يانفۇن
1.جەرىمانىنىڭ قانۇنلۇق ئاساسى بولۇشى كېرەك.مەمۇرىي جازا قانۇنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسلانغاندا،جەرىمانە بېكىتىشكە بولىدىغان ھۆججەتلەر:قانۇن،مەمۇرىي قانۇن،بەلگىلىمىلەر،يەرلىك خارەكتىردىكى قانۇن،گوۋۇيۈەننىڭ مىنىستىر،كومتىتلىرى تۈزگەن نىزاملار،ئۆلكە،ئاپتۇنۇم رايۇن،بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تۇرۇشلۇق جايدىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى تۇرۇشلۇق جايدىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە گوۋۇيۇەننىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزگەن چوڭراق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تۈزگەن نىزاملار.ھۆججەت ئاشكارا قىلىنغان بولۇشى،‹‹ئىچكى قىسىمدىكى ھۆججەتلەر››ئاساس قىلىنماسلىقى كېرەك؛
2 n- R: ^) T, B7 Y) w% x 2.جەرىمانىنى پاكىتقا ئاساسەن ئېلىش،ئورۇنلۇق سەۋەبى بولۇشى كېرەك.جەرىمانە پاكىتلىق بولۇش دېگەنلىك جاۋاپكارنىڭ ئىلگىرى ياكى ھازىر يۈرگۈزۋاتقان مەمۇرىي باشقۇرۇش تەرتىپلىرىگە خىلاپلىق قىلمىشىنى،نېمە قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.جەرىمانىنىڭ سەۋەبى بولۇش دېگەنلىك جاۋاپكارنىڭ قايسى ھۆججەت-بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ،نېمە ئۈچۈن جەرىمانە قويۇلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ؛
- K; W( R* \! y3 I 3.جەرىمانىنى ئىجرا قىلغۇچىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى بولۇش كېرەك.قانۇندا بەلگىلەنگەن مەمۇرىي جازانى پەقەت مەمۇرىي جازا ھوقۇقىغا ئىگە مەمۇرىي ئورگانلار قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرسى ئىچىدە يۈرگۈزىدۇ.بۇنى تۆۋەندىكى ئۈچ جەھەتتىن پەرىقلەندۇرۇش كېرەك 1)جەرىمانە قويغۇچىلار مەمۇرىي ئورگانمۇ-ئەمەسمۇ؟بۇ ئېنىق بولۇش لازىم.قانۇندا بەلگىلەنگەن مەمۇرىي جازا بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە ئورگان بولۇشى،قانۇن ھوقۇق بەرگەن تەشكىلات بولۇشى؛(2)جەرىمانە قويغۇچىنىڭ ھوقۇق دائىرسى ئىچىدىكى ئىشمۇ-ئەمەسمۇ؟بۇ ئېنىق بولۇشى لازىم.ئوخشاش بولمىغان مەمۇرىي ئورگان،تارماقلارنىڭ ھەر قايسىسىنىڭ ئۆز ۋەزىپىسى بولۇشى،قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق چەكلىمىسىدىن ئاشۇرۇپ يۈرگۈزگەن مەمۇرىي جازا ئىناۋەتسىز بولۇشى كېرەك؛(3)جەرىمانىنى ئىجرا قىلغۇچى ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەندە،قانۇننى ئىجرا قىلىش ئىسپاتىنى چىقىرىش كېرەك؛
" y: [0 c d! M: d9 ] 4.جەرىمانە بەلگىلىك تەرتىپ بويىچە يۈرگۈزۇلۇشى كېرەك.مەمەۇرىي جازا ئاددىي،ئادەتتىكى ۋە ئىسپات ئاڭلاشتىن ئىبارەت ئۈچ تەرتىپ بويىچە بولىدۇ.ئاددىي تەرتىپ ئاساسلىقى قانۇنغا خىلاپ ئىشەنچىلىك پاكىت ھەم قانۇندا بەلگىلەنگەن ئاساسلارغا ئىشلىتىلىدۇ.پۇقرارلارغا قويۇلغان جەرىمانە50يۇەندىن تۆۋەن،ۋاكالىتەن قويۇلغان جەرىمانە1000يۇەندىن تۆۋەن،يېنىكرەك جازا بولسا،نەق مەيداندا ئەمەلىيلەشتۇرسە بولىدۇ؛ئادەتتىكى تەرتىپتە جەرىمانە ئاددىي تەرتىپنىڭ سوممىسىدىن ئېشىپ كېتىدۇ.جەرىمانىنى ئىجرا قىلغۇچى ئورگان ئومۈمىيۈزلۈك،كونكىرېت،ئادىل تەكشۇرۇپ،مۇناسىۋەتلىك دەلىل-ئىسپاتلارنى يىغىپ،جازا بېرىشكە تېگىشلىك جازا نامىنى تۈزۈپ چىقىش ھەم جاۋاپكارغا يەتكۈزۈپ بېرىش كېرەك؛ئىسپات ئاڭلاش تەرتىپىدە جەرىمانىنىڭ سوممىسى بىر قەدەر كۆپ بولسا،مەمۇرىي ئورگانلار مەزكۇر دېلۇغا مۇناسىۋەتسىز خادىملارنى تەشكىللەپ ئىسپات ئاڭلىشى كېرەك،ئىككى تەرەپ قانۇنغا خىلاپ بولغان پاكىت،دەلىل ئىسپات،سۈپەت ئىسپاتىغا رەددىيە بەرگەن بولۇشى،ئەڭ ئاخىردا جازا بېرىش قارارىنى چىقارغان بولۇشى كېرەك.
% a/ }9 ^0 L& ~+ P 5.مەمۇرىي جازا قانۇنىدا:‹‹جەرىمانە قويۇشنى بەلگىلىگەن قانۇننى ئىجرا قىلغۇچى ئورگان بىلەن جەرىمانە تاپشۇرۋالغۇچى ئورگان ئايرىم بولۇشى كېرەك››دەپ بەلگىلەنگەن.جاۋاپكار جەرىمانە قارارنامىسىنى تاپشۇرۋېلىپ،جەرىمانىنى15كۈن ئىچىدە بەلگىلەنگەن بانكىغا بېرىپ تاپشۇرۇشى كېرەك.ئەگەر جەرىمانىنى ئىجرا قىلغۇچى خادىملارنىڭ نەق مەيداندا تاپشۇرۇلغان جەرىمانىسى20يۇەندىن ئېشىپ كەتسە،ئەمما جازا چەت-ياقا،سۇ ئۈستى،قاتناش قولايسىز رايۇنغا تەۋە بولسا ياكى يۇقىرىقى رايۇنلارغا تەۋە،لېكىن جاۋاپكار ئۆز ۋاقتىدا تاپشۇرۇشقا قوشۇلسا،نەق مەيداندا تاپشۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |