ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 873 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 524|ئىنكاس: 1

كىنوبالىلارنى، دۇنيانى قۇتقۇزايلى(مايكىل جېكسو ...يانفون

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

73

تېما

109

يازما

1700

جۇغلانما

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
458 سەر
تۆھپە
377 سەر
تىللا
292 دانە
جەۋھەر
1 دانە
خەۋەر2001-يىلى مايكىل جېكسوننىڭ ئوكسىفورد ئۇنۋېرسىتىتىدا سۆزلىگەن نۇتىقى
4 Y9 L8 F% i2 c* h6 Z4 ]( تەشنايى تەرجىمىسى)
- t* U6 q7 R/ U2 q9 w' }" J7 Q. D+ B1 R1 T/ n0 Q3 c1 M& l4 f
0 z) m! M8 F7 |3 H/ O4 o
3 |! B# P- |! z3 U2 Y
   رەھمەت، رەھمەت سىلەرگە سۆيۈملۈك دوستلار! سىلەرنىڭ شۇنچە قىزغىن ئالقىشلىرىڭلارغا چىن كۆڭلۈمدىن تەشەككۈر ئېيتىمەن. ساھىبخاننىڭ بۇنچە كاتتا يىغىلىشقا مېنى تەكلىپ قىلغىنىدىن چەكسىز ئىپتىخارلىنىمەن. شۇنداقلا، پروفىسسور Shmuley نىڭ 11 يىلدىن بىرى ئوكسىفوردتا بالىلارنى قۇتقۇزۇش يولىدا كۆرسەتكەن پىداكارلىقىغا ئالاھىتەن رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. ئىككىمىزنىڭ بىرلىكتە «بالىلارنى قۇتقۇزۇش» ئۇيۇشمىسىنى قۇرۇپ چىقىشىمىز خۇددى ئۆزىمىزنىڭ ئۆمۈر داستانىنى يازغاندەك قىيىنغا چۈشتى، ئەمما باشتىن - ئاخىرى ئۇ ئىزچىل مېنى قوللاپ ۋە غەمخۇرلۇق قىلىپ كەلدى. مەن يەنە «بالىلارنى قۇتقۇزۇش» ئۇيۇشمىسىنىڭ ھەيئىتى  توبا فرايدمەن (Toba Friedman) غا چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىمەن. ئۇ بۈگۈن كەچ ئۆز مەكتىپىگە قايتىدۇ، ئىلگىرى مارشال(Marshall) ئۇنۋانى بىلەن بۇ يەردە خىزمەت قىلغان. ئەلۋەتتە بىزنىڭ ئۇيۇشمىمىزنىڭ يەنە بىر سادىق ئەزاسى مارىيلىيىن پايلىس (Marilyn Piels )گىمۇ چىن يۈرەكتىن سالىمىمنى يوللايمەن.
5 `/ Q+ g/ I2 U4 a. a8 E& y$ k. N( ?4 W1 U% N$ F4 l  N) s
  ئىلگىرى مازىر سېرسا(Mother Theresa)، ئالبىرت ئېينىشتىيىن(Albert Einstein)، رونالد. رېگان(Ronald Reagan)، روبېرت. كەننەدى(Robert Kennedy) ۋە مالكولم (Malcolm X.)قاتارلىق  نۇرغۇن ئۇلۇغ شەخىسلەر چىققان مۇقەددەس ماكاندا نۇتۇق سۆزلەش شەرىپىگە ئېرىشكىنىمدىن ئىپتىخارلىنىۋاتىمەن. ئاڭلىسام كەرمىت (Kermit ) مۇ ئىلگىرى بۇ يەرگە كەلگەن ئىكەن، ئۇنىڭ ‹ چوڭقۇر ئىزدىنىشلىرى بولمىغان كىشىلەرنىڭ بۇ سەھنىگە چىقىشى ئاسان ئەمەس› دېگىنى ئېسىمگە كېلىۋاتىدۇ، ئەمما ئىشىنىمەنكى، ئۇ چوقۇم ئەينى چاغدا مېنىڭ بۇ سەھنىگە چىقىپ قالىدىغىنىمنى ئەسلا خىيالىغا كەلتۈرمىگەن.9 P* f: e, k' t# e: m) [  E$ a
) ]* ?8 q; d2 V
   بۈگۈن ئوكسىفوردنى ئايلىنىۋاتقىنىمدا ئىختىيارسىز بۇ ھەيۋەتلىك مەنزىرىلەرگە مەپتۇن بولۇپ قالدىم، ئەسىرلەر بويى چاقنىغان ئۇلۇغ ۋە بۈيۈك ئىدىيىلەرنىڭ دەل مۇشۇ جايدىن تارالغانلىقىنى دېمەيلا قوياي. ئوكسىفورد قوينى بۈيۈك پىسخولوگلار ۋە ئالىملارنىلا يىتىشتۈرۈپ قالماي، يەنە J.R.R. تولكىن(J.R.R. Tolkien) دىن C.S لەۋىس(CS Lewis) غىچە بولغان قەلبى مۇھەببەتكە تولغان نۇرغۇن بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىلىرىنى قوينىغا تارتقان. بۈگۈن مەن چىركاۋ ئاشخانىسىدا رەڭلىك ئەينەك ئىچىگە ئېلىنغان  لەۋىس كارلو(Lewis Carroll) نىڭ ئەسىرى«ئەيلىسنىڭ خىيالى دۇنياسى» نى كۆرۈش شەرىپىگە ئېرىشتىم. مېنىڭ يەنە بىر ئامېرىكىلىق قېرىندىشىم – سۆيۈملۈك سۇس(Seuss) ئەپەندىمۇ بۇ زالنى زىيارەت قىلغان، ۋە داۋاملىق تۈردە پۈتكۈل دۇنيادىكى نەچچە مىليۇن بالىلارنىڭ تەپەككۇر دۇنياسىدا ئۆزىنىڭ ئىزناسىنى قالدۇرغان ئىدى.
6 {$ [6 B; L6 k  {, S0 J# B2 F4 e$ t' R
   بۈگۈن كەچ مەن ئالدى بىلەن نېمىشقا بۇ يەردە نۇتۇق سۆزلەش بەختىگە ئېرىشەلىگىنىمدىن باشلىماقچىمەن. دوستلار، خۇددى بۇيەرگە كېلىپ نۇتۇق سۆزلىگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئاي شارىدا سەيلى قىلىشقا ماھىر بولمىغاندەك، مەندىمۇ ئۇلارغا ئوخشاش كەسپىي بىلىم يوق، ئەلۋەتتە كۆپچىلىككە ئايان، ئېينىشتىيىن بۇ جەھەتتە كىشىنىڭ ھۆرمىتىنى قوزغايدۇ.
2 N/ J9 q7 j2 s9 W, K* j  {4 q! E4 ]' Y" y( K
   ئەمما، شۇنداق دېيەلەيمەنكى: باشقا نۇرغۇن ئادەملەرگە سېلىشتۇرغاندا، مەدەنىيەت – سەنئەت  ساھەسىدە مېنىڭ نىسبەتەن كۆپ تەجرىبىلىرىم بار. ئىنسانىيەتنىڭ بىلىمى كۇتۇپخانىلاردىكى قەغەز پۈتۈكلەردىن باشقا، يەنە ئۇلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىدا ساقلانغان، روھىيىتىگە پۈتۈلگەن، ئىنسانىي تۇيغۇلىرىغا بىرىكىپ كەتكەن ئامىللارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەنە كېلىپ دوستلار، مەن نىسبەتەن قىسقا بولغان ۋاقىت ئىچىدە شۇنچە كۆپ تارىخنى باشتىن كەچۈردۈم، ھەتتا ھازىر ئۆزۈمنىڭ ئاران 42 ياش ئىكەنلىكىمدىنمۇ گۇمانلىنىمەن. مەن دائىم Shmuley لىگە پىسخىكىلىق يېشىمنىڭ ھەرگىزمۇ سەكسەن ياشتىن تۆۋەن ئەمەسلىكىنى ئېيتاتتىم، بۈگۈن تېخى راستلا 80 ياشلىق بوۋايدەك مېڭىۋاتىمەن. ئۇنداقتا كۆپچىلىكىنى سۆزۈمگە قۇلاق سېلىشىقا تەكلىپ قىلىمەن،چۈنكى بۈگۈن ئاخشام چوقۇم سۆزلىمەكچى بولغانلىرىم بەلكى كۆپچىلىك بىلەن بىرگە ئىنسانىيلىقىمىزنى، دۇنيانى قۇتۇلدۇرىشىمىزغا پايدىسى بولىدۇ!( _/ k) w3 s1 E* o6 C

  {1 B) \; [- t' z( c( H% v4 [% Y  تەڭرىگە مىڭلاپ شۈكرى، مەن ئۆزۈمنىڭ ئۆمۈرلۈك سەنئەت ۋە كەسىپ مەجبۇرىيتىمنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئادا قىلالىدىم. ئەمما بۇ نەتىجىلەر بىلەن مېنىڭ كىم ئىكەنلىكىم پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان خارەكتىرگە ئىگە. ئەمەلىيەتتە، مەستانىلىرى ئالدىدا شادىمانە ھالداRocking Robin ۋە  Ben نى ئورۇندىغان بەش ياشلىق بالىنىڭ شوخ كۈلكىلىرى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ راستلا خۇشال ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ., Y3 f! X+ _/ k  h, G

& J. `# @# ^% D5 S2 {( V  بۈگۈن ئاخشام، مەن بىر مودا چولپان سىياقىدا كۆپچىلىك ئالدىدا زاھىر بولۇشنى خالىمايمەن. تالانت ئىگىسى – گۈزەل بالىلىقى بولمىغان بىر تالانت ئىگىسى دەپ ئاتىلىشنى تېخىمۇخالىمايمەن. مەن بىر ئەۋلاد كىشىلىرىنىڭ گۇۋاھچىسى، بىر ئەۋلاد بالا بولۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشەنمەيدىغان كىشىلەرنىڭ ۋەكىلى بولۇشنى بەكرەك خالايمەن. كۆپچىلىك، ھەممىڭلارنىڭ بالىلىقىڭلار بولغان، ئەمما ئۇنىڭدىن مەھرۇم قالغان، ئەشۇ ئالتۇندەك گۈزەل، دۇنيادىن بىغەم ئويناپ يۈرۈيدىغان ۋاقىتلاردىن مەھرۇم بولغان. بالىلىقىمىزدا ئەسلى ئارمانىسز ھالدا ئاتا – ئانىمىزنىڭ قوينىدا مۇھەببەتىن زوق ئېلىشىمىز، دۈشەنبىلىك مۇھىم ئاجرىتىپ يېزىش ئىمتىھانى ئۈچۈن ياخشى تەييارلىق قىلىشىمىز كېرەك ئىدى.  جېكسون 5 نى بىلىدىغان كىشىلەرگە ئايان، مەن بەش يېشىمدا سەھنە ھاياتىمنى باشلىۋەتتىم، شۇندىن بىرى ناخشا ئېيتىش، ئۇسۇل ئويناشتىن ئەسلا توختاپ باقمىدىم.- w) G* C% l$ ]9 ]7 J

  O) F4 @) N3 G3 H   گەرچە سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنداش مېنىڭ ئەڭ چوڭ قىزىقىشىم بولسىمۇ، بىراق كىچىك ۋاقىتلىرىمدا مەنمۇ باشقا بالىلاردەك دەرەخكە ئۇۋا ياساپ، سۇ چېچىشىپ، مۈكىمۈكىلەڭ ئوينىغۇم بار ئىدى. ئەپسۇس، پىشانەمگەپۈتۈلمىگەن ئىكەن،مەن پەقەت ئۇلارنىڭ كۈلكىلىرى ۋە ئويۇنلىرىغا خۇددى ئۆزۈم ئويناۋاتقاندەك ھەۋەسلا قىلالايتتىم.
5 p- W3 ]# W$ N
' s3 V- p" o% o8 ~) r8 M9 P1 }2 D* o   كەسپىي ھاياتىمنى داۋاملاشتۇرمىسام بولمايتتى. ئەمما ھەر يەكشەنبە كۈنى چوقۇم ئاۋانگارت بولاتتىم، بىز يەھۋانىڭ تەلىپى بويىچە مىسيونېر بولۇپ ئىشلەيتتۇق ، شۇندىلا باشقا كىشىلەر بالىلىرىنىڭ گۈزەل بالىلىقىنى كۆرەلەيتتىم،ئۇنداق چاغلاردا ئۆزۈمنىڭ بالىلىقىنىڭ خۇددى باشقىلارنىڭكىگە ئوخشاش ئاجايىباتلارغا تولغانلىقىنى خىيال قىلغۇم كېلەتتى. لېكىن، ئاۋارىچىلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، نام چىقارغاندىن بىرى مەن ئامالسىز چوڭ سۈپەت كىيىملەرنى كىيىپ، يالغان چاچ، يالغان ساقال ئىشلىتىپ، قارا كۆزەينەك تاقاپ، ئۆزۈمنى پەردازلاشقا مەجبۇر بولاتتىم. يەكشەنبە كۈنلۈك پائالىيەت جەريانىدا بىز چىكاگونىڭ جەنۇبىدىكى خىلۋەت جايلادا بىر كۈنىمىزنى ئۆتكۈزەتتۇق، ئۆيمۇ – ئۆي كىرىپ ياكى مال سېتىۋېلىش مەركەزلىرىگە بېرىپ،«ئۈمىد مۇنارى» ژۇرنىلىمىزنى تارقىتاتتۇق. مەن ئادەتتىكى ئائىلىلەرگە بېرىپ، ئۆيلەرگە سېلىنغان قوپال گىلەملەرنى، ئويناۋاتقان بالىلارنى، شۇنداقلا ئاددىيلىق ئىچىدە جۇلالىنىپ تۇغان بارچە تۇرمۇش مەنزىرىلىرىنى كۆرۈشنى ياخشى كۆرەتتىم. بىلىمەن، نۇرغۇن كىشىلەر بۇلارنى ھېچقانچە ئىش ئەمەس دەپ قارايدۇ. ئەمما مەن ئۈچۈن بۇلار چەكسىز جەلىپ قىلىش كۈچىگە ئىگە. مەن دائىم بالىلىقىدىن مەھرۇم قالغاندىن كېيىنكى تۇيغۇ پەقەت مەندىلا بار، مەن بىلەن بۇ ھەقتە تۇيغۇلىرىنى ئورتاقلىشالايدىغان كىشىلەر يوقنىڭ ئورنىدا دەپ ئويلايتتىم." C  n( e; L, Z( s1 [* s: {
% j6 D9 R7 n( `/ o! f% R( G& u
   يىقىندا  مەن 30 -40 يىللاردىكى بالا چولپان – شيېرلى تەمپىل بىراك(Shirley Temple Black) بىلەن ئۇچىرىشىپ قالدىم. بىز تۇنجى كۆرۈشكەندىلا گەپ – سۆز قىلماستىن يىغلىشىپ كەتتۇق. چۈنكى ئۇ مېنىڭ ئازابىمنى چۈشىنەتتى. مېنىڭ بۇ خىل ئازابلىرىمنى پەقەت ئەڭ يىقىن كىشىلىرىملا، ئېلزابېس. تايلور(Elizabeth Taylor) ۋە مكاۋلي.كالكىن(McCauley Culkin) ھېس قىلىپ يىتەلەيتتى.( ~! f& Y6 D7 I  z; U, o

6 k; ?  o, e& X+ a   بۇلارنى دېيىشىم ھەرگىزمۇ كۆپچىلىكنىڭ ھېسداشلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئەمەس، پەقەت – بۇنداق بالىلىقتىن مەھرۇم بولۇش ئازابلىرى ھوللىۋودنىڭ چولپانلىرىغىلا خاس ئەمەسلىكىنى ئېسىڭلارغا سېلىپ قويماقچىمەن. ھازىر، بۇ خىل ھادىسە يەرشارى خارەكتېرلىك ئاپەتكە ئايلاندى. بالىلىق ھازىرقى زامان تۇرمۇشىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتتى.
) I) G% o+ M0 A8 a2 H- oھازىر بالىلار دائىم تىز چوڭ بولۇشقا رىغبەتلەندۈرىلىدۇ. خۇددى بالىلىق مەزگىلى بىر ئاۋارىچىلىق ھېسابلىنىدىغاندەك. چوڭلار تاقەتسىزلىك بىلەن پەرزەنتلىرىنىڭ بالىلىق مەزگىلىنى ئىمكانقەدەر تېز ئاياغلاشتۇرىشىنى كۈتىدۇ. بۇ مەىسىلىگە نىسبەتەن، شۈبىھسىزكى، مەن دۇنيادىكى ئەڭ تىپىك ۋەكىل.مەن بۇ ئەۋلاد ئاتا – ئانا بىلەن پەرزەنت ئوتتۇرىسىكى مۇھەببەت شەرتلىرىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنىڭ ئىسپاتچىسى.
2 i  _, y) B* b% R
. q% G1 k7 o  W. p5 Q5 @7 v   پىسخولوگلار پەرزەنتىگە مۇتلەق مۇھەببەت ئاتا قىلماسلىقنىڭ ئاپەت خارەكتېرلىك تەسىرىنى تەپسلىي ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ خىل شەرتسىز مۇھەببەت ئۇلارنىڭ روھىي ۋە خارەكتىرىنىڭ ساغلام يېتىلىشى ئۈچۈن ئىنتايىن زۆرۈر. نۇرغۇن بالىلار كۆڭۈل بۆلۈشكە ئىرىشەلمىگەندىن كېيىن ئۆزىنى چەتكە ئالىدىغان بولىۋالدى. ئۇلار ئاستا – ئاستا ئاتا – ئانا، بوۋا – موما ۋە باشقا  قېرىنداشلىرىدىن يىراقلاپ كەتتى. ئەتىراپىمىزدىكى ئالدىنقى بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ تىز پۈكمەس ئىتتىپاقلىق روھىي زامانىمىزغا كەلگەندە مۇشۇنداقلا يوقىلىپ كەتتى.
( k8 Q* @' z' i5 {) z; \( m' {  O! L; b) _4 L/ B3 z9 o
   بۇ خىل قانۇنىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان نادان قىلمىش، تاشقى دۇنيادىن ئېھتىياجلىق بولغان بارچە نەرسە – بايلىق، مودا كىيىم، ئېسىل ماشىنا...لارغا ئىگە بولغان، ئەمما ئىچكى دۇنياسى ئازاپ ۋە ساختىپەزلىككە توشۇپ كەتكەن بىر ئەۋلاد كىشىلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. قۇپقۇرۇق كۆكرەك، ساختا روھ... ئەشۇ قۇرۇق كۆكرىكىمىز ئىچىدە ئىلگىرى يۈرىكىمىز سوقاتتى، ئۇ جايدىن مۇھەببەتنىڭ ھارارەتلىرى تارىلىپ تۇراتتى.
3 ]1 l  s9 d! Q) y  o
% o- n! Z4 c+ G" r+ E, }& ]   ئەمەلىيەتتە، ئازاپقا مۇپتىلا بولىۋاتقىنى بالىلارلا بولۇپ قالماستىن، ئاتا – ئانىلارمۇ ئوخشاشلا ئىڭراۋاتىدۇ. بىز بالىلىرىمىزنىڭ بالدۇر يېتىلىشنى شۇنچىلىك ئۈمىد قىلىمىزيۇ، ئەكىسچە سەمىمىيلىكتىن شۇنچە يىراقلاپ باردۇق. ئەلۋەتتە، بۇ خىل سەمىمىيلىك چوڭلاردىمۇ بولۇشقا ئەرزىيتتى.
' n3 `  k$ o& U- p8 e1 o4 n( Z3 m) ~0 E3 V. x3 o9 B, R% R
   ئەپەندىلەر ،خانىملار!  مۇھەببەت- ئىنسانلار ئائىلىسىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك مىراسى، ئەڭ بۈيۈك تەۋەرۈكى، قىممىتى تەڭداشسىز ئېسىل ئەنئەنىسى، بىز ئەۋلادمۇ – ئەۋلاد داۋاملاشتۇرىشىمىز كېرەك بولغان بايلىق! ئىلگىرى بەلكىم بىز باياشات تۇرمۇشتىن ھازىرقىدەك ھوزۇرلىنالمىغان ئىدۇق، ئۆيلىرىمىزدە توك يوق ئىدى، نۇرغۇن بالىلار سوغۇق ئۆيلەردە قىسسىلىشىپ ئۇخلايتتى. ئەمما بۇ ئۆيلەر قاراڭغۇ ئەمەس ئىدى، قەھرىتان سوغۇقمۇ ئەمەس ئىدى. چۈنكى بىز يۇرىكىمىزدە مۇھەببەتنى يالقۇنجىتىپ، ئۇلارغا ئىللىقلىق ئاتا قىلاتتۇق. ئاتا – ئانىلار ھەرخىل ئىمتىياز ۋە ئارزۇلىرى ئۈچۈنلا سەكپارە بولۇپ يۈرمەيتتى. بالىلارلا ئۇلار تۇرمۇشىنىڭ جەۋھىرى ئىدى.
1 q9 v0 D: r0 z, ^; P& q; Z9 q5 o2 |( d, k: D; V7 Z
   ھەممىزىگە ئايان، بىز ئىككى دۆلەت كىشىلىرى توماس. جەفېرسون(Thomas Jefferson) ئاتالمىش «ئىنكار قىلىشقا بولمايدىغان ھوقۇق» نى ئوتتۇرىغا چىقارغاندىن كېيىن بۆلۈنۈپ كەتتۇق. ئامېرىكىلىقلار بىلەن ئەنگىلىيلىكلەر ھەرقايسىمىز ھەققانىيەت ئۈستىدە تالاش – تارتىش قىلىۋاتقىنىمىزدا، نەدىمۇ بالىلارنىڭ ئىنكار قىلىشقا بولمايدىغان ھوقۇقى ئۈچۈن كۆرەش قىلىدىغانلار بولسۇن؟! بۇخىل ھوقۇقلارنىڭ تەدرىجى مونۇپۇل قىلىنىشى نەتىجىسىدە دۇنيادا نەچچىلىگەن بالا غەمسىز بالىلىقىدىكى بىخەتەرلىك تۇريغۇلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى.9 z! I; h( g0 @4 P- y5 m
9 \) D: v% ?$ ^6 n
   بۈگۈن ئاخشام مەن ھەربىر ئائىلىنىڭ پۈتكۈل بالىلار ئۈچۈن«بالىلارنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ھوقۇقى»  لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىشقا چاقىرىمەن، مەزمۇنى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ:5 I" F: H! D9 P1 G5 ]
1. بەدەل تۆلىمىسىمۇ مۇھەببەتتىن بەھرىمان بولۇش ھوقۇقى.
5 U9 E0 O1 |* o2 M2.  ئۆتۈنمىسىمۇ ئاتا – ئانىسى تەرىپىدىن قوغدىلىنىشتىن بەھرىمان بولۇش ھوقۇقى.
8 s; a0 S8 N3 T$ R( G8 N3. گەرچە بۇدۇنياغا قۇپقۇرۇق كەلگەن بولسىمۇ يەنىلا كۆڭۈل بۆلۈشكە مۇيەسسەر بولۇش ھوقۇقى., ~% B( q5 p: ?# X) F$ {; z0 ]6 V3 S
4.  گەرچە باشقىلارنىڭ نەزىرىنى ئۆزىگە قارىتالمىسىمۇ، يۈرەك تېۋىشلىرىنى ئاڭلىتىش ھوقۇقى.7 r: I+ y! n5 W# E" b3 I
5.  كەچلىك خەۋەرلەر بىلەن كۆرەش قىلمىسىمۇ، ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر ئاز چۆچەك ئاڭلاش ھوقۇقى.
) [4 d1 R; T/ n) d# W1 h6. يالغۇز ئۆيگە سولاپ قويۇلماي، مەكتەپتە مائارىپ تەربىيسى ئېلىش ھوقۇقى.
& {5 o# f" L, a0 d, I7.  ھەممە ئادەملەرگە ئوخشاش مۇئامىلىگە ئېرىشىش ھوقۇقى( ھەتتا پەقەت ئانسىلا ياخشى كۆرگۈدەك دەرىجىدە كۆرۈمسىز چىرايغا ئىگە بولسىمۇ)
: \* t' D' d( d. ?
' y' k- V" P; X3 z. K2 T  دوستلار، ئىنسانىيەت بىلىمنىڭ بارلىققا كېلىشى، ئىنسانىيەت ئاڭ سەۋىيسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرلىشى ئۈچۈن ھەربىرىمىز مۇھەببەتنىڭ ئوبىيكتىغا ئايلىنىشىمىز كېرەك. ھەتتا سىز چېچىڭىزنىڭ قىزىل ياكى بوز ئىكەنلىكىنى بىلمىسىڭىزمۇ، ئۆزىڭىزنىڭ ئاق تەنلىك ياكى قارا تەنلىك ئىكەنلىكىڭىزنى بىلمىسىڭىزمۇ، ئۆزىڭىزنىڭ قايسى دىنغا ئىتقاد قىلىدىغىنىڭىزنى بىلمىسىڭىزمۇ، چوقۇم ئۆزىڭىزنىڭ ھامان باشقىلار تەرىپىدىن سۆيىلىۋاتقىنىڭىزنى بىلىشىڭىز كېرەك.1 [/ g3 g- x. b6 x( p+ I
) o1 f5 o% k  d6 `) Y
  ئالاھەزەل 20 يىل ئاۋۋال، مەن سەييارە ئويۇن قويۇشقا ئاتلىنىش تەييارلىقىنى قىلىۋاتاتتىم، دەل شۇ چاغدا بىر كىچىك ئوغۇل بالا ۋە ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى چىكاگوغا مېنى يوقلاپ كەلدى. راك كىسىلى ئۇنىڭ ھاياتىغا تەھدىت سېلىۋاتقان ئىكەن، ئۇ ماڭا ئۆزىنىڭ ناخشىلىرىمنى ۋە مېنى ئىنتايىن ياقتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ ئاتا ئانىسى ماڭا بالىسىنىڭ كۈنلىرىنىڭ ئازلا قالغانلىقىنى، بۈگۈن ياكى ئەتە بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، مەن ئۇ بالىغا: «قارا، ئۈچ ئايدىن كېيىن مەن سېنىڭ يۇرتۇڭ كاناس شەھىرىگە بېرىپ ناخشا كىچىلىكى ئۆتكۈزىمەن، سېنىڭ شۇ ۋاقىتتا كېلىپ كېچىلىكىمگە قاتنىشالىشىڭىنى ئۈمىد قىلىمەن، ساڭا بىر قېتىملىق كېچىلىكتە كىيگەن بۇ مايكامنى سوۋغا قىلاي» دېدىم. ئۇنىڭ كۆزلىرى نۇرلىنىپ: «بۇ مايكىنى راستلا ماڭا سوۋغا قىلامسىز؟» دېدى. «ئەلۋەتتە، ئەمما سەن چوقۇم مۇشۇ كىيىمنى كىيىپ ئۈچ ئايدىن كېيىنكى كېچىلىكىمگە قاتنىشىشىڭ كېرەك» دېدىم.  مەن پەقەت ئۇنى بەرداشلىق بېرىشكە ئۈندەۋاتاتتىم، «مەن راستلا سېنى كىچىلىكىمدە مۇشۇ مايكىنى كىيىپ، مۇنۇ پەلەينى تاقاپ تۇرغان ھالەتتە كۆرگۈم بار!»، ئۇنىڭغا يەنە ئۈستىگە ياقۇت تاشلار قادالغان پەلىيىمنىمۇ بەردىم. ئادەتتە مەن ھەرگىزمۇ باشقىلارغا پەلىيىمنى سوۋغا قىلمايتتىم.0 o2 o+ @1 U9 T* S
; c7 N3 `# j: f
  بىراق ئۇ جەننەتكە سەپەر قىلىش ئالدىدا تۇراتتى. بەلكىم ئۇ جايغا بەكلا يېقىنلاپ قالغاندۇ، مەن ئۇ تۇرۇشلۇق شەھەرگە بارغاندىن كېيىن، ئۇ ئاللىبۇرۇن ئۇ دۇنياغا كېتىپ قاپتۇ. ئاتا – ئانىسى ئۇنى دەپنە قىلغاندا مەن سوۋغا قىلغان مايكا ۋە پەلەينى كىيدۈرۈپ قويۇپتۇ. ئۇ پەقەت 10 ياشتا ئىدى. تەڭرى بىلىدۇ، مەن بىلىمەن، ئۇ ھەقىقەتەنمۇ تەس چىدىغان ئىدى. ئەمما، ھېچبولمىغاندا ئۆلۈش ئالدىدا ئۇ ئۆزىنىڭ چەكسىز مۇھەببەت قوينىدا ئىكەنلىكىنى بىلدى، ئاتا - ئانىسىلا ئەمەس، ماڭا ئوخشاش بىر يات كىشىمۇ ئۇنى ئوخشاشلا ياخشى كۆرەتتى. مۇھەببەتتىن بەھرىمان بولغاندىن كېيىن ئۇ ئۆزىنىڭ بۇدۇنياغا ھەرگىزمۇ يالغۇز كەلمىگەنلىكىنى، شۇنداقلا بۇ دۇنيادىن تەنھا كەتمەيدىغانلىقىنى چۈشەندى.
- W& y% l$ j. M6 P3 |; O2 h$ @/ \: N( \7 `3 w, ~
  ئەگەر سىز بۇ دۇنياغا كەلگەن ۋە ئايرىلغان ۋاقىتتا ئوخشاشلا باشقىلار تەرىپىدىن ياخشى كۆرۈلسىڭىز، ئۇنداقتا بۇ جەرياندا يۈز بەرگەن ھەرقانداق ئوڭۇشسىزلىققا سىز چوقۇم تاقابىل تۇرالايسىز. پروفىسسور بەلكىم سىزنىڭ دەرىجىڭىزنى تۆۋەنلىتىشى مۇمكىن، ئەمما سىز ئۆزىڭىز ھەرگىز تۆۋەنلەتمەيسىز؛ خوجايىن بەلكىم سىزنى چەتكە قېقىشى مومكىن، ئەمما سىز ھەرگىز چەتكە قېقىلىمايسىز؛ مۇنازىرىدىكى رەقىبىڭىز سىزنى يىڭىۋېلىشى مۇمكىن، ئەمما سىز يەنىلا غەلبە قىلالايسىز. ئۇلار قانداقمۇ سىزنى مەغلۇپ قىلالىسۇن؟ چۈنكى سىز ئۆزىڭىزنىڭ سۆيۈلۈشكە ئەرزىيدىغانلىقىڭىزنى ئېنىق بىلىسىز، باشقا ئىشلار پەقەتلا بىر قۇرۇق جازا، خالاس.
8 u* D, \3 i* r% {6 I3 P* _
3 ~/ L* R! _. o& w  بىراق، سىزدە سۆيۈلۈشنىڭ گۈزەل ئەسلىمىلىرى بولمىسا، ئۇنداقتا دۇنيادا قانداق نەرسىنىڭ سىزنى قانائەتلەندۈرەلەيدىغانلىقىنى مەڭگۈ بىلەلمەيسىز. قانچىلىك پۇلدار بولۇپ كېتىڭ، قانچىلىك داڭقىڭىز چىقسۇن، سىز ھامان قانائەت ھېس قىلالمايسىز!  سىزنىڭ ھەقىقىي ئىزدەۋاتقىنىڭىز پەقەت شەرتسىز مۇھەببەت ۋە تولۇق قوبۇل قىلىنىش. بۇلاردىن باشقىسى پەقەتلا يۈك، خالاس.  
& N4 T8 }; {7 p/ K2 O( y   ' h8 W$ Y+ h: R, k* ^
   دوستلىرىم، سىلەرگە مۇنداق بىر مەنزىرىنى بايان قىلىپ بىرەي: ئامېرىكىدا كۈنىگە 6 نەپەر 20 ياشقا توشمىغان ئۆسمۈر ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالىدۇ، 12 نەپەر 20 ياشتىن تۆۋەن بالا قوراللاردا ئۆلۈپ كېتىدۇ – ئىسىڭىزدە بولسۇن، بۇ پەقەت بىركۈندىكى ئەھۋال. يەنە 399 نەپەر ياش مەست قىلىش دورىلىرىنى ئىشلەتكەنلىكتىن تۇتۇپ كېتىلىنىدۇ، 1352 نەپەر بوۋاق ئون نەچچە ياشلىق «ئانا» لار تەرىپىدىن بۇ دۇنياغا كېلىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى دۇنيادىكى ئەڭ باي، ئەڭ تەرەققىي قىلغان دۆلەتتىكى ئىشلار!9 z+ r. U2 g* e- _
* n2 x" q3 o/ F8 A' _' B4 h, R
   شۇنداق، دۆلىتىمىزنىڭ ھەيۋىسىگە سانائەت جەھەتتە ھېچقانداق دۆلەت تەڭ تۇرالمايدۇ.بىراق يۇقارقىلار ئامېرىكا ياشلىرىنىڭ ئازاپ ۋە نەپرەتلىرىنى بوشىتىدىغان بىردىنبىر ئۇسۇلى. ئەمما، ئەنگىلىيدە يۇقارقىلارغا ئوخشاش بىئارام، ئازابدار كىشىلەر يوق دەپ ئويلىماڭ. تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگىلىيدە كۈنىگە ئۈچ نەپەر ئون ياشتىن تۆۋەن بالا دائىم تېنىنى كىسىپ، كۆيدۈرۈپ ياكى يۇقىرى مىقداردا دورا ئىستىمال قىلىپ، ئۆزىنى مىيىپ قىلىۋالىدىكەن. مانا بۇلار ئۇلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئازابلىرىنى ئارام تاپقۇزۇشتىكى ئۇسۇلى.
3 P: v: r5 o; J0 m. X
$ Y% z) _, u0 H+ V  r! V3 `  بۈيۈك بىرتانىيىدە، %20 ئائىلە يىلدا پەقەت بىرلا قىتىم پۈتۈن ئائىلە جەم بولۇپ كەچلىك تاماق يەيدىكەن، يىلدا بىر قېتىم ھە! 80-يىللاردىن باشلانغان تەكشۈرۈش نەتىجىسى، كۆپ ئاڭلاپ مەشىقلەندۈرۈلگەن بالىلار ئادەتتىكى بالىلاردىن كۈچلۈك بولغان ئوقۇش – يېزىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدىكەن، ئۈنۈمىمۇ قاراپ ئۈگەنگىنىدىن كۆپ يۇقىرى بولىدىكەن. ئەپسۇس، ئەنگىلىيدە پەقەت% 33  ئىككى ياشتىن سەككىز ياشقىچە بولغان بالىلا ئۇخلاشتىن بۇرۇن مۇقىم ھالدا چۆچەك ئاڭلىيالايدىكەن. ئەگەر %75 ئاتا - ئانىنىڭ بالىلىق دەۋرىدە ھەممىسىنىڭ چۆچەك ئاڭلاپ چوڭ بولغانلىقىنى بىلگىنىمىزدە، كۆپچىلىك ئارتۇق ئويلىمىغان بولاتتۇق.
8 C. k8 y4 v7 `# o, w
# B& t0 D  `0 Q  ئېنىقكى، بىز ئۆزىمىزدىن بۇ خىل ئازاپ – ئوقۇبەتلەرنىڭ، رەزىللىكلەرنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى ئويلاپ باقمىدۇق. بالىلارنىڭ تاشلىۋېتىلىشتىن، سوغۇق مۇئامىلىدىن ئىنتايىن سەسكىنىدىغانلىقى ھەممىزىگە ئايان ، ئۇلارنىڭ يىغلىشىمۇ دەل باشقىلارنىڭ دىققىتىنى جەلب قىلىش ئۈچۈن. ئامرىكىدا، تۈرلۈك بالىلارنى قوغداش ئورۇنلىرى ئوتتۇرىچە ھەريىلى نەچچە يۈز مىڭلىغان بالىلارنىڭ سوغۇق مۇئامىلىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، بۇ بىرخىل كەمسىتىش! باياشات ئائىلىلەر، بەخىتلىك ئائىلىلەر، پۈتۈنلەي ئىلېكتىر بويۇملىرىغا باغلىنىپ قالدى. ئاتا – ئانىلار ئۆيگە قايتىپ كىلىدۇ، ئەمما ئۇلار راستىنلا قايتىپ كەلمەيدۇ،ئۇلارنىڭ روھىي ئىشخانىلاردا قالغان بولىدۇ. ئۇنداقتا بالىلارچۇ؟ ئاھ، ئامالسىز ئۆزلىرى ئېرىشكەن ئاز-تولا ھېسىيات  تۇتۇرۇقلىرى بىلەن ئاران دېگەندە كۈن ئۆتكۈزىدۇ. تۈگىمەس تېلېۋىزۇر، كومپىيوتېر ئويۇنى ۋە سىن بويۇملىرىدىن ئۇلار نېمىگە ئىرىشەلىسۇن؟
" k0 ^# h5 o0 O' W4 ?/ N- z4 g( ^$ E8 v8 `5 @2 @# i9 t) o
   ۋۇجۇدۇمنى تىتىرىتىپ ئۆتكەن ئاشۇ قاتتىق، سوغۇق سانلار سىلەرگە، نېمە ئۈچۈن شۇنچە كۆپ ۋاقىت ۋە زىھنىمنى ئىسراپ قىلىپ، بالىلارنى قۇتقۇزۇش ھەرىكەتلىرىنى قوللىغىنىمنى ۋە ئۇلارنى مۇۋەپپىقىيەتكە ئىرىشتۈرگەنلىكىمنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ.4 |! ^; \3 v5 G) Q8 ?+ M& u" A

2 Y3 Y! j% M8 }: s; J   مەقسىتىمىز ئىنتايىن ئاددىي – ئاتا-ئانا، پەرزەنت ئوتتۇرىسىدىكى يېقىن مۇناسىۋەتنى قايتىدىن ئورنۇتۇش، ۋەدىلىرىمىزگە ۋاپا قىلىپ، كەلگۈسى بىر كۈنلەردە بۇ دۇنياغا كېلىدىغان سۆيۈملۈك بالىلارنىڭ ھاياتلىق يوللىرىنى يورۇتۇش.- x# v& Y& K* h" \
2 O/ o9 Q, L) V, Y% T& ~
   بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىملىق نۇتۇقۇم بولغانلىقى ۋە قەلبىڭلارنى كەڭرى ئاچقانلىقىڭلار ئۈچۈن، مېنىڭچە، چوقۇم سىلەر بىلەن تېخىمۇ كۆپ مۇڭدىشىمەن. ھەممىمىزنىڭ قەلبىدە ھېكايىمىز بولىدۇ،ئۇلارنى سىتاستىكىلىساق ئومۇمىيلىققا ئىگە بولىدۇ.3 V& o2 C6 P6 w3 }6 B

  L+ y1 t; j! c, Z& m   دائىم : بالا بېقىش خۇددى ئۇسۇل ئوينىغانغا ئوخشايدۇ، سەن بىر قەدەم ماڭساڭ، بالاڭمۇ ئەگىشىپ بىر قەدەم ماڭىدۇ دەيمىز. ئەمما مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە، بالا تەربىيلىگەندە ئۇنىڭ ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەللىرىڭىز پەقەت ھېكايىنىڭ يېرىمى ئىكەن، قالغان يېرىمى بولسا بالىنڭ ئاتا - ئانىسىغا جاۋاب قايتۇرىشى بولىدىكەن.
9 q; k1 r* _1 z
8 u  ?( C# s- O6 E   كىچىكىمدە، ئېسىمدە قېلىشىچە «قارا قىزچاق» ئىسىملىك بىر بۆرە ئىت بار ئىدى، ئۇ ئۆيگە قارالمايلا قالماستىن ئىنتايىن قورقۇنچاق  ۋە تىرىككەك ئىدى، ھەتتا ماشىنا ئاۋازى ۋە ئىندىئاننانىڭ چاقماقلىق يامغۇر ئاۋازىدىن قورقۇپ ئاران تۇراتتى. سىڭلىم جىننى بىلەن ئىككىمىز ئۇنىڭغا كۆپ زېھنىمىزنى سەرىپ قىلدۇق، بىراق يەنىلا ئۇنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرەلمىدۇق. ئىلگىركى خوجايىنى دائىم ئۇنى ئۇرىدىكەنتۇق، نېمە ئۈچۈنلىكىنى بىلمىدۇق، ئىشقىلىپ ئۇ سادىقلىقىنى يوقاتقان ئىدى.6 c; }& W) T4 H6 p8 M: S

) j- c4 x# T0 P$ k# T  نۆۋەتتىكى نۇرغۇن تىرىك مۇردىغا ئايلانغان ياشلار زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغان بىچارىلەردۇر. ئۇلار ئاتا – ئانىسىغا ئازراقمۇ كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. يالغۇز ياشاپ، يالغۇز يۈرۈپ، ئۆزىنىڭ تەنھالىقىنى قوغدايدۇ. ئۇلار توختىماستىن ئالغا سىلجىيدۇ، ئەمما ئاتا – ئانىسىنى كېرەكسىز نەرسىدەك كەينىدە تاشلاپ قويىدۇ. يەنە تېخىمۇ ئەسەبىي بالىلار بار، ئۇلار ئاتا – ئانىسىدىن نەپرەتلىنىپ، ئۇلارنىڭ ھەرقانداق ياخشى نىيەتتىكى پىكىرىنىمۇ رەھىمسىزلەرچە رەت قىلىدۇ.
, \. x, I0 y! \9 n. z7 I) k' E4 H# a6 ]: N) s- I
  بۈگۈن ئاخشام، مەن ئارىمىزدىكى ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ ئۇنداق خاتالىق سادىر قىلىشىنى خالىمايمەن. بۇ مېنىڭ پۈتكۈل دۇنيادىكى بالىلار ۋە ھازىر نەق مەيداندا  نۇتۇق ئاڭلاۋاتقان كىشىلەرنى بىرلىكتە ئاتا – ئانىمىزنى كەچۈرىۋېتىشكە چاقىرىشىمنىڭ سەۋەبىدۇر. ئەگەر بىز تاشلىۋېتىلگەن بولساق ئۇلارنى كەچۈرىۋېتىپ، ھەمدە ئۇلارغا قانداق سۆيۈشنى ئۈگىتىپ قويايلى!
( Z0 a2 a7 A8 V: {& l% D
6 q% n" ~/ ^+ u* U* R4 W  |   مېنىڭ بەخىتلىك بىر بالىلىقىمنىڭ بولمىغانلىقىنى ئاڭلىغىنىڭىزدا بەلكىم ئۇنچە ھەيران قالمىغانسىز، دادام بىلەن بولغان جىددىي مۇناسىۋىتىمىز بۇنىڭ بىر مىسالى. دادام تولىمۇ قاتتىق قول بىر ئادەم. ئەقلىمنى بىلسەم، ئۇ بىزنى ياراملىق بىر ئارتىس قىلىپ چىقىشقا تىرىشىۋاتقان ئىكەن.
9 R( _2 |: ?) S2 t$ j
, b* _- T+ _8 H3 H# E   ئۇھېسياتىنى ئىزھار قىلىشقا ئاجىز ئىدى، بىرەر قېتىممۇ مېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ باقمىغان ئىدى. ئۇ ئەزەلدىن مېنى ماختاپ باقمىغان، ئەگەردە بىرەر ئىشنى ئالاھىدە ياخشى قىلالىسام، «يامان ئەمەس» دەپ قوياتتى.ئەگەر ئىپادەم يامان ئەمەس بولسا، ئۇ ھېچنىمە دېمەيتتى.
8 F' i: l2 N" T, v0 b7 n- {# ^
6 }" T8 _+ }+ x5 t0 S   ئىشلىرىمىزدا مۇۋەپپىقىيەت قازاندۇرۇش ئۇنىڭ بارلىق ئارزۇسى ئىدى. دادام راستىنلا تالانتلىق بىر باشقۇرغۇچى ئىدى، ئاكام ئىككىمىز ئۇنىڭ مەجبۇرلاشلىرى ئاستىدا مۇۋەپپىقىيەتكە ئېرىشتۇق. ئۇنىڭ قوماندانلىقى ئاستىدا مەن ھېچقانداق پۇرسەتنى قولدىن بەرمىدىم.
0 ?6 y0 c9 E# Q8 b0 f6 Z
6 x- F" \4 h) Q) a3 m  ئەمما ماڭا ھەقىقىي لازىمى مېنى مۇھەببەتكە ئىرىشتۈرەلەيدىغان بىر ئاتا ئىدى. دادام بۇلارنى چۈشەنمەيتتى، ئۇ ماڭا تىكىلىپ تۇرغانلىرىدا ھەرگىزمۇ مېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتمايتتى، بىرەر قېتىممۇ مەن بىلەن ئويۇن ئوينىمايتتى، ئات چاپتۇرمايتتى، ياستۇق ئېتىپ ، سۇ شارچىسى پۈۋلەپ ئوينىمايتتى. ئېسىمدە تۇرۇپتۇ، مەن تۆت ياشقا كىرگەن يىلىدىكى بىر قېتىملىق كانىۋال بايرىمىدا مېنى تايچاققا مىندۈرۈپ قويغان ئىدى. شۇنچىلىك كىچىككىنە بىر ئىشنى بەلكىم ئۇ بەش مىنۇتتىلا ئۇنتۇپ كەتكەندۇ. ئەمما شۇ ئىشتىن كېيىن ئۇنىڭ قەلبىمدە ئالاھىدە ئورنى تىكلەندى. مانا بۇبالىلىق ئىدى، كىچىككىنە ئىشلارمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن غايەت زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولاتتى، مەن ئۈچۈنمۇ شۇنداق ئىدى. ئەشۇ مىنۇتلار مەن ئۈچۈن ھەممە ئىدى، پەقەت ۋە پەقەت بىرلا قېتىم شۇنداق پۇرسەتكە ئېرىشتىم، ئەمما تۇيغۇلىرىم ھەقىقەتەن تەسۋىرلىگۈسىز بولدى.
6 |& s* t" {, x: w$ n% U! u) }; O. h# n/ H7 ]
   مانا ھازىر ئۆزۈممۇ بىر دادا بولدۇم. بىر كۈنى ئۆزۈمنىڭ بالىلىرى Prince ۋە   Paris لارنى ، ئۇلارنىڭ چوڭ بولغاندا ماڭا قانداق قارىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىمنى ئويلاۋاتاتتىم. چوقۇمكى، ئۇلارنىڭ كېيىن مېنى ئويلىغانلىرىدا، نەگە بېرىشىمدىن قەتئىينەزەر يېنىمدا ئېلىپ يۈرىدىغىنىمنى، ھەممە نەرسىدىن مۇھىم ئورۇنغا قويىدىغانلىقىمنى ئەسلىشىنى ئۈمىد قىلاتتىم. بىراق ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا ھەردائىم رىقابەت مەۋجۇت. چۈنكى بالىلىرىم دائىم ئاشۇ ئۇششاق – چۈششەك گىزىتلارنىڭ «نازارەت»ىدە بولىدۇ، شۇڭا ئۇلار خالىغانچە مەن بىلەن باغچىلارغا، كىنوخانىلارغا بارالمايدۇ.3 ?! ^. O6 T; d' E; P; A9 p
8 R, B! c7 V0 L/ b7 f
  شۇڭا ئۇلار چوڭ بولغاندا مەندىن نەپرەتلەنسە قانداق قىلارمەن؟! مېنىڭ تاللىشىم ئۇلارنىڭ بالىلىقىغا قانچىلىك تەسىر ئېلىپ كېلەر؟ ئۇلار بەلكىم مەندىن: «بىزنىڭ نېمە ئۈچۈن باشقا بالىلارغا ئوخشاش ئەركىنلىكىمىز يوق؟» دەپ سورار. ئۇ چاغلاردا مەن تەڭرىدىن بالىلىرىمنىڭ مېنى چۈشىنىشىنى تىلەيمەن. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە: « دادىمىز ئاللىبۇرۇن پۈتۈن كۈچىنى چىقىرىپ تىرىشتى، ئۇ دۇچ كەلگىنى ئالاھىدە بىر ئەھۋال، ئۇ بەلكىم مۇكەممەل ئەمەس، ئەمما تولىمۇ ئىللىق ۋە مەسئۇلىيەتچان بىر كىشى، ئۇ دۇنيادىكى بارچە مۇھەببەتتىن بىزنى بەھرىمان قىلىشنىلا ئويلايدۇ...» دېيىشىنى تىلەيمەن.
: o& ~; _6 T9 l8 M* u
7 N  m# N" m+ X9 v1 }) Y+ {  مەن ھەردائىم ئۇلارنىڭ نەزىرىنى ئاشۇ ئاكتىپ تەرەپلەرگە مەركەزلەشتۈرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەسىلەن: ئۇلار ئامالسىز ۋاز كېچىشى زۆرۈر بولغان ئەشۇ ئىشلار ۋە تەربىيلەش جەريانىدىكى ساقلانغىلى بولمايدىغان خاتالىقلارنىلا ئەمەس، بەلكى، مېنىڭ بارچە كۈچۈم بىلەن ئۇلارنىڭ قۇربانى بولۇشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقىمنى ئويلىشى كېرەك. چۈنكى بىز ھەممىمىز باشقىلارنىڭ بالىسى، بىزگە ئايان، ئاجايىپ مۇكەممەل پىلان ۋە تىرىشچانلىق بولغان تەقدىردىمۇ، خاتالىق ھامان كۆرۈلىدۇ. ئىنسان سەۋەنلىكتىن خالىي ئەمەس.7 `6 i' j% E( }( g: y; _  _
2 m( t* r" f) m
  بۇلارنى، بالىلارنىڭ مېنى «ياخشى دادا ئەمەس» دەپ قارىماسلىقىنى، كەمچىلىكلىرىمنى ئەپۇ قىلىشىنى قانچىلىك ئارزۇ قىلىدىغىنىمنى ئويلىغىنىمدا، ئىختىيارسىز ھالدا دادام ئېسىمگە كېلىدۇ. ئىلگىرى ئۇنى قانچىلىك ئىنكار قىلغان بولاي، ئۇ چوقۇم مېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى تەن ئالىدۇ. ئۇ مېنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرىدۇ، بۇنى بىلىمەن.+ a# K) y! \2 D. H
بۇنىڭغا ئىسپات بولالايدىغان يەنە بىر كىچىك ئىش بار: كىچىكىمدە تاتلىق نەرسىلەرگە ئامراق ئىدىم(بالىلارنىڭ ھەممىسى شۇنداققۇ!) . دادام مېنىڭ تاتلىق بولكىغا ئەڭ ئامراق ئىكەنلىكىمنى بىلەتتى. شۇڭا ھەپتە ئارىلاپ، مەن ئەتتىگىنى ئۈستىن قەۋەتتىن چۈشكىنىمدە، دائىم ئاشخانا ئۆيدە ھېچقانداق سۆز قالدۇرۇلمىغان بىر خالتا تاتلىق بولكىنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرەتتىم. خۇددى روژىتسىۋا بوۋاي قويۇپ قويغاندەك.1 U  \& y5 P7 Q2 r8 o$ [+ Q7 y! C6 a
% n$ `) H7 \* f9 {6 u, o
  بەزىدە مەن ئۇخلىماي بىر يانغا مۆكىۋېلىپ، ئۇنىڭ بولكىلارنى شۇ جايغا ئاستاغىنە قويۇپ قويغانلىقىنى كۆرۈپ قالاتتىم. ئەمما روژىتسىۋا بوۋاينىڭ رىۋايەتلىرىدەك، بۇ خىل خىيالىي تۇيغۇلارنى ئايرىلىپ قېلىشتىن، ئۇنىڭ داۋاملاشتۇرماي قويىشىدىن تېخىمۇ ئەنسىرەيتتىم. دادام كەچلىكى بولكىلارنى ئاستاغىنە ئۇ جايغا قويۇپ قوياتتى، ھەمدە ھېچكىمگە بىلدۈرمەيتتى. ئۇ بەلكىم ئىنسانىي تۇيغۇلىرىنى ئاشكارلاپ قويىشىدىن ئەنسىرىسە كېرەك. قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى چۈشەنمەيتتى ۋە ئۇقمايتتى. ئۇ پەقەت تاتلىق بولكىنىڭ مەن ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بىرىدىغانلىقىنىلا بىلەتتى.
; L7 m+ U; _. T$ ^. S. }" E: e+ I9 C' l* j6 g' M
  ئۆتمۈشۈمنىڭ تۇغانىنى ئېچىۋەتسەم، تېخىمۇ كۆپ ئەسلىمىلەر ئېتىلىپ چىقىدۇ. كىچىككىنە ئىشلارغا ئائىت ئۇ ئەسلىمىلىرىم، گەرچە ھازىر تازا ئېنىق بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ھارارىتىنى تېخىچە يوقاتمىغانلىقىنى ھېس قىلىپ تۇرۇپتىمەن. شۇڭلاشقا بۈگۈن ئاخشام، دادامنىڭ نېمىلەرنى قىلالمىغانلىقىنى قويۇپ، ئۇنىڭ قىيىنچىلىقلارنى يەتكۈچە تارتىپ، مەن ئۈچۈن قىلغانلىرىغا بەكرەك كۆڭۈل بۆلەي دەيمەن. شۇ سەۋەپ ئۇنىڭغا بولغان باھالىرىمنى توختاتماقچىمەن.$ Y# T* Q6 c4 _- J5 I* R0 H
& P( z$ x9 w9 |4 Z# R
   دادامنىڭ جەنۇبتىكى ئىنتايىن نامرات بىر ئائىلىدە چوڭ بولغانلىقىنى ئەسلىيەلەيمەن. ئۇ ئىقتىسادنىڭ چوڭ چىكىنىش مەزگىللىرى ئىدى، لىكىن دادام جېنىنى تىكىپ تۇرۇپ بالىلىرىنى بېقىۋاتقاچقا، ئائىلىگە ئانچە چوڭ مۇھەببەت بېغىشلىيالمىغان ئىدى. دادام ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى بوۋامنىڭ مۇشت – پەشۋالىرى ئاستىدا چوڭ بولغان ئىكەن. كىم ئەينى چاغدا جەنۇبتا چوڭ بولغان بىر قارا تەنلىكنىڭ ئەھۋالىنى پەرەز قىلالايدۇ؟  غورۇر، ئۈمىدتىن ئەسەر بولمىغان، دادامنى ئەڭ ناچار ئېرىققا تەۋە كىشى دەپ قارىغان بۇ دۇنيادا پۇت دەسسەپ تۇرۇش ئۈچۈن قاتتىق تىرىشىش كېرەك ئىدى. مەن تۇنجى بولۇپ  MTV سەھنىسىگە چىقالىغان قارا تەنلىك سەنئەتچى بولدۇم، ئۇنىڭ قانچىلىك تەسلىكتە قولغا كەلگىنى ھىلىمۇ ئىسىمدە، ئۇ 80 – يىللار ئىدى.
$ |/ J% p/ j, s2 |) P* j
0 j8 I- m! s; N0 S0 S4 @0 l# |$ M   كېيىن دادام ئىندىئانلار شىتاتىغا كۆچۈپ كەلدى، ھەمدە ئۆزىمىزنىڭ چوڭ ئۆيىمىزمۇ بولدى. ئۇ پولات تاۋلاش ئورنىدا ئۇزۇن ئىشلىدى، خىزمىتى بەكلا تۆۋەن دەرىجىلىك ئىدى، شۇنداقلا ئۆپكىنى كاردىن چىقىراتتى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئائىلە ئۈچۈن ئىدى، ئەلۋەتتە.  ئۇ ھېس – تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلەشكە ئاجىزلىق قىلسا غەلىتىلىك بولامدۇ؟! ئۇنىڭ يۈرىكى ئاجايىپ كەچۈرمىشلەرگە شاھىد بولغاچقا سىرلىق تۇيۇلامدۇ؟! ئەڭ مۇھىمى، ئۇ ئوغلىنى داڭلىق ئارتىس بولۇشقا شۇنچە مەجبۇرلىشى،  ئوغلىنىڭ كەلگۈىسىدە ئۆزىگە ئوخشاش قىسمەتكە دۇچار بولماسلىقىنى ئارزۇ قىلسا نورمالسىزلىق ھىسابلىنامدۇ؟!
6 u3 w# }! N3 T- S
; F% z9 L3 ~; G0 \# U   مەن دادەمنىڭ ۋارقىرىشىنىڭمۇ بىرخىل مۇھەببەت ئىزھار قىلىش ئىكەنلىكىنى، بىرخىل مۇكەممەل بولمىغان سۆيۈش ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشكە باشلىدىم. ئۇنىڭ مېنى مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشقا مەجبۇرلىشى، مېنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن، پەرزەنتىنىڭ كېيىن خورلۇققا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن ئىدى.
+ M, S# b& C; T: |
; m0 K: q" X$ p' n  D0 I+ G( [   ھازىر، شۇۋاقىتلاردىكى كۈلپەتلەرنى ئويلىسام بەخت ھېس قىلىمەن. غەزەپ ئىچىدە مەن ئۆزۈمدىن قانداق ھالقىشنى ئۈگەندىم. قىساس ئوتى ئىچىدە تېنىچلىنىشنى ئۈگەندىم. ھەتتا دەسلەپكى نەپرەتلىرىممۇ ئاستا – ئاستا كەڭچىلىككە ئورۇن بوشاتتى.
5 S; x1 P0 W! p% y( \! Z" ]7 d1 Y9 C) L: ]
  ئون يىللارچە ئىلگىرى، مەن «دۇنيانى قۇتقۇزۇش» دەپ ئاتىلىدىغان بىر ساخاۋەت ئورنى قۇردۇم. بۇ ئىسىمنىڭ ئۆزى دەل قەلبىمدىكى تۇيغۇلاردۇر. ئازراق بىلىشىمچە، دەل Shmuley ئېيىتقاندەك، ئۇ ئىككى سۆز قەدىمكى مەسەللەرنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنىڭ ئاساسى ئىكەن. بىز راستىنلا دۇنيانى قۇتۇلدۇرالايمىزمۇ؟ بۇ مەسىلە تا بۈگۈنگىچە ئۇرۇش ۋە ئېرقىي جىدەللەر تەرىپىدىن چۈشەكەپ قويۇلدى. بىز راستىنلا بالىلارنى قۇتۇلدۇرالامدۇق؟«بېسىۋېلىش» دېگەن فىلىمدىكىدەك، مەكتەپكە تاپانچا ئىلىپ كىرىدىغان ھەتتا باشقىلارغا ئوق چىقىرىدىغان ئاشۇ بالىلارنى، خۇددى Jamie Bulger نىڭ تىراگىدىيلىرىدىكىدەك قارشى تەرەپنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويىدىغان ئاشۇ ياشلارنى بىز راستىنلا قۇتۇلدۇرالامدۇق؟ -ئەلۋەتتە. بولمىسا مەن بۈگۈن كەچ بۇيەردە تۇرمىغان بولاتتىم.
, {% K2 J9 g  F2 i7 e
" O0 v; L" o4 N# C  ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەپۇ قىلىشتىن باشلىنىدۇ. چۈنكى دۇنيانى قۇتۇلدۇرۇشتىن ئاۋۋال بىز ئۆزىمىزنى قۇتۇلدۇرىشىمىز كېرەك. بالىلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، بىز ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ ئىچكىي دۇنياسىنى قوغدىشىمىز زۆرۈر. تولۇق يىتىلگەن بىر ئادەم بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۆزۈمنىڭ ھەرگىزمۇ مۇكەممەللىككە يىتەلمەيدىغانلىقىمنى ھېس قىلىپ يىتىۋاتىمەن. بەلكىم ،بالىلىرىغا مۇھەببەت ئاتا قىلىش ئىقتىدارى بولغان ئەمما شارائىتى بولمىغان بىر ئاتا بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بالىلىقتىكى سەرگەردان روھىم يۆلەنچۈككە ئېرىشكىچە ئازابلىنىشىم مۇمكىن." c0 R, s- B8 @3 Z
0 y0 r1 Q3 k7 v- V) I/ h5 x
   بۈگۈن ئاخشام كۆپچىلىككە تەۋسىيە قىلىدىغان بىر ئىش. ئاتا – ئاناڭلارنى ھۆرمەتلەپ، سۆيۈڭلار! ئۇلارغا گۇماندىن خالىي ھالدا يېقىنلىشىڭلار!
  s. @" q4 [7 M7 z- [# I1 i5 A, t+ O# ]3 @4 u0 @: i* G1 y
   مانا بۇ مېنىڭ دادامغا كەڭچىلىك قىلىشىم ۋە ئۇنى داۋاملىق مۇنازىرە قىلماسلىقىمنىڭ سەۋەبى، چۈنكى ماڭا پەقەت بىر «ئاتا» كېرەك، شۇنداقلا مېنىڭ بىردىنبىر ئىرىشەلەيدىغىنىم دادام.  مەن ئۆتمۈشتىكى ئىشلارنىڭ توسقۇنلۇقلىرىدىن قۇتۇلۇپ، بارچە ئازارچىلىقلارنى كۆڭلۈمدىن چىقىرىپ تاشلاپ، دادام بىلەن يارىشىپ، قالغان ئۆمرۈمنى بەخىتلىك ئۆتكۈزۈشنى ئويلايمەن.' f4 {7 V7 O: I

- Z& ~1 [. v. `" S7 ~   ئەگەر دۇنيا نەپرەت تۇمانلىرى ئارىسىدا قالسا، بىز يەنىلا ئۈمىد كۈتۈشكە پېتىنايلى؛ ئەگەر دۇنيا غەزەپ يالقۇنلىرىغا غەرىق بولسا ، بىز يەنىلا تەسەللىي تېپىشقا پېتىنايلى؛ئەگەر  دۇنيا ئۈمىدسىزلىك پاتقىقىغا چۆكۈپ كەتسە، بىز يەنىلا شېرىن چۈشلەرنى كۆرۈشكە پېتىنايلى؛ ئەگەر دۇنيا گۇمانىي نەزەرلەر بىلەن مۇدھىش بوپ قالسا، بىز يەنىلا ئۆزئارا ئىشىنىشكە پېتىنايلى!
# B- ]! v8 T9 p
" G' ^2 N6 s3 R) o, n% L. ^بۈگۈن ئاخشام ئاتا – ئانىسىنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەن ئادەملەر، مەن ئۆزۈڭلارنىڭ چۈشكۈنلىكىدىن ئۈمىدسىزلىنىشىڭلارنى سورايمەن؛ بۈگۈن كەچ ئاتا – ئانىسى تەرىپىدىن ئالدانغان ئادەملەر ،  مەن سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلارنى تېخىمۇ ئالدىماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن؛ بۈگۈن كەچ ئاتا – ئانىسىدىن قۇتۇلۇشنى ئويلاۋاتقان بارچە ئادەملەر، مەن سىلەرنىڭ قولۇڭلارنى ئۇلارغا سۇنۇشۇڭلارنى سورايمەن. مەن سىلەردىن ئۆتۈنىۋاتىمەن، ئۆزۈمگىمۇ تەلەپ قويىۋاتىمەن، شەرتسىز مۇھەببتىمىزنى ئاتا – ئانىلىرىمىزغا بىرەيلى! شۇندىلا ئۇلار ئۆز پەرزەنتىدىن قانداق سۆيۈشنى ئۈگىنىدۇ، شۇندىلا ئاخىرىدا مۇھەببەتلىك بىر دۇنيانى قايتىدىن قۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ.* J; z& |+ N+ `8 v& A

) A) N4 V- q8 r: Z3 G% Z- VShmuley ئىلگىر قەدىمكى كىتابلاردىكى بىشارەتلەرنى – يىڭى بىر دۇنيانىڭ بارلىققا كېلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئىدى. بۇ «ئاتا – ئانىنىڭ يۈرىكى پەرزەنتىنىڭ يۈرىكىگە قايتىپ كەلگىنىدە ئەمەلگە ئاشىدۇ» دېيىلگەن ئىكەن!6 A: X( j1 K  I4 b+ K
2 i0 ^1 D6 `/ x4 G, F8 e6 R
  قەدىرلىك دوستلىرىم، بىز دەل ئاشۇ يىڭى دۇنيادا ياشىغۇچىلارمىز، بىز دەل ئاشۇ بالىلارمىز!8 w+ c  c. j5 A4 |7 i3 a
7 y1 W8 u) t+ E" f
  گەندى (Mahatma Gandhi):«ئاجىزلار ئەزەلدىن ئەپۇ قىلىشنى بىلمەيدىغان كىشىلەردۇر، كەڭچىلىك پەقەت غالىبىيەتچىگىلا خاس» دېگەن ئىدى. بۈگۈن ئاخشام، بىز غالىبىيەتچىلەردىن بولايلى، ھەتتا ئۇلاردىنمۇ ئېشىپ چۈشەيلى! «ھېسياتىمىزنىڭ زەخمىلىرىنى داۋالاش» تىن ئىبارەت يىڭى بىر بەيگىگە يۈزلىنەيلى.بىز چوقۇم يىڭىپ كېتەلەيمىز، بالىلىقىمىزدا دۇچار بولغانلىرىمىز تۇرمۇشىمىزغا قانچىلىك تەسىر كۆرسەتكەن بولىشىدىن قەتئىينەزەر، ئاتا – ئانىمىزنى گۇناھسىز دەپ قارايلى، ھەربىر ئادەمگە كەڭچىلىك قىلايلى، شۇندىلا ئۇلارنىڭ قەلبىنى ئۇتالايمىز! نەچچە مىليۇن بالا ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرى كەڭچىلىككە تەشنا بولىۋاتىدۇ، بەلكىم بۇ مىنۇتلاردا ھېچبىر نەتىجىسى كۆرۈلمەس، ئەمما بۇلار ھېچبولمىغاندا بىر باشلىنىش _ ھەممىمىز تەقەززا بولىۋاتقان بىر باشلىنىش بولۇپ قالغۇسى!
9 E6 o8 ?# o. h( r3 E
3 [+ R' {" w6 f9 R  شۇنداق،ئەپەندىلەر-خانىملار! مەن بۈگۈنكى نۇتۇقۇمنى تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا يىغىنچاقلىماقچى: ئىشەنچ، قىزىقارلىق ۋە ھاياجانلىق!
8 J) `$ B$ j" z+ N  b" T5 l
3 `- e( B/ V1 U. S9 L  بۇندىن كېيىن بەلكىم يىڭى بىر ناخشا ئاڭلىنىدۇ!
, f; a( I* R4 Q0 E$ E5 N* o/ w  بۇ ناخشىنى بالىلارنىڭ كۈلكە سادالىرىغا ئايلاندۇرايلى.
# P9 z* \( }: B/ }2 o7 l  بۇ ناخشىنى بالىلارنىڭ چۇقانلىرىغا ئايلاندۇرايلى.% N* ^! \& L8 n3 n. \# _$ s- K
  بۇ ناخشىنى بالىلارنىڭ كۈيلىرىگە ئايلاندۇرايلى.
( S7 ~) t+ v" o  a  بۇ ناخشىنى بارچە ئاتا – ئانىلارغا ئاڭلاتقۇزايلى.+ F/ Z, u2 T1 d9 y' O0 N; w

: Y0 ^  y# u3 v  قېنى ھەممىمىز بىرلىكتە قەلب سىمفونىيىسىنى ئورۇندايلى، بالىلىرىمىزنىڭ نازۇك دۇنياسىنى مۇھەببەت نۇرلىرى بىلەن ئىللىتىدىغان بىر مۆجىزە يارىتايلى، بىرلىكتە دۇنيانى قۇتقۇزايلى، ئازاب دەرىخىنى يىلتىزىدىن قۇرۇتايلى! بىز بىرلىكتە ئەڭ يېقىملىق مۇزىكىنىڭ نوتىسىنى يېزىپ چىقايلى!
4 d9 Z5 c4 y$ ?7 W/ ]. {0 B( r& `" @3 x: Q" F, {
  تەڭرى ھەممىڭلارنى ئامان قىلغاي، سىلەرنى سۆيىمەن!4 N4 L6 B  _$ v3 s$ ~, s* _
# ~' {. u4 O' h. c8 ~. W0 [, f
% o& ^# M8 d0 n3 ^; R8 C. u8 T3 [
! F5 G) }+ J: W4 N% j& L
مەنبە:تەشنايى تورخاتىرىسىدىتال

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

0

تېما

2

يازما

47

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
2 سەر
تۆھپە
2 سەر
تىللا
40 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-9-12 05:39:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىڭىز ئۈزۈلمىگەي  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗