خەۋەركومپيۇتېر ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغاندا كۆرۈلىدىغان ئالتە خىل ئەھۋال 6 D, d# k0 G( C' Y* N1 z, N, E
2 m- Y6 P/ v6 ]! ~; V" K
1 . تىزىملاتقاندا غەيرىي ئەھۋل كۆرۈلىدۇ. سىز دائىم ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق جايدا QQ غا چىقسىڭىزمۇ ‹‹ سىز ئالدىنقى قېتىم بېيجىڭدا QQ غا چىققان ›› ياكى ‹‹ گۇاڭجۇدا QQ غا چىققان ›› دېگەندەك ئۇچۇرلار كۆرۈنىدۇ. MSN (بىر خىل پاراڭلىشىش قورالى)دا دوستلىرىڭىز سىزنىڭ بايا نېمە يوللىغانلىقىڭىزنى سورىسا، سىزدىن سادا كەلمەيدۇ.
( G6 i/ t1 S* \1 G A2 . قوراللار يوقاپ كېتىدۇ. تور ئويۇنىدىكى قوراللار يوقاپ كېتىدۇ ياكى ئالدىنقى قېتىم توردىن چۈشكەن ۋاقتىدىكى ئورۇن توغرا چىقمايدۇ، ھەتتا توغرا بولغان مەخپى شىپىر بىلەن تىزىملاتقىلى بولمايدۇ.
7 o6 G$ \, [$ S3 . مائۇس تۇيۇقسىز باشقۇرۇشىمىزغا بويسۇنماي، تەرتىپسىز ھەرىكەت قىلىدۇ، شۇنداقلا كۇنۇپكىلارنى خالىغانچە بېسىپ مەشغۇلات ئېلىپ بارىدۇ.# Z$ Q0 q3 I- G' W7 ^
4 . تور سۈرئىتى تۇيۇقسىز ئاستىلايدۇ. نورمال تورغا چىقىۋاتقاندا، تور سۈرئىتى تۇيۇقسىز ئاستىلىغاندەك تۇيۇلىدۇ، قاتتىق دىسكا چىرىغى ماتېرىيال كۆچۈرۈۋاتقان ۋاقىتتىكىگە ئوخشاش يېنىۋالىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا خاككېرلار بەلكىم ماتېرىيالىڭىزنى كۆچۈرۈۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. بۇ چاغدا سىز ئىككىلەنمەستىن تور سىمىنى ئېلىۋېتىڭ ۋە دەرھال كومپيۇتېر سىستېمىسىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈڭ. 2 t0 H$ X7 p. `, E4 I
5 . تېلېكامېرا ئاپتوماتىك ئىشلەيدۇ. تېلېكامېرا ئىشلىتىشكە تەييارلىق كۆرۈۋاتقان ۋاقتىڭىزدا، سىستېمىدا ‹‹ بۇ قورال ھازىر ئىشلىتىلىۋاتىدۇ ›› ، دېگەن ئۇچۇر كۆرۈنىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ھۇجۇم قىلغۇچىلار تېلېكامېرايىڭىزنى ئوغرىلىقچە ئىشلىتىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا تېلېكامېرانى ئىشلەتمىگەن ۋاقىتتا كامېرا لىنزىسىنى ياپقۇچى بىلەن ئېتىپ قويۇش ياكى تېلېكامېرانىڭ سىمىنى كومپيۇتېردىن ئاجرىتىۋېتىش كېرەك.* z+ H; l; _9 M' q2 o
6 . تور كارتىسى چىرىغى قالايمىقان يانىدۇ. تور بايلىقىدىن پايدىلانمىغان ۋاقتىڭىزدىمۇ تور كارتىسى چىرىغىنىڭ توختىماي يېنىۋاتقانلىقىنى بايقايسىز، ئەگەر ئۇلانغاندىن كېيىن كۆرۈنىدىغان ھالەتكە لايىھەلەپ قويسىڭىز، ئېكراننىڭ ئوڭ ئاستى تەرىپىدە تور كارتىسى دىئافراگمىسى نورمال كۆرۈنىدۇ، نورمال ئەھۋالدا تور كارتىسى چىرىغىنىڭ يېنىشى ئانچە ئېنىق بولمايدۇ، سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئېقىش مىقدارىمۇ ئانچە يۇقىرى بولمايدۇ.
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |