يانفۇن
يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ‹‹جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى››دىكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن سوئال سوراش ۋە سوت قىلىش توغرىسىدا يېڭى بەلگىلىمىلەر+ {( S: i2 ^% R3 c. h6 k7 z
7 M5 w, Y# D$ v& K# T9 `! U
/ O$ q! t# q3 V7 k6 w t
دۆلىتىمىزنىڭ ‹‹جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى››غا 2012 – يىلى 3 – ئاينىڭ 14 – كۈنى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 – يىغىنىدا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ قانۇن 2013 – يىلى 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىنىڭ 270 – ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ‹‹قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايى ئىشلار دېلولىرىدا قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكاردىن سوئال سوراشتا ۋە ئۇنى سوت قىلىشتا، ئۇنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىسىگە تۆپىدە تۇرۇشنى ئۇقتۇرۇش قىلىش كېرەك. ئۇقتۇرۇش قىلغىلى بولمىغاندا، قانۇنىي ۋاكالەتچىسى كېلەلمىگەندە ياكى قانۇنىي ۋاكالەتچىسى ئورتاق جىنايەتچى بولۇپ قالغاندا، قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكارنىڭ قۇرامىغا يەتكەن باشقا تۇغقانلىرىغا، ئۇ قاراشلىق مەكتەپ، ئورۇننىڭ، تۇرۇشلۇق جايدىكى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتىنىڭ ياكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلىگە تۆپىدە تۇرۇشنى ئۇقتۇرۇش قىلسىمۇ ھەمدە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى دېلوغا خاتىرىلەپ قويسىمۇ بولىۋېرىدۇ›› دەپ بەلگىلەنگەن. تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىدا 1996 – يىلىدىكى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىنىڭ 14 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ‹‹ئۇقتۇرسا بولىدۇ›› دېگەننى ‹‹ئۇقتۇرۇش كېرەك›› دېگەنگە ئۆزگەرتكەن ھەمدە ھازىر بولىدىغان كىشىلەرنىڭ دائىرىسى كېڭەيتىلگەن، بۇنىڭ بىلەن يىڭى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىنىڭ قەتئىيلىكى ۋە مەشغۇلاتچانلىقى كۈچەيتىلىپ، ئىلگىرىكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى سوراق قىلىش ۋە سوت قىلىشتا، ئۇلارنىڭ قۇرامىغا يەتكەن قانۇنىي ۋاكالەتچىسىنىڭ ھازىر بولۇش مەسىلىسىنىڭ قېلىپلاشماسلىقىغا خاتىمە بېرىلىپ، قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئەتى قوغدىلىشقا قاراپ يۈزلەندۈرۈلگەن.- G1 ]4 l5 d, ^0 {, t
بۇ ماددىنى تەتبىقلاشتا مۇنداق بىر قانچە نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش لازىم:/ s* p, r/ W- E0 e2 N, D6 W: o
(1) تەھقىقلىگۈچى ئورگان قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەت گۇماندارىدىن تۇنجى قېتىم سوئال سورىغاندا، شۇ گۇماندارنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلىكىنى بىلگەن بولسا، دەرھال سوئال سوراشنى توختىتىپ، شۇ گۇماندارنىڭ ئاتا – ئانىسى ياكى ۋەسىيسى؛ باشقا كىشىلەرنىڭ( ئوقۇۋاتقان مەكتەپنىڭ، ئورۇننىڭ، تۇرۇشلۇق جايدىكى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى ۋەكىلىنىڭ) تۆپىدە تۇرۇشىنى ئۇقتۇرۇش قىلىش لازىم. ناۋادا يۇقىرىقى كىشىلەر بولمىسا، قۇرامىغا يەتكەن، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالالايدىغان باشقا كىشىلەرنىڭ تۆپىدە تۇرۇشىنى ئۇقتۇرۇپ، ئۇلار كېلىپ تۆپىدە تۇرغاندىن كېيىن ئاندىن سوئال سوراشنى باشلاش كېرەك. قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىلەردىن تۆپىدە تۇرۇشقا كەلگەنلىرى قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكارنىڭ دەۋا ھوقۇقلىرىنى ۋاكالىتەن يۈرگۈزۈپلا قالماي، يەنە دېلو بېجىرگۈچى خادىملار سوئال سوراش، سوت قىلىشتا، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئەتىگە دەخلى – تەرۇز قىلدى، دەپ قارىغاندا پىكرىنى بەرسە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا سوئال سوراش خاتىرىسى، سوت خاتىرىسىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىلەر ياكى باشقا كىشىلەرگە ئوقۇپ بېرىش ياكى ئوقۇپ كۆرۈشىگە بېرىش لازىم.
" E U0 h$ l. o (2) تەھقىقلەش باسقۇچىدا دەماللىققا گۇماندارنىڭ يېشىنى بېكىتكىلى بولمىسا ھەمدە چىراي – شەكلىگە قاراپمۇ قۇرامىغا يەتكەن – يەتمىگەنلىكىنى بىلگىلى بولمىسا ياكى سۆڭەك يېشىنى باھالاش ئارقىلىق گۇماندارنىڭ يېشى 18 ياش ئەتراپىدا دەپ باھالانغان بولسا، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە پايدىلىق بولۇشنى چىقىش قىلىپ، ئۇلاردىن سوئال سورىغاندا قانۇنىي ۋاكالەتچىسى ياكى باشقا قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەرنىڭ تۆپىدە تۇرۇشىنى ئۇقتۇرۇش كېرەك. ئەمەلىيەت جەريانىدا 18 ياشقا توشمىغان گۇماندارنىڭ ھەقىقىي يېشىنى ئېنىقلاش بىر قەدەر قىيىن. بۇنىڭ سەۋەبى ھەر خىل بولۇپ، بەزى گۇماندارلار ھەقىقىي ئىسمىنى، يېشىنى، ئادرېسىنى دېگىلى ئۇنىمايدۇ؛ يەنە بەزىلىرى ھەقىقىي يېشىنى بىلمەيدۇ؛ يەنە بەزى گۇماندارلار ھەقىقىي يېشىنى بىلمەيلا قالماي، ئۇلارنىڭ ئاتا – ئانىسىمۇ بىلمەيدۇ؛ يەنە بەزىلىرىنىڭ نوپۇس ئۇچۇرىنى تىزىملاشتا خاتا تىزىملانغان بولىدۇ.
/ D( x5 P5 E( W2 H6 ] (3) گۇماندارنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلىكىنى بىلگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولسىمۇ، ج خ ئورگىنى ياكى تەپتىش ئورگىنى گۇمانداردىن سوئال سورىغاندا گۇماندارنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسى ۋە قۇرامىغا يەتكەن باشقا مۇۋاپىق كىشىلەرنىڭ تۆپىدە تۇرۇشىنى ئۇقتۇرماي ئالغان دەلىل – ئىسپات بىردەك قانۇنسىز ئېلىنغان دەلىل – ئىسپات، دەپ بېكىتىلىپ رەت قىلىنسا بولىدۇ. 2 D( G" e5 s. f. q7 q7 y# [! v. o2 b
+ W. V9 d ?$ j8 I1 ^مەنبەسى: شىنجاڭ گىزىتى دىتال
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |