يانفۇن
ئەلگە بەرگىنىڭىز ئۇنىڭ كۆڭلىگە ياقىدىغان بولسۇن ; r% W3 `1 {7 y
' Q% Q. d: G7 y7 @$ ]* qئابدۇل ۋاھىد مۆلجەرى
! G* H1 J6 W( b2 y
# v4 b2 s3 f. t. ?3 \3 Y: Z1 ^كىتاب ئىنسانلارنى مەنىۋى كامالەتكە يېتەكلەيدىغان ئۇستاز. ئەدەبىياتىمىزنىڭ يېقىنقى 30 يىل مابەينىدىكى تەرەققىياتىغا نەزەر سالساق، نەتىجىلەر كىشىنى خۇشال قىلىدۇ. كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدىكى بىرقاتار نادىر ئەسەرلەرنى قۇتقۇزۇۋېلىشتا ئىشلەنگەن خىزمەتلەر ۋە ھازىرقى، بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىمىزنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە يورۇقلۇققا چىققان كىتابلار ئەدەبىياتىمىزنىڭ مىسلىسىز گۈللىنىش باسقۇچىغا كىرگەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. مۇشۇ بىر قەرنە ۋاقىتتا ئانا تىلىمىزدا نۇرغۇن ئەدەبىي كىتابلار نەشر قىلىندى. بولۇپمۇ يېڭى ئەسىر كىرگەندىن بۇيان، كىتابلارنىڭ نەشر قىلىنىش سانى، سۈپىتى ۋە سۈرئىتى تېز ئېشىپ، كىتاب بازارلىرى ئاۋاتلاشتى.
6 [, l: Y* C/ g0 \) ?& ]8 V0 D
" d) S- f6 O+ b$ k/ V4 X( B0 ^يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نەشر قىلىنىۋاتقان ئەدەبىي كىتابلارنىڭ كۆپىنچىسى كىتابخانلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇشىغا مۇيەسسەر بولغان بولسىمۇ، يەنە بىر قىسىم ئەدەبىي توپلاملارنىڭ تەقدىرى كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. مەن ناھىيە – شەھەرلەردىكى شىنخۇا كىتابخانىلىرى، خۇسۇسىي كىتابخانىلار، كۇتۇپخانا، يېزا – كەنتلەرنىڭ مەدەنىيەت ئۆيى ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ كۇتۇپخانىلىرىدا بىرقىسىم ئەدەبىي توپلاملارنىڭ بىر قېتىم ئوقۇلۇش تۈگۈل ۋاراقلىنىپمۇ قويۇلماي توپا بېسىپ تۇرغانلىقىنى كۆرىمەن. بۇلار نېمىشقا كىتابخانلارنىڭ نەزەرىگە ئېلىنمايدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى كۆپ بولسىمۇ، ئاساسلىقى بەزى توپلاملارنىڭ كىتابخانلارنىڭ ئۇسسىغان يېرىگە بارالىغۇدەك بەدىئىيلىك ۋە مەزمۇنىنىڭ يوقلۇقىدۇر. ~3 h `9 `/ T% E
; X0 [( |+ l$ A8 z! E4 Z+ ]ئەگەر بىر ئەدىب نام قوغلىشىپ، ئەدەبىي توپلامغا زاكاز ئېھتىياجى ياكى ئەتەي كىتابنىڭ ھەجىمىنى ئاۋۇتۇش، بەت كۆپەيتىش مەقسىتىدە ياخشى ئەسەرلىرىگە مەشىق باسقۇچىدا يېزىلغان ياكى ئاددىي يېزىلىپ قالغان بەزى ئەسەرلەرنىمۇ قوشۇپ نەشر قىلدۇرسا، بۇنداق كىتابلار كىتابخانلارنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشىغا مۇيەسسەر بولالمايلا قالماستىن، يەنە ئاپتورنىڭ ئوبرازىغىمۇ نۇقسان يەتكۈزىدۇ. بۇنداق توپلاملار پەقەت شۇ كىتاب ئاپتورىغا «مۇنچە پارچە كىتابى نەشر قىلىندى» دېگەن قۇرۇق نام ئاتا قىلالىشى مۇمكىن. ئەمما يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇنداق كىتابلار زامان غەلۋىرىدە شاللىنىپ كېتىدۇ. دەل ئەكسىچە، ئاپتورنىڭ دەۋر، تارىخ ۋە ئەۋلادلار ئالدىدا جاۋابكار بولۇپ يازغان ئەسەرلىرىدىن ئەڭ ياخشىلىرىنى تاللاپ تۈزگەن توپلاملىرى كىتابخانلار سۆيۈپ، تالىشىپ ئوقۇيدىغان كىتابلارغا ئايلىنىدۇ. بۇنداق كىتابلارنى ئوقۇغانلار كىتابنىڭ تەرىپىنى باشقىلارغا سۆزلەيدۇ، بۇنداق كىتابلارنىڭمۇ تېزلا داڭقى چىقىدۇ. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئۆمۈر مەنزىللىرى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى 30 يىل مابەينىدە تەكرار – تەكرار نەشر قىلىندى، بۇ كىتاب شۇنچە كۆپ نەشر قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ھىچقاچان كىتابخانا ۋە كۇتۇبخانىلاردا توپا بېسىپ قالغىنى يوق. مەمتىمىن ھۇشۇرنىڭ «بۇ چۈش ئەمەس»، «ئۆلۈككە خەت» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمىمۇ ھەم شۇنداق. تېخىمۇ كۆپرەك مىسال ئالساق، يېقىنقى 30 يىل مابەينىدە نەشر قىلىنغان ھېكايە – پوۋېست ياكى نەسىرلەر توپلىمىدىن: «قىيامەتتە قالغان سەھرا»، «خەيىر – خوش توققۇز كۈنلۈك ماكان»، «<دىۋان مەشرەپ>;كە تۆكۈلگەن قان»، «ئاھ، رەھىمسىز دەريا»، «قارلىغاچ ئۇۋا سالغان ئايۋاندا»، «ئۇ دۇنيادىكى سوراق»، «سالام ھېسام ئاكا»، «ئوت كەتكەن دەريا»، «كاككۇك قونغان تال»، «قۇرتلاپ كەتكەن كۆل»، «تىيانشان باغرىدا»، «ساۋاپ»، «شوپۇرنىڭ چۈشى»، «يۈرەكتاغ»، «ئارچا ياپرىقى»، «قۇم باسقان دېڭىز»، «قەرزدار»، «باش – ئاخىرى يوق خەتلەر»، «يۈرەك سىرلىرى»، «قۇملۇقنىڭ چۈشى»، «شەھلا كۆز»، «لاي سۇ ئىچكەن جانلار»، «تىمتاس شەھەر»، «پەرىشتە يامغۇرى»، «تاغامنىڭ شاپتۇللىرى»، «جۇلدۇر كىپەن خوتۇننىڭ ساداسى»، «رىۋايەت ئارىلى»؛ ئۇنىۋېرسال توپلاملاردىن: «لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئەسەرلىرى»، «ئەھمەد زىيائى ئەسەرلىرى»، «ئەۋلىيا ئاتا»، «زۇنۇن قادىرى ئەسەرلىرى»؛ شېئىرلار توپلىمىدىن: «ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرى»، «باھار يامغۇرى»، «يۈرەك سۆزى»، «تاللانغان شېئىرلار»، «كۆيگەن دېڭىز»، «مەشرەپ شېئىرلىرىدىن تاللانما»، «ئۇيغۇر قىزى لىرىكىسى»، «سۆيۈپ قالسام سېنى ناۋادا»، «قار گۈلى»، «دېھقان كۈلكىسى»، «پاھ، دېھقان ھەيكىلى»، «ئۆلمەس تۇيغۇلار»، «تاڭلار بىلەن سۆزلىشىش»، «گۈللەر سۆزلەيدۇ»، «دېڭىزدىكى كوچا»، «چۈمبەلدىكى كۆز»، «ھايات دېگەن مانا شۇ»، «سالغا تېشى»، «بارسا كەلمەس يول»، «كومزەك كۆتۈرگەن قىز»، «ياخشىلارغا ناخشىلار تولا»؛ ماقالە – ئوبزورلار توپلىمىدىن: «يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت»، «ئۇيغۇرلاردائىسلام مەدەنىيىتى»، «پەيغەمبەر دىيارىدا كېچىلەر»، «ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرى»، «روھىيەتنىڭ قاتلىرىنى ۋاراقلاپ»، «كۆز ئىچىدىكى كۆز، سۆز ئىچىدىكى سۆز»، «تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ» قاتارلىق توپلاملار كىتابخانلارنىڭ بەكمۇ ياقتۇرۇپ ئوقۇشىغا مۇيەسسەر بولدى، ھەتتا كۆپىنچىسى قايتا – قايتا نەشر قىلىندى. بۇ كىتابلارنىڭ ژانىرى ھەرخىل بولسىمۇ، كىتابخانلارغا بەلگىلىك ئېستېتىك زوق ئاتا قىلالىدى. 6 R. b; I2 e- f; q
$ ?" w2 f$ T( X- C/ M3 t- W' |ھازىر خەلقىمىزنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، كىتابخانلارمۇ كىتابلارنى تاللاپ ئوقۇيدىغان بولدى. يۇقىرىقى ئەھۋاللارنى ئويلاپ زامانداش قەلەمكەشلەرگە چىن يۈرەكتىن ئۇرغىغان تەۋسىيەمنى ئىزھار قىلغۇم كەلدى: سان قوغلاشماي، سۈپەت قوغلىشىڭ! خەلقىڭىزگە پۈچەك، تەقدىرى توپا بېسىپ يېتىش بىلەن يەكۈنلىنىدىغان ئەسەرلەرنى ئەمەس، ئۇنىڭ دىلىغا ياقىدىغان، مەنىۋىيىتىنى بېيىتىدىغان ئەجىر مېۋىلىرىڭىزنى سۇنۇڭ!
+ o" w) t7 s: ?9 L8 G, y
; O/ j$ d7 y4 o8 }& y% R7 M2 T2 ]0 b* s0 c* M5 ^2 v
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورىئىزدە
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |