يانفۇن
ئۇقۇتقۇچىنى زادى قانچىلىك چۈشىنىسىز # T9 K- Y+ L, Y1 r! w m$ Z- s
ئوقۇتقۇچى- كىشىلىك جەمئىيىتىدىكى ئۈستىگە ئالغان ئىجتىمائىي رولى ۋە پەۋقۇلئاددە مەسئۇلىيىتى سەۋەبلىك، ھۆرمەتلىنىشكە ئەڭ تېگىشلىك كىشى دەپ قارايمەن. گەرچە ھۆرمەتلىنىش ئېھتىياجى ئىنسانغا ئورتاق بىر ئۇقۇم بولسىمۇ، مۇنبەرگە چىقىپ باشقىلارغا تەلىمات تارقىتىدىغان بىر ئىنسانغا نىسبەتەن تېخىمۇ مۇھىم بىر زۆرۈرىيەت ھېسابلىنىشى ئەقىلگە ئۇيغۇن. جەمئىيەت كىشىلىرىنىڭ ئارىسىدا "مۇئەللىم خەق دېگەن... " دېگەن پاراڭنى ئاڭلىسام تولىمۇ بىئارام بولىمەن. ئەپسۇسلىنارلىقى، ئوقۇتقۇچى بولمىغان خېلى ئوقۇمۇشلۇق سانىلىدىغان كىشىلەرمۇ ئوقۇتقۇچىلارغا نىسبەتەن يېتەرلىك چۈشەنچىگە ئىگە ئەمەس. نۆۋەتتىكى تۈزۈلمە شارائىتىدا مائارىپنىڭ ئىجرائىي تارمىقى بولغان مەكتەپلەرنىڭ فۇنكسىيىسى ئۆزگىرىپ، تارىختىن بۇيان ئالقىشلىنىپ، ھۆرمەتلىنىپ كېلىۋاتقان، ئەسلى چىن ھۆرمەت ساھىبلىرى بولۇشقا تېگىشلىك ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئەسلى يارالمىشتا ئۈستىگە ئېلىشقا ئاجىز كېلىدىغان روللارنى مەجبۇرەن- ئىختىيارەن ئېلىۋاتقان ئەمەلىيەت، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەر ساھە كىشىلىرى، جۈملىدىن ھەر ساھە ئوقۇمۇشلۇقلىرى ئىچىدىكى ئىجتىمائىي ئوبرازىغا بىر سوغۇق داغنى تاشلاپ ئۆتمەكتە. 1 k5 a( f; x9 B4 j% t8 a) P) `1 {
" j) B# a* K/ }- }, M# _0 p9 h
ئۇشبۇ يازمامدا ئوقۇتقۇچىنىڭ تارىخىي ۋەزىپىسى، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتى ھەققىدە گەپ قىلمايمەن. پەقەت، نۆۋەتتىكى دىيارىمىز يېزىلىرىدا ئوقۇتقۇچىلىقنى ئىختىيار قىلىپ، ئۆز رازىلىقى بىلەن ئېغىر ئەمگەك بەدىلىگە تۆۋەن تەمىنات ئېلىپ "ھايات كەچۈرۈۋاتقان" ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇشقا تېگىشلىك بولغان مۇئەللىملەر ھەققىدە ئىككى كەلىمە بايان قىلىمەن. + @% C, ~% U+ d8 z0 S) e: |; J
F7 t& R$ C2 y8 e$ v- N0 T) c0 M/ o/ X! C
سېنىڭسىز يېتىشمەس سەنئەتكار، ئالىم،
1 O5 i* }/ o$ L* Tجەڭچى ھەم ئۇچقۇچى، يازغۇچى خادىم،
+ X. K) H3 P" {5 J& {& \3 F& X# vۋە ياكى ئىسپورتچى، سېستىرا خانىم،0 s' h* m! @- {& y6 o
ھەممىنىڭ كۆزىنى ئاچقان مۇئەللىم.
: p; w3 `. s3 \! Q: {! g# J& r
% m% _! \ f7 e n2 a% I) l2 J/ I" A5 ~$ V4 M: {
× × × 0 L9 G% }9 D* g8 R( T8 `$ z
( J% @. `3 e& W+ K( w7 I# {) v: Y
' I1 {; t0 }9 q; vجەمئىيەتتىكى ھەر ساھە كىشىلىرى ئورتاق ئېتىراپ قىلىدۇكى، ئوقۇتقۇچىلىق ھەم جاپالىق، ھەم شەرەپلىك خىزمەت. بۇ شۇنداق خىزمەتكى، شۇغۇللانغۇچىدىن پۈتۈن زېھنى ۋە بارلىق ئەقىل- پاراسىتى بىلەن كىرىشىشنى، مەنپەئەت تاماسىدىن مەڭگۈ يىراق تۇرۇشنى، كۆڭۈل ئارامىنى بالىلارنىڭ كۈلكىسى ۋە ئاۋامنىڭ ھۆرمىتى ئارىسىدىن ئىزدەشنى تەلەپ قىلىدۇ.) @( l" ]+ i% G. ]
2 g& z4 N% Y& T/ Yيېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېزىلاردىكى مەكتەپلەرنىڭ باشقۇرۇش قۇرۇلمىسىدا ئۆزگىرىش بولۇپ، مەكتەپ مۇستەقىل ئورۇن بولۇش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم قالدى (بۇرۇندىن، دىيارىمىز مەكتەپلىرى مۇستەقىل ئورۇن بولۇپ كەلگەن ئەمەس، لېكىن يېقىنقى نەچچە يىلدا بۇ تېخىمۇ گەۋدىلىك بىلىندى). يەرلىك ھۆكۈمەتلەر بىۋاسىتە ئوقۇ- ئوقۇتۇش خىزمىتىگە قول تىقىشتىنمۇ تارتىنمىدى، مائارىپنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىك خاراكتېرى چەيلەندى. ئوقۇتقۇچىلار يارالمىشتىن ئۈستىگە ئېلىشتىن ئاجىز بولغان ئېغىر مەسئۇلىيەتلەرنى ئۈستىگە ئالدى: ئۇلۇغ ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ئاسراش ۋە تەرەققىياتنىڭ، ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ تۈپ كاپالىتى بولغان جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش. بۇنىڭ كونكرېت مەزمۇنى دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ئىپادىسىنى تېپىپلا توختاپ قالمىدى، قەرەللىك ياكى قەرەلسىز ئائىلە چارلاش، ئۆيمۇ- ئۆي ئېلىپ بېرىلىدىغان سىياسىي تەشۋىقات، ھەر ھەپتىنىڭ جۈمە كۈنلۈكى جۈمە نامىزى ئوقۇلىدىغان مەسچىت ئالدىدا پوستتا تۇرۇپ، "ئېتىقادچى ئاممىنىڭ" "نورمال دىنىي پائالىيىتىنى" قوغداش، دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا قاتنىشىش قاتارلىقلار يېزا مەكتەپلىرىدە ھەيران قېلىنمايدىغان، تاسادىپىي تۇيۇلمايدىغان ئىشلارغا ئايلاندى. ھەتتا پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىدىن تارتىپ سەھىيە خىزمىتىگە قەدەر، تەشۋىق قىلىدىغانلا ئىش بولسا ئوقۇتقۇچىلار ئەڭ ھەرىكەتچان، ئەڭ يۇۋاش، ئەڭ بوزەك ئەمگەك كۈچىگە، تەشۋىقات قورالىغا ئايلاندى. بۇ ئىشلار ئەلۋەتتە جامائەتنىڭ ئالدىدا ئاشكارا ھالدا قىلىنىۋاتقان ئىشلار ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، جامائەتچىلىكنىڭ "مۇئەللىم" نامىغا قويىدىغان ئۆلچىمى ئۆزگىرىشى تەبىئىي ئىدى.
% l. @7 t: V* W* r; d5 J
" I5 z3 B, B% |( Tيېرىم كېچىدە ئىشىك قېقىپ، ئۆيدىكىلەرنى ئۇيقۇسىدىن ئويغىتىپ، پارتىيەنىڭ ئىللىق سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىپ، "ئۈچ خىل كۈچ" لەرنىڭ رەزىل نىيەتلىرىنى دېھقانلارغا يەتكۈزۈپ قويۇپ چىقىپ كەتكەن مۇئەللىم، ئەتىسى ئوقۇغۇچىلار ئالدىدا مۇنبەردە دەرس ئۆتۈپ ھېلىقى دېھقاننىڭ بالىسىغا بىر نامەلۇملۇق بىرىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمە يېشىشنىڭ قەدەم باسقۇچلىرىنى چۈشەندۈرۈۋاتىدۇ... سىزنىڭچە ئاشۇ بالىنىڭ كاللىسىدا بۇ مۇئەللىمگە قانداق قاراش باردۇ؟ ..... (ئارتۇق گەپ قىلىشقا رايىم قويمىدى، ئۆتۈنەي، مېنى خالىمىغان گەپنى يېشىپ بېرىشكە زورلىماي ئۆزىڭىز بىر تەپەككۇر قىلىپ بېقىڭ).
6 a+ F- }" |8 l4 `* e1 F7 W- U, _
7 W7 V0 [$ B# Fكېچىسى ئىشپىيوننىڭ رولىنى ئېلىپ، كۈندۈزى "ئۇستاز" بولۇۋاتقان مۇئەللىمنىڭ ھېسسىياتىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ، ھەر قانچە بولسىمۇ مۇئەللىمنى بۇنداق ئىت كۈنىگە رازى بولۇپ ئىككى تال مائاش ئۈچۈن "خىزمەتچى" بولغان دېمەيدىغانسىز؟2 D& [ n! V4 _& E' O. ]* v
8 x% r0 o+ R- k8 H6 b; V, ~
ئەگەر شۇنداق دېگەن بولسىڭىز مۇئەللىمنى خاتا تونۇپ قالدىڭىز. مەن بىلىدىغان مۇئەللىم- شۇنداق كىشىلەركى، ئۆزى جۇشقۇن، ھېلىقىدەك "سىياسىي ۋەزىپە" لەردىن باش تارتىشقا ئامالسىز بولسىمۇ، جەمئىيەت ئەھلىگە يۈرىكىنى يېرىپ مەقسەت چۈشەندۈرۈشتىن ئاجىز كەلسىمۇ، جاپاسى ئاز، تەمىناتى يۇقىرى خىزمەتنى، ئەركىن- ئازادە تىجارەتنى دەپ ئۆزىنىڭ بۇرچىدىن ۋاز كەچمىدى، ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۇنۇتمىدى، سىنىپتىكى جۈپ- جۈپ قارا كۆزلەردىن مېھرىنى ئۈزەلمىدى!
+ Y" N3 C3 x# W0 d
; N$ z& T/ _( f0 i0 ]! ^مەن بىلىدىغان ئوقۇتقۇچىلار- خىزمەتداشلىرىم ئارىسىدا شۇنداق مۇئەللىملەر باركى، ئۇلار ئۆزلىرىنى بەك ھۆرمەتلەپمۇ كەتمەيدىغان ئاشۇ دېھقانلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە مۇھەببەت باغلىغان، رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنىڭ بېسىشلىرى، سىقىشلىرىدىن چىقىپ، سىنىپتىكى ۋاراڭ- چۇرۇڭلاردىن، كەپسىزلەرنىڭ شوخلۇقلىرى ۋە بالىلارچە سوئاللىرىدىن ئۆزىگە تەسەللىي تاپىدىغان، ئۆزىنىڭ بۈگۈنىنى ئەمەس، ئۆز قەۋمىنىڭ، مىللىي مائارىپنىڭ ئەتىسىنى ئويلاپ ھەسرەت چېكىدىغان ئوت يۈرەك ياشلار. جەمئىيەت كىشىلىرىنىڭ "مۇئەللىم خەق دېگەن..." دېگەن يۈرەككە تېگىدىغان سۆزلىرى، بىر قىسىم ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەرنىڭمۇ جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەر، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ جەمئىيەتكە چىققان بالىلارنىڭ ناچار ئىللەتلەرنى يۇقتۇرۇۋېلىشى قاتارلىقلارنى ئوقۇتقۇچىغا دۆڭگىشى مۇئەللىملەرگە ئۇۋال قىلغانلىق، مۇئەللىمنىڭ رولىنى مۇبالىغىلەشتۈرۈۋەتكەنلىك ئەمەسمۇ؟ ' B- ?6 q; R. ]% r5 W) F3 @
, x% r# [# K: b, u; W* U4 eكۈندۈزنىڭ كېچىسى، يازنىڭ قىشى بولغىنىدەك، ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدىمۇ بۇرچىدىن نەپسىنى ئۈستۈن بىلگەنلەر بولۇشى ئۇنچە بەك ھەيران قالغۇدەك، ئوقۇتقۇچىغا بولغان ھۆرمەتتە تۆۋەنلەش پەيدا قىلغۇدەك دەرىجىدە ئىش ئەمەس ئىدى. بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ "ئۇستاز" ئوبرازىغا داغ كەلتۈرۈشى ئوقۇتقۇچىغا نورمال ئىنسانلىقتىن ئۈستۈن تەلەپنىڭ قويۇلۇشىغا، كەم- كۈتىسىز بولۇشنى تەلەپ قىلىشقا سەۋەب بولالمايتتى. چۈنكى ئوقۇتقۇچىمۇ ئادەم، نەپسى بىلەن يارىتىلغان ئادەم ئىدى. ئەلۋەتتە، بۇرچىنى ئۇنتۇغان، ئاساسىي مەۋقەدىن چەتنىگەن ئوقۇتقۇچى – خۇددى ھاراق ئىچىپ يولۇچىلار ئابتوبۇسى ھەيدىگەن شوپۇر ئۈچۈن ھەممە شوپۇرلار جاۋابكار بولمىغىنىدەك، شەخسىي گۇناھىنى ئۆزىلا تارتىپ، جامائەت نەزىرىدىن چۈشسە، بۇ سەۋەبلىك "ئوقۇتقۇچى" ناملىق تائىپىنىڭ نىيەت- ئەمەللىرىگە تون پىچىلىپ، كېسىم ئېلان قىلىنىشى ئارتۇقچە ئىش ئىدى.
! \" ~4 z; ?1 C- ?7 I- Lشۇڭا ئۇنىڭ ئەقىدىۋى كەمچىلىكلىرىدىن باشقا نۇقسانلىرى "ئىللەت" دەپ سانالماي، بەلكى نورمال ئىنساندا بولىدىغان سەھۋەنلىك سۈپىتىدە كەچۈرۈۋېتىلىشكە، پاكىت ۋە تەنبىھ بىلەن، ئاممىنىڭ نازارىتى بىلەن تۈزىتىلىشىكە تېگىشلىك ئىدى.
9 A7 c5 \- d+ ^9 r8 H
! ?# Q3 ^) @) xجەمئىيەتتىكى مۇتىھەملىك، بىكار تەلەپلىكنى مەكتەپ تەربىيىسىگە مەنسۇپ قىلىش، ئوچۇقىنى دېگەندە ئوقۇتقۇچىنى جەمئىيەتنىڭ پاراۋوزى ئورنىغا قويۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ھەممىگە مەلۇمكى، مائارىپ- ئوقۇتقۇچىنىڭ خاس ھۈنىرى ياكى مەجبۇرىيىتى ئەمەس، بەلكى ئائىلە، مەكتەپ، جەمئىيەت ئورگانىك ماسلىشىپ ئىشقا ئاشۇرىدىغان كوللېكتىپ جەريان، بۇنىڭدا بىرسىنىڭ رولىنى بىرسى تولۇقلىشى قىيىن.% ?) T& N8 Q! B9 ?2 H
قىسقىچە قىلىپ دېسەم، ئوقۇتقۇچىنى ئاپئاق، سەۋەندىن پەرىشتىدەك خالىي دېمەيمەن، تەنقىد قىلما دېمەيمەن، جەمئىيەتتىكى مەسىلىنى ئوقۇتقۇچىدىن كۆرۈشكىمۇ قارشى تۇرىمەن. ئوقۇتقۇچىلار ئوپېراتسىيەگە ئەمەس، چۈشىنىشكە، قوللاشقا موھتاج.
/ M9 I9 K# A) P8 l/ _, `6 R& {$ e7 o- T
z/ D: L" ]5 u4 ?3 h2 K, n
, U3 t3 F, ^' i: f# A5 nمەنبە:ئىزدىنىش تورى
0 A J% {) o- Z! c بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئارال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-15 23:21 7 |/ w! E# R+ g/ }8 |
2 I9 J" Z' o1 J7 Z5 o
ئىزدە
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |