يانفۇن
9 J4 @9 V1 b- @3 g2 E, v, l
/ ^+ H4 g7 M/ _ r9 [ يېڭى توي قىلغان ئاياللاردا جىنسى تۇرمۇشتىن تېخىمۇ لەززەتلىنىش ئۈچۈن توي قىلىشتىن بۇرۇن ھەر ئىككى تەرەپ بىر قىسىم جىنسىيەت بىلىملىرىنى ئەگىنىپ قۇيۇشلىرى، ئەر-ئايال جىنسى ئەزالىرىنىڭ تۈزۈلىشى ۋە فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكلىرىنى بىلىۋېلىشلىرى لازىم. بىر-بىرىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى ياخشى چۈشىنىش ئۈچۈن تويدىن بۇرۇن بەدەن تەكشۈرتۈش لازىم... ئەگەر بىرىدە كېسەللىك بولسا بولۇپمۇ يۇقۇملۇق كېسەل مەسىلەن: ھەرىكەتلىنىۋاتقان ئۆپكە سېلى، ئۆتكۈر جىددىي جىگەر ياللۇغى قاتارلىقلار ۋە سۈيدۈك ئاجىرتىپ چىقىرىش يوللىرىدىكى جىددى ياللۇغلىنىش قاتارلىق كېسەللىكلىرى بولسا ئەلۋەتتە داۋالىنىپ كېسىلى ساقايغاندىن كېيىن توي قىلش لازىم... ئەگەر يۈرەك، بۆرەك كېسەللىكلىرى بولسا دوختۇرنىڭ مەسلىھىتى بۇيىچە ئىش قىلىش ئەر تەرەپ ئۆزىنىڭ جىنسىي ئىقتىدارىنى مۆلچەرلەپ تۇرۇپ ئەگەر مەسىلە بولسا تەكشۈرتۈپ داۋالىنىشى تويدىن كېيىنكى باش قېتىنچىلىقتىن ساقلىنىشى لازىم... توي ۋاقتىنىمۇ قىزنىڭ ھەيز كىلش ۋاقتىدىن باشقا ۋاقىتقا توغرىلاش لازىم... ; f% ?7 F( l& B% P
4 i) n" p* L4 @) R
توي كىچىسى ھەر ئىككى تەرەپ ئىزار تارتىپ ئەيمىنىش ھىس قىلىدۇ. قىز تېخىمۇ بەكرەك ئايىلىدۇ. شۇڭلاشقا يىگىت قىزغا نىسبەتەن كۈيۈمچان بولۇشى ۋە ئاسىرىشى قىزمۇ ئاكتىپلىق بىلەن ماسلىشىشى لازىم. توي كىچىسى تۇنجى قېتىم جىنسى ئالاقە قىلغاندا ئەڭ ئاۋۋال ئۇچرايدىغىنى قىزلىق پەرىدىسىنىڭ بۇزۇلۇش مەسىلىسىدىن ئىبارەت... كۆپۈنچە قىزلارنىڭ قىزلىق پەردىسىدىكى تۈشۈك نىسبەتەن كىچىك بولۇپ ئادەتتە پەقەت بىر بارماقلا پاتىدۇ.. شۇڭلاشقا تۇنجى قېتىم جىنسى ئالاقە قىلىشقاندا ئاسانلا بۇزۇلىدۇ ۋە ئازراق ئاغرىيدۇ ئاز مىقداردا قانايدۇ جىنسى ئالاقىدىن بۇرۇن يىگىت قىزغا نىسبەتەن ئىمكان بار مۇلايىم مېھرىبان بولۇپ قىزنىڭ ھىسياتىنى ئارزۇسىنى قوزغىتىش لاىزم. جىنسىي ئالاقە ۋاقتىدا يىگىت ھاياجىنىنى بىر ئاز بېسىۋېلىپ ھەرىكىت سېلىق سىپايە بولۇشى قۇپاللىقتىن ساقلىنىشى ھەر دائىم قىزنىڭ ھالىغا يېتىشى بىرىنچى قېتىم ئىش ئەپلەشمىسە قايتا بىر نەچچە قېتىم سىناپ كۆرۈشى لازىم... قىزمۇ ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئارىدىكى جىددىيلىك ۋە قورقۇش روھىي ھالىتىنى يېڭىپ خۇشاللىق بىلەن جىنسىي لەززەتلىنىشتىن بەھرىمان بولىشى لازىم.... قىزلىق پەردە بۇزۇلغاندا قىز ئىككى پۇتىنى يۇقىراق كۆتۈرۈپ تىزىنى ئىگىپ تۇرۇپ تۆۋەنگ قارىتىپ كۈچىنىپ ئىنجىقلاپ بەرسە ئاغرىق پەسىيىشى مۇمكىن.... قىزلىق پەردە بۇزۇلغاندىكى ئاغرىشقا نىسبەتەن ھەر قايسى قىزلارنىڭ سەزگۈرلىكى ئوخشاش بولمايدۇ. ئاغرىشقا نىسبەتەن بەزى قىلار زىيادە سەزگۈر بولسا بەزىلىر ئانچە سەزگۈر بولمايدۇ. ئەگەر بەكرەك ئاغرىپ كەتكەن بولسا ئەڭ ياخشىسى ئىككى ئۈچ كۈندىن كېيىن ئاندىن جىنسى ئالاقە قىلسا بولىدۇ. قىزلىق پەردە بۇزۇلغاندا ئاز مىقداردا قاناش يۈز بېرىدۇ. بۇ كۆپۈنچە ئۆزلىكىدىن توختاپ قالىدۇ. ئانچىلا دىققەت ىلىپ كىتىشنىڭ قوقوپ كېتىشنىڭ زۆرۆرىيىتى يوق... لېكىن قان زىيادە كۆپ چىقىپ كەتسە كۆتۈلمىگەن ئەھۋالدىن ساقلىنىشئۈچۈن دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈش باشقىلارنىڭ كۈلكىسىدىن قورقۇپ داۋالاش پۇرسىتىنى ئۆتكۈزىۋەتمەسلىك كېرەك. بەزى قىزلارنىڭ قىزلىق پەردىسى ناھايىتى پىششىق بولۇپ جىنسى ئالاقىدىن كېيىنمۇ بۇزۇلماسلىقى مۇمكىن.. بەزى قىزلارنىڭ قىزلىق پەردە تۈشۈكى ئەسلىدىلا ناھايىتى كەڭ بولۇپ تۇنجى جىنسى ئالاقىدىمۇ ھېچقانداق قىينلىق ھىس قىلالماسلىقى مۇمكىن. بەزى قىزلىق پەردىدە قان تۇمۇرلار ناھايىتى ئاز بولۇپ بولۇپمۇ قىزلىق پەردە تۈشۈكى نىسبەتەن چوڭ بولغانلارنىڭ تۇنجى جىنسى ئالاقىدىمۇ قانىماسلىقى مۇمكىن. بەزى قىزلارنىڭ قىزلىق پەردىسى ئەسلىدىلا ناھايىتى نازۇك بولۇپ يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەندەك توپ ئويناش، يۈگۈرۈش، ئىگىزگە سەكرەش، ئاتقا مىنىش، ۋېلىسىپىت مىنىش قاتارلىق قاتتىق ھەرىكەتلەر جەريانىدا بۇزۇلۇپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن... شۇڭلاشقا تۇنجى جىنسى ئالاقىدىن كېيىن قىزلىق پەردىسىنىڭ قاناش-قانىماسلىقى ئاغرىش-ئاغرىماسلىقى بىلەن يولىدىشىنىڭ قىز ياكى قىز ئەمەسلىكىنى بەلگىلەش ئىلمى قاراش ئەمەس... ئەگەر توي كىچىسى تۇنجى قېتىم جىنسى ئالاقە قىلغاندا قىزلىق پەردىدە قاناش يۈز بەرمىسە ياكى قىزلىق پەردىسىنىڭ ساق ئەمەسلىكى سىززىلسە ئۈنچىلا كۆپ بولمغۇر ئويلارنى ئويلاپ ناھەقچىلىق پەيدا قىلىپ قىزغا ئۇۋال ئەلەم قىلماسلىقى ئازار بەرمەسلىكى، ئۆز-ئارا مۇھەببەتكە تەسىر يەتكۈزمەسلىكى لازىم....6 |! S9 C7 |# D! d6 M! b- K
يېڭى توي قىلغان مەزگىللەردە يىگىتلەرنىڭ قارام قۇپال ھەرىكىتى قىزلاردا جىسمانىي جەھەتتىن ئازاب كەلتۈرۈپلا قالماي يەنە روھىي تەرەپلەردىنمۇ ئازاب كەلتۈرۈشى مۇمكىن جىسمانى جەھەتتىكى ئازاب- زەخمىلىنىشىنى ئاسانلا داۋالىغىلى بولىدۇ. زەخمىلىنىش تىزلا ئەسلىگە كىلىدۇ. لېكىن روھى ئازاب ۋە زەخمىلىنىشنى بىر تەرەپ قىلماق نىسبەتەن قىيىن بولۇپ ھەر ئىككەيلەننىڭ ئۆز-ئارا مۇھەببىتىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ... شۇڭلاشقا ئەرلەر بۇ جەھەتتە ئالاھىدە دىققەت قىلشلىرى لازىم...
. t; F; _3 k! o& i) Z2 C( _
- ?5 l. h1 }1 m" n, q ئەگەر جىنسى مۇناسىۋەت كۆپ قېتىم ئوڭۇشلۇق بولمىسا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ سەۋەبىنى تېپىپ داۋالىتىش لازىم. قىسمەن قىزلارنىڭ قىزلىق پەردىسى مۇستەھكەم چىڭ ھەم تۈشۈكى يوق بولىدۇ. ئەگەربۇنداق ئەھۋالغا يۇلۇقسا دوختۇرغا تەكشۈرتۈپ ئوپراتسىيە قىلدۇرۇشقا توغرا كىلىدۇ. بەزى قىزلاردىكى روھى جەھەتتىكى زىيادە جىددىيىلىك ۋە ۋەھىمە قورقۇشلار بىلەن كىلىپ چىققان جىنسى يولىنىڭ سىيپازمىلنىشى (تارتىشىپ قىسقىرىشى) مۇ جىنسى ئالاقىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ... ئەرلەرنىڭ زىيادە ھاياجانلىنىشى تۈپەيلىدىن بەزى مەنى بالدۇر چىقىپ كىتىش ئەھۋالى يۈز بېرىشى مۇمكىن. ئەگەر بۇنداق ئەھۋال يۈز بەرسە ئانچىلا روھى ئازابلىنىپ كېتىشنىڭ غەم ئەندىشە قىلشنىڭ ھاجىتى يوق... كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن جىنسى تۇرمۇش تەجرىبىلىرىگە ئىگە بلۇپ بۇ خىل ھادسىە ئۆزلىكىدىن ياخشىلنىپ كىتىدۇ. بەزى ياشلار قولى بىلەن لەززەتلىنىش ئادىتىگە كۈنۈپ قالغاچقا توي كىچىسى ئىدىيە جەھەتتىكى تەشۋىلىنىش قورقۇش جىددىيىلىك نەتىجىسىدە تۇنجى قېتىملىق جىنسى ئالاقىنى ياخشى قىلالماي قالىدۇ.. . زەكەر قوپمايدىغان ياكى قوپسىمۇ ئانچىلا قاتمايدىغان ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەەىلىيەتتە بۇ پۈتۈنلەي روھى جەھەتتىكى جىددىيىلىك بۇ خىل جىددىيلىشىش بىلەن تەشۋىلىنىشنى تۈگەتكەندىلا بۇ ئەھۋال ئۆزلىكدىن ياخشىلىنىپ كېتىدۇ., a( W% K) N* f) L
4 m1 |, q, l7 m$ V7 m# H
چۈشۈرۈش
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |