداشلىرىم ،جەمىيەتتكىكى كەڭ ساخاۋەت ئىگىلىرى ؛ئائىلىدە ئاتا-ئانىغا جەمىيەتتە بولسا قىرىنداشلارغا تايىنىمىز ،بىز ھەممىز بىر ئائىلە كىشىلىرى ،ھەممىزنىڭ پەرزەنتلىرىمىز ،ئوغۇل -قىزلىرىمىز بار ،پەرزەنىت مۇھەببىتى ھەر-بىر ئاتا-ئانا ئۈچۈن ئورتاق ،ھەممىز ئورتاق كۈچ چىقىرىپ ئوماق ئوغلىمىز ئابدۇللاغا يارىدەم قىلايلى ،مىھىر-مۇھەببىتىمىز بىلەن بۇ بىر جۈپ ئاتا-ئانىنى جەمىيەتىنىڭ ئىللىقىلىقىدىن بەھرىمان قىلايلى ، بىز تۇرۇپ ئۇلار بويۇن قىسىپ قالمىسۇن ،غىرىپسىنىپ قالمىسىۇن .
' P* D' J) n0 Bئابدۇللانىڭ دادىسى ئابلىز يۇسۇپنىڭ تىلىغۇن نومۇرى ؛13779729053چۈشۈرۈش
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |