ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 874 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 392|ئىنكاس: 2

سېرىق ھاياتلىق پەقەتلا ئۈچ كۈن ...لۇغەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

581

تېما

881

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
3811 سەر
تۆھپە
2477 سەر
تىللا
734 دانە
جەۋھەر
17 دانە

ئاكتىپ يىڭى ئەزائاۋانگارت ئوردېنىقىزغىن ئەزا كىڭەيتىش ماھىرىنامسىز ئوردېنى

ئۇيغۇر
ھاياتلىق پەقەتلا ئۈچ كۈن ...

- E- w  P7 M8 d4 ^7 I( u
% m$ r4 {) ~+ w, ^4 S      ھاياتلىق ـــ  تۈنۈگۈن، بۈگۈن ۋە ئەتىدىن ئىبارەت ئۈچ باپتىن تۈزۈلگەن چوڭ قامۇس. بۇ قامۇس سېكۇنت، مېنۇت، سائەت.... قاتارلىق كىچىك پاراگىرافلاردىن تۈزۈلگەن بىر كۈن - بىر كۈندىن تاماملىنىدۇ. بېسىپ ئۆتكەن ھاياتلىق قامۇسىڭىزنى ئەسلىسىڭىز بەلكىم نۇرغۇنلىغان مېنۇت-سىكۇنت، سائەتلىرىڭىزنىڭ خورىغانلىقىنى ھېس قىلغىنىڭىز بىلەن شۇ مېنۇت، سىكۇنتلارنىڭ ئېنىق ئىزنالىرىنى تاپالماسلىقىڭىز مۇمكىن. بىراق، ئەنسىرىمەڭ، سىزنىڭ يەنە نۇرغۇنلىغان بىر مېنۇتلىرىڭىز بار. پەقەت، بىخۇدلۇق قىلىپ قولدىن  بىرىپ قويمىسىڭىزلا.
# O! b6 U) D3 Iتۈنۈگۈن ئۆتتى، كەتتى. ئەمما ئۇنى ئۇنۇتماڭ. تۈنۈگۈننى ئەسلەپ، خۇلاسىلەپ تۇرۇڭ. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، تۈنۈگۈن توغرىسىدىكى تەجرىبە- خۇلاسىلىرىڭىز بۈگۈننى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزىشىڭىزنىڭ ئاساسىي. تۈنۈگۈننى ئۇنۇتقان كىشىنىڭ بۈگۈنگە دادىل قەدەم تاشلىيالىشى ناتايىن.
5 _; Y& j; r4 \/ ^0 J9 L      بۈگۈن يېپيىڭى بىر كۈن. بۈگۈنىڭىز يېپيېڭى ئارزۇ-ئارمانلار بىلەن سىزگە قاراپ قۇچاق ئاچتى. بۈگۈننى سۆيۈڭ. بۈگۈننى يېڭىچە تۇيغۇلىرىڭىز بىلەن قۇچاقلاڭ، خۇشاللىق بىلەن قارشى ئېلىڭ. چىرايىڭىزدىكى ئىللىق تەبەسسۇم، كۆزىڭىزدىكى ئىشەنچ نۇرى، باسقان دادىل قەدەملىرىڭىز يېڭى بىر كۈننىڭ پارلاق سەھىپىسىنى ئاچسۇن. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى بۈگۈننىڭ قەدەمگە ئېلىنىشى تارىخ. بۈگۈن ئۈچۈن مەزمۇت قەدەم تاشلاڭ، بۈگۈنگە تاشلانغان قەدىمىڭىز تۈنۈگۈنكى قەدىمىڭىزدىن بەرىكەتلىك- قۇتلۇق بولسۇن. بۈگۈننىڭ قىممىتىنى ئۇنۇتماڭ... بۈگۈن ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ گۈزەل كۈن. بۈگۈن ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ قىممەتلىك كۈن...9 ~, }( Z% Z/ l8 _; _
     ئەتىنى ئۈمىدلىك تىلەكلىرىڭىز بىلەن كۈتۈڭ. «ئەتىكى قۇياش تېخىمۇ پارلاق»،  ئەتىنىڭ ئۈمىدى  بۈگۈنگە چىراق. ئەتىنى ئۈمىد بىلەن كۈتسىڭىز بۈگۈننى مېھىر بىلەن سۆيۈڭ. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى گۈزەل ئەتە بۈگۈنكى مېھىر-مۇھەببەتتىن باشلىنىدۇ.8 |$ Y3 S- \) g7 F) v( L* O+ {# T
     ھاياتلىق پەقەتلا ئۈچ كۈن. «تۈنۈگۈن ــ تارىخ، ئەتە ــ سىر. بۈگۈن ــ  سىز ئىگە بولغان ئەڭ چوڭ مۇكاپات.» ھاياتىڭىزدىكى ھەر بىر «بۈگۈن»نى، سىزنى بۈگۈنگە ئۇلاشتۇرغۇچى رازى بولغىدەك ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىڭ... ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، بۈگۈن مەڭگۈ قايتىپ كەلمەيدۇ. بۈگۈنىڭىزنى سۆيۈڭ، قەدىرلەڭ....
  X3 n. b9 d, q, _
  ]/ B0 [5 D5 V4 Iرېئاللىقمۇ خىيالدەك گۈزەل5 d, P7 O+ ]+ K: G0 A9 Y3 a
3 P: K- b0 n: Y, F9 i7 o( H8 y. r

# }1 i) b8 l5 g) S3 A9 j       ھەر بىر كۈننىڭ ھەر ئادەمگە ئاتا قىلىدىغان تۇيغۇلىرىمۇ، سوۋغىلىرىمۇ، ھېكمەتلىرىمۇ  ھەر خىل.ھەر خىل قىسمەتلەرگە باي رېئال ھاياتتا بەزىدە رېئاللىقتىن بەكرەك خېيالىي دۇنيانى ئەسلەپ قالىدۇ،بۇ بەلكىم خىيال دۇنيارىمىز بىز كۆرىۋاتقان رېئاللىقتىن كۆپ گۈزەل بولغانلىقى ئۈچۈن ۋە ياكى رېئاللىقىمىزنى خىيالىمىزدىكىدەك گۈزەل قىلىش ئارزۇسىدا ياشاۋاتقانلىقىمىز، شۇنداقلا قىلغانلىرىمىز قىلىدىغانلىرىمىزدىكىدەك گۈزەل ھەم كۆڭلىمىزدىكىدەك بولمىغانلىقى ئۈچۈن بولۇشى مۇمكىن... ئەمما ھەممىگە ئايانكى ئادەم رېئال دۇنيانىڭ بىر مېھمىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، رېئاللىقنى قوبۇل قىلىشى كېرەك ھەم رېئاللىقنى ھەقىقىي، چىن ، خىيال كەبى گۈزەل مەنىلەرگە تولدۇرۇپ ياشاشقا تىرىشىش كېرەك.
4 J2 e1 E  K- U. ?2 s     خىلمۇخىل رەڭۋازلىق ۋە شەكلىي گۈزەللىك بىلەن تولغان بۇ رەڭدار دۇنيادا چىن، سەمىمىي دىل بىلەن توغرا يولدا ياشاشمۇ ئالەمچە بەخت ئىكەن... ھايات كىتابىمنى ئۈنسىز ۋاراقلاۋېتىپ، كۆزۈم، ھايات گۈلشىنىدە خىيال كەبى گۈزەل تۇيغۇلاردا چىن ياشىغان، ھەم ياشاۋاتقان بىر دوستۇمنىڭ مەندە قالدۇرغان قىسقىغىنە ئەمما مەڭگۈلۈك تەسىرلىرىنى قايتا كۆردى... چىن قەلبتىن چىققان «سالام» نىڭ، چىن يۈرەكتىن قىلغان تەبەسسۇمنىڭ تەسىرى ھەر ۋاقىت رەسمىيەت ئۈچۈن قىلغان سالام-سائەت، ساختا كۈلكە-چاقچاققا قارىغاندا، كىشى قەلبىدە ھامان چوڭقۇر ئورۇن ئالىدىغانلىقى ئېنىق.  ھېلىمۇ يېڭى شۇ ھېسلىرىم: دوستۇمنىڭ تەبەسسۇم بىلەن قولۇمنى تۇتۇپ تۇرۇپ قىلغان ئاددىي سالام-سائەت، ھال-ئەھۋال سوراشلىرى، ھەر تۈرلۈك پاراڭلار ھەقىقىي يولدا چىن ماڭغان ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ قەلب بوستانىنىڭ خىيالىدىكىدەك گۈزەل بولىدىغانلىقىنى، تىلى بىلەن دىلىنىڭ ھامان بىر بولىدىغانلىقىنى؛ شۇنداقلا تىلىنىڭ شۇنچە گۈزەل بولىشى ـــ دىلىنىڭ پاك-سۈزۈكلىكىدىن، دىلنىڭ سۈزۈك-پاكلىقى  مېڭىۋاتقان يولىنىڭ،  ئەقىدىسىنىڭ ساپ ھەم نۇرلۇقلىقىدىن ئىكەنلىكىنى؛ ھاياتنىڭ گۈزەل، قەدىرلىكلىكى خىيالىي دۇنيادىلا ئەمەس، رېئال دۇنيادا، شېئىر-رومانلاردا ئەمەس، ھەقىقىي ئەمەلىيەتتە ئىكەنلىكىنى يەنىمۇ ھېس قىلدۇرغانىدى..  0 X. ^1 D4 Q/ V2 T( C
      شۇنداق، رېئاللىقمۇ خىيالىمىزدىكىدەك گۈزەل، پەقەت رېئاللىقتا باسقان ھەر قەدىمىمىز ساپ نىيەت بىلەن توغرا يولدا بولسىلا... رەسىم

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

0

تېما

3

يازما

71

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
3 سەر
تۆھپە
3 سەر
تىللا
60 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-6-11 02:32:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىڭىز ئۈزۈلمىگەي  

0

تېما

9

يازما

217

جۇغلانما

رەسمىي ئەزا

Rank: 5Rank: 5

قىزغىنلىق
9 سەر
تۆھپە
9 سەر
تىللا
182 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2014-1-26 14:44:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەھشەت قوللايمەن!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗