ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 873 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 698|ئىنكاس: 1

يىپەك يولىنىڭ ئىقتىسادىي قىممىتى ...لۇغەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

179

تېما

276

يازما

4687

جۇغلانما

تەجىربىلىك ئەزا

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

قىزغىنلىق
1379 سەر
تۆھپە
901 سەر
تىللا
721 دانە
جەۋھەر
6 دانە
مائارىپ يىپەك يولىنىڭ ئىقتىسادىي قىممىتى9 O% y1 c4 ^; \6 s; k! T9 e
(ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن)( D9 \3 d6 n2 w: d( r) y' ~
مۇقەددىمە3 \2 f# [+ X! F. w" {2 r1 Z% J
تارىخ ئىنسانىيەتنىڭ بېكىنمىچىلىك ۋە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلىشىپ، يېڭى يېقىنلىشىش ۋە ئىقتىسادىي تەڭپۇڭلىشىش دەۋرىگە قەدەم قويۇۋاتقانلىقىدىن بېشارەت بەرمەكتە. قەدىمكى « يىپەك يولى » بەش ئەسىرلىك « چۆكۈپ كەتكەن كېمە »دەك خارابىلىقتىن، « ئەسھابۇلكەھف »دەك ئۇزاق ۋاقىت سوزۇلغان ئۇيقۇدىن خالاس بولۇپ، خۇددى ئاتەشتىن قايتا قانات قېقىپ چىققان قېقىنۇستەك يېڭى گۈللىنىشكە يۈزلەنمەكتە. يېڭى دەۋردە قايتا جانلانغان « يىپەك يولى» جاھان بويلاپ يۈز بېرىۋاتقان چېگرا ۋە يەرلىك تاموژنىدىن ھالقىغان خەلقئارا ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت تورىنىڭ بىر قەدەر تېز شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگۈسى.# S4 [% T9 B/ ?. W. a
« يىپەك يولى » ئىبارىسىنى گەرچە كۆپلىگەن كىشىلەر چىرايلىق تەسۋىرىي ئىبارەت سۈپىتىدە ئېغىزدىن چۈشۈرمەستىن لەۋھە، ۋىۋىسكا ۋە ماركا سۈپىتىدە قوللىنىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى مۆلچەرلىگۈسىز قىممىتىنى تېخى دېيەرلىك ھېس قىلالمايدۇ.0 q8 R: i" H/ h* ^8 n
دەرۋەقە، « يىپەك يولى » شۆھرەتلىك ئىبارە، ئۇ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 1000 – يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن تاكى مىلادىدىن كېيىنكى 2000 – يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە، تەخمىنەن 2 مىڭ يىل داۋاملىشىپ، 16 – ئەسىرگە كەلگەندە تەدرىجىي خارابلاشقان.
; P; N7 ?! X; ]8 F& ^ئېيتىش كېرەككى، « يىپەك يولى » ئىبارىسى رىم – ۋىزانتىيىلىكلەرنىڭ « سېرىس » ( يىپەك ئېلى )غا بولغان پەۋقۇلئاددە قىزىقىشىنى ئاساس قىلىپ، يېقىنقى زامان تارىخچىلىرى تەرىپىدىن قويۇلغان سىمۋول خاراكتېرلىك نام بولۇپ، ئۇ ئەرەب سەركەردىسى تەرىق بىننى جەييات تەرىپىدىن پىرېنېي يېرىم ئارىلى بىلەن ئافرىقىنى ئاجرىتىپ تۇرىدىغان « جەبەلئەل تەرىق » ( گىبرالتار ) بوغۇزىدىن ياپونىيىگىچە سوزۇلغان قەدىمكى ۋە ئوتتۇرا ئەسىردىكى غول خەلقئارا كارۋان يولىغا قارىتىلغان.
- Y& G2 X% V8 q« يىپەك يولى » نامى بىلەن تامغىلانغان ئاسىيا – ياۋروپا – ئافرىقىدىن ئىبارەت ئوتتۇرا يەر دېڭىزىدا گىرەلىشىدىغان « قەدىمكى چوڭ قۇرۇقلۇق »نىڭ ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي ئالاقىلىرىنى بىر گەۋدە قىلغان بۇ خەلقئارا غول يول پۈتۈن ئىنسانىيەت تارىخىي خاراكتېرلىك مەدەنىيەت بەلۋېغى ئىدى. « يىپەك يولى » ئىنسانىيەت ياراتقان رەڭگارەڭ مەدەنىيەت تىپلىرىنىڭ تەڭدىن تولىسىنى ئۆزىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت تارىخىنىڭ ئۇلۇغ مۇقەددىمىسىنى ياراتتى. بىز بۇ ئالاقىلەردىن مۇستەسنا قالغان قەدىمكى ئامېرىكا بىلەن ئاۋسترالىيە يەرلىك مەدەنىيىتىگە بىر قۇر نەزەر تاشلىساقلا، « قەدىمكى چوڭقۇرۇقلۇق مەدەنىيىتى » تارىخىدا « يىپەك يولى »نىڭ قانچىلىك نۇسرەت بېغىشلىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. « يىپەك يولى » خاسىيىتىدىن ئارىئان – سومىر – ساك، خۇاشيا، بابىلىئون، ئاسۇرىيە ۋە مىسىر مەدەنىيەتلىرى بىر – بىرى بىلەن ئۇچراشقان ؛ « يىپەك يولى » شاراپىتىدىن گرېك – رىم، كۇشان – كۈسەن، سۈي – تاڭ، ئەرەب مەدەنىيەت ئۆركەشلىرى مەيدانغا كېلىپ، ياۋروپا مەدەنىيەت ئويغىنىشىنىڭ ئۇرۇقى تېرىلغان ؛ « يىپەك يولى » تۈپەيلىدىن سىكتاي – ماساگىتاي ( ئۇلۇغ ساك ) مېتالچىلىقى، ئېلىمىزنىڭ تۆت چوڭ كەشپىياتى، ھىندى رەقەملىرى، گرېك سەنئىتى، بابىلىئون يېزىقچىلىقى، ئىبىن سىنا تېبابەتچىلىكى بىلەن بۇددا – خرىستىئان ۋە ئىسلام مەدەنىيىتى ئالەمشۇمۇل تۈسكە ئىگە بولغان.# [8 w) n3 \0 ^7 z  ]0 X9 `+ v
مۇھاكىمە$ P1 {: s$ w9 a& S
« يىپەك يولى » ئۇلۇغ ۋە ھوسۇلدار يول ئىدى. ئۇ قەدىمكى ئاتلىقلار يولى ئاساسىدا تىزما ھاسىل قىلغان. « يىپەك يولى » ھەممىدىن ئىلگىرى سودا – تىجارەت يولى ئىدى. بۇ يولدا گەرچە سەركەردىلەر بىلەن دىنىي ئۆلىما – راھىبلار كۆپ قېتىم قاتنىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ يولدا ئاساسلىقى سودىگەرلەر قاتنىدى. سودا – تىجارەتنىڭ 2 مىڭ يىللىق ئەمەلىيىتى سودىگەرلەرنىڭ ئىككى چوڭ تىپقا بۆلۈنىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇنىڭ بىرى، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك، ھىندىستان ۋە ۋىزانتىيە سودىگەرلىرىدەك تۇرغۇن – ھەتتارچى سودا – تىجارەتچىلەر، ئىككىنچىسى، بۇنداق تۇرغۇن ياكى چاھار بازار ( تار دائىرىلىك سەييارە ) تىجارىتىدىن باشقا، ئاساسلىقى يۈرگۈن – كارۋانچى سودىگەرلەر ئىدى. مەركىزىي ئاسىيا ئاتلىق ئاھالىلىرىنىڭ ئەۋلادلىرى ئۇيغۇر – سوغدىلار يۈرگۈن – كارۋانچى سودىگەرلەرنىڭ ئاۋانگارتلىرى ئىدى. ئۇلار جۇغراپىيىچى سۈپىتىدە جاھان كېزىپ، تاغ – داۋانلاردىن ھالقىپ، قاراقچىلار بىلەن ئېلىشىپ، ئۇلۇغ ئىقتىسادىي قانالنى قىش – ياز راۋان قىلىپ تۇراتتى.- @! [# o5 i# b- f
« يىپەك يولى » _ دوستلۇق يولى، دىن – سەنئەت – مەدەنىيەت يولى، ئىلىم ۋە ھېكمەت يولى ئىدى. مۇشۇ يول تۈپەيلىدىن پىفاگور ھىندىستان ماتېماتىكىسىدىن، ئەپلاتون مىسىر ھاكىمىيەتچىلىكىدىن، ھېپوگرات سىكتاي تېبابەتچىلىكىدىن خەۋەردار ئىدى. مەركىزىي ئاسىيا يۇڭ كىيىملىرى بابىلىئوندىن، ئىزوپ مەسەللىرى ئىدىقۇتتىن، مانى ئىبادەتخانىسى لوياڭدىن، ئىۋرپېدىس تراگېدىيىلىرى يەتتەسۇدىكى كوستانەيىدىن، چىن فارفورلىرى مىسىردىن تېپىلدى.
: j8 ]2 r. g$ G0 D$ v, u« يىپەك يولى » ئۆزى تۇتاشتۇرغان ئۈچ قىتئەدىكى كۆپلىگەن خەلقلەرگە ئاۋاتلىق ئېلىپ كەلدى. ئېلىمىزنىڭ « يىپەك يولى » باغرىدىكى شىمالىي قىسمى تېز راۋاجلاندى، پايتەختلەر تاكى يېقىنقى زامانغىچە خۇاڭخې ۋادىسىدىن ماكان تۇتتى. مەشھۇر سودا – سارايلىرى، مەدەنىيەت مۇئەسسەسەلىرى مۇشۇ يول ۋادىسىغا جايلاشتى. دۇنياغا داڭلىق سۈي – تاڭ مەدەنىيىتىمۇ، ئەڭ چوڭ خەلقئارا سودا قوۋۇقلىرىمۇ مۇشۇ قانال ساھىلىدا ئېتەك يايغان. جۇڭگو بۇددىزم مەدەنىيىتى مۇشۇ يولدا شەكىللەنگەن ۋە يىراق شەرققە تارالغان.
$ U1 B* ?" t0 P" E5 x5 j" ~0 x« يىپەك يولى » غەربىي دىيارلىقلارنى بېيتقان، تېخىمۇ مەرىپەتلىك قىلغان. « يىپەك يولى » تەڭرىتاغلىقلارنى ئاددىيغىنا تېرىقچى ۋە ھۈنەرۋەن، يەرلىك تىجارەتچى ئەمەس، بەلكى خەلقئارا سودا – تىجارەت ماھىرلىرىدىن قىلمىغان بولسا، خوتەن، يەكەن، قەشقەر، كۈسەن، لوپنۇر، شورچۇق، قوچۇ بۇددا تاشكېمىرلىرىدەك تولىمۇ پۇلپەز سەنئەت سارايلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايتتى. شىمالىي ۋېي سۇلالىسى دەۋرىدىكى بىر قانچە تاشكېمىرنى قېزىپ، بۇددىزم سەنئەت خەزىنىسى قىلىشقا كەتكەن چىقىم ئوردىنى چۆچۈتكەنىدى. لۈي گۇاڭ كۈسەننى ئىگىلىگەندە 20 مىڭ تۇياق ئات – خېچىرغا ئاران خانلىق سارىيىنىڭ بىر قىسىم جاۋاھىراتلىرىنىلا ئېلىپ كېتەلىگەنىدى. لېكوك مىڭئۆيلەردىكى كۆك بوياقلار ياۋروپادا مەدەنىيەت ئويغىنىشى دەۋرىدە ئالتۇن بىلەن باراۋەر قىممەتتە ئېلىپ كېتىلىپ چېركاۋ ۋە قەسىرلەر زىننەتلەنگەن، دەپ يازغانىدى. دەرۋەقە، « يىپەك يولى » مۇناسىۋەتلىرى، سودا رىقابەتلىرى تۈرك – ۋازىنتىيە ئىتتىپاقى ۋە ئۇلار بىلەن ئىران زىددىيەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماستىن، ئەھلى سەلب ئۇرۇشلىرىغىمۇ تۈرتكە بولغانىدى. ئەرەب – خرىستىئان ئەللىرى ئارىسىدىكى بىر نەچچە قېتىملىق ئۇزاققا سوزۇلغان جەڭلەر نەتىجىسىدە غەربىي ئاسىياغا توپلانغان مەدەنىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرى ياۋروپا مەدەنىيەت ئويغىنىشىغا ئۇل سالدى. سالجۇق تۈركلىرىنىڭ ۋىزانتىيىنى ئىشغال قىلىشى بىلەن ياۋروپا بىلەن ئاسىيا ئوتتۇرىسىدىكى « يىپەك يولى » ئالاقىلىرى ئۈزۈلۈپ قالدى. ئوتتۇرا يەر دېڭىزى بويىدىكى ياۋروپا سودىگەرلىرى ئېغىر بوھرانغا ئۇچرىدى. نەتىجىدە 1492 – يىلى ئىسپانىيە ئادمىراللىرى گىبرالتار بوغۇزىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ، تۈركىيىلىكلەر تەسىرىدە بولمىغان ھىندىستان ئارقىلىق « يىپەك يولى »غا چىقىش يولىنى ئىزدىدى. ئەھۋال خۇددى تاڭ سۇلالىسى زامانىدا غەربىي دىيارنىڭ جەنۇبىي قانىتىنى تۈبۈتلەر ئىشغال قىلىۋالغانلىقى سەۋەبلىك، « يىپەك يولى »نىڭ بۇ يەردىكى لىنىيىسى ئورخۇن ۋادىسىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان « ئۇيغۇر يولى »نى ئاساس غول قىلغانغا ئوخشاپ قالغانىدى. گېنويا دېڭىزچىلىرىنىڭ مەغلۇبىيىتىدىن كېيىن، كولۇمبۇنىڭ، ئۇندىن كېيىنكى دېڭىزچىلارنىڭ « يىپەك يولى »نى ئىزدەش سەپىرىدە ئامېرىكا قىتئەسىنى بايقىشىدەك غايەت زور جۇغراپىيىلىك مۆجىزە يۈز بەردى. رىملىقلار ئىسپانىيە ۋە پورتۇگالىيىلىك سودىگەرلەردىن كۆزى قىزىرىشقا باشلىدى، دۆلەتتە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق ئېغىرلىشىپ، بۇلاڭچىلىق ۋە قاتىللىق كۈچەيدى. ئالېكساندىر بارجىئا ئورنىغا چىققان رىم پاپاسى يولى II پاپالىق تاجى بولغان تىئارانىڭ ئورنىغا دوبۇلغا كىيىپ گېنېرال بولدى ۋە « يىپەك يولى »دىن يېڭى ئىقتىسادىي قىممەت ئىزدىدى. ياۋروپانىڭ مەركىزىي قىسمىدا دېھقانلار قوزغالدى، ليۇتېرنىڭ دىنىي ئىسلاھاتى ھەرىكىتى مەيدانغا كەلدى.4 b( }9 `7 L$ L
« يىپەك يولى »نىڭ ئىقتىسادىي قىممىتى يېڭى قىتئە ئامېرىكىغا ئىلگىرىكى بەدىۋىلىك دەۋرىدە تۇرغان ئىنكلار، ئانسېكلار مەدەنىيىتىدىن ئاللىقانداق ئۈستۈن « ياۋروپا مەدەنىيىتى » دەپ ئاتالغان مۇجەسسەم « يىپەك يولى » خەزىنىلىرى كۆچۈرۈلدى. بۇ ھادىسە ئاۋسترالىيىدىمۇ تەكرارلاندى. بۇ ھەقتە ئامېرىكا تارىخچىسى مىكرۇۋىن ئۆزىنىڭ پۈتۈن ئامېرىكا مەدەنىيىتى گرېك – رىمنى ئاساس قىلغان ياۋروپادىن ئېلىنغان دېگەن قاراشلىرىنىڭ كۈلكىلىك ئەپسانە ئىكەنلىكىنى مەردانىلىك بىلەن يازغانىدى. شۇنداق، « يىپەك يولى »نىڭ خارابلىشىشى، دېڭىز – ئوكيان قاتنىشىنىڭ كۈچىيىشى يېقىنقى 4 -5 ئەسىرلىك « ياۋروپا ئىلغار »، « ئاسىيا قالاق »لىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ھىدايىتۇللا ئافاق خوجا نىزالىرىدىن تاكى ئەپيۇن ئۇرۇشىدىن كېيىنكى تەڭ ھوقۇقسىز شەرتنامىلەر ئۇنىڭ بۇ قەدىمكى مەدەنىيەت ماكانىدىكى بىر قاتار پاجىئەلىرىگە مۇقەددىمە بولدى.0 x3 p( d5 K8 s7 |5 J3 q
قېنى، كىممۇ « يىپەك يولى »نىڭ ئالەمشۇمۇل ئىقتىسادىي قىممىتىنى ھېسابلاپ بېرەلەيدىكىن ؟ !
, |: I$ p+ `$ U0 t' _« يىپەك يولى »نىڭ گۈللىنىشى = ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەڭدىن تولىسى _ ئاسىيانىڭ ئارقىدا قالغانلىقى = « يىپەك يولى »نىڭ خارابلىشىشى !; O6 @  Y0 v7 g' P5 H" W: {
خاتىمە* o% V  ]8 M# S' N
« يىپەك يولى »نى دېڭىز – ئوكيان قاتنىشى بىر چەتكە چىقىرىۋەتتى. گەرچە قەدىمكى « يىپەك يولى »نىڭ خارابلىشىشىدا بىر قاتار باشقا سەۋەبلەر بولسىمۇ، مۇھىمى، بىرىنچى، قاتناش كۈچى ئەھۋالى ئۆزگىرىپ كەتتى. كېمە – پاراخوت دەۋرى تۆگە – ئات كارۋان دەۋرىنى ئاللىقاياقلارغا ئىرغىتىۋەتتى. دېڭىز ساھىلىدا نەچچە مىڭ يىللار قاراڭغۇلۇقتا قالغان جايلار، ئاراللارنىڭ گۈللەش دەۋرى باشلاندى. ئىقتىسادىي مەركەزلەر پرىستانلارغا جايلاشتى. سىياسىي مەركەزلەرمۇ چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى كارۋان يولى لىنىيىسىدىن دېڭىزغا يېقىن جايلارغا يۆتكەلدى. « ئالدىنقى سەپ »، « ئارقا سەپ » چۈشەنچىلىرى ئالماشتى. ئېلىمىزدىمۇ خۇاڭخې ۋادىسى جۇجياڭ ۋە چاڭجياڭ ئېغىزى ساھىلىدىن كېيىن قالدى. ئۇيغۇرلار ئۆزى ياراتقان پارلاق مەدەنىيەتنى ئۆزى تونۇيالمايدىغان، تارىخىي قۇرۇلۇش يادىكارلىقلىرىنى ئوغۇت قىلىدىغان جاھالەت بەندىلىرىگە ئايلاندى. بىز دەل ئۇلارنىڭ ئاخىرقى بىر ئەۋلادى ئىكەنلىكىمىزنى ئەمدى ھېس قىلىۋاتىمىز !( d8 I4 M: {3 `. I
خارابىلەشكەن « يىپەك يولى » قايتا جانلاندى !
' b9 N9 a. q6 x2 p& y! ^« قاناتلىق تۆگە » ئوبرازى شاھمات تاختىسىغا چۈشتى. تارىخ يەنە بىر قېتىم پەسىل يۆتكەشكە كىرىشتى. مەن ئىشىنىمەنكى، ئىنسانىيەت ئىككىنچى قېتىملىق چوڭ قۇرۇقلۇق قاتناش دەۋرىگە، ئىككىنچى قېتىملىق « يىپەك يولى » دەۋرىگە قەدەم قويدى ! ئەمدىلىكتە، دېڭىز – ئوكيان يوللىرىنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇش بىلەن بىللە، دېڭىز – ئوكياندىكى سىمابتەك ئېغىر سۇ توسقۇنلىرىنى يېرىپ ئىلگىرىلەشتىن كۆپ قولايلىق بولغان زامانىۋىي تېز سۈرئەتلىك تاشيول، ۆمۈر يول ۋە ھاۋا يولى قاتنىشى ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتىدىغان يېڭى تارىخىي ئېرانى ئالدىن سەزمەسلىك پاراسەتسىزلىك، يىراقنى كۆرەلمەسلىك بولۇپ قالماقتا.2 M3 @; E4 P3 h: o# k
« يىپەك يولى »نىڭ قايتا ئېچىلىشى بىر قاتار ھادىسىلەرنى سۈرەت ( كۆرۈنۈش ) قىلغان ماھىيەتلىك تارىخىي مۇقەررەرلىك. ئۇ ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەتكە قاراپ داۋاملىق راۋاجلىنىشىنىڭ مۇھىم رېلىسى، ئۇ ئاددىيلا ئاڭ ئۆزگىرىشى ئېلىپ بېرىشنى، بىز قىياس قىلالمىغان ۋە كەلگۈسىدە ئومۇمىي تەرەققىيات تەلەپ قىلىدىغان ئاڭ ئىلگىرىلىشىنى تەقەززا قىلىدۇ.
  E- w: ^. `, e8 k$ i9 V« يىپەك يولى »نىڭ قايتا ئېچىلىشى كۆپ رايون، كۆپ دۆلەتلەرگە ئالاقدار خەلقئارا ۋەقە، ئۇ دوستلۇق ۋە رىقابەتلەر ئىچىدە راۋاجلىنىدۇ. قەدىمكى « يىپەك يولى »دا، ئىسكەندەر زۇلقەرنەين، چىڭگىزخاننىڭ ئىستېلاچى يۈرۈشلىرىنى مەسخىرىگە ئايلاندۇرۇۋەتكەن. « يىپەك يولى » ئورتاق گۈللىنىش يولى بولۇپ قالىدۇ، خالاس.4 L$ v1 [5 @+ L/ v
« يىپەك يولى »نىڭ قايتا ئېچىلىشى ئىقتىساد بىلەن مەدەنىيەتنىڭ، مەنپەئەت بىلەن ئەدەب – ئەخلاقنىڭ بىللە راۋاجلىنىشىنى تەقەززا قىلىدۇ. ئەلۋەتتە، ئىشنىڭ بېشىدا « ئەدەب » ئەمەس، « پۇل »نىڭ داۋرىڭى كۆپ بولۇشى، يېڭى « يىپەك يولى » خاتا مۆلچەرلىنىشى، بىر قىسىم « قەلب »لەر نابۇت بولۇشى مۇمكىن. بۇنى « يىپەك يولى » تارىخى تۈزىتىپ بارىدۇ. روشەنكى، تارىخنىڭ مەقسىتى ئالتۇن خەزىنە ۋە ئاقچا خامىنى تىكلەش ئەمەس.' o! X3 {/ ~( O
يېڭى « يىپەك يولى » ئېچىلدى. « قاناتلىق تۆگە » پەرۋازغا چۈشتى. « ئاكىيو » روھىمۇ، « مەتنىياز » روھىمۇ، « تۆگە قۇشى » روھىمۇ ئەمدى ئەسقاتمايدۇ ! ئىنسانىيەت ئەقلى بىر قانچە مىڭ يىللىق ئىزدىنىشتىن شۇ بىر ھەقىقەتنى تونۇپ يەتتىكى، ئىنسان پەقەت « ئۆزى ئۈستىدىن غەلىبە قىلالىغان »دىلا، ئاندىن « ئۆز – ئۆزىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ ». مانا بۇ، يېڭى « يىپەك يولى »نىڭ تارىخىي ھېكمىتى !دىتال

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

0

تېما

2

يازما

32

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
4 سەر
تۆھپە
2 سەر
تىللا
21 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-12-6 12:07:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋال تەپسىلىي كۈرۈپ باقاي!  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗