خەۋەرئوقۇش پۈتتۈرۈپ خىزمەت تېپىشتىكى 5 خاتا قاراش / Z2 g5 q1 a, E$ u& r# N
6 M# ~- ]! D3 O# Q; d n" wيېقىنقى بىر مەزگىلدە خادىم قۇبۇل قىلىش يىغىنلىرىغا خىزمەت تېپىش ئارزۇسى كۈچلۈك بولغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئېتىلىپ كەلمەكتە. لېكىن مۇخبىرلار ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە خادىم قۇبۇل قىلىش يىغىنلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، ئالىي مەكتەپ خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشىخانىسىنىڭ مەسئۇللىرى قاتارلىقلارنى زىيارەت قىلىش داۋامىدا، ھازىرقى ئوقۇغۇچىلاردا مۇنداق 5 خاتا قاراشنىڭ مەۋجۇدلىقىنى بايقىدى.
2 `# E# ]* u' t9 _. yبىرىنچى خاتا قاراش: ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە كەسپىي ئورۇنلارغا چوقۇنۇش، ئارزۇسى بەك يۇقىرى بولۇش2 K( `8 S) x) @7 w3 \$ k
ئاز بولمىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى خىزمەت ئىزدىگەندە نۇقۇل ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە دۆلەت ئىلىكىدىكى كارخانىلارغا ئېسىلىپ قېلىۋاتىدۇ. نۆۋەتتە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئادەملەر تولۇق ياكى بەزىلىرى بەك چەت جايلاردا، خىزمەتكە چىقىش بوشلۇقى ئانچە چوڭ ئەمەس. شۇنداقتىمۇ يەنە نۇرغۇن ئوقۇغۇچى "ياغاچ كۆۋرۈكتىن" ئۆتمەكچى بولىۋاتىدۇ.5 l/ R; q7 p( l8 U7 ^
مەلۇم مەكتەپتىكى خادىم قۇبۇل قىلىش يىغىنىدا مۇنداق مەنزىرە كۆرۈلگەن: بىر ئوغۇل مەردانە قىياپەتتە مەلۇم ئۆي-مۈلۈك شىركىتى بىلەن تالىشىۋاتاتتى، ئۇنىڭ تالىشىۋاتقىنى دەل مۇئاش. كېيىن بۇ ئوغۇل ۋارقىراپ تۇرۇپ:"مەن مۇشۇ ئىقتىدارىم بىلەن سىلەرنىڭ شىركىتىڭلارغا بارسام زايا كەتكۈدەكمەن، سىلەر بەرگەن مۇئاش بەكلا ئاز ئىكەن....." دەيدۇ.
& A1 Z) p. `+ p) v7 T5 jبۇنىڭغا قارىتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش مەركىزىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق ئاگاھلاندۇرۇش بەردى: ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنىڭ ئارزۇ قىممىتىنى مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىشى كېرەك. نۆۋەتتە، ھۆكۈمەت كەسپىي ئورۇنلىرىنىڭ ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياجى ئىنتايىن چەكلىك، دۆلەت ئىلىكىدىن كارخانىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۆزگەرتىش ئېلىپ باردى، ئۇلارنىڭ تەلىپىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى. ئوقۇغۇچىلار نەزىرىنى يەككە ئىگىلىكتىكى كارخانىلارغا قارىتىشى لازىم، ھازىر نۇرغۇنلىغان يەككە ئىگىلىكتىكى كارخانىلارنىڭ ئادەم ئىشلىتىشى قېلىپلىشىپ بولدى، بۇنى ئوقۇغۇچىلار خىزمەت تاللىغاندا ئويلىشىپ باقسا بولىدۇ.6 Q# o/ @, ^- T3 [4 h8 e7 H
ئىككىنچى خاتا قاراش: راھەت قوغلىشىپ، خىزمەت بېسىمىدىن قېچىش( S" M" K' Q8 A: B; p
بەزى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى كەسپ تاللىغاندا جاپادىن قېچىپ، ئاساننى تاللايدۇ، نەزىرىنى يىنىك، ئازادە، رىقابەت ئاز ئورۇنلارغا تىكىدۇ.+ P5 k% X: }. g( ?' [
ئامانلىق سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ خادىم قۇبۇل قىلىشقا مەسئۇل دېرىكتورى مۇنداق دەيدۇ:"ھازىرقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى خىزمەت تاللىغاندا، تاللاشقا بولىدىغان ئورۇن يوق ئەمەس، ئەكسىچە، ياشلاردا جاپادىن قورقۇش، راھەت قوغلىشىش پىسخىكىسى بار، بۇ خىزمەت تېپىشنى تەسلەشتۈرىۋىتىدۇ ياكى ئورۇننى ئىگىلەپ قويۇپ، خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماي، بېىسىمغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، ئاخىرى ھەممىدىن قۇسۇر تاپىدۇ." S1 [3 B8 n8 D, Y, x; T
ھەر قانداق تەجىرىبىلىك دېرىكتور، باشقۇرغۇچى بازارنىڭ ئالدىنقى سېپىدە ئەڭ ئاساسى خىزمەتلەرنى ئىشلەپ يېتىشكەن. ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئورنى ۋە مۇئاشى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەۋەس قىلىشىغا ئەرزىيدۇ، لېكىن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار، بۇ ئورۇننى ئۇلارغا مەلۇم بىرسىنىڭ مۇنداقلا تۇتقۇزۇپ قويمىغانلىقىنى، ئەكسىچە ئۇلار ئۆزلىرى تىرىشىپ كۆرەش قىلىش ئارقىلىق ئېرىشكەنلىكىنى چۈشىنىشى كېرەك.; O. g' c; W2 s* b9 i
ئۈچىنچى خاتا قاراش: قىسقىچە تەرجىمھالىنى يالغان مەلۇم قىلىش، بۇ ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپقانلىق
/ \3 y+ v5 |& l! wيېقىندا بىر خادىم قۇبۇل قىلىش يىغىنىدا، گومېي ئېلېكتر ئەسۋابلىرى (国美电器) شىركىتىنىڭ خىزمەتچى قۇبۇل قىلىش خادىمى بىر تەرجىمھالنى مۇخبىرغا كۆرسەتتى. بۇ تەرجىمھالنىڭ "ئەمەلىيەت تەجىرىبىسى" دېگەن كاتەكچىسىدە، ئىمىر-جىمىر خەتلەر بىلەن بىر ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى 4 يىلدا قىلغان مەكتەپ ئىچى ۋە سىرتىدىكى قوشۇمچە خىزمەتلىرى يېزىلغان، مۇكاپاتلىنىش ئەھۋالى دېگەن يەرگە "ئەلاچى سىنىپ كادىرى ئوقۇغۇچى"، "ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى"، "يازلىق جەمئىيەت ئەمەلىيىتىدىكى ئەلاچى شەخس" دېگەندەك باھالار يېزىلغان.- ]6 d% P0 b3 J5 [$ s- M% F
گومېي شىركىتىنىڭ مەسئۇل خادىمى مۇنداق دەيدۇ:"ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۆزىنىڭ تەرجىمھالىدا ئۆزىنى كۈچەپ ماختاپ، ئۆزىدىن
: E9 H( ^- Q' m; h" [* D3 u! b8 P
0 ], n5 N7 Z3 h/ `$ y% A% a5 @# m" a+ f% F5 P0 g; N
قۇسۇر تاپقۇسىز ھالاتتە تەييارلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىزنى بۇ تەرجىمھالنىڭ راستلىقىدىن گۇمانلاندۇرىدۇ، بۇنداق ئوقۇغۇچىلارنى بىز قۇبۇل قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايمىز."6 n V' `' ^4 f; O
تۆتىنچى خاتا قاراش: "تېشى پال-پال، ئىچى غال-غال" بولۇش( N. Z: J3 Q! O$ W
بۈگۈنكى كۈندە، كۆڭۈلدىكىدەك بىر خىزمەت تېپىۋىلىش ئۈچۈن، ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان ئوقۇغۇچىلار بارغانسىرى ئۆزلىرىنى پەردازلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ كېتىۋاتىدۇ، بۇ دەل ئۇلارنىڭ خاتا يولغا ماڭغانلىقى.% @" u% t; b6 {6 i3 u/ U
مەلۇم ئالىي مەكتەپنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىشقا يېتەكچىلىك قىلىش مەركىزىدىكى ئوقۇتقۇچى مۇنداق دەيدۇ:"ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئوروندا ياخشى تەسىر قالدۇرۇش ئۈچۈن، سىرتقى قىياپىتىگە مۇۋاپىق ئەھمىيەت بېرىشى، پاكىز، رەتلىك، ئوچۇق-يورۇق ۋە تەمكىن بولىشى زۆرۈر، ئەمما پەقەت سىرتقى قىياپەتكە تايىنىپلا خىزمەتكە ئورۇنلىشىش ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ قارايدىغىنى يەنىلا خىزمەتچىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارى."8 |" n8 J9 }. j3 s! ^2 k3 V
بەشىنچى خاتا قاراش: چوڭ شەھەرلەرگە ئىنتىلىپ، سەھرادىن قېچىش9 Z; z( I% u3 w+ G# G
بىر قىسىم ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى يېزىدىن چىققان، لېكىن يۇرتىغا قايتىشنىڭ ئىستىقبالى يوق دەپ قاراپ، ئۆزى ئىگللىگەن ئىقتىدارنى نامايەن قىلالمايدۇ، مەيلى تۇرمۇش شارائىتى، خىزمەت مۇھىتى، كەلگۈسىدىكى تەرەققىيات جەھەتلەردىن بولسۇن، ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى شەھەرلەردە يېزىغا قارىغاندا ياخشى دەپ قارايدۇ.' e4 g2 P: P( b
مۇتەخەسىسلەر مۇنداق كۆرسىتىدۇ: بۈگۈنكى كۈندە، يېزىلارنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى ناھايىتى تېز، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۆزلىرى ئۆگەنگەن بىلىم ۋە تېخنىكىلارنى، بولۇپمۇ ئىنتېرنېت تورى، ئېلېكترونلۇق سودا قاتارلىق جەھەتلەردىكى تېخنىكىلارنى يېزىلاردىكى ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتلىرى ياكى شەخسلەر بىلەن بىرلىشىپ، يېڭىچە، كۆپ خىل ئىقتىسادى ھەمكارلىق شەكىللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرسا بولىدۇ، بۇنىڭ كەلگۈسىدىكى يېڭىچە يېزا قۇرۇش ئىقتىسادى قۇرۇلۇشىدا رولى ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ.
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |