مائارىپ
مىنكاۋخەن ئۇيغۇرچە يازالماي ئىشتىن بوشتىلدى 4 Z0 s2 f2 i. O7 z; w
+ L1 s# c( V# z6 R# b$ v6 x* Aئەدەبىي ئوچېرىك)5 o" C0 h4 m8 E1 H# T
توغرۇلبېك7 B, a* C( Q3 C! s9 D
# k& c7 ?2 U5 L4 T6 N5 {8 [# a
2010-يىلى1-ئايدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى بىر مىنكاۋخەن(خەنزۇ زۇۋان ئۇيغۇر ياكى خەنزۇچە ئوقۇغان مىللىيلار) ئۇيغۇر يىگىتنى خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىدى دەپ قاراپ مۇزاكىرە قىلىپ ئىشتىن بوشاتقان،ئەسلىدە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ بىر ئۇيغۇر سوت پۈتۈكچىسى قوبۇل قىلىدىغان خىزمەت ئورنىغا ئىچكىرىدىكى مەلۇم بىر ئۇنۋېرسىتېتنى پۈتتۈرۈپ دۆلەتلىك ئەدلىيەئىمتاھانىدىن ھەمدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايون بۇيىچە بىر تۇتاش ئېلىنغان دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ مىنكاۋخەن ئۇيغۇر يىگىتتىن بىرسى كېلىپ ئىشقاچۈشۈپتۇ،بىر ھەپتىلىك ئىش ئورنى تەربىيلەشتىن كېيىن،ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى سىياسىي بۆلۈمى(كادېرلار ئىشلىرى بۆلۈمى)بۇ يىگىتنى جىنايى ئىشلار كوللىگىيىسى ئۇيغۇر(قازاق،قىرغىز،ئۆزبېك،تاتار،تۈركمەن،ئەزەربەيجان تىلىدىكىلەرمۇ ئۇيغۇرچەياكى قازاق،قىرغىزچە) تىلىدا سوت ئېچىش بۆلۈمىگە پۈتۈكچىلىك خىزمىتىگە تەقسىم قىلىپتۇ،ئەتىسى ئۇيغۇر تىلىدا سوت ئېچىلىپ باش سوتچى بۇ يىگىتكە سوت ئەھۋالىنى قەغەزگە پۈتكىن دەپ بۇيرۇسا ،بۇ يىگىت بېشىنى چايقاپ ئۇيغۇرچە خەت يازالمايدىغانلىقىنى،ئۆزىنىڭ خەنزۇچە ئوقۇغانلىقىنى ئېيتىپتۇ،باش سوتچى ئۇنى قايتۇرۇۋېتىپ ۋاقتىنچە باشقا ئۇيغۇر پۈتۈكچىنى چاقىرىپ سوتنى ئېچىپ تۈگىتىپتۇ،سوت ئاياغلاشقاندىن كېيىن بۇ ئۇيغۇر باش سوتچى غەزەپ بىلەن كوللىگىيە باشلىقىغا كىرىپ ئەھۋالنى مەلۇم قىلىپتۇ،كوللىگىيە باشلىقى چىقىپ سىياسىي بۆلۈمدىن بىزگە نىمە دەپ بۇنداق ئۇيغۇرچە يازالمايدىغان ئادەمنى ئەكىلىپ بەردىڭلار؟بىز دىگەن ئۇيغۇر تىلىداسوت ئاچىدىغان تۇرساق،سوت خاتىرسى ئۇيغۇرچە پۈتۈلىدىغان تۇرسا،بىزگە ئۇيغۇرچەيازالايدىغان ئادەم كېرەك تۇرسا؟ دىسە،سىياسىي ئىشلار بۆلۈم باشلىقى چۆچۈپ كېتىپ نىمە؟ ،ئۆزىنىڭ ئانا تىلىنى يازالمامدىكەن؟بىز تېخى ئۇيغۇر ئالىمىز دەپ ئېلان بەرگەن ئورۇنغا ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ كەلگەن(ئىمتىھاننى خەنزۇتىلى ياكى ئۇيغۇرتىلىدىن خالىغان بىرنى تاللاپ بەرسە بولىدۇ،خەنزۇچە ئىمتىھان بەرگەن ئۇيغۇر-قازاق-قىرغىز-مۇڭغۇل قاتارلىق ئانا تىلى خەنزۇچە بولمىغانلارغا 10نومۇر،ئانا تىلى خەنزۇتىلى بولغان خۇيزۇ،مانجۇ قاتارلىق ئازسانلىق مىللەتلەرگە 5نومۇر قوشۇپ بېرىلىدۇ،بۇ يىگىت خەنزۇچە يېزىقتا ئىمتىھانغا قاتنىشىپتىكەن) ئۇيغۇر بولغاندىكىن ئۆز تىل-يېزىقىنى بىلىدۇ دەپ ئويلاپ قاپتىمىز،ئەگەر ئۇ راستىنلا ئۇيغۇرچە سوت پۈتۈكچىلىك خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىسا ،ئەمىسە سىلەر جىنايى ئىشلار سوت كوللىگىيىسى ئۇيغۇرچە بۆلۈم بۇ مەمۇرنىڭ ئۆز خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغانلىقى توغرىسىدا مەھكىمەپارتگورۇپپىسىغا بىر پارچە دوكلات يىزىڭلار دەپتۇ،شۇنىڭ بىلەن بۇ دوكلات مەھكىمەپارتگۇرۇپپا يىغىنىدا ماقۇللىنىپ بۇ مەمۇر يىگىت مەركىزىي شەھەرنىڭ ھەيۋەتلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ مەمۇرلۇق خىزمەت ئورنىدىن بوشىتىلىپتۇ،يىغىن قارارى بۇ يىگىتكەئۇقتۇرۇلۇپ ئۆيىگە قايتىشىنى ئۇقتۇرۇپتۇ،شۇ كۈنىلا بۇ يىگىتنىڭ ئاتىسى مەھكىمىگەكېلىپ ئۇيغۇر كوللىگىيىگە كىلىپ مېنىڭ بالام ئىچكىرىدە ياخشى ئوقۇغان،پارتىيەئەزاسى،ئۇيغۇرچىنى بىر دەمدىلا ئۆگىنىۋالىدۇ،ھەر قايسىلىرى ئۇيغۇر بولغاندىكىن بىزگە ياردەم قىلىپ مەھكىمە شۇجىسى(خەنزۇ يولداش)،مەھكىمە باشلىقى(خەنزۇ يولداش)غابالامنى ياخشى ئوقۇغان،پارتىيە ئەزاسى، ئىشلەپ قالغان بولسىكەن دەپ دىيىشىپ بەرگەن بولسىلا دەپ يالۋۇرۇپتىكەن،ئۇيغۇر باش سوتچى بولمايدۇ،بىز سوتنى ئۇيغۇر تىلىدا ئاچىمىز ،بالىلىرى ئۇيغۇرچە خەت يازالمىسا ،خىزمىتى ئۇيغۇرچە پۈتۈكچىلىك تۇرسا،خىزمەتنى ئىشلىيەلمىسە قانداق قىلىمىز،بىزگە ئۇيغۇرچە يازالايدىغان ئۇيغۇر كېرەك دەپ كەسكىن رەت قىپتۇ.2 h+ N$ T9 c- @
بۇ مېنىڭ ھازىرغىچە ئۇيغۇر تىلىنى بىلمىگەنلىكى سەۋەبىدىن ئىشتىن بوشىتىلغان خەنزۇ تىل-يېزىقىغا ماھىر تولۇق كۇرۇس پۈتتۈرگەن مىنكاۋخەن ئۇيغۇرنىڭ ئىشتىن بوشىتىلغانلىقىنى ، ئۇيغۇر تىل-يېزىقىمىزنى بىلمەسلىكنىڭ بىر دۆلەت مەمۇرىنىڭ ئىشتىن بوشىتىلىشىنىڭ مۇھىم ھەم بىردىنبىر سەۋەبى بۇلۇپ قالغانلىقىنى تۇنجى قېتىم ئاڭلىشىم بولغاچقا ،ئانا تىل –يېزىقىمىزغا بولغان ھۆرمەت تۈپەيلى بۇ يازمىنى تورغا مۇنبەرداشلارنىڭ ئانا تىل سۆيگۈسىگە كىچىككىنە بولسىمۇ گۈلخان ياقار دىگەن ئۈمىددە يوللىدىم.
/ \" @0 b* y& [1 K5 C
2 l1 ?; B1 `0 Y* D/ ~بۇ راست بولغان ئىشنى سۆزلەپ بەرگۈچى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەلۇم بىرئۇيغۇر مەمۇرى.
4 }) r" }/ J6 n2012-يىلى9-ئاينىڭ 6-كۈنى ئۈرۈمچىدە يېزىلدى.دىتال
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |