ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 874 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1123|ئىنكاس: 1

مەسئۇلىيەتچان بالا تەربىيلەشنىڭ سىرىيانفون

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

6

يازما

188

جۇغلانما

رەسمىي ئەزا

Rank: 5Rank: 5

قىزغىنلىق
43 سەر
تۆھپە
42 سەر
تىللا
54 دانە
جەۋھەر
0 دانە
3d
' T/ F. J3 {6 Z* p% a0 Q0 \بالىلارنىڭ مىجەز –خاراكتىرى ئۆزگىرىشچان بۇلىدۇ ،دوراش ئۇلارنىڭ تۇغما تەبئىتى ،بالىلار دا ئۆزى تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان ھەر خىل مۇھىتىتكى ئۆزى ياخشى كۆرگەن ۋە چوقۇنغان كشلەرنى دوراشتەك پسخىكىلىق خاھش مەۋجۇت . ئاتا –ئانا بالىلارنىڭ تۇنىجى ئوقۇتقۇچىسى،ئائىلىسىگە ، جەمىئەتكە بولغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنىڭ قانداق بولۇشى بالىغا نىسبەتەن بىر ئەينەك بۇلۇپ ،چوڭلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ھەربىر ئىش –ھەركەتىنى بالا ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ ،كۆڭلىدە ساقلاپ تۇرىدۇ .ئادەتتە ئاتا-ئانا بالىنىڭ قەلبىدە مۇتلەق ھوقۇقلۇق بولىدۇ ، شۇڭا ئاتا-ئانا بالىنىڭ سۆز-ھەركىتىنى بالىغا بولغان تەسىرى ناھايتى چوڭقۇر بولۇپ ،بۇخىل تەسىر يۇشۇرۇن ھالەتتە ،ئاستا- ئاستا بولىدۇ .پەرزەتىگە ، ئاتا-ئانىسىغا مەسئۇلىيەت ، جورىسغا ، ئائىلىسىگە ، جەمىئەتكە، نىسبەتەن قىلچىمۇ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بولمىغان ئاتا-ئانىنىڭ كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە بالا تەربىيلەپ چىقالىشنى پەرەز قىلىش ناھايتى قىين. ۋاھالەنكى رېئال تۇرمۇشتا بەزى، ئاتا-ئانىلار خىزمەت ئورنىدا خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىمەيدۇ ، پۇرسەت  تاپسلا ئۆيگە قېچىپ ئۆي ئىشلىرنى قىلىدۇ تېلىۋىزور كۆرىدۇ ؛ بەزى ئاتا-ئانىلاردا مېھىر-مۇھەببەت كەمچىل بولۇپ ، ئىئانە توپلاش ، باشقىلارغا ئللقلىق يەتكۇزۇش قاتارلىق جامائەت پاراۋانلىقى پائالىيەتلىرىدىن ھەمىشە باش تارتىدۇ ،تۇرلۇك باھانىلەرنى كۆرسىتىپ  ئۆزنى قاچىرىدۇ ؛ بەزى ئاتا-ئانىلار  ئۆز ئانا -ئانىلىرىغا ۋاپادار ئەمەس ،ئاتا-ئانىسى ئاغىرىپ قالسا ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمايدۇ ،ئۆزنىڭ ئويۇن –تاماشسنى قىلىپ يۈرۈۋېرىدۇ ... ئانا –ئانىلىرىنىڭ بۇنداق قىلىقلىرنى بالىلار ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ،كۆڭلىدە ساقلايدۇ ،بۇنداق ئىشلار ئۇزاق مۇددەت داۋاملىشۋەرسە بالىلارغا تەسىر قىلماي قالمايدۇ ،بۇنداق ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا مەسئۇلىيەتچان بۇلۇش ھەققىدە ھەرقانچە تەربىيە بەرسىمۇ ،بالىلرى ھەرگىز قايىل بولمايدۇ ،توغىرا دەپمۇ قارىمايدۇ ،شۇنىڭ ئۇچۇن ، ئاتا-ئانىلار تۇرمۇشتا ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قۇيۇپ ،بالىلىرىغا ياخشى ئۈلگە بولغاندىلا ،پەرزەنىتنى ياخشى تەربىيەلىيەلەيدۇ .
$ [. _) F+ ^( Y; }% U2 Aبالىلارنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئۇستىگە ئېلىش-ئالماسلىقىدا ، ئاتا-ئانىسنىڭ  تەسىرى ناھايتى مۇھىم .
  P7 g% b' M  b, `ئاتا-ئانىسنىڭ ھەربىر سۆز-ھەركىتىنى بالىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ ، بالنى ياخشى تەربىيەلەش ، ئۇچۇن ئاتا –ئانا ئۆزنىڭ ھەركتىنى قېلىپلاشتۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرشى ،خاتا، ناچار ئادەتلەرنى بىلىپ-بىلمەي بالىغا يۇقتۇرۇپ قويماسلىقىى كېرەك مۇھىمى ئاتا-ئانىلار ئۆزى ياخشى ئۈلگە بۇلۇشى ، ھەرگىزمۇ بىر تەرەپتىن بالىدا ياخشى پەرزەنىت بۇلۇشنى تەلەپ قىلىپ ،يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزى سەلبىي رول ئوينىماسلقى كېرەك. بىر ئانا ياشلىق بالشنى يېىتىلەپ بېكەتتە كوچا ئاپتوبۇسنى ساقلاۋاتاتتى ئاپتوبۇس كېلىۋىدى ، ياش ئانا دەرھال بالسنى ئتتىرەپ ئاپتوبۇسقا چىقىرىپ ئورۇن ئىگەلەشكە بۇيرىدى .بالا ئۇيان-بۇيان سەنتۈرۈلۈپ يۈرۈپ ئوڭايلا بىر ئۇرۇنىنى تېپىپ ئولتۇرۋالدى . لىېكىن ئانىسى ئاپتوبۇسقا چىقىپ قاراپلا ، چىرايى ئۆڭۈپ كەتتى ، ئاپتوبۇستىن چۈشكەندىن كېيىن ،بۇ ئانا يول بۇيى توختىماي « بۇيۇڭ ئۆسكەن بىلەن ئەقلىڭ ئۆسمەپتۇ »،«ئازراق كاللا ئىشلتىشنى بىلسەڭ بولمامدۇ » دېگەندەك سۆزلەر بىلەن بالسنى ئەيىبلەپ ماڭدى . بالا ھۇدۇقۇپ ، نېمنى خاتا قىلغانلىقمنى بىلەلمىدى . ئەسلىدە ئانىسى بالنىڭ ئۆزىنىلا ئويلاپ بوغچىسنى ئالدىدىكى ئورۇندۇققا قۇيۇپ ئانىسىغا بىر ئورۇن ئالمىغانىقىدىن رەنجىگەندى بۇ ئانا ئاخىردا بالسنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى : « ئەمدى بۇرنۇڭغا سۇ كىرگەندۇ ؟ كېلەر قېتىم قانداق قىلشنى بىلۋالغانسەن ؟» % s' u& @& u; n' @- r6 K
رىقابەت ناھايتى كۈچلۇك بۇلۇۋاتقان بۇگۇنكى دەۋردە ، ئاتا-ئانىلانىڭ قانداق تەلىم-تەربىيە ئدىيەسى ۋە قانداق تەلىم-تەربىيە تەپەككۇرى ئارقىلىق بالىلىرنى  تەربىيلەشى ،بارلىسىنىڭ كەلگۈسىدە قانداق ئادەم بۇلۇشنى ، شۇنداقلا ئۇنىڭ كەلگۈسى تەقدىرنىڭ قانداق بولۇشنى بەلگىلەيدۇ .7 G. w2 Y+ I. p- B, ?6 s! y
كىشلەر، ياۋايىلىق ياۋايىلىقنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ، مېھرىبانلىق مېھرىبانلىقنى  بارلىققا كەلتۈرىدۇ، دېيىشىدۇ ، ھازىرقى جەمىيئەت  كىشلەرنىڭ ساپاسىغا بارغانسېرى يۇقىرى تەلەپ قويماقتا ،ساغلام تەن، مول بىلىم ۋە يۇقىرى ئەقلى ئىقتىدارى بولۇش بىلەنلا قالماستىن، ئېسىل پەزىلەت، ئاليجاناپ ئەخلاق ۋە كۈچلۈك ماسلشىش ئىقتىدارى بولۇشنى تېخىمۇ تەلەپ قىلماقتا.بىر ئادەمدە مېھرىبانلىق، ھېسداشلىق ۋە  ئاق كۆڭۈللۈكنىڭ بولۇش-بولماسلقى، شۇ ئادەمنىڭ ئادەم ۋە شەيئىلەرگە تۇتقان پوزتسيەسى ھەم ھەرىكىتنى بىۋاستە بەلگىلەيدۇ، بۇ يەنە ئۇنىڭ باشقا جەھەتلەدىكى تەرەققىياتىنىمۇ بەلگىلەيدۇ .! o4 l9 Y% v+ v7 l
ئۇنىڭدىن باشقا، ئالاھىدە تەكتىلەشكە تېگىشلىىكى، بالىلارنى باشقىلارغا كۆيۈنۈش، كىشلەرگە  بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلارنى ئۆزنىڭ قىلمىشنىڭ ئاكتىپ نەتجىسنى ھېس قىلشقا، ياخشى نىيەت بىلەن قىلغان قىلمىشنىڭ بەزىىدە پاسسىپ نەتجنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلقى سەۋەبلىك، ئۆزلىرنى « ياخشى كۆڭۈل ياخشى جاۋابقا ئېرىشەلمىگەن » دەك « زىيان تارتقان » دەك « قورساق كۆپۈكى تارتىۋالغان » دەك ھېس قىلماسلىققا يېتەكلەش كېرەك، ئۇنداق بولمايدىكەن، بالا كېين ئۇنداق قىلشنى خالمايدىغان بولۇپ قالدۇ، بۇنداق چاغدا، ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ھەركىتىگە مەقسەتلىك ھالدا يېتەكچىلىك قىلشى، ئۇلارنى ئاكتىپ مۇئەييەنلەشتۇرۈرۈشى، دوستىلىرنىڭ ئالدىدا ئۆز ۋاقتىدا تەقدىرلەشى، ئاتا-ئانىلار بالىلارغا ئۆزلىرنىڭ بۇ ئىشنى ياقتۇرغانلقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارنى ھېسسيات جەھەتتە قانائەتلەندۈرۈشى كېرەك؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بالنى مۇكاپاتلاش كېرەك.  بۇنداق قىلغاندا، بالا ئۆزنىڭ ئاكتىپ قىلمىشنىڭ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكنى ھېس قىلىپ، ئۆزنىڭ ياخشى قىلمىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدۇ.
, e# @% }- M" {: ~7 ~9 `7 q) Zمەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ئاتا-ئانىنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسنىڭ قانداق بولۇشى بالنىىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسنىڭ قانداق بولۇشىغا ئىگە ئاتا-ئانىىنىڭ بالىسىدىمۇ مۇناسىپ ھالدىكى ئاكتىپ ھەركەت شەكلى ئىپادىلنىدۇ . ئائىلسىگە جەمىيئەتكە نىسبەتەن قىلچىمۇ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بولمىغان ئاتا-ئانىىنىڭ بالىسىغا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتەلشنى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسسغا ئىگە بالا تەربىيەلەپ چىقالشىنى پەرەز قىلىش تۇلىمۇ قىيىن.
2 U, w5 }* W, Y/ ~9 W8 ?شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلار  تىرشىپ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسسغا ئىگە ياخشى ئاتا-ئانا بولۇشى، بالنىڭ قىلشنى تەلەپ قىلغان ئىشنى ئاۋۋال ئۆزى قىلشى ؛ ۋەدسىدە تۇرۇش جەھەتتە بالسىغا ئۈلگە بولۇشى، قانداقلا ۋەدە بىرىشدىن قەتئيىنەزەر، ھەممىسى ئىمكان بار ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى، ئەگەر ئەمەلگە ئاشۇرالمىسا، چۇقۇم بالىغا چۈشەندۈرشى كېرەك. ئەكىسچە، ئاتا-ئانا ئىش قىلغاندا ھەمىشە ۋەدسىدە تورمىسا، مەسئۇلىيەتنى ئتىتەرسە، ئۇنداقتا بالسىغا ئاغزاكى تەربىيەنى ھەر قانچە بەرگەن ھالەتتىمۇ ھېچقانداق ئۈنۈمى بلمايدۇ.& @1 X/ ]+ O/ c. q  E+ ^$ L6 H
ئەگەر بالا ئاتا-ئانىىنىڭ ئۆزىنى ئالدىغانلىقىنى بىلىپ قالسا، ئاتا-ئانىىسغا ئىشەنمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئاتا-ئانا بالىىسغا ئىشەنچسىدىن ئايرىلىپ قالسا، بۇنىڭ ئاقىۋتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بالىىمۇ بۇنىڭ بىلەن باشقىلارنى ئالداىشنى  ئۆگندۇ . بىر ئاتا ئىشخانىسدا مەغرۇرلانغان ھالدا مۇنداق دېگەن «ئوغلۇمنىڭ كەلگۇشى ناھايتى پارلاق، ئۇ چۇقۇم بىر مەشھۇر شەخىس بولۇپ چىقىدۇ.» كۆپچىلىك ئۇنىڭدىن «نېمە ئۇچۇن » دەپ سورىغاندا، ئۇ مۇنداق دېگەن : «ئالدنقى كۈنى، ئۇغلۇم ئانىسى تەييارلاپ قويغان چوڭ بىر تەخسە بېلىقنى ئوغرلىقچە يەۋېلىپ، ئەيبلنىشتىن قورقۇپ، ئېشىپ قالغان بېلىق بىلەن بېلىق شورپسنى مۈشۈكنىڭ ئېغىزى ۋە بۇرۇتىغا سۇركەپ قۇيۇپتۇ.»
; U& o1 Y% p$ Q! j( @" Vبۇ ئاتنىڭ بالىىسنىڭ ئالدامچىلىق قىلغانلىقىغا تەربىيە بەرمەكتە يوق، ئەكىسچە تېخى پەخىرلنىپ يۈرگنىگە قارىمامسز! ئۇنىڭ بالسى ئالدامچىلىق قىلشنى ئاستىدىن ئۆگەنگەنمۇ تېخى، بۇنىڭغا بىرنېمە دېگلى بولمايدۇ. تېلىۋىزوردا ئىلگىرى مۇنداق بىر جامائەت پاراۋانلقى ئېلانى بېرىلگەن : بىر ۋاپادار كېلنىنىڭ قېينئانسنىڭ پۇتنى يۇيۇپ قويۇۋاتقانلقىنى ئۇنىڭ كىچىك ئوغلى كۆرگەن، ئۇمۇ ئانىسنى دوراپ،ئانىسنىڭ ئالدىغا پۇت يۇيىدىغان سۇ ئەپكەلگەن. بۇ كۈرۈنۈشنى كۆرۈۋېتىپ «ئانا، پۇتىڭىزنى يۇيۇۋېلىڭ »دېگەن بۇ چۈچۈڭ ئاۋاز قۇلقىمىزغا كىرگىندە، بۇ جانلىق كۆرۈنۈشتىن تەسىرلەنمەي قالمايمىز. بۇنىڭدىنمۇ جانلىق ئائىلە تەربىيەسى بارمۇ؟
  N8 U* D( W' ]1 ?0 t! r  iشۇنىڭ ئۈچۈن،پەرزەتىمزنى تەربىيلەش ئۈچۈن ئاۋۋال ئۆزىمزنى تەربىيلشىمز كېرەك ؛ پەرزەتىمزنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۆزىمزنى ئۆزگەرتىشمىز كېرەك .
& {: Z; H6 ]. B6 k, Fئۆزنىڭ تۇرمۇشىغا مەسئۇل بولغانلىق دۇنيانىڭ ئىشكنى ئاچىدىغان ئالتۇن ئاچقۇچقا ئېرىشكەنلىك بولىدۇ، ئەمما بۇلارنىڭ ھەممسى بالىلارنىڭ كۈندىلك تۇرمۇشىدىكى كىچىك ئىشلاردىن باشلنىشى كېرەك. بالىلارنىڭ مەسئۇلىيەتچانلقنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بىرىش كېرەك
2 D% d1 p, U' X# }. ]- b; N6 B0 \ئادەمدىكى مەسئۇليەت تۇيغۇسى تۇغما ئىرسىيەتلىك بولماستىن، بەلكى جەمىيئەتنىڭ ھەرقايسى باسقۇچىدا يېتىلدۈرۈش ۋە تەربىيەلەش ئارقىلىق تەدىرجىىي شەكىللىنىدۇ.يېتىلدۇرۇش جەريانى بۇۋاقلىق مەزگىلىدىن باشلاپ بالىلارنىڭ پۈتكۈل ئۆمرىگە سىڭدۇرۇلگەن بولىدۇ. بالا باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەندىن تارتىپ تا ياشلىق مەزگىلىگە قەدەم قويغانغا قەدەر بولغان جەريان ئاتا-ئانىىسنىڭ ھامىيلىقدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل، ئۆزىگە تاينىشقا قاراپ مېڭىش باسقۇچى بولۇپ، بۇ باسقۇچ ئىجتىمائىي پسخىكا ئىلمىداكونكىرېت مەشغۇلات بىلەن شەكىلەن مەشغۇلات مەزگىلى دەپ ئاتىلىدۇ.بۇ مەزگىلدە، بالىلارنىڭ زېھني ئىقتىدار ئامىلى ۋە غەيرىي زېھني ئىقتىدار ئامىلى شىدەت بىلەن تەرەقىقي قىلۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ئاللىقاچان مۇستەقىل، ئاڭلىق تەپەككۇر قىلشقا باشلايدۇ. بۇنىڭ ئۇستىگە ئۇلار شەيئىلەرگە قارتىامۇئەييەن دەرىجىدە ھۆكۆم قىلىش ۋە پەرەقلەىندۇرۇش ئىقتىدارىغا، مۇئەييەن دەرىجىدىكى ھەق-ناھەق كۆز قارىشىغا ئىگە بولغان بولىدۇ. بۇ باسقۇچ بالىلارغا ئەخلاق-پەزىلەت تەربىيەسى ئېلىپ بىرشتىكى، شۇنداقلا مەسئۇلىيەت ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشتىكى ئەڭ مۇھىم باسقۇچ ھېسابلىنىدۇ .
0 p8 b& x' B* a! n: X/ d6 d1 i8 wنۇرغۇن ئاتا-ئانىىنىڭ  ئادەتتە بالىلىرىغا شۇنچە كۆيۈنسىمۇ، ئۆزلىرى ئاغرىپ قالغاندا بالىلىرىنىڭ ئۆزلىىرگە بىر پىيالە سۇ قۇيۇپ بېرشنىمۇ خىيالغا كەلتۈرۈپ قويمايدىغانلقى بۇنىڭدىن كۆڭلنىڭ قانچىلىك يېرىم بولغانلىقى ھەقىقىدكى ئاغىرنىشلىرنى ھەمىشە ئاڭلاپ تۇرىمىز. نېمە ئۈچۈن ھازىر نۇرغۇن بالىدا  مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى كەمچىل؟ نۇرغۇن ئاتا-ئانا شۇنى ئويلاپ يەتمەيدۇكى، بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئۇلارنى ئاسىراش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، بالىلارمۇ مەسئۇلىيەتنى ئۇستىگە ئېلىشنى ئۆگىنۋېلىشى كېرەك. ئاتا-ئانىنىڭ بالىلىرىنىڭ ھەممە ئىشلىرنى ئۆزى قىلىپ بېرىشى ۋە زىيادە كۆيۈنۈشى نەتىجىسدە، بالىدا ئەسلى باربولغان مەسئۇلىيەت ئېڭىمۇ تەدىرىجىي سۇسلىشىدۇ ياكى يوقىلىدۇ. ئۇلار ھەممە نەرسىدىن بەھىرىمەن بولغانسېرى، شەخسىيەتچىلىك ئېڭى بارغانسېرى كۈچىيىپ، ھەممە ئىشتا ئۆزىنى مەركەز قىلىدىغان، ئەتىراپدىكى كىشلەرگە ۋە ئىشلار قىلچە كۆڭۈل بۆلمەيدىغان، تەييارتاپ بولۇپ قالىدۇ، مانا بۇ ئەڭ ئەقەللي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنىڭمۇ يوقلۇقنىڭ ئىپىادسى. شۇنىڭ ئۇچۇن، بالىلارنىڭ مەسۇلىيەت ئېڭنى كىچىكىدىن باشلاپ يېتىلىدۈ-رۈش، بالىلارغا ئۆزىگە، ئائىلىگە جەمىيئەتكە مەسئۇل بولۇشى كېرەكلكنى بىلدۈرۈش كېرەك., v6 a. B: O7 S0 s+ p" [; @' k
بەزى بالىلار مەكتەپتە ئۆگىنشتە ئازراق ئالغا باسقاندىن سىرت، باشقا ئىشلار بىلەن پەقەت كارى بولمايدۇ، ھەتتا دىجورنىلقنىمۇ قولنىڭ ئۇچىدىلا قىلىپ، ھەمىشە باشقا ساۋاقداشلارىغا ئۆزنىڭ چالا قىلغان ئىىشنىڭ دەردىنى تارتقۇزىدۇ .
& h8 ?9 F- r& t5 xئەمەلىيەتتە، يەنە كۆپ  ساندىكى بالىلار بىلەن  باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتكۇزگەن بولسىمۇ، لىېكىن ھەمىشە قىلغان ئىشنىڭ بېشى بار، ئايغى يوق، ئۆگىنىشتە ئاڭلىقلىقى، چىدامچانلىقى كەمچىل؛ ئۆگىنىش نەتىجىسنىڭ يوقىرى- تۆۋەن بولۇشى بىلەن پەرۋايى پەلەك، ئاتا-ئانسغا بولغان پوزتسيەسى ناچار، خوشاللىق-خاپىلىقلارنى قېتىغا ئېلىپ قويمايدۇ ...نېمە ئۈچۈن بۇ نالىلاردا ئادەمگەرچىلىكىكە يات ئالامەتلەر كۆرۈلدى؟ بۇنىڭ سەۋەبى كۆپ تەرەپىلىمە. مەسلەن، ئاڭلىقلىقى تېخىچە شەكىللەنمىگەن ، ئۆز-ئۆزىنى كونتىرول قىلىش ئىقتىدارى كەمچىل، ئىزچىللىقى يىتەرسىز ۋەھاكازا. ۋاھالەندىكى، ئاتا-ئانىلار بۇنىڭدىكى سەۋەبلەر ئۈستىدە چوڭقۇر ئىزدەنسىلا بالىدا مەسئۇلىيەت تۇيغۇسنىڭ كەملىكىنى بايقايدۇ.
: j+ e& X' `  D$ b7 zكۈندىلىك تۇرمۇشتا مۇنداق ئەھۋاللارنى ھەمىشە ئۇچىرتىپ تۇرمىز:«ئانا، تاپشۇرۇق دەپتىرىم قېنى؟»، «ئۆزۈڭنىڭ نەرسسنىڭ نەدىلىكنى ئۆزۈڭ بىلىشڭ كېرەكقۇ!»، « بىلمەيمەن!»  ئارقىدىن بالا شۇ يەردە ئولتۇرۋالىدۇ-دە، ئانا پايپېتەك بولۇپ تاپشۇرۇق دەپتەرنى ئىزدەشكە باشلايدۇ. بالا«بىلمەيمەن» دېگەن بىر ئېغىز گەپ بىلەنلا بەخىرامان ھالدا مەسئۇليەتنى ئانسىغا ئتتىرەپ قويىدۇ. يەنە بەزى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۇھسنىغان ھالدا: «بالام ئىش قىلسا ھەمىشە بېشى بار، ئايىغى يوق، بىپەرۋا، ئۇنىڭغا پەقەت ئامال قىلالمىدىم!» دېگەنلىرنى ئاڭلاپ تۇرىمىز، ئۇلار شۇنى چۇشەنمەيدۇكى، بالنىڭ بۇ خىل يامان ئادىتى دەل كىچىكىدە ئاتا-ئانىسنىڭ بالنىڭ ھەممە ئېشنى قىلىپ بەرگەنلىكىدىن يېتىلىپ قالغان، نۇرغۇن باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىراقسان، بىپەرۋا، بىغەملىكنىدىن تۇلىمۇ بېشى قاتىدۇ، ئامالسىزلقتىن تاپشۇرۇق دەپتىرىگە ئاتا-ئانىلىرنىڭ قول قۇيۇشنى بەلگىلەيدۇ. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بالىلارغا مەسئۇل بۇلۇش مۇددىئاسى ھەرقانچە كۈچلۇك بولسىمۇ، ئەمما بۇنداق قىلغاندا بالىلارنىڭ ئۆگىنىش جەريانىدا ئۇستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەتنى قىسمەن ھالدا ئاتا-ئانىسغا يۈكلىنىدىغان بولۇپ، ئوبيېكتىپ جەھەتتە بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسنىڭ نازارىتىگە يۆلىنۋېلىشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىپ، بالىدا بىپەرۋالىق ئادىتىنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ.
$ C; l! c' k$ E2 Q# S+ y) A7 E# c' u' zبالىلارنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسنى يېتىلدۈرۈپ كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى كىچىك ئىشلاردىن باشلىنىشى كېرەك. بالىلارنىڭ يېشى ۋە ئىقتىدارىغا ئاساسەن، كونكىرېت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەمەلىي پىلان تۈزۈپ چىقىش، شۇنداقلا بۇنى داۋاملىق  نازارەت قىلىش كېرەك. كۆپىنچە ئەھۋالدا تەربىيەنىڭ مەغلۇپبولۇشى، دەل ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىزچىل تەلەپ قويماسلىقدىن بولىدۇ. مەسلەن، تۆۋەن يىللىق ئوقۇچىلىرىدىن بوغچسنى ۋە كىيم-كېچەك، نەرسە-كېرەكلىرىنى ئۆزلىرى رەتلەشنى؛ ئۆزى ۋاقىت جەدۋىلى تۈزۈپ، تاپشۇرۇقنى ۋاقتىدا ئىشلەشنى ئۆگىنۋېلىشنى، ئۆي ئىشلىرنىڭ بىر قىسمىنى ئۇستىگە ئېلىشى تەلەپ قىلىش
, ?: V9 Z; t$ K# K, O5 ?5 hكىلىش مەنبەسى ‹‹مەسئۇلىيەتچانبالا تەربىيلەشتىكى 66تەتبىر ››دىگەن كىتاپتىن  ئاتىكەم ئابدۇكېرىم تەرجىمىسىرەسىم

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى
  • تېخىچە نادىر تېما يازمىغان ئوخشايدۇ ...
مۇناسىۋەتلىك نادىر تېمىلار

0

تېما

4

يازما

74

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
4 سەر
تۆھپە
2 سەر
تىللا
61 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-6-30 16:36:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى ماتىريالكەن، مەنمۇ كۈرۈپ باقاي قېنى .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗