ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 873 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 575|ئىنكاس: 1

دەرىس لى ليەنجيېيانفون

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

179

تېما

276

يازما

4687

جۇغلانما

تەجىربىلىك ئەزا

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

قىزغىنلىق
1379 سەر
تۆھپە
901 سەر
تىللا
721 دانە
جەۋھەر
6 دانە
خەۋەرلى ليەنجيې جۇڭگونىڭ خەلقئاراغا داڭلىق كىنو ئارتىسى، ھەرىكەتلىك فىلىم چولپىنى، چامباشچىلىق ئۇستازى، خەير–ساخاۋەتچى، ‹‹بىر يۈەن فوندى››نىڭ باشلامچىسى، خەلقئارا چامباشچىلار بىرلەشمىسى جۇڭگو چامباشچىلىق جەمئىيىتىنىڭ ئوبراز ئەلچىسى. ئۇ 1963–يىلى 4–ئاينىڭ 26–كۈنى بېيجىڭدا بىر ئادەتتىكى ئىشچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ ئىككى ياشقا كىرگەندە دادىسى ئالەمدىن ئۆتۈپ، ئانىسى ئۆزى بەش بالىنى ۋە ياشانغان ئاتا–ئانىسىنى بېقىپ، تۇرمۇشنىڭ ئېغىر يۈكىنى زىممىسىگە مەجبۇر بولىدۇ.
* `3 a1 f- L% G) u1 }$ s+ S( Y0 t" H! i    ئاتاقلىق گۇمپا ئۇستازى، خەلقئارالىق كاتتا چولپان لى ليەنجيې باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2–يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان تەتىل مەزگىلىدە، ئۆزىدىكى تەبىئىي تالانتىغا تايىنىپ، مەكتەپنىڭ چامباشچىلىق تەربىيەلەش سىنىپىدا تەربىيەلەنگەن. 1971–يىلى ئۇ بېيجىڭ چامباشچىلىق ئەترىتىنىڭ مەشقاۋۇلى ۋۇ ۋۇنىڭ يېتەكلىشى بىلەن چامباشچىلىق ھاياتىنى باشلايدۇ. # [& a: k; N, p. S8 l# ^$ K
    بىر مەزگىللىك جاپالىق مەشىقتىن كېيىن، مەشىق بارغانچە جاپالىق تۇيۇلۇشقا باشلىغان. ئۈچ ئايدىن كېيىن بىر قىسىم بالىلار مەشىقتىن چېكىنىپ، 20 بالىنىڭ ئىچىدە تۆتەيلەنلا مەشىقنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرالىغان. بىر يىلدىن كېيىن ئەمدىلا توققۇز ياشقا كىرگەن لى ليەنجيې ھاياتىدىكى تۇنجى قېتىملىق چامباشچىلىق مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلغان. ئەمەلىيەتتە بۇ ‹‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى››دىن بۇيانقى ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى قېتىملىق مەملىكەت دەرىجىلىك چامباشچىلىق مۇسابىقىسى ئىدى. بۇ مۇسابىقىنى ھۆكۈمەت تەرەپ ئۇيۇشتۇرمىغاننىڭ ئۈستىگە ھېچقانداق مۇكاپات بۇيۇمىمۇ يوق ئىدى.  بىردىنبىر مۇكاپات پەقەت ‹‹غەلىبە قىلغۇچى›› دېگەن قۇرۇق نامدىنلا نامدىنلا ئىبارەت ئىدى. ئەمما بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغانلار مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن چامباشچىلىق ماھىرلىرى ئىدى. مۇسابىقە شەندوڭنىڭ جىنەن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ لى ليەنجيېنىڭ تۇنجى قېتىم ئۆيىدىن ئايرىلىشى، شۇنداقلا ھاياتىدا تۇنجى قېتىم بېيجىڭدىن ئايرىلىشى ئىدى. شەندوڭغا ماڭىدىغان كۈنى ئەتىگەندە ئۇنىڭ ئاپىسى يىغلاپ تۇرۇپ بارماسلىقنى ئۆتۈنىدۇ. لېكىن ئۇ يەنىلا جىنەنگە بېرىپ مۇسابىقىگە قاتنىشىپ چېمپيۇنلۇقنى قولغا كەلتۈرىدۇ. شۇ يىلى ئۇ ئەمدىلا توققۇز ياشتا ئىدى.
+ \' o3 V& R# d    ئۇ بېيجىڭغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن تۇيۇقسىز بىر پارچە ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇۋالىدۇ. ئۇقتۇرۇشتا ئۇنىڭ ھازىردىن باشلاپ يېرىم كۈن ئوقۇپ، يېرىم كۈن چامباشىچلىق مەشىق قىلىشى تەكىتلەنگەنىدى. چۈنكى جۇڭگو ئەينى ۋاقىتتا بىر قېتىملىق تاشقى ئىشلار مۇسابىقىسى ـــ ئاسىيا–ياۋروپا–لاتىن ئامېرىكىسى بويىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان تىكتاك توپ مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزمەكچى بولۇۋاتاتتى. بۇ مۇسابىقنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا جۇڭگونىڭ بىر تۈركۈم نادىر نومۇرلىرى ئورۇنلىنىدىغان بولۇپ، بۇنىڭدا جىڭجۈ تىياتىرى، ئۇسسۇل، شۇنداقلا چامباشىچلىق نومۇرلىرىمۇ بار ئىدى. چامباشچىلىق بويىچە بەش نومۇر بولۇپ، لى ليەنجيې بۇنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ نومۇردا ماھارەت كۆرسىتىدۇ. تاماشىبىنلار ئۇنىڭ ماھارىتىنى كۆرگەندىن كېيىن، چامباشچىلىقتا خېلى يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا يۇقىرى باھا بېرىدۇ.
8 {& D* }( F! [- |# A! u   مۇسابىقە ئاخىرلىشىپ بىر مەزگىلدىن كېيىن ئەينى ۋاقىتتىكى گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى جۇۋ ئېنلەي ئۇلارنى قوبۇل قىلغان. لى ليەنجيې بۇ چاغدىكى ئىشلارنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: بىر دۆلەتنىڭ زۇڭلىسىنىڭ بىر كىچىك بالىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭ ماھارىتىنى ماختاپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشى ئىنتايىن كاتتا شەرەپ ھېسابلىنىدۇ. مەندەك ئەمدىلا توققۇز ياشقا كىرگەن بالىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئۇ ھەقىقەتەنمۇ ئۇنتۇلغۇسىز ئىش بولدى.
# B8 P! r: M" {8 ~! w; P: T    1974–يىلىدىن 1979–يىلىغىچە لى ليەنجيې ئۇدا بەش قېتىم مەملىكەتلىك چامباشچىلىق مۇسابىقىسىدە چېمپيۇن بولۇپ، تەڭتۇشلىرى تەرىپىدىن ‹‹جاھاندا تەڭدېشى يوق چامباشچىلىق پىرى›› دېگەن نامغا ئېرىشىدۇ. بېيجىڭ شەھەرلىك تەنتەربىيە كومىتېتىمۇ ئۇنىڭغا ئالاھىدە مۇكاپات بېرىدۇ. 2 R+ R. }! A7 _# P( J9 _

8 J0 ]. n' ]# m8 I QQ截图20020101011427.png QQ截图20020101011402.png QQ截图20020101011236.png 0 `" a2 M7 H2 v

3 v8 ~' q8 W9 A) c7 [! p  لى ليەنجيې 17 يېشىدىن بۇرۇن، شىمالىي ئامېرىكا، جەنۇبىي ئامېرىكا، ئافرىقا، ياۋروپا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيالاردا چامباشچىلىقتىن ماھارەت كۆرسىتىدۇ. ئۇ چامباشچىلىق ساھەسىدىن چېكىنىشتىن بۇرۇن دۆلەتكە ۋاكالىتەن 40 نەچچە قېتىم زىيارەتكە چىقىدۇ. ئەينى چاغدا ئۇنىڭ ماھارىتىگە مەپتۇن بولۇپ قالغان ئامېرىكا زۇڭتۇڭى نىكسون ئۇنى ئۆزىنىڭ مەخسۇس قوغدىغۇچىلىقىغا تەكلىپ قىلىدۇ، لېكىن ئۇ رەت قىلىپ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەنىدى.5 |# Y- K% @7 I: ]# D+ g
   ئۇ يەتتە ياشقا كىرگەن يىلى تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسىنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن، بېيجىڭ تەنتەربىيە مەكتىپىنىڭ چامباشچىلىق سىنىپىغا ئوقۇشقا كىرىدۇ. 1974–يىلى مەملىكەتلىك چامباشچىلىق مۇسابىقىسىدە ئۆسمۈرلەر گۇرۇپپىسى بويىچە بىرىنچىلىكنى قولغا كەلتۈرىدۇ. 1975–يىلىدىن 1979–يىلىغىچە مەملىكەتلىك چامباشچىلىق مۇسابىقىسىدە ئۇدا بەش قېتىم چېمپيون بولىدۇ ھەمدە بېيجىڭ شەھەرلىك تەنتەربىيە كومىتېتى تەرىپىدىن مۇكاپاتلىنىدۇ. ئۇ بۇنىڭ بىلەن 70–يىللاردىكى چامباشچىلىق ساھەسىدىكىلەرنىڭ غالىب سەركىسىگە ئايلىنىدۇ، شۇنداقلا جۇڭخۇا چامباشچىلىقىدىكى ‹‹بىرىنچى ئۇستاز›› بولۇپ قالىدۇ.  لى ليەنجيې ھازىر سىنگاپور دۆلەت تەۋەلىكىدە بولۇپ، ئىلگىرى شياڭگاڭ، ئامېرىكا، سىنگاپورلاردا تۇرغان.
( |+ C# d$ b* c( s, X9 S5 e4 d    ئۇ 1982–يىلى ئىشلەنگەن ‹‹شاۋلىن ئىبادەتخانىسى›› ناملىق فىلىمدە باش رول ئېلىپ ئۆزىنىڭ ھەرىكەتلىك فىلىمدە رول ئېلىش ھاياتىنى باشلايدۇ. ئۇ شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ھازىرغىچە ‹‹جەنۇبىي، شىمالىي شاۋلىن››، ‹‹جۇڭخۇا قەھرىمانى››، ‹‹خۇاڭ فېيخۇڭ›› يۈرۈشلۈك فىلىملەر، ‹‹فاڭ شىيۈ›› يۈرۈشلۈك فىلىملەر، ‹‹قەھرىمان››، ‹‹جىڭۋۇ قەھرىمانى››، ‹‹جۇڭنەنخەيلىك مۇھاپىزەتچى››، ‹‹دادىغا يېزىلغان خەت››، ‹‹قاتىللار شاھى››، ‹‹تەيجى جاڭ سەنفېڭ››، ‹‹قۇتقۇزغۇچى››، ‹‹خو يۇەنجيا››، ‹‹گۇمپا شاھى››، ‹‹مۇمىيا››، ‹‹ئەزىمەتلەر ئەترىتى››، ‹‹ئاق يىلان رىۋايىتى›› قاتارلىق جۇڭگو ۋە چەت ئەللەردە ئىشلەنگەن كۆپلىگەن ھەرىكەتلىك فىلىملەردە باش رول ئالغان. رول ئالغان فىلىملىرى بېلەت كىرىمى جەھەتتە يۇقىرى سەۋىيە يارىتىپ، نۇرغۇن ئىقتىسادىي ئۈنۈم ياراتقان بولۇپ، بەزى فىلىملىرىنىڭ بېلەت كىرىمى 40 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.
% J/ e* Y! B8 iئىزدە

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

0

تېما

6

يازما

154

جۇغلانما

رەسمىي ئەزا

Rank: 5Rank: 5

قىزغىنلىق
8 سەر
تۆھپە
6 سەر
تىللا
127 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-9-13 05:44:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت  
http://www.tirixqanlar.comمۇنبىرىمىزدە تىما يوللاپ پۇل تېپىش پائالىيىتى داۋاملىشىۋاتىدۇ!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗