خەۋەرتېمسىز...... ھەر دەم ئېلىش كۈنلىرى بولسا شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىغا بېرىپ توپ ئويناپ تۇرىمىز، يېقىندىن بېرى مەكتەپ مۇھىتى بىراقلا ئۆزگىرىپ كەتتى، دەرەخلەر كېسىلدى، ھەممىلا يەرد قۇرۇلۇش، ھەممىلا يەر ئويداڭ-چوڭقۇر، بىنا چۈشكىدەكلار يەرگە بىنا سېلىۋاتىدۇ، ەرەخلەرنىڭ قەدرى يوقلا، قومۇرۇپ ئاپىرىپ باشقا جايلارغا سالىدىغان ئىشلار يوق، ئۆرۈپ، كېسپ، سۇندۇرۇپم چاناپ دېگەندەك بىر تەرەپ قىلىۋەتكىلى تۇرۇپتۇ. ھېلىقى ئۇنىۋېرسال بىنا بىلە ماتېماتىكا بىناسىنىڭ ئارلىقىدىكى كىچىك ئورمانلىق بارغۇ، شۇ ئىككى پارچە ئورمانلىقنىڭ بىر پارچىسىنى كېسىپ قۇرۇتۇپ، ئورنىنى كولاپ قويۇپتۇ؛ بىئولوگىيە بىناسىنىڭ ئالدىدىكى بوشلۇقمۇ شۇنداق، ۋالىبول مەيدانىدىغۇ دەرەخ يوقتى، لېكىن شۇ يەرگىمۇ قۇرۇلۇش قىلدۇق دەپ مەيداننى يوق قىپتۇ.- f% e: ]6 S! j0 }& \2 Z
# m- {/ {$ _4 B& K
*****************************************************************************
9 |' b7 O @# C" I6 [* M$ C+ M# d$ r( u) o3 t+ E
u: o% s# _7 t3 I; |& f6 g* h) P8 _" r
ئارمان تاللا بازىرىنىڭ يان تەرىپىدىكى كوچا بارغۇ، بۇرۇنقى تىياتىر ئۆمىكىنىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئىككى قاسنىقى، ئېگىز بىنادىن بىرنى سېلىپ، بىرىنچى قەۋىتىنى دۇكان قىلغان، خېلى ئېسىل دۇكانلار ئېچىلىپ، ئوبدان مەھسۇلاتلار بازارغا سېلىنغان، ھە بوپتۇ، بايلارنىڭمۇ پۇل خەجلەيدىغان سورۇنلىرى بولىشى كېرەك، پۇلنىڭ ھەممىسىنى شىياۋشىمىنغا ئاپىرىپ تاشاپ قويمىسۇن دەپ، كۆڭلىمىزدە خوش بولۇپ يۈرگەن، تۈنۈگۈن بازار ئايلانغان قارىساق، ۋىۋىسكىلىرىنىڭ ھەممىسىنى چۇۋىغىلى تۇرۇپتۇ، خەنسوچىسى كىچىك يېزىلىپ قالغانمىش، قانۇنغا خىلامىش، ئىككىلا تىلدا ئوخشاش چوڭلۇقتا يېزىپ بىر تۇتاش لاھىيەلەپ چاپلاپ بېرىمش. قىزىق يېرى نەنمىننىڭ بۇيىنىغا ئۆتسەم، ئۇيغۇرچىسى خاتا يېزىلغان ياكى مىكروسكۇپتا ئاران كۆرگىلى بولغۇدەك يېزىلغان، ھەتتا يېزىلمىغان ۋىۋىسكىلار ساماندەك تۇرۇپتۇ. ھالبۇكى كونسو، تەرەپتىكى دۇكانلارنىڭ تەڭدىن تولىسىغا يىلدا ئېزىپ-تېزىپ بىرەر تال خەنسو خېرىدار كىرىپ سالمايدۇ، نەنمىننىڭ بۇيىقىمۇ جۇڭگوغا تەۋە بولغىيتى دەپ ئويلاپ قالدىم.! [7 l6 X3 M: ~
# |) c: `# @8 ~) Y# f0 a********************************************************************# j0 ^. O; a ?& u9 s$ x
( R/ e8 [7 d; L# P % f/ E( d3 R& [; [! S
3 I9 ^/ a4 {( x T' Q
ھېيتلىق كىيىم ئالايلى دەپ، كونسولدىن دۆڭكۆرۈككىچە بولغان دۇكانلرنى بىر قۇر ئايلىنىپ چىقتۇق، تۈرك دېگەن قار ياغقاندەكلا يېغىپ كېتىپتۇ، باھاسىنىڭ قىممەتلىكىنى نىمە دەي، تۈركچە مەھسۇلات بولسىمۇ ھە دەپ تۇرايلى، 80% دۇكاننى تۈركلەر ئۆتكۈزىۋالغاندەكلا، تىكىلىشى شۇنداق ناچار كۆينەكلەرنى 150 تىن چۈشۈرمەي باھا قويپ تۇرىدۇ، ئۇيغۇر ئىزدەپ دۆڭكۆرۈكتىكى بىر دۇكانغا كىردۇق، تاللاپ بىرقۇر كىيىم ئالغاندىن كېيىن، دۇكانلارنىڭ ھەممىسىنى تۈركلەرگە تاشلاپ بەردىڭلارمۇ نېمە؟ دېسەم، ئۇيغۇرچە ماللارغا خەق ئالمىغاندىكىن، تىجارەتتە ئامال بولمىدى شۇ، بىزمۇ ما دۇكانغا ئۇيغۇرچە، ياندىكى دۇكانغا تۈركچە مال سالدۇق، دەيدۇ مەيۈسلەنگەندك. قارىسام تۈركچە دېگەن كىيملەرنىڭ تىكىلىش ئۇيغۇرچە ماركىلاردىن ئالاھىدە پەرقلىق بولمىغىنىغا قارىماي، باھاسى بىراقلا ئۆرە ئېدى...7 }* f; I* i4 p' u( w/ J
7 u2 A: P; s- n" v# p o
*********************************************************************************/ X3 n# N" Z/ |' \4 F& C$ O2 x' Z
& [, ]- l. s- N8 C, d& W# g
/ f! s p4 P( n6 F4 ]1 N: u! l
; b! }3 D% j% G1 I& r
دوستۇمنىڭ بىئولوگىيەدە ئاسپرانتلىقنى پۈتتۈرگەن بىرجۈپ ساۋاقدىشى، ئۈرۈمچىدە بىر مەزگىل تىركىشىپ باققاندىن كېيىن، كۆڭۈلگە ياققۇدەك خىزمەتنىڭ تايىنى بولماي، قەشقەرگە قايتماقچى بولۇپ يولغا چققانلىقىنى كۆردۈم بۈگۈن، ئۇيغۇردىكى ئاسپرانتلىققا قوبۇل قىلىنغان بالىلارنىڭ، قانچىلىك تىرىشچان، قابىلىيەلىك بالىلار ئىكەنلىكى ھەممىمىزگە ئايان، ئۈرۈمچى ئۇلارنى سىغدۇرالمايۋېتىپتۇ...
" U+ u8 L: Z" S' G+ V/ b; }- v; R2 ]3 o0 V
**********************************************************************7 U) m( u+ x7 ]
Z. i3 ~+ x# W, t; g4 ^% h0 K ^4 r" M4 @ ?& I& c r2 ~
& B/ Z! u$ X$ yBRT دەپ بىر نەرسىنى بارلىققا كەلتۈرگىنىنى ئۇيغۇر دىيارىدا بىلمەيدىغان كىشى قالمىدى، دەسلەپ باشلىغاندا شۇنداق ياخشى ماڭغان، ماشىنا كەلگەندە بىكەت خىزمەتچىلىرى قوماندانلىق قىلىپ، بېكەتتىكى ۋە بېكەتكە كىرىۋاتقان كىشىلەر تولۇپ ئاپتۇبۇسقا چىقىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن ماڭاتتى، شۇنداق تەرتىپلىك بولىۋاتقاندەك قىلغان، بارغانسېرى ئۇنداق بولمايۋاتىدۇ، بىكەتتىكى ئۈچ خىزمەتچى ئىشىك تۈۋىگە يىغىلىپ پىت بازىرىنى قىزىتىدىكەن، شوپۇپ بېكەتكە كىرىپ، ئەڭ ئىچىدىكى ئورۇندا توختايدىكەن، ئىشىك تۈۋىدىكى ئادەملەر چقىپ بولىشىغىلا ماڭىدىكەن، بىر ئادەمنىڭ يۈگرەپ كەلگىنى بىلەن كارى يوق، يۈگرەك كەلگەن ئادەم ماشىنىغا ئۈلگۈرەلمەي، ئوڭايسىزلانغىنىچە توختاپ قالىدىكەن. 2-لىنىيەسى بار ۋاقتىدا خېلى ئوبدانتى ، 2-لىنىيەنى بېيمىن تەرەپتىن ئۇدۇل قىزىل كۆرۈككە ماڭىدىغان قىلىپ قويغاندىن كېيىن، كونسول تەرەپكە 3-لىنىيەلا كېلىدىغان بولدى، شۇنداق قىلىپ بىراقلا قىستاڭچىلىق بوپ كەتتى، ھەر كۈنى كەچتە بېكەتكە لىققىدە توپلىشىپ قالغان ئادەملەر ئارىسىدىن ماشىنىغا ئارانلا چىققىلى بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە جىقلىرى ياشانغانلار. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار نۇرباغ تەرەپلەرگە بارماچقى بولسا ماشىنا ئالماشاي بارالمىغاننىڭ ئۈستىگە، تىقمىتا-تىقما BRT دىن يەتكۈچە زېركتى، قېرىشقاندەك بۇ يولدىن بۇرۇن ماڭىدىغان 1،101-يولنىڭ ئاپتۇبۇسلىرىنى توختىتىۋەتكەچكە، ئاتالمىش BRT غا چىقماي باشقا ئامالمۇ قالمىدى...+ M% _5 e- X) S# n- D6 ?
$ ?( N: @8 l# l+ s6 T7 n" ^" f*************************************************************************! h5 U0 J0 l0 M C7 I/ Y1 g
8 F% Y: S) Y" q* J. ]+ T ' H7 r* ^6 D0 v2 z
1 ^# H9 ]. p6 J' _7 dيېقىندىن بېرى تاكسىلارنىڭ ئۇيغۇرنى كۆرسە توختىمايدىغان ئىشى يەنە ئەدەپ قالغىلى تۇردى، بۇنىڭ سەۋەبى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ تەڭرىتاغ رايونىغا بارىدىغانلىقىدا، تاكچىسىلارنىڭ كۆپىنچىسى تەڭرىتاش رايونىنىڭ يوللىىرى تار، قىستاڭ ئىكەنلىكىنى ئاساسى جەھەتتىن بىلىپ قالدى، بۇ يەرلەرگە كىرىپلا قالسا كەچكىچە چىقىپ كېتەلمەيدىغانلىقىدىن ئەنسىرەپ، ئۇيغۇرنى كۆرسە ئامال بار چىقارماسلىققا باھانە ئىزدەۋاتىدۇ، چىقىرىپ سالسىمۇ خۇددى دارغا ئاپىرىدىغاندەك ماڭىدۇ، تۈنۈگۈن كەچتە قولۇمدىكى ئازراق نەرسە بىلەن تاكسى توسۇپ قالدىم، بىردەمدىن كېيىن بىر ئۇيغۇرنىڭ تاكسىسى كېلىپ توختىدى، قولۇمدىىكى نەرسىلەرنى كۆرۈپ، ئانچە چىقارغۇسى يوق ماشىنىسىغا، بىر نىمىلەرنى دەپ چىقتىم، ماشىنىنى ھەيدەپ :"يېقىندىن بىرى تاكسىچىلار گاۋفىڭ(ماشىنا جىق) ۋاقتىدا، قولىدا نەرسىسى بار كىشىلەرنى سالمايدىغانغا دىيىشىۋاتقان، چىقىپ چۈشۈشكە جىق ۋاقىت كېتىدىكەن" دېمەسما، ئەرۋايىم قىخ گەز ئۇچتى..." m: d/ G! v- v% i+ `9 ^
- c/ q2 E I. {
4 x. }. ?, Q Y- `$ W/ i* `6 J# Y2 Y5 [& m! N% G2 w
گەپ شۇ تۇققانلار، تىرىشايلۇق...* o5 G& u% I% [
/ Z& P$ a7 [) O, p
9 R' f1 R( w, c% ?5 oمەنبە:ئىزدىنىش تورىئىزدە
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |