خەۋەر ئۇيغۇر ئاگرونوم لۇ مىڭشەن (تۆمۈر تۈۋرۈك)
& P6 F' H) S/ e0 N
% G# k1 a3 g+ h% y+ A
/ _' m/ r0 z# e; v' e7 `
$ d, a. v5 R9 R* `
يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر ئاگرونوم لۇ مىڭشەن (تۆمۈر تۈۋرۈك)موڭغۇللار ۋە يۈەن سۇلالىسىنىڭ جۇڭگونى بىرلىككە كەلتۈرۈشى جەريانىدا شىنجاڭ رايونىدىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ ئاۋۋال ئىتائەت قىلغان، مۇڭغۇللار ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىقى ۋە مەمۇرىي تۈزۈمىنى قوللىنىپلا قالماستىن، بەلكى ئۇيغۇرلاردىن چىققان ھەرقايسى ساھەدىكى ئىختىساس ئىگىلىرىنىمۇ ئەتىۋارلاپ ئىشلەتكەن. بۇ كىشىلەر مۇڭغۇللار دۆلەت قۇرغان دەسلەپكى چاغلاردا ناھايىتى زور رول ئويناپ، يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىگەن. «يۈەن سۇلالىسىنىڭ يېڭى تارىخى. قەبىلە-قوۋملار جەدىۋىلى» گە كىرگۈزۈلگەن، يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە مەنسەپ تۇتقان ئۇيغۇرلار 29 بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئارىسىدىن نۇرغۇنلىغان ھەربىي ئالىم، سىياسىيون، ئىقتىسادشۇناس، تەرجىمان، ئەدىب، تارىخشۇناس، رەسسام، مۇزىكانتلار يېتىشىپ چىققان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە مەشھۇر ئاگرونۇم لۇ مىڭشەنمۇ بار.
( e: w& T7 a$ t7 Q# Y1 y) F' j& X- H8 M Q+ e. ~% g6 M- Q
لۇ مىڭشەن ئۇيغۇر، دادىسىنىڭ تەخەللۇسى بولغان لۇ خېتىنى فامىلە قىلغان، ئىسمى تېيجۇ(تۆمۈر تۈۋرۈك)، تەخەللۇسى مىڭشەن. «يۈەن سۇلالىسى تارىخ»دا تەرجىمىھالى تۇرغۇزۇلمىغان. دادىسى كالناداس نۇرغۇن تىل بىلىدىغان مەشھۇر تەرجىمان بولۇپ، يۈەن شىزۇ قۇبلەيخان دەۋرىدە غەربىي يۇرتتىن خانبالىق(ھازىرقى بېيجىڭ)غا كەلگەن، ئىلىمدە كامالەتكە يەتكەچكە ئەتىۋارلىنىپ، ۋەلىئەھدىنىڭ ئۇستازلىقىغا تەيىنلىگەن. تۆت خاننىڭ دەۋرىدە مەنسەپ تۇتۇپ، دانىشمەن ئۆلىمالار كامالەتخانىسىنىڭ ئۆلىمالىقىدىن باش ئەمرى زېمىنلىققا ئۆسكەن. لۇ مىڭشەن كىچىكىدىنلا ئۇنىڭ تەربىيىسىنى ئېلىپ، خەنزۇ مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە كۆپ ئۇچرىغان. جىڭجۇ(ھازىرقى خۇنەننىڭ چىڭشەن ناھىيىسى) ۋە ئەنفىڭ(ھازىرقى ئەنخۇينىڭ تاۋشەن ناھىيىسى) ئىككى جاينىڭ دارۇغاچ(مۇڭغۇل تىلىدا ئەمەلدار دېگەن مەنىدە)لىقىنى ئۆتىگەن. كېيىن مەركەزگە يۆتكىلىپ تەپتىش بەگلىكىگە ئۆستۈرۈلگەن.' e/ v% |9 s$ ?+ w& B" W
- k V2 t; W7 m, F# X8 a p5 H0 n# F- M
قۇبلەي بېيجىڭنى پايتەخت قىلىپ بېكىتكەندىن كېيىن يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى چۇڭقۇر تونۇپ يەتكەن، شۇڭلاشقا ئەمىر ھەرەس تەسىسس قىلىپ يېزا ئىگىلىك، سۇ ئىنشائەت ئىشلىرىنى مەخسۇس باشقۇرغان، «تېرىقچىلىق-پىلىچىلىك قامۇسى»نى تۈزۈپ مەملىكەتكە تارقاتقان، يېزائىگىلىك تەرغىباتچى ئەمەلدارلىرىنى ھەر قايسى جايلارغا دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە ئەۋەتىپ، دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرغان-قىلدۇرمىغانلىقىنى يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ تۆھپىسىنى باھالاشنىڭ ئاساسى قىلغان. ھۆكۈمەت يېزا ئىگىلىكىگە ئالاھىدە ئېتىبار بەرگەچكە، شەخسىيلەرنىڭ يېزا ئىگىلىك قوللانمىلىرى تۈزۈش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلگەن. كېيىنكىلەرنىڭ ئەسەرلىرىدە تىلغا ئېلىنغان يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى يېزا ئىگىلىك قوللانمىلىرى ئون نەچچە خىلغان يېتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئاساسلىقى ۋاڭ جېننىڭ «دېھقانچىلىق قوللانمىسى» بولۇپ، 1313-يىلى بېسىلغان. لۇ مىڭشەننىڭ «تېرىقچىلىق-پىلىچىلىك ئاساسلىرى» ئۇ 1314-يىلى ئەنفىڭدا مەنسەپ تۇتۇۋاتقاندا تۇنجى قېتىم بېسىلغان ۋە 1330-يىلى «بىلىم يۇرتلىرىدا دەرسلىق قىلىش» ئۈچۈن قايتا بېسىلغان.
) G. ?5 j- R$ v* b
* b' p+ |) _1 J+ n7 d) D «تېرىچىلىق-پىلىچىلىك ئاساسلىرى»12 ئاي بويىچە يېزىلغان بولۇپ، ھەر قايسى ئايلارغا ماس كېىلىدىغان تېرىقچىلىق ئىشلىرىنى ۋە تېرىقچىلىق ئۇسۇللىرنى چۈشەندۈرگەن. كىتاب ئىككى توم، جەمئىي 11مىڭ خەتتىن ئارتۇقراق بولسىمۇ، 280 خىل تېرىقچىلىق ئۇسۇلى تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، مەزمۇنى مول. ئالايلۇق، كىلىماتقا ئاساسەن زىرائەت تېرىش، ئېتىز-ئېرىق سۇ ئىنشائاتى، زىرائەت، كۆكتات، قوغۇن-تاچۇز، مېۋە-چىۋىلەر، بامبۇك غوللۇق ئۆسۈملۈكلەر، ئۈجمە ئۆستۈرۈش، پىلە قۇرتى بېقىش، ئۆي ھايۋانلىرى، ئۆي قۇشلىرىنى بېقىش ۋە داۋالاش، ھەسەل ھەرىسى بېقىپ ھەسەل ئېلىش، ئاشلىق ۋە ئۇرۇقنى ساقلاش، قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش، كېيىم-كېچەكلەرنى ساقلاش دېگەندەك.# l+ ?7 ~) c* L, B: Y
& G" T, E+ g1 K7 Y6 A( O
كىتاپتا بىرىنچىدىن، لۇمىڭشەننىڭ يېزا ئىگىلىكىگە ئېتىبار بېرىش ئىدىيىسى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. ئۇ:«تېرىقچىلىق-پىلىچىلىك ئىشلىرىنى پۇختا قىلسا، كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك مول بولسا، ئاۋام پۇقرا ئىتائەتمەن، رايىش بولىدۇ، خەلق ئىتائەتمەن، رايىش بولسا، ئەلدە ئۇزاققىچە ئەمىنلىك بولىدۇ» دېگەن. ئىككىنچىدىن، يەرنى چوڭقۇر ئاغدۇرۇپ تۈجۈپىلەپ تېرىش، يەرنىڭ قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش، بىرلىك مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش دېھقانچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يېتەكچى ئىدىيىسى قىلىنغن. ئۈچىنچىدىن، يېزا ئىگىلىكىنى باشقۇرۇش ئىدىيىسىدە دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق قاتارلىق كۆپ خىل ئىگىلىك بىلەن شوغۇللىنىش تەشەببۇس قىلىنىپ، ئۇنېۋېرسال پايدىلىنىش، ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش تەكىتلەنگەن. تۆتىنچىدىن، ئىقتىسادچىللىق تەشەببۇس قىلىنىپ، قەھەتچىلىككە تەييارلىق قىلىش تەكىتلەنگەن.
" W% ]. U1 n4 Q$ bمەنبە:قۇتيار تورى% m3 d2 P- A3 d7 w" J+ r
چۈشۈرۈش
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |