ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 873 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 579|ئىنكاس: 1

دەرىس تاتارمىللىتى توغرىسىداmp3

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

9

تېما

15

يازما

196

جۇغلانما

رەسمىي ئەزا

Rank: 5Rank: 5

قىزغىنلىق
35 سەر
تۆھپە
38 سەر
تىللا
74 دانە
جەۋھەر
0 دانە
QQ
خەۋەر  تاتارلار روسىيە فېدېراتسىيەسى بىلەن باشقا جۇمھۇرىيەتلەردە ياشىغۇچى ئۇزاق تارىخقا ئىگە مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ ، بىر قىسمى روسىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتىگە قاراشلىق تاتارىستان جۇمھۇرىيىتى ( تەخمىنەن 1 مىليون 700 مىڭ ) دە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان.    A- M9 g& T! N6 U
  ئۇلار فېدېراتسىيە ئومۇمىي نوپوسىنىڭ %3.8 نى ، جۇمھۇرىيەت ئومۇمى ئاھالىسىنىڭ %49 نى ئىگەللەيدۇ ، بىر قىسمى ئاستىراخان ، چىلىيابىنسكىي ، قىرىم ، باشقىرىستان ، قازاقىستان ، ئۆزبېكىستان قاتارلىق جۇمھۇرىيەت - رايونلاردا تارقاق ئولتۇراقلاشقان ، ئومۇمىي نوپوسى تەخمىنەن 7 مىليون 560 مىڭ ( 1995 يىلىدىكى مەلۇمات ) ؛ بۇنىڭدىن باشقا ئېلىمىزنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى ( 4 مىڭ ئەتراپىدا ) ، بولغارىيە ، رۇمىنىيە ، تۈركىيە ، گېرمانىيە ، ئاۋىستىرالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ بىر قىسىم تاتارلار تارقاق ئولتۇراقلاشقان . تاتارلار موڭغۇل ئېرقىنىڭ سىبىرىيە تىپىغا كىرىدۇ ؛  / z; x0 V& ?/ L' {/ ^+ K+ `2 T
  ئالتاي تىللىرى سېستىمىسى تۈركىي تىللار گۇرۇپپىسىنىڭ قىپچاق تىللىرى تارمىقىغا تەۋە تاتار تىلىنىڭ ئۈچ خىل دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ ، ئەرەپ ئېلىپبەسى ئاساسىسىدىكى مىللىي يېزىقى بار ، تاتارىستان تاتارلىرى سىلاۋىيان يېزىقىنى قوللىنىدۇ ، ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان جايلاردىكى مىللەتلەرنىڭ تىل - يېزىقىنىمۇ بىلىدۇ .  
# z  X4 y7 u6 A! ^8 r  تاتارلار ئاھالىسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئىسلام دىنىنىڭ سۈنئى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ ، ئاز بىر قىسمى پراۋۇسلاۋىيە دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ . تاتارلار دېھقانچىلىق ، چارۋىچىلىق ، سودا - سېتىق ۋە قول - ھۈنەرۋەنچىلىك قاتارلىق كۆپ خىل ئىگىلىك بىلەن شوغۇللىنىدۇ ، دېھقانچىلىقتا بۇغداي ، قارا بۇغداي ، قىزىلچا قاتارلىق زىرائەتلەرنى ئۆستۈرىدۇ .  * ]$ c1 v9 l5 b( L8 y
  تاتارلارنىڭ ئەجداتلىرى ئەسلىدە تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئېلىمىزنىڭ شىمالىدا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن ياشىغان قەدىمقى قەۋملەرنىڭ بىرى بولۇپ ، تاڭ سۇلالىسىنىڭ تارىخنامىلىرىدا ئېنىق قەيت قىلىنغان . مىلادىي 3 - 4 - ئەسىرلەردە ھون قاتارلىق كۆچمەن چارۋىچى قەبىلىلەر غەرپكە كۆچۈش مەزگىلىدە ، بىر قىسىم تاتار قەبىلىلىرىمۇ ئورال تاغ تىزمىسىنى بويلاپ ئىدىل ( ھازىرقى ۋولگا دەرياسى ) ۋە كاما دەرياسى ۋادىسىغا كۆچۈپ كەلگەن ، بۇ قەبىلىلەر شۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان ، ئالتاي تىللىرى سېستىمىسى فىن - ئۇگۇر تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە تىللاردا سۆزلىشىدىغان قەبىلىلەر بىلەن ئۆزئارا سىڭىشىپ كەتكەن .  - _" n5 K/ ^1 X+ y
  13 - ئەسىرنىڭ بېشىدا يەنە بىر قىسىم تاتار قەبىلىلىرى باتۇخانغا ئەگىشىپ غەرپكە كۆچۈپ ، قارا دېڭىز ، ئىدىل دەرياسى ۋادىسىغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ، ئۇلار قىپچاق - ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ تەۋەسىدە ياشىغۇچى تۈركىي تىللىق قەبىلىلەر بىلەن پەيدىنپەي ئۆزئارا قوشۇلۇپ يېقىنقى زامان تاتار مىللىتى بولۇپ شەكىللەنگەن .  , Q" h/ T# l" L9 I# E4 j6 b
  تاتارلار ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدا خىلمۇ خىل تەبىئى شارائىت ۋە ئىجتىمائىي مۇھىت ۋە تارىخىي سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ، ، بەزى مەھەللىۋى پەرقلەرگە ئىگە بولسىمۇ ، لېكىن ئولتۇراق ئۆي ، يىمەك - ئىچمەك ، كىيىم - كېچەك ، توي - تۆكۈن ، ھېيت - بايرام ، قائىدە - يوسۇن قاتارلىق جەھەتلەردە يەنىلا ئۆزىنىڭ ئەنئەنىسىنى ساقلاپ كەلگەن ، شەھەرلەردىكى تاتارلارنىڭ كۆپىنچىسى ئايرىم قورالىق پىشايۋانلىق بىر قەۋەتلىك ئۆيلەردە ئولتۇرىدۇ .  ) H" C& V' l5 a* O  F
  بەزىلىرىنىڭ ئۆيىدە قاڭالتىردىن ياسالغان تام مەش بولىدۇ ، ئۆيگە گىلەم ئېسىشنى ياخشى كۆرىدۇ ، ھويلا - ئاراملىرى ئازادە كېلىدۇ ، ئەتراپىدا گۈلزارلىق ۋە مىۋىلىك بېغى بولىدۇ ، چارۋىچىلىق بىلەن شوغۇللىنىدىغان تاتارلار يايلاق تۇرمۇشىغا ماس كېلىدىغان كىگىز ئۆي چېدىرلاردا ئولتۇرىدۇ . تاتارلار يىمەك - ئىچمەككە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ ، كۆپرەك بۇغداي ئۇنىدىن قىلىنغان يىمەكلىكلەرنى ئاساسىي ئوزۇق قىلىدۇ ، گۈش ، كۆكتات ۋە مىۋە - چىۋىلەرنى قوشۇمچە قىلىدۇ ، تاتارلارنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي تائاملىرى قورداق ، ئېت بەلش ، گۇبەيدې ، گۆش نان قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ ، بۇ تائاملىرى ئۆزگىچە مىللىي پۇراققا ئىگە .   2 @! T, [) c3 {; [
  تاتارلارنىڭ ئەرلىرى ئۇچىسىغا كانۋايلىق ئاق كۆڭلەك كىيىپ ، ئۆستىگە قارا جىلىتكە قاپلىۋالىدۇ ؛ بېشىغا يازلىقى گۈللۈك تەقىيە ، قىشتا قارا كۆرپە تۇماق كىيىدۇ ؛ پۇتىغا ئۆتۈك كىيىپ كالاچ قاپلىۋالىدۇ ؛  
" U; u" B9 A+ l' U& f  ئاياللىرى ئۇچىسىغا پىلاتى - يوپكا ۋە كەشتىلەنگەن ئۇزۇن ئاق ياكى سېرىق ، جىگەررەڭ كۆڭلەك ، بېشىغا تۇتقان گۈللۈك دوپپا كىيىپ ياغلىق سېلىۋالىدۇ ؛ ھالقا ، زىرە ، مارجان ، مېدالىيون قاتارلىق زىننەت بويۇملىرى تاقاپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ .  
- W  X& l/ z6 M. |. u: q  تاتارلارنىڭ توي - تۆكۈن ، ئۆلۈم - يىتىم ئىشلىرى ئىسلام دىنى قائىدىسى بويىچە بېجىرىلىدۇ ،تاتارلاردا يىگىت - قىزنىڭ توي مەرىكىسى ئادەتتە قىز تەرەپتە ئۆتكۈزۈلۈپ بەكمۇ قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئاياغلىشىدۇ ، يىگىت قىز تەرەپتە بىر مەزگىل تۇرىدۇ ، بەزى جايلىرىدا يېڭى كېلىن بىر بالىلىق بولغاندىن كېيىن قېيىنئانىسىنىڭ ئۆيىگە كۆچۈرۈلۈپ كېتىلىدۇ .  . z, e# g2 u  g" `. M1 w1 y$ \4 A5 g! E
  تاتارلاردا قۇربان ھېيت ، روزا ھېيت ، مەۋلۇد قاتارلىق ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەرنىڭ ئورتاق دىنىي بايراملىرىدىن باشقا ، نۇرۇز ۋە << سابان >> قاتارلىق مىللىي ئەنئەنىۋى بايراملىرى بار .  
: X4 a& R* \& c' @  تاتارلار خۇشخۇي ۋە قائىدە - يوسۇنلۇق كېلىدۇ ، تاتارلار ئۆزئارا ئۇچراشقاندا تەبەسسۇم بىلەن سالام بېرىپ ئۆتىدۇ ، ياشانغان مويسىپىت كىشىلەرنى بەكمۇ ھۆرمەت قىلىدۇ ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ھاراق ئىچمەيدۇ ، تاماكا چەكمەيدۇ ، مىشقىرمايدۇ . تاتارلار ئاق كۆڭۈل ، سىلىق سىپايە ، خۇشپېئېل ۋە ئۆم ئىناق كېلىدۇ .  0 q% @- n8 H4 N2 G) [. I
  تاتارلار بىر كىشىلىك جىر - قوشاقلارنى ئاساس قىلغان مول خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى مىراسلىرىغا ئىگە مىللەت .  4 p. I, Z# |$ P  k0 E
تاتارلار مول يازما ئەدەبىيات مىراسلىرىغىمۇ ئىگە مىللەت .  4 w  z7 ?! G! N
  تارىختا تاتار خەلقى ئىچىدىن مارليا قولى ، خارەزىمى ، قۇتبىي ، مەخمود بولغارىي ، قۇربانغەلى ، ئابدۇللا توقاي قاتارلىق نۇرغۇن مۇتەپپەككۇرلار ، تارىخچىلار ۋە شائىر ئەدىپلەر چىققان . ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىجادىيەتلىرى بىلەن تاتار مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا زور ھەسسە قوشقان .  ) Q* L2 }( r; B4 r
  تاتارلارمۇ يىمەكلىكلەرنى << ھالال >> ، << ھارام >> دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىيدۇ ، ھارام گۆش ۋە يىمەكلىكلەرنى يىمەيدۇ .تاتارلار 7 ساننى خاسىيەتلىك سان ، كۆك كەپتەرنى بەخت قۇشى دەپ بىلىپ ئۇنى ئەتىۋارلايدۇ.  ' ^- M! `" a& G6 h! t/ O" Y% S
  تاتارىستان ئاپتۇنۇم جۇمھۇرىيىتى روسيە فىدراتسىيسى ئىچىدە بولۇپ،1991-يىلى 30-ئاۋغۇستتا ئاپتۇنۇم ھوقۇقىغا ئىرىشكەن.  
, d8 D! n9 r" M5 q  v; Hيەرمەيدانى:68.0002 كۇۋادىرات كىلومېتىر
$ p* N5 P9 n1 {نوپوسى:3.642.000  1 T# e7 d6 V7 V
باش شەھرى: قازان  3 L- E8 ~& H8 A; C8 v' A" c
تاتارلار: قىرىم-قازان ۋە ئىدىل تاتارلىرى.(ۋولگا)  
9 l7 Z# @) N/ Bئىدىل بولغارلىرى بىلەن 13-ئەسىردە بۇ رايۇنغا كەلگەن قىپچاق-قۇمانلاردىنشەكىللەنگەن.  
- ], K4 {) i9 D) q, L; h# l, xتاتار نامى تارىختا ئىككى تۈركى قەبىلە ئۇچۇن قوللىنىلغان.بۇلار:قازانلار ۋەقىرىملاردۇر.    P8 u) F; M( M3 ], F+ d8 x: Z. ?
تاتارلار بۇگۇنكى كۇندە روسيە،ئۇكرائىنا ،كاۋكاز رايۇندا 7مىليۇن ئەتراپىدا ھاياتكەچۇرمەكتە.  + |) S" T2 A& J0 r6 ]" ?
تاتارلار تارىختا 15-ئەسىردە قىرىم ۋە قازان تاتار خانلىقلىرىنى قۇرغان.  / Y: a9 K4 l4 C% f
  قىرىم تاتارلىرى:     6 r+ W5 s* o% p! c* j% g3 U/ y! W6 Q; C

) y% R3 T% t* Y  قارادىڭىزنىڭ شىمالىدىكى يىرىم ئارالنىڭ نامىنى قوللانغان بۇ تۈركى مىللەت ،ئوتتۇرا ئاسيادىن بۇندىن 1500يىل بۇرۇن قىرىمغا كۆچكەن ﻫون،قىپچاق،پەچنەك،ﻫازار،ئوغۇز شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ئەجداد قەبىلىلىرىدىن مەيدانغا كەلگەن.  
. Q6 c8 E3 G% i6 s: Wشۇ دەۋىردە كۇچلۇك دۆلەت بولغان قىرىم خانلىقى،مەنگەلى گىراي خان دەۋرىدە ئوسمانلىئىمپىريىسىگە تەۋە بولغان بولۇپ،18-ئەسىرگىچە "قىرىم خانلىغى"نامىنىئىشلەتكەن.18-ئەسىردە چارروسيەگە قارام بولغان.  
' `, x3 }4 o- R3 n2 y" i  سوۋىت ئىتتىپاقى مەزگىلدە ۋە ئىككىنجى دۇنيا ئۇرشىدا گىرمانلارغا ياردەم قىلغاچقا سىتالىن تەرپىدىن مىللەت خاراكتىرلىك سۇرگۇنگە ئۇچرىغان. بۇ سۇرگۇن 1991-يىلىغا قەدەر داۋاملاشقان.(سىبىريە ۋە ئوتتۇرا ئاسيانىڭ باشقا جايلىرغا چىچۋەتكەن).  % L& ^  f8 t! p) `, X8 u
  ئىدىل(ۋولگا)تاتارلىرى يەنى قازان تاتارلىرى:  
$ v7 |8 m& U  ~4 G 1 N2 O- L; j: }+ o2 D9 s
  بۇگۇنكى قازان تاتارلىرى ئىدىل ۋولگا رايۇنى بىلەن 13-ئەسىردە ئوتتۇرا ئاسىيادىنقازان رايۇنغا كەلگەن قۇمان-قىپچاق تۈركى قەبىللىرىدۇر.  
" F! b9 v* @4 A0 G4 ]! E; R  1920-يىلى قازاندا سوۋىت سوتسىئال ئاپتۇنۇم جۇمﻬۇريىتى قۇرۇلغان. تاتارلارنىڭ بىرقىسمى بۈگۇنكى  
6 F1 a0 f9 O, g% f9 p: o+ x/ Pكۇندە روسيە،تۈركىيە،20%ئوتتۇرا ئاسيانىڭ ئۆزبەكىستان،قازاقىستان،شىنجاڭ قاتارلىقجايلاردا،500مىڭ تاتار سىبىرىيىدە ياشماقتا.  
3 F% O2 m. u9 c7 F" ^3 P" U$ u  ئاساسلىق ئىگلىك تىرىقچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بولۇپ،باشقا يىنىك سانائەت ۋە نىفىتئىلىشمۇ تەرەققى قىلغان.تەبئى گاز شۇنداقلا ئىلىكتۇرۇن سانائىتىمۇ تەرەققىقىلغان.يىلغا 100مىليۇن توننا نىفىت ئىشلەپچىقىرىدۇ . ; D% Y1 e5 M3 _3 s) b
قۇرۇقلىق،ھاۋا،دىڭىز قاتنىشى تەرەققى قىلغان.  
/ Y( f) j. z( ?0 Y' M, Kمائارىپى روسچە ۋە تاتارچە.تاتار روس تىللىرىنى ئىشلىتىدۇ.  
! Q$ a3 x! n. t  Y+ y& N$ Tساۋاتسىزلىقى تۇگتىلگەن بولۇپ 100%يەتكەن.1925-26-يىلدىن كىيىن لاتىن يېزىقىنىئىشلەتكەن.  
2 ?+ B" h) q+ n2 b1 d6 V- |: _$ Mتاتارىستاننىڭ مىللى مائارىپى تەرەققى قىلغان،دۆلەت ئىچدە 13ئۇنۋېرسىتىت 70مىڭئوقۇغۇچى بار.  
2 b- H  d  L8 |% i" |) tقازان ئۇنۋېرسىتىتى ياۋرۇپادىكى 3-ئورۇندا تۇرىدىغان قەدىمىي بىلىم يۇرتى.  
9 X  u: p$ G: w. A' O63باشلانغۇچ مەكتەپتە 58مىڭ ئوقۇغۇچى ئوقۇيدۇ.2320ئوتتىرا مەكتەپتە(10يىللىق)505مىڭئوقۇغۇچى بار. 1800كۇتۇپخانا ۋە نەشىردىن چىقىدىغان135گىزىت بار.  
* p$ I$ k0 [% ~1 B0 z1 r14-ئەسەردە ئىسلامنى تامامەن قوبۇل قىلىپ بولغان تاتارلار باشقا تۈركىمىللەتلەرنىڭ ئىسلاملىششىدامۇھىم رول ئوينىغان.  1 ~1 }+ U4 A' H5 A9 X$ K
روسيەنىڭ ئەڭ باي ۋە مۇھىم ئاپتۇنۇم جۇمھۇرىيىتى.
. l$ B+ ]3 x- p+ Sچۈشۈرۈش

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى
  • تېخىچە نادىر تېما يازمىغان ئوخشايدۇ ...
مۇناسىۋەتلىك نادىر تېمىلار

0

تېما

7

يازما

122

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
27 سەر
تۆھپە
17 سەر
تىللا
45 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-8-4 22:52:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما,رەھمەت سىزگە
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗