ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 873 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 348|ئىنكاس: 1

مۆيدىن خەلپەتنىڭ تەرجىمىھالىmp3

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

581

تېما

881

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
3811 سەر
تۆھپە
2477 سەر
تىللا
734 دانە
جەۋھەر
17 دانە

ئاكتىپ يىڭى ئەزائاۋانگارت ئوردېنىقىزغىن ئەزا كىڭەيتىش ماھىرىنامسىز ئوردېنى

مائارىپ
  مۆيدىن خەلپەتنىڭ تەرجىمىھالى
5 S* Y' m: y! }
                مۆيدىن خەلپەت 19– ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ھازىرقى تۇرپان شەھىرىدىكى قاراغوجا يېزىسى مۇجاڭ مەھەللىسىدە دۇنياغا كېلىدۇ . مۆيدىن ئەمدىلا ئەقلىگە كەلگەندە ئاتىسى ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئانىسى لۈكچۈندىكى غوجامنىياز ئاخۇنلۇق دەيدىغان ئۆلىما ئادەمنىڭ قىزى بولۇپ، ئۇ ئوغلىنى ياخشى ئادەم قىلىپ تەربىيىلەش ئۈچۈن غوجامنىياز ئاخۇنغا تەربىيلەشكە بېرىدۇ. بوۋىسى مۆيدىننى ئەتراپلىق تەربىيىلەيدۇ. مۆيدىن دىنى بىلىم جەھەتتىكى ئىقتىدارىنى تولۇق يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن ئاقسۇغا بېرىپ «مەدرىس»تە ئوقۇپ، ئۇزۇنغا بارمايلا خەلپەت دەرىجىسىگە يېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يۇرت ئىچىدە ئىززەت – ئابرويغا ئىگە بولۇپ، جامائەتچىلىككە تونۇلۇشقا باشلايدۇ. ئەنە شۇ چاغلاردا مۆيدىن خەلپەت يۇرت كېزىپ غۇلجىغا بارىدۇ. غۇلجىنىڭ شاڭيۇسى غازى (پىچان خاندولۇق) ئۇنىڭ نام شۆھرەتىنى ئاڭلاپ ئۇنى ئىزدەپ تېپىپ ئۆز ئۆيىدە تۇرغۇزىدۇ، ئۇنى بىر مەزگىل تۇرغۇزغاندىن كېيىن قەشقەرلىك نەمەت شاڭيۇنىڭ قىزى تاجىنىسا بىلەن تويىنى قىلىپ قۇيىدۇ. ئۇلار بىر بالىلىق بولىدۇ . بالىغا مەخسۇم دەپ ئىسىم قۇيىدۇ. ئۇ غۇلجىدا تۇرۇش جەريانىدا سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ پەرغانە دېگەن يېرىدىن كېلىپ غۇلجىدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان شەمسىدىن ھەزرەت دېگەن كىشىدىن تەلىم ئېلىش بىلەن ئىشان بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن غۇلجىدا بىر مۇنچە ئادەملەر ئۇنىڭغا مۇرت بۇلىدۇ.' ^$ @% z) v4 y( P
بۇ دەل 1911– يىلىدىكى شىنخەي ئىنقىلابىدىن كېيىن شىنجاڭدا بارلىققا كەلگەن ئىككى خىل ھاكىمىيەت يەنى ئىلى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى بىلەن ئۈرۈمچىدىكى مانجۇ خانلىقى ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش باشلىنىش ئالدىدا تۇرىۋاتقان مەزگىل ئىدى. مۆيدىن خەلپەت دىنى ئۆلىما بولۇپلا قالماستىن تەرەققىپەرۋەر كىشى ئىدى. ئۇ يۇرت كىزىش ئارقىلىق ھەرقايسى جايلاردىكى ناھەقچىلىق ئىشلارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرىدۇ. بۇلار ئۇنىڭ ئىدىيىسىگە چوڭقۇر تەسىر قىلىپ، ئىستىبدات ھاكىمىيەتكە بولغان ئۆچمەنلىكنى كۈچەيتىدۇ. شۇڭا ھەرخىل پائالىيەت سورۇنلىرىدا خەلق ئاممىسىغا تەشۋىق تەربىيە ئېلىپ بېرىپ، ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەتنىڭ خەلق ئۈستىدە يۈرگۈزگەن جىنايەتلىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ، خەلقنىڭ ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەتكە بولغان ئۆچمەنلىكىنى قوزغايدۇ. ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى ئۇنى «ئېھتىيات قىلىدىغان ئادەم» قاتارىغا كىرگۈزۈپ، غۇلجا يامۇلىغا قاماپ قويىدۇ. غۇلجا خەلقى مۆيدىن خەلپەتنى قۇتقۇزۇش قارارىغا كېلىپ، يامۇلغا غازى شاڭيۇ باشلىق ھۈسەنباي، ياقۇپ باي، سۇلتان باي قاتارلىق مۆتىۋەر كىشىلەرنى كىرگۈزىدۇ. يامۇلدىكىلەر قالايمىقان ھەرىكەت قىلماسلىق شەرتى بىلەن مۆيدىن خەلپەتنى ۋەكىللەرگە كېپىللىككە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ." Z' K( ^4 L; `  {
مۆيدىن خەلپەت يامۇلدىن چىقىپ ئۆز پائالىيەتلىرىنى توختىتىپ قويمايدۇ، كېيىن ئىلى ۋىلايىتىنىڭ كۈنەس ناھىيىسىگە بېرىپ قازاق خەلقىنىڭ ئىززەت ھۈرمىتىگە ئېرىشىدۇ ۋە قازاق ئاخۇنلىرىدىن جاندار ئەلى مۇپتى، شېلى ئەلەم ئاخۇن قاتارلىق كىشىلەرنى دوست تۇتىدۇ. ئۇ قەيەرگىلا بارمىسۇن ئۆز يولىدىن قايىتمايدۇ. شۇڭا ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇنى يەنە تۇتۇپ كېلىپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلماقچى بولىدۇ. يۇرت چوڭلىرى ئوتتۇرىغا چۈشكەنلىكتىن تۇرپانغا سۈرگۈن قىلىدۇ. تۇرپان يامۇلى مۆيدىن خەلپەتنى قاراغوجىغا ئېلىپ بېرىپ، توختى دورغىغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ.
! c6 O$ x4 e7 J, m) k' o% A' Q- Wمۆيدىن خەلپەت قاراغوجىغا كەلگەندىن كېيىنمۇ ئۆز ئىرادىسىدىن قەتئى يانمايدۇ. ئاستانە، قاراغوجا خەلقىنى تەشكىللەپ، قوزغىلاڭ كۈتۈرۈشكە تەييارلىنىدۇ. بۇ چاغدا مۆيدىن خەلپەت تۆمۈر خەلىپىنىڭ قۇمۇل خەلقىنى باشلاپ قوزغىلاڭ كۈتۈرۈپ غەلىبىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئاڭلاپ، تۈمۈر خەلپە بىلەن بىرلىكتە كۈرەش قىلىشنى پىلانلاپ، ئىشەنچىلىك ئادەملىرىدىن سەيپۇل دېھقان ۋە قاراغوجىلىق مەشھۇر چېلىشچى مامۇت زورنى ئالاقە باغلاشقا ئەۋەتىدۇ.7 E$ V0 ^6 {6 M' r/ E( A5 ~
قۇمۇل شەھرىگە ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىپ تۇرغان تۆمۈر خەلپە ئالاقىچىلارنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ ۋە تۇرپان قوزغىلاڭچىلىرىغا 80 تال مىلتىق، 1000 تال ئوق – دورا بېرىدۇ. مۆيدىن خەلپەت تۆمۈر خەلىپە باشچىلىقىدىكى قۇمۇل قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ ئەۋەتكەن ياردىمىگە چوڭقۇر مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ ۋە قۇرالغا ئىگە بولغان تۇرپان دېھقانلىرىنى تەشكىللەپ 1912– يىلى كۈزدە قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ. بۇ قوزغىلاڭغا پىچان توقسۇن دېھقانلىرىمۇ ئاۋاز قوشىدۇ. بۇ قوزغىلاڭ تۇرپان خەلقى ئارىسىدا «مۆيدىن خەلپەت يېغىلىقى» دەپ ئاتىلىدۇ.
% D9 V# H4 G9 Q8 Mشامەخسۇت بىلەن لۈكچۈن ۋاڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇمۇل ۋە تۇرپان قوزغىلاڭچىلىرىنى باستۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كۆرگەن بولسىمۇ قوزغىلاڭچىلارغا تاقابىل تۇرالمايدۇ. ئاخىر ياڭزىڭشىندىن ياردەم سورايدۇ. ياڭزىڭشىن قوزغىلاڭچىلارنى تازىلاشقا ئەسكەر چىقارغان بولسىمۇ ئارقا – ئارقىدىن مەغلۇپ بولىدۇ. ئاخىر ئۇ دېھقانلار قوزغىلىڭىغا نىسبەتەن «قورقىتىش، يۇمشىتىش» تاكتىكىسىنى ئىشقا سېلىپ، بىر تەرەپتىن قوزغىلاڭچىلارغا تەسەللىي ئېيتىش مەزمۇنىدا ئېلان چىقارسا، يەنە بىرتەرەپتىن «ھۇشۇڭلارنى تېپىڭلار، بولمىسا ئەدىۋىڭلار بېرىلىدۇ» دەپ ۋەھىمە سالىدۇ. قوزغىلاڭچىلار ئىچىگە ئادەم ئەۋەتىپ «باج سېلىق ئالۋان ياساق ئازايتىلىدۇ، ئادىللىق بىلەن ئىش كۆرۈلىدۇ» دەپ قۇرۇق ۋەدە قىلىپ، قوزغىلاڭچىلارنى سۆھبەتكە چاقىرىدۇ. لېكىن قوزغىلاڭچىلار ئۇ گەپلەرگە قۇلاق سالماي كۈرەشنى داۋاملاشتۇرىدۇ . ياڭزىڭشىن ئاخىرى دىنى ئىمتىياز ئىگىلىرىنى ئىشقا سېلىپ قوزغىلاڭچىلار سېپىنى پارچىلاپ، «بىر – بىرلەپ يۇقىتىش» كويىغا چۈشىدۇ. خۇيزۇ قىسمىنىڭ يىڭجاڭى لى شۇ فۇ ۋە فىڭ ھاجى قاتارلىق دىندارلارنى ئىشقا سالىدۇ. ئۇلار قوزغىلاڭچىلارنىڭ تەلىپىنى ئۇرۇنداشقا تۈمۈر خەلپە ۋە باشقا قوزغىلاڭچىلارنىڭ ھاياتىغا دەخلى يەتكۈزمەسلىككە ۋەدە قىلىدۇ. قۇرئان تۇتۇپ قەسەم ئىچىدۇ. نەتىجىدە ياڭزىڭشىن بىلەن تۈمۈر خەلىپە ئوتتۇرىسىدا بىر مۇنچە شەرتلەر بويىچە كېلىشىم تۈزۈلۈپ، تۈمۈر خەلپنى ئۈرۈمچىگە يۆتكەيدۇ. ياڭزىڭشىن تۇرپان قوزغىلاڭچىلىرىنىمۇ يۇقىرىقى ئۇسۇل بويىچە ئالداپ قولغا كەلتۈرۈپ، قوزغىلاڭچىلارنى مۆيدىن خەلپەت باشچىلىقىدا بىر يىڭ قىلىپ تەشكىللەپ ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ چىقىپ ئۇلارنى يۇقىتىش سۈيىقەستىنى پىلانلايدۇ.
* a1 @& m+ O& X0 Q3 W" Zتۆمۈر خەلىپە، مۆيدىن خەلپەتلەر ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كېيىن، ئۇلار تەرەپتىن تەيىنلەنگەن يۇرت باشلىقلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. قوزغىلاڭغا قاتناشقان دېھقانلاردىن تەتۈر ھېساب ئېلىنىدۇ. بىر قىسىم كىشىلەر زىندانغا تاشلىنىدۇ. شۇڭا تۈمۈر خەلىپە، مۆيدىن خەلپەتلەر ئۆزلىرىنىڭ ئالدانغانلىقىنى سېزىپ قايتا ھەرىكەتلەنمەكچى بولىدۇ. لېكىن، خائىنلارنىڭ ساتقىنلىقى بىلەن ئۇلارنىڭ پىلانى سېزىلىپ قېلىپ، 1913– يىلى 9– ئاينىڭ 6– كۈنى كېچىسى ئۇلار قولغا ئېلىنىپ ئۆلتۈرىلىدۇ. خەلق ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەتنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشىغا قارىماي مۆيدىن خەلپەتنىڭ جەسىتىنى تۇرپان قاراغوجىغا يۆتكەپ ئاپىرىپ داغدۇغىلىق دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ دەپنە قىلىدۇ.
1 V; R" W! i$ C* H" T  P4 fتۈمۈر خەلىپە، مۆيدىن خەلپەتلەرنىڭ قول ئاستىدىكى ئەسكەرلىرىنىڭ كۆپ قىسمى «يۇرتىغا قايتۇرۇش» باھانىسى بىلەن ئۈرۈمچىدىن يولغا سېلىنىپ، پىلان بويىچە يولدا يۇشۇرۇپ قويۇلغان ياڭزىڭشىننىڭ ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ئاي داۋاملاشقان مۆيدىن خەلپەت باشچىلىقىدىكى تۇرپان دېھقانلار قوزغىلىڭى قانلىق باستۇرۇلىدۇ.0 q! l* T% D0 K, ]7 q4 |
                                             ================================, ~( e+ M5 ]" l# f/ r
          مەنبە: شېرىپ نىياز خۇشتارنىڭ «شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۆتكەن شەخسلەر» ناملىق كىتابىدىتال

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

0

تېما

7

يازما

137

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
4 سەر
تۆھپە
2 سەر
تىللا
121 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-9-6 08:10:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا...توغرا.,..مەن ياقتۇردۇم  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗