|
3d
پىخسىكىلىق بوھران
" h+ X+ V* I7 Q/ z+ n+ d; Jئەكبەر ئىمام كۆكبۆرە7 D4 }$ B( f* b3 \% |
(پوۋېست)
- f& x1 o4 N+ E- d. P0 x# K! W2 {- M6 A4 }) ^
قەدىرلىك لالە! مەن سەن ھەققىدىكى خىيال بوستانلىقلىرىمدا ناھايىتى ئۇزاق، ناھايىتى ئۇزاق ۋاقىت يەككە - يېگانە ھالدا ئايلاندىم. ئاخىر قەدەملىرىم تالدى، يوللىرىم ئۈزۈلدى، ھايات ياپراقلىرىم پىلدىرلاپ تۆكۈلدى. يۇلتۇزلار ھەر ئاخشىمى بۇرۇنقىدەكلا چاقناپ تۇرغىنى بىلەن سۈت رەڭ نۇرلىرى مۇزلاپ كەتتى، گۈللەر ھەر سەھەر ھاياجانلىنىپ تۇرۇپ ئېچىلغىنى بىلەن قىپقىزىل رەڭلىرىدە خۇش ھىدى قالمىدى. بۇ ئارىدا بەش يىل ئۆتتىمۇ ياكى بەش يىلدىن بەشى ئۆتۈپ كەتتىمۇ، مەن ئۈچۈن ۋاقىت ئۆز مەنىسىنى يوقىتىپ بولغانىدى. بىلىكىمدىكى سائەت ئىسترېلكىسى تەنگە سولىنىپ قېلىپ پىرقىراپ يۈرگەن ئىسسىق جاندەك 24 سائەت توختىماي ئايلانغان بىلەن، كېچىدىن كۈندۈز، كۈندۈزدىن كېچە سانسىز قېتىم سۈزۈلۈپ چىققان ھەم دەرەخلەر نەچچە قېتىم يوپۇرماق تاشلاپ پوتلا چىقارغىنى بىلەن، مەن ماھىيىتىنى يوقاتقان ۋاقىت چەمبىرىكى ئىچىدە يۆگىمەچتەك ئاستا - ئاستا قۇرۇپ، روھىي قۇۋۋىتىمدىن ئايرىلىپ قالماقتا ئىدىم.
& n/ J/ c( g, h) v# mئىچىمدە بىر نەرسە تولغىناتتى، قانداقتۇر بىر سۈزۈك - سىلىق نۇر دولقۇنى تەن قەپىسىمدىن چىقىپ كېتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقاندەك تۆۋەن تەن ئېقىنىمدىن يۇقىرى تەن ئېقىنىمغا ئۆرلەيتتى. مەن بولسام خۇددى كېتىشى ئېنىق بولۇپ قالغان بىر مېھماننى تەن قەسىرىمدە مەجبۇرىي تۇتۇپ قېلىۋاتقاندەك ھالەتكە كېلىپ قالغانىدىم. بۇ خىل ھالەت مەندە قاچاندىن باشلاپ يۈز بېرىشكە باشلىدى، بىلمەيمەن. مەن پەقەت سەن ھەققىدە خىيال بوستانلىقلىرىمدا ناھايىتى ئۇزاق، ناھايىتى ئۇزاق ۋاقىت يەككە - يېگانە ھالدا سەرسان - سەرگەردان بولۇپ يۈرگىنىمنىلا بىلىمەن. گەرچە بۇ ئۇزاق ۋاقىت مېنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى بەش يىللىق ھايات مۇساپەمنى ئۆزىگە نىشان قىلغان بولسىمۇ، مەن بۇ بەش يىللىق ھايات مۇساپەمدە بىر ھالەتتىن ئىككىنچى بىر ھالەتكە ئۆتۈپ بولغانىدىم. مەن ھايات مۇساپەمدىكى بىرىنچى خىل ھالەتتە سېنى سۆيۈش بۇرچىغا مۇيەسسەر بولغان بولسام، ئىككىنچى خىل ھالەتتە سەن ھەققىدىكى باش - ئاخىرى يوق خىياللار ئىسكەنجىسىدە ئويلىنىش بۇرچىغا مۇيەسسەر بولدۇم. شۇڭا، مەن بۇ باسقۇچتىكى سەن ھەققىدىكى ئويلىنىش مۇساپەمنى مەن خۇددى سېنىڭ قەدىر - قىممىتىڭنى قەدىرلەش ياكى دەپسەندە قىلىش ھەققىدە مارافونچە خىيال سۈرگەندەك ھېس قىلىمەن.
* H6 T" W$ Q) F1 n$ Y, oمەن سېنى سۆيەتتىم لالە. لېكىن مەن سېنى سۆيگەن قەلبىم بىلەن سېنىڭ ھايات بوستانىڭ، ياشلىق چىمەنىستانىڭدىكى رەڭگارەڭ قىسمەت گۈللىرىڭنى ساڭا تۇيدۇرماي ئاستا - ئاستا توزۇتۇپ كەلدىم. مېنىڭ بۇ ھەرىكىتىم شۇنداق ئاستا، شۇنداق سىلىق بولدىكى، مىسالى بىر ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ قېرىپ كەتكەنلىكىنى تۇيۇقسىز ھېس قىلىپ قالغىنىدەك تەبىئىي بولدى. تاڭ ھەر كۈنى بىر قېتىمدىن يورۇشتەك ئىلاھىي قانۇنىيەتكە ئىگە بولسىمۇ، لېكىن تاڭنىڭ يورۇش قانۇنىيىتى مېنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. چۈنكى تاڭ ئاستا - ئاستا يورۇيدۇ. تاڭنىڭ يورۇش ھەرىكىتىدىكى ئاستىلىق بوشلۇقى تولىمۇ كىچىك بولغاچقا، ئۇ بىزنىڭ ۋاقىت ئېڭىمىزنىڭ سىرتىدا قالغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. كۆرۈش سەزگۈمىز ھامان پەرق ئېتىش سەزگۈمىزگە ئاڭسىز رەۋىشتە ئالدىنىدۇ. پەقەت بىز ھېس قىلىش سەزگۈمىزگە تايىنىپلا تاڭنىڭ يورۇۋاتقانلىقىنى جەزملەشتۈرگىنىمىزدىلا، كۆرۈش سەزگۈمىز كېچىنىڭ قارا تونىنىڭ سەھەرنىڭ كۈمۈش رەڭ تونىغا ئالمىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يېتىدۇ. ناۋادا تاڭ بىز كۆزىتىپ تۇرغان مەلۇم ۋاقىت دائىرىسى ئىچىدىلا يورۇپ كەتسە بۇ ھال بىزگە غەيرىي تۇيۇلىدۇ - دە، مېڭىمىزدە قانداقتۇر بىر نورمالسىزلىق غەليان كۆتۈرىدۇ. بۇنداق ئۆلچەملىك قانۇنىيەت دائىرىسىدىكى نورماللىقنىڭ نورمالسىزلىق بىلەن ئورۇن ئالماشتۇرۇشى بىزنىڭ سۇبيېكتىپ ئېڭىمىزدا ۋەھىمىنىڭ رەڭسىز تۇمانلىرىنى پەيدا قىلىپ قويىدۇ. بۇنداق ۋەھىمە تۇمانلىرى بولسا بىزنىڭ نورمال تۇرمۇش تەرتىپىمىزنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىپ تاشلايدۇ. مېنىڭ سەن بىلەن بولغان مۇناسىۋەت جەريانىم بولسا دەل تاڭنىڭ يورۇش قانۇنىيىتىدەك ئۆلچەم ئىچىدە مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كەلگەن. شۇ سەۋەبتىن مەن سېنىڭ ھاياتىڭنىڭ ئەڭ مەزمۇنلۇق بىر قىسمىدەك، ياكى سېنىڭ 207- تال سۆڭىكىڭدەك سەندەگۇمان پەيدا قىلماي، قەلب ۋە روھىيەت بوشلۇقۇڭدا بىر پارچە مۇكەممەل ئەقىدە سۈپىتىدە ياشاپ كەلدىم. بۇ ئەقىدە سېنىڭ تەسەۋۋۇرۇڭدا، سېنىڭ بىر كىشىلىك ئەۋرىشىم دۇنيارىڭدا، سېنىڭ مەن ھەققىدىكى گۈزەل ئارزۇ - ئارمانلىرىڭدا ھېچقانداق نۇقسانسىز ۋە كىر - داغسىز ھالدا، خۇددى ئانىنىڭ ئوغۇز سۈتىدەك شان - شەرەپكە مۇيەسسەر بولۇپ كەلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى دەل مېنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى بەش يىللىق ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت جەريانىدا ساڭا نامەلۇم، لېكىن ئۆزۈمگە روشەن بولغان قانۇنىيەتنى ساقلاپ ۋە ئۇنى تەبىئىي رەۋىشتە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنلىكىمنىڭ بىۋاسىتە نەتىجىسى ئىدى.) n, w# R M; ^: d" |
−− سەن بىر پەرىشتە!) W, l) f% K& e6 Z3 a% |
سەن مەن ھەققىدە تولىمۇ سەمىمىي ئاۋازدا تارتىنىپ تۇرۇپ مۇشۇنداق دېگەنىدىڭ. مەن سېنىڭ مۇشۇ بىر جۈملە سۆزۈڭدىنلا قەلبىڭدىكى مەننىڭ چىڭقىچۈشتە نۇر چېچىپ تۇرغان قۇياشتەك مۇكەممەل بىر شەكىل ئىكەنلىكىنى روشەن ھېس قىلغانىدىم. ئېھتىمال سەن قەلبىڭدىكى بۇ شەكىلنى بۇ قەدەر مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن يىراق كۆككە قاراپ نەچچە قېتىم ئىخلاس دۇئالىرىڭدا بولغانسەن. لېكىن بۇ سېنىڭ قەلبىڭدىكىلا شەكىل ئىدى. مېنىڭ ئەسلىي شەكلىم بولسا ھاياتىمدىكى ئىككىنچى خىل ھالەت ئىچىدە شەكىل ئۆزگىرىشى ياساپ زىننەتلىنىۋالغان ساختا شەكىل ئىدى. لېكىن سەن مەندىن ئىبارەت بۇ ئىككى خىل شەكىلنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئىككى يۈزىدىن ئەسلا گۇمانلانمايتتىڭ.( S0 v) ~& U, z/ f4 ~+ t9 ~
−− سەن بىر پەرىشتە! U1 F7 P0 A0 N9 z$ f
سېنىڭ مۇشۇ بىر جۈملە سۆزۈڭ ئۈچۈن بىر جۈپ قاپقارا قوي كۆزۈڭگە قاراپ ئولتۇرۇپ بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتكۈم كېلىدۇ. لېكىن يوشۇرۇن تەبىئىتىم ئاشۇ يىغا ئاۋازى بىلەن تەڭ قەلبىڭدىكى شەكلىمنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىدىن، ياكى ئۆزۈمدىكى ساختا شەكىلنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشىدىن ماڭا شەرتلىك سىگنال بېرىپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن روھىمدىكى بىردەملىك جىددىي زىلزىلە ئۆتۈپ كېتىدۇ - دە، مەن يەنە قايتا شەكىل ئۆزگەرتىپ، قەلبىڭدىكى شەكىل ئىچىگە يىلاندەك سويلاپ كىرىمەن.) B# J3 C# g; S& @0 m
ئۇنداقتا، سەن نېمە، لالە؟
3 w+ K @ e" a* e9 T: ~! }سەن سەھەردىكى قۇياش نۇرى. سەن سەھەردىكى قۇياش نۇرىنىڭ ئالتۇن رەك نۇر تالالىرى ئىچىدە پورەكلەپ ئېچىلىپ تۇرغان بىر دەستە گۈل. سەن يۇلتۇز گۈللىرى چېچەكلەپ تۇرغان كېچىنىڭ تۇم قارا، سىلىق كۆكسىدە پارلاپ تۇرغان ئاي نۇرى. سەن مېنىڭ رېئاللىقىم چىلىشىپ تۇرغان كۆل سۈيى. سەن مېنىڭ روھىيەت بوشلۇقۇمدا ئاتوم زەرەتلىرىدەك ئاستا - ئاستا پارچىلىنىۋاتقان پەرىزات.9 u$ W! @* g5 A; b* o0 B
ئەمىسە، مەنچۇ؟
, v6 F2 j3 e. vمەن سېنىڭ قەلب لېۋىڭ شىۋىرلاپ تۇرغان پەرىشتىمۇ؟ ياق، ئەمەلىيەتتە مەن بىر ئالۋاستى. مەن سېنىڭ نەزىرىڭدىكى ئاق قاناتلىق پەرىشتىنىڭ شەكلىگە كىرىۋالغان قارا قاناتلىق ئالۋاستى. مەن ساختا شەكلىمنىڭ قەلبىڭدىكى ھۆرمەتلىك ئورنىدىن پايدىلىنىپ لەۋ قىرغاقلىرىڭغا ھاياجان بىلەن شىۋىرلاپ تۇرۇپ تەن ئېكىنزارلىقىڭدىكى ئىسسىق قېنىڭنى شوراۋاتقان يالماۋۇز.0 C+ A: w6 o7 S5 d
ئېسىڭدىمۇ لالە، تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمىزدىكى دەرسلىكىمىزدە سەندەك بىر مۇلايىم قىز بىلەن مەندەك بىر يالماۋۇزنىڭ چۆچىكى بولىدىغان. ئالۋاستى قان خۇمارى قوزغالغاندا قىزنى تورۇسقا چېچىدىن ئېسىپ قويۇپ تاپىنىدىن ئىسسىق قېنىنى شورايتتى. بۇ چاغدا سەن قىز ئۈچۈن ھەسرەت چېكىپ، يالماۋۇزغا بولغان لەنەت ئوقلىرىڭنى سۆز تاپانچاڭدا شىددەت بىلەن ئاتاتتىڭ.+ Y* x8 B& [2 {$ g/ N4 P& M
−− كامال، بۇ قىز نېمىدېگەن بىچارە - ھە!
0 L( A9 h, x5 ~: b8 ] E. lسەن تىترەپ تۇرغان ئاۋازىڭ بىلەن شۇنداق دەيتتىڭ. مەن شۇ چاغدا ئاھۇنىڭ كۆزىدەڭ مىسكىنلىشىپ كەتكەن قاپقارا قوي كۆزلىرىڭدە لىغىلداپ تۇرغان سۈزۈك ياش تامچىلىرى بىلەن يەنە بىر قەۋەت قويۇق ۋە ئېغىر قايغۇ بۇلۇتلىرىنى ئېنىق كۆرەتتىم - دە:& s) A% @4 V M6 v' ]0 `
−− بۇ بىر چۆچەك، لالە، چۆچەك دېگەن توقۇلما بولىدۇ. ئەگەر ئۇ مۇشۇنداق تەسىرلىك، ھەسرەتلىك قىلىپ توقۇلمىسا بىز ئۇنى ئوقۇيتتۇقمۇ؟ شۇڭا سېنىڭ بۇ چۆچەكتىكى قىز ئۈچۈن ھەسرەت چېكىپ ئاھ ئۇرۇشۇڭ تامامەن ئورۇنسىز، −− دەيتتىم.: L. @- N9 v3 E& ]0 E8 M$ Z
−− ئەگەر شۇ قىزنىڭ ئورنىدا مەن بولۇپ قالغان بولسام سەن قانداق قىلاتتىڭ، كامال؟
" w: s9 A) i0 w/ Y. N0 O( [سېنىڭ ساددىلارچە سورىغان بۇنداق سوئاللىرىڭ ماڭا بەكمۇ سۆيۈملۈك تۇيۇلاتتى.5 k! |- a' }0 i, J/ H8 U
−− ئەخمەق قىز، ئەلۋەتتە يالماۋۇزنىڭ كاللىسىنى ئۆزۈم ئالاتتىم - دە!
9 {7 p" Y( M8 }2 D3 D+ `1 U* K−− يەتتە بېشى بار تۇرسا ئۇنىڭ.
8 V/ s' j2 t" A: s( O−− يەتتە بېشى بار بولسا نېمە بوپتۇ، مەن يەتتە قېتىم چاپساملا بولدى ئەمەسمۇ.% y& p) s% O! x: @
−− كۈنىگە بىردىن چاپساڭ يەتتە باشقا يەتتە كۈن كېتىدۇ - دە.
1 k: b6 M/ }: {/ Iسېنىڭ خىياللىرىڭ مۇشۇنداق تولىمۇ ساددا ۋە سەمىمىي ئىدى. مەن سېنىڭ قاپقارا قوي كۆزلىرىڭدىنلا ئەمەس، مۇشۇنداق ساددىلارچە خىياللىرىڭدىنمۇ بىر خىل ئىسسىق ھارارەتنى ھېس قىلاتتىم. ئارقىدىنلا ئۆزۈمنى ئاق ياللىق، قارا قۇيرۇقلۇق ئارغىماق مىنگەن باتۇردەك تەسەۋۋۇر قىلاتتىم. تەسەۋۋۇرۇمدىكى بۇ ئارغىماقلىق باتۇر سېنىڭ ئىسسىق ۋە تاتلىق قېنىڭنى شوراۋاتقان يەتتە باشلىق يالماۋۇزنىڭ يەتتە بېشىنى خۇددى يۇمشاق پېلەكتىن تاۋۇز ئۈزگەندەك ئۇزەتتى. يەتتە باشلىق يالماۋۇز بىردەمدىلا بېشى يوق ئۆلۈك يالماۋۇزغا ئايلىنىپ، يەردە بەئەينى لىق بىر تېرە گۆشتەك سوزۇلۇپ يېتىپ قالاتتى. ئۆلۈك يالماۋۇز قارىماققا ھېچقانداق ۋەھىمىلىك كۆرۈنمەيتتى. ئاندىن مەن سېنى ئارغىماقنىڭ ئارقىسىغا مىنگەشتۈرۈپ، ئوپۇقتىكى رەڭدار نۇر چېچىلىپ تۇرغان يىراق بوشلۇققا قاراپ لەرزانغىنە پەرۋاز قىلىپ ئۇچاتتىم. بۇ چاغدا قويۇق بوستان چاچلىرىڭ خۇددى تاغ شامىلىدا يەلپۈنۈپ تۇرغان يېشىللىقتەك توزغۇپ يەلپۈنەتتى. ئىككىمىز مىنگەن ئارغىماق بولسا كۆكتە لەيلەپ ئۇچۇپ بارا - بارا كۆزدىن غايىب بولاتتى.6 U$ V' m( Y. B0 T0 e7 v% R
−− نېمە خىيال قىلىۋاتىسەن، كامال؟1 R1 n; l/ V2 s \
ئاۋازىڭ ھەم يۇمشاق، ھەم يېقىملىق ئىدى. مەن ئاشۇ ھەم يۇمشاق، ھەم يېقىملىق ئاۋازىڭنىڭ سېھرىي جادۇسى ئىچىدە تەسەۋۋۇرۇمدىكى خىيال بوستانلىقىمدىن سېنىڭ قاپقارا قوي كۆزۈڭنىڭ نۇرى ئىچىدىكى رېئاللىققا بىر تال ئاق قۇ پېيىدەك لەرزانغىنە لەيلەپ چۈشەتتىم. بۇ چاغدىكى سەن بولساڭ تەسەۋۋۇرۇمدىكى نۇرلۇق بوشلۇقتا ئەمەس، بەلكى كۆز ئالدىمدىكى مەۋجۇت رېئاللىق قوينىدا ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇراتتىڭ.
& u. q0 i0 a6 g: A1 G0 M−− يالماۋۇزنى ئۆلتۈرۈپ خىيال سۈرۈپ قاپتىمەن.
/ J+ r+ x. n# P4 X8 h/ K1 D−− كېيىنچۇ؟
: m; l: |- q! m6 F% ^+ N−− كېيىن سېنى ئېلىپ رەڭگاررەڭ نۇر چېچىلىپ تۇرغان ئۇپۇق ئىچىگە كىرىپ كېتىۋاتقۇدەكمەن.
1 p9 H0 [2 H# y1 G−− بۇ چۆچەكمۇ، كامال؟
2 T) G4 d; L" P I- y; P) x/ m−− ياق لالە، بۇ ئىككىمىزنىڭ چۆچەك رەڭلىك كەلگۈسى.6 o1 ?2 ^* L/ d; ? @
−− ۋاي ساراڭ...' C9 `$ ~$ ]: K: s+ g
سەن شۇنداق دەپلا ئاق ۋە يۇمران بارماقلىرىڭدا سەدەپتەك ئاق چىشلار بىلەن تولغان ئاغزىڭنى بوش ئەتكىنىڭچە ۋىلىقلاپ كۈلۈپ كېتەتتىڭ.. F: H, i. Y3 S" g
شۇنداق لالە. ئۇ چاغدىكى مەن ھەقىقەتەنمۇ بىر سۆيۈملۈك ساراڭ ئىدىم. لېكىن ھازىرقى مەن بولسام بىر تۈپ گۈل شېخىغا يۆگىشىپ تۇرغان زەھەرلىك يىلاندەك تېشى پال - پال، ئىچى غال - غال قورقۇنچلۇق ئالۋاستى ئىدىم. سەن بولساڭ مېھرىڭ بىلەن مېنى خۇددى پەرىشتە سۈپىتىدە تەسەۋۋۇر قىلىپ باغرىڭغا باسىسەن. مەن بولسام قورقۇنچلۇق ئالۋاستى شەكلىدە باغرىڭغا كىرىمەن. مەن مۇشۇنداق ئىسسىق ۋە ھاياجانلىق تۇيغۇلاردا سەن ھەققىدىكى خىياللارغا غەرق بولىمەن. يادىمغا بولسا سەن بىلەن چۆچەكتىكى ئاشۇ قىز كېلىدۇ. تۇرۇپلا چۆچەكتىكى ئاشۇ قىزنى سېنىڭ زامان - ماكان ئېنىقلىقى ئۆچۈپ كەتكەن قەدىمىي زامان رېئاللىقىدىكى مەۋجۇتلۇقۇڭدەك، ياكى چۆچەكتىكى ئاشۇ قىزنى سېنىڭ نۇرغۇن يىللار كېيىنكى مەۋجۇتلۇقۇڭنىڭ بېشارىتىدەك ھېس قىلىپ قالىمەن. ئەمدى ئويلاپ باقسام، چۆچەكتىكى ئۇ يالماۋۇز قانداقتۇر بىر ۋەھشىي ھايۋان بولماستىن، بەلكى ۋەھشىي ھايۋاندىنمۇ ۋەھشىي بولغان ئىنساننىڭ ئوبرازلاشقان سىمۋولى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئېھتىمال ئۇ ۋەھشىي ھايۋان ئۇ قىز سۆيگەن ئەردۇر. ئۇ ئەر ئۇ قىزنىڭ ئۆزىگە بولغان مېھىر - ۋاپا، ساداقەت ئەجرىگە خورلۇق بىلەن جاۋاب قايتۇرغان بولۇشى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەر ئۇ قىزغا سالغان خورلۇق - كۈلپەتلىرى سەۋەبىدىن يالماۋۇزغا، خورلاش شەكىللىرىنىڭ كۆپلۈكىدىن ۋەھشىي يەتتە باشلىق يالماۋۇزغا تىمسال قىلىنىپ، بىزگە كەلگەندە ئىنسانىي خاراكتېرىنى تولۇق يوقىتىپ ھەقىقىي بىر ھايۋان سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىپ كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. بۇ دەل تارىختىن بۇيان بۇ چۆچەكنى سۆزلەپ كەلگۈچى ياكى خاتىرىلەپ كەلگۈچىلەرنىڭ يۈكسەك ئەقىل - پاراسىتىنىڭ، غەزەپ - نەپرىتىنىڭ، بەدىئىي دىتىنىڭ مەھسۇلى، خالاس. ناۋادا مېنىڭ سېنىڭ قەلبىڭدىكى ساختا شەكلىم پارچە - پارچە بولۇپ كېتىپ قورقۇنچلۇق ھازىرقى شەكلىم نامايان بولۇپ قالسا، مېنىڭمۇ سېنىڭ كۆرۈش سەزگۈڭدىكى ئادىمىيلىك سۈپىتىم خانۇۋەيران بولۇپ، ھايۋانىي سۈپىتىم ئورنىدىن دەست تۇرۇشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ھەر ۋاقىت سېنىڭ كۆرۈش سەزگۈڭ ئىچىدىكى ساختا سۈپەت ۋە ساختا شەكلىمنى بۇزماي ئۆز پېتى ساقلاپ قېلىشقا ئېھتىياجلىق. مەندىكى بۇ ئېھتىياجلىق خۇددى گۆش بىلەن سۆڭەكنىڭ، قان بىلەن تومۇرنىڭ، تەن بىلەن روھنىڭ بىرى يەنە بىرىنى زۆرۈر شەرت قىلغىنىدەك شەرتلىك مۇناسىۋەتكە بەكمۇ ئوخشايدۇ. مەن بۇ ساختا شەكىلنى يارىتىپ، سېنى ئۆزۈم ياراتقان بۇ ساختا شەكىل ئىچىگە سۆرەپ ئەكىرگەنكەنمەن، چوقۇم ئاداققىچە بۇ ساختا شەكىلگە سادىق بولۇشۇم كېرەك. ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن مەن بەرداشلىق بېرەلىگەن بۇ ساختا شەكىلنىڭ جان قاقشاتقۇچ زەربىسىگە سەن بەرداشلىق بېرەلمەيسەن. ئۇ ھالدا سەن ئاشۇ چۆچەكتىكى بىچارە قىزنىڭ بۈگۈنكى زامان رېئاللىقىدىكى ئۆزۈڭ، ھېلىقى قان شورىغۇچ يەتتە باشلىق يالماۋۇزنىڭ مەن ئىكەنلىكىمنى شەكسىز ھېس قىلىۋالالايسەن. بۇنىڭ بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى سېھرىي جادۇ تاماملىنىدۇ - دە، سەن تىرىك تۇرۇپ ئۆلۈپ دوزاخ ئازابىنى تارتىسەن. كۆز نۇرۇڭ بىر كېچىدىلا ئېقىپ تۈگەپ، قويۇق بوستان چاچلىرىڭ سەھەر كۆۋرۈكىدىن ئۆتمەي تۇرۇپلا كۈلدەك چارلىشىپ كېتىدۇ. ئارقىدىنلا سەن ئۆزۈڭنىڭ مەن بىلەن ئۇپۇقتىكى نۇر چېچىلىپ تۇرغان رەڭدار بوشلۇقىدا ئەمەس، بەلكى قات - قېتى ئوت تىلىدىن پۈتكەن، ئىچىدە شەلۋەرەپ تۇرغان قان - يىرىڭلىق جاراھەتتىن بۆلەك ھېچنېمە يوق كۈلپەت بوشلۇقىغا پەرۋاز قىلىپ كېتىۋاتقانلىقىڭنى ھېس قىلىسەن. قاپقارا قوي كۆزلىرىڭ بولسا »ئۆلۈم« دېگەن قاپقارا نۇردىن بۆلەك ھېچنېمىنى كۆرمەيدۇ. بۇ چاغدا سەن ئۆلۈم گۈللىرىنىڭ قورشاۋىغا چۈشۈپ بولغان بولىسەن. »ئۆلۈم« دېگەندىن ئىبارەت بۇ مەزمۇنىدىن تارتىپ شەكلىگىچە، ئاستىدىن - ئۈستىگىچە، تېشدىن - ئىچىگىچە قورقۇنچ تۇيغۇلىرى بىلەن زىننەتلەنگەن سۆزنى سېنىڭ ياپيېشىل ھايات ياپراقلىرىڭغا باشقا بىر ئادەم ئەمەس، دەل ئۆزۈڭ بارلىق مېھرىڭ بىلەن سۆيگەن بىر ئادەم چىرايلىق ھۆسنخەتچىلەپ يېزىپ قويغانىدى. بۇ خەتنىڭ شەكلى مەيلى قانچىلىك كۆركەم، رەڭدار بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇن شۇ قەدەر ۋەھىمىلىك ئىدى. لېكىن سېنىڭ بۇ خەتنى ئوقۇش جەريانىڭ ئۈمىد جەريانى ئىدى. سەن ئەزەلدىن شەكلى چىرايلىق بۇ خەتنىڭ مەزمۇنىدىن گۇمان قىلىپ باقمىغانىدىڭ. چۈنكى مەن سەن ئۈچۈن مۇكەممەل ئىشەنچ ئىدىم. مەن سەندىكى بۇ ئىشەنچ مۇنارىنى قانداق قىلىپ بۇ قەدەر مۇكەممەل بىنا قىلغانلىقىمدىنمۇ ھەيران قالاتتىم. لېكىن ھەر قېتىم چاقناپ تۇرغان قاپقارا قوي كۆزلىرىڭگە تىكىلگىنىمدە، روھ قۇشۇم تەن قەپىسىمدە يەر بىلەن يەكسان بولاتتى. پەيلىرى توزغاقتەك توزۇپ، كۆزلىرىدىن تارام - تارام قان دەرياسى لۆمۈلدەپ ئاقاتتى. مەن بولسام شەكىل ئۆزگەرتىپ ئۆزۈم قەدىرلەپ سۆيگەن بىر قىزنىڭ تومۇرىدىكى ئىسسىق، قىزىل قېنىنى شوراۋاتقان يەتتە باشلىق يالماۋۇزغا ئايلىنىپ، كىمدۇر بىرىنىڭ ئاتلىق كېلىپ مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىشىنى كۈتەتتىم. لېكىن مەندىن ئىبارەت بۇ يەتتە باشلىق يالماۋۇزنى قەتلى قىلغۇدەك ئۆزۈمدىن بۆلەك يەنە بىر تىرىك جان مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. چۈنكى مېنىڭ مەۋجۇت رېئاللىقتىكى ھاياتىم مىسالى بىر تور بولسا، مەن بۇ تورنى تولىمۇ ئەستايىدىل، تولىمۇ پۇختا رەۋىشتە توقۇپ چىققانىدىم −− بۇ تور ئىچىدە ياشاش مەن ئۈچۈن قانچىلىك ئازابلىق بولسا بۇ توردىن ئازاد بولۇش ئۇنىڭدىنمۇ قورقۇنچلۇق ئىدى. ناۋادا مەن بۇ تورنى بۇزۇپ تاشلىساملا بىر پۈتۈن جەمئىيەت تەرىپىدىن خۇددى بىر سېۋەت ئەخلەتتەك تاشلىنىپ كېتىشىم مۇقەررەر ئىدى. بۇنىڭ بىلەن سېنىڭ قەلب قەسرەڭدىكى يارقىن ئوبرازىم كاۋا پېلىكىدەك قۇرۇپ، گۆشى يوق قۇرۇق ئىسكىلىت جازىسىغا ئايلىنىپ قالاتتى. ئەمەلىيەتتە مېنىڭ بۇ قاباھەتلىك رېئاللىقنى كۆرگۈم يوق ئىدى. بۇ قاباھەتلىك رېئاللىقنى قوبۇل قىلىش مەن ئۈچۈن ئۆزۈمنىڭ ئەڭ پاجىئەلىك ھالاكىتىمنى قوبۇل قىلىشتىنمۇ مۈشكۈل ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۆز ئىرادەمدە ئاشۇ تور ئىچىدە داۋاملىق ياشاۋېرىشكە نىيەت قىلدىم. شۇنداق بولسىمۇ تەن چۆلۈمنىڭ يىراق باياۋانىدىكى روھىيەت بوشلۇقۇمدا كۈچلۈك بىر قارا بوران ۋەھىمىلىك ھۇۋلايتتى. مېنىڭ يەككە ئىگىلىكتىكى ئاڭ قاتلىمىمدا يەر شارىنىڭ تەنھالىقى، ئىنسانىيەتنىڭ غېرىبلىقى تېنىم بىلەن قوشۇلۇپ روھىيەت بوشلۇقۇمدىكى ئاشۇ قارا بورانغا يەم بولاتتى. پەقەت سېنىڭ بىر جۈپ قاپقارا قوي كۆزۈڭلا زۇلمەتنىڭ يىراق بىر بۇرجىكىدىكى سۈزۈك ۋە يېشىل بىر بوشلۇقتا ماڭا قاراپ نۇرلۇق يۇلتۇزدەك چاقناپ تۇراتتى. ماڭا مەنسۇپ بولغان بۇ تەن ۋە روھىمدىكى بەرباتلىق خۇددى بىر بۆلەك ئېقىن سۈيى بولۇپ، زۇلمەت قاراڭغۇلۇق ئىچىدىكى قورقۇنچلۇق بوشلۇقتىن نۇر مەرۋايىتلىرى خرۇستالدەك يالتىراپ تۇرغان سۈزۈك ۋە يېشىل بوشلۇقۇڭغا قاراپ يېقىملىق شىلدىرلاپ ئاقاتتى. ئەمەلىيەتتە سېنىڭ ئۇ سۈزۈك ۋە يېشىل بوشلۇقۇڭغا قاراپ يېقىملىق شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان بۇ نەرسە سېنى ئاستا - ئاستا نابۇت قىلىۋاتقان ھالاكەت ئىدى، لالە. مەن ئۆز رېئاللىقىمدا لالە ئىسىملىك بىر پەرىزاتنى سۆيگىنىم بىلەن، سەن ئۆز رېئاللىقىڭدا كامال ئىسىملىك بىر ئالۋاستىنى سۆيگەن ئىدىڭ. ھەتتا سەن بۇ ئالۋاستىنى ئۆز تەسەۋۋۇرۇڭدا پەرىشتە سۈپىتىدە ھېس قىلىسەنۇ، لېكىن بۇ پەرىشتىنىڭ ئاغزى - بۇرنىنىڭ سېنىڭ ئىسسىق، قىزىل قان شەربەتلىرىڭ بىلەن بويالغان قارا پەرىشتە ئىكەنلىكىنى خىيال ۋاداڭدا ياكى پەرەز ئېكىنزارلىقىڭدا ئەسلا كۆكلەتمەيسەن. ئەمما مەن ھامان قارا قانىتىم بىلەن سېنىڭ ھايات شاخلىرىڭدىن ئۈمىد مېۋىلىرىڭنى قاقىمەن. قارا رەڭلىك يېقىملىق ئاۋازىمدا سېنىڭ ۋاقىت ئۆلچىمىدىن بۇرۇن گۇگۇمدەك لەيلەپ يېتىپ كېلىۋاتقان ھالاكىتىڭنى كۈيلەپ سايرايمەن. قارا قەلبىم بىلەن سېنىڭ روھ تېمىڭغا بىر سىقىم لايدەك چاپلىشىمەن. »ئۆلۈم« دېگەن خەت يېزىلغان بارماقلىرىم بىلەن بوستان چاچلىرىڭنى تاراپ، يۈزلىرىڭنى سىلايمەن. ئىسسىق نەپەسلىرىم بىلەن سېنىڭ روھىي قۇۋۋىتىڭنى ھۇزۇر بىلەن شورايمەن. ھايات توغرىقىڭنىڭ ئۆمۈر يىلتىزىنى قۇرتتەك ئاۋايلاپ يەيمەن. مېنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرىم تاكى سېنىڭ روھ قۇشۇڭ تەن قەسرىڭدىن پەرۋاز قىلىپ چىقىپ كەتكىچە داۋاملىشىشى مۇمكىن.3 z* {* w" V$ K! x3 W9 w
قەدىرلىك لالە، مەن مۇشۇنداق قارا قىسمەت ئىچىدە تۇرۇپ ئۆزۈمنىڭ قارا پەرىشتىگە، ئالۋاستىغا، يالماۋۇزغا ئايلىنىپ كېتىشتىن بۇرۇنقى بۇلاق سۈيىدەك پاك ۋە سۈزۈك دەۋرىمنى ئەسلەيمەن. ئۇ چاغلاردا ھەر ئىككىمىز قەلبى گۈزەل ئارزۇ - ئارمانلار، شېرىن ئەسلىمە گۈللىرى بىلەن كۆركەم بېزەلگەن 81 ياشلاردىكى بالىلار ئىدۇق. بۇرۇتلارنىڭ خەت تارتىپ قېلىشى، قىزلىق زىنىخلارنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشى بىزنىڭ بىر ھالەتتىن يەنە بىر ھالەتكە ئۆتۈۋاتقانلىقىمىزدىن ئۈنسىز بېشارەت بېرەتتى. ھەر ئىككىلىمىزنىڭ ئۆيى شەھەردىن يىراقتىكى ناھىيىدە بولۇپ، ھەر ئىككىمىز ناھىيە مەركىزىدىكى توپا تاملىق كونا مەكتەپنىڭ يۈزلىرى يېرىق، ئادەم ئولتۇرۇپ بولغىچە مىدىرلاپ يېقىمسىز ئاۋازدا غىچىرلاپ كېتىدىغان، جىگەررەڭ سىرلىرى ئۆڭۈپ كەتكەن ياغاچ پارتا - ئورۇندۇقلۇق سىنىپىدىكى ساۋاقداشلاردىن ئىدۇق. ئۆيىمىز بولسا ئارا تام قوشنا ئىدى. مەن ئېسىمنى بىلسەم سەن بىلەن بىللە ئويناپ چوڭ بولۇۋاتقانىكەنمەن. سەن شۇنداق ياۋاش قىز ئىدىڭ. ئۆيۈڭنىڭ بارلىق ئىشلىرىنى ھاردىم - تالدىم دېمەي قىلاتتىڭ، سەھەرلەردە مەن بىلەن بىللە ماللارغا ئوت ئەكېلەتتىڭ. شۇنداقتىمۇ قاپىقىدىن مۇز يېغىپ تۇرىدىغان سۆرۈن تەلەت داداڭنىڭ ساڭا بۇزۇق كانايدەك كاركىراپ ۋارقىراشلىرى، سېنى شۇمدىن شۇمغا سېلىپ تىللاپ ئۇرۇشلىرىنى پات - پات ئاڭلاپ، كۆرۈپ قالاتتىم. ئاپام: »قىز بالا دېگەنگە ئانا تەربىيە قىلىدۇ. دادا بولغۇچى قىز بالىنى تىللاپ - ئۇرۇپ يۈرسە قىز بالا بەختسىز بولۇپ قالىدۇ« دەيتتى. شۇڭا ھەر قېتىم سەن داداڭدىن ئازار يېگەن ۋاقتىڭدا ئاپامنىڭ شۇ گەپلىرى قۇلاق تۈۋۈمدە جاراڭلاپ كېتەتتى ۋە سېنىمۇ كەلگۈسىدە بەختسىز بولۇپ قالارمۇ؟ دەپ ئويلاپ كېتەتتىم. بۇنداق چاغلاردا سەن مەھەللە كوچىسىنىڭ ئارقىسىدىكى ئەمدىلەتىن بالا بويى بولۇپ ئۆسكەن قويۇق، دىمىق قوناقلىق بويىدا ئۇزاقتىن - ئۇزاق مۇڭلىنىپ ئولتۇرۇپ كېتەتتىڭ. گاھىدا يۈز قىسمىڭدا، گاھىدا بويۇن ياكى بىلەكلىرىڭدە پەيدا بولۇپ قالىدىغان توق قىزىل رەڭلىك تاياق ئىزلىرى ماڭا خۇددى سېنى چېقىۋاتقان زەھەرلىك يىلاندەك، ياكى قان ئىچىدە سوزۇلۇپ ياتقان سۆرۈن تەلەت داداڭنىڭ غەزەپتىن قىزىرىپ كەتكەن ئىككى كۆزىدەك كۆرۈنۈپ كېتەتتى. بالىلىق خىياللىرىمدا بولسا ئۇ زەھەرلىك يىلاننى كۆك چىۋىق بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكۈم، داداڭنى قانداقتۇر بىر سېھىر - ئەپسۇن بىلەن ساڭا زۇلۇم سالالماس قىلىپ قويغۇم كېلىپ كېتەتتى. راستىنى دېسەم، ساڭا بەكمۇ ئىچىم ئاغرىيتتى. تاياق ئىزى قېتىپ قالغان يۈز - بەدەن، بويۇن - بىلەكلىرىڭدىكى توق قىزىل رەڭلىك جاراھەتلەرگە قاراپ كىچىككىنە تېنىڭدىكى بىر ئوتلام تاتلىق جېنىڭنىڭ قانچىلىك بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى غۇۋا تەسەۋۋۇر قىلاتتىم. سەن بولساڭ خۇددى روھىڭ تېنىڭدىن ئۇچۇپ چىقىپ كەتكەندەك ئۈنسىز ئولتۇراتتىڭ., @, R" @' }$ q6 h& ]2 W v y7 }! {7 g
−− سېنى يەنە ئۇردىمۇ، لالە؟
3 E: x, T7 }, q4 V; Gيېنىڭغا كېلىپ بوش، ئەمما سەمىمىي ئاۋازدا سەندىن سورايتتىم. ئۇ چاغلاردا جاراڭلاپ چىقىدىغان ئاۋازىمنىڭ نېمىشقا بوش چېقىپ قالىدىغانلىقىنى ئەسلا بىلمەيتتىم. سەن ئىككى تىزىڭنى قۇچاقلاپ تۇرغان بىلەكلىرىڭدە ماغدۇرسىز ياتقان بېشىڭنى ئاستا كۆتۈرۈپ، سوئالىمغا جاۋاب بەرمەستىن سۇسلا كۈلۈمسىرەپ قوياتتىڭ. كۆزۈم لېۋىڭدىكى ئاشۇ سۇس كۈلكە بىلەن قوشۇپ ئىككى كۆزۈڭنىڭ سۈزۈك كۆكسىدە لىغىلداپ تۇرغان ياش تۇمانلىرىنى بىرگە كۆرۈپ ئۈلگۈرەتتى. سەن مېنىڭ سورىغان سوئالىمغا ئاشۇنداق سۇس كۈلكە بىلەن جاۋاب بېرىپ بولغاندىن كېيىن بېشىڭنى يەنە قايتا ئىككى تىزىڭنى قۇچاقلاپ تۇرغان بىلىكىڭگە ئاستا قويۇپ، ئۇزاقتىن - ئۇزاق سۈكۈتكە چۆمۈپ نېمىلەرنىدۇر خىيال قىلىپ كېتەتتىڭ. بۇ چاغدىكى سەن خۇددى بىر پارچە چىرايلىق تاشقا ئايلىنىسەنكى، بالا بويى ئۆسكەن قوناق شاخلىرىنىڭ شىلدىرلىغان ئاۋازىمۇ، تومۇزغا - چېكەتكىلەرنىڭ بىر - بىرىگە ئۇلاپ يېقىمسىز سايراشلىرىمۇ سېنىڭ ئۇزاقتىن - ئۇزاققا سوزۇلىدىغان سۈكۈتۈڭگە دەخلى قىلالمايتتى. مەن بولسام ئالدىمدىكى سەندىن ئىبارەت بۇ كىچىككىنە چىرايلىق تاشقا قاراپ ئىچ ئاغرىقى تارتقان ھالدا كۆزلىرىمنى چىمىلداتقىنىمچە تۇرۇپ قالاتتىم. سەن بولساڭ يېتىم قوزىدەك بويۇن قىسىپ ئولتۇراتتىڭ. خۇددى بىز ئوقۇغان چۆچەكلەر ئىچىدىكى يەنە بىر چۆچەكتە يىرتقۇچ بۆرە ئوماق، گۇناھسىز قوزىچاقنى يېيىش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن تۇتامى يوق سەۋەبلەرنى ئاق يەردىنلا تاپقاندەك، سۆرۈن تەلەت داداڭمۇ ساڭا زۇلۇم قىلىش ئۈچۈن تۈكى يوق سەۋەبلەرنى تېپىشقا ھەر ۋاقىت تەييار ئىدى. مەن بالىلىق خىياللىرىمدا ئۇ سۆرۈن تەلەت داداڭنى ساڭا زۇلۇم قىلمىسا خاتىرجەم يۈرەلمەمدىغاندۇر، دەپمۇ ئويلاپ قالاتتىم. لېكىن سەن كۆزلىرىڭنىڭ سۈزۈك كۆكسىدە لىغىلداپ تۇرغان ياشلارنى زادىلا كۆز قارىچۇقۇڭنىڭ سىرتىغا چىقارمايتتىڭ. ئەكسىچە ئۇ مەرۋايىتتەك سۈزۈك ياش تامچىلىرىنى كۆز زېمىنىڭدىكى مۇنبەت تۇپراق باغرىغا سىڭدۈرۈپ تاشلايتتىڭ. دەۋرەپ تۇرغان كۆز ياشلىرىڭغا تۇغان سېلىش سېنىڭ ئىلكىڭدىكى ئەڭ گۈزەل سەنئەت ئىدى. مەن كۆپ ھاللاردا چوڭلار بالىلارنى نېمىشقا ئۇرىدىغاندۇر دەپ ئويلايتتىم. لېكىن بالىلىقتىكى گۆدەك، ساددا تەپەككۇرۇم بىلەن ئۆزۈمنىڭ سوئالىغا ئۆزۈم جاۋاب تاپالمايتتىم. كىچىككىنە مېڭەم بولسا مانا مۇشۇنداق جاۋابى يوق سوئاللار بىلەن ئاشلىق بېسىلغان ئامباردەك توشۇپ كېتەتتى.
8 F9 Y: Y* B5 B- N−− كامال، سەن تاياق يەپ باققانمۇ؟, f; U" k( ?3 Q B4 Q) q
سەن تىزىڭنى مەھكەم قۇچاقلاپ تۇرغان يۇمشاق ۋە ئاق بىلەكلىرىڭ ئۈستىدە ماغدۇرسىز ھالەتتە ياتقان بېشىڭنى كۆتۈرمەيلا سوراپ قالدىڭ. ئاۋازىڭ ئۇزاق يىل ئېغىر كېسەل تارتىپ ماغدۇرى قالمىغان ئادەمنىڭ ئاۋازىدەك تىترەڭگۈ ۋە جانسىز بولۇپ، ھەسرەت تۇمانلىرى لەيلەپ تۇرغان بىر جۈپ قاپقارا قوي كۆزلىرىڭ نامەلۇم بىر خىيال شولىلىرى ئىچىدە نەگىدۇر بىر يەرگە ئىپادىسىزلا تىكىلىپ قالغانىدى.
1 \2 ~% w9 d* O7 ~# H* u* c, `9 Hسېنىڭ تولىمۇ ئاددىي، بىراق بالىلىق جاراھەت ئىزلىرى بىلەن كۆل سۈيىدەك داۋالغۇپ تۇرغان قەلب قەسرەڭدىن كۈزدىكى دەرەخ شېخىدىن ئۈزۈپ چۈشۈۋاتقان سارغۇچ ياپراقتەك لەيلەپ چىققان سوئالىڭ گوياكى يېلىنجاپ كۆيۈۋاتقان بىر پارچە قىزىل چوغدەك يۈرەك - باغرىمنى ۋاژىلدىتىپ كۆيدۈرۈپ، ئاۋازىڭ قۇلاق تۈۋۈمدە دەھشەتلىك گۈلدۈرمامىدەك گۈلدۈرلەپ ئۆتتى. كاللام بولسا ھاياتلىق كۆرۈنۈشى مەۋجۇت بولمىغان ئۆلۈك چۆللۈكتەك قۇپقۇرۇق ھەم جىمجىت ئىدى. بۇ قۇپقۇرۇق ئۆلۈك چۆللۈكتە ھەتتا بىر تىنىق ھاۋامۇ مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. لېكىن بۇ ھاياتلىق كۆرۈنۈشى مەۋجۇت بولمىغان چۆللۈكنىڭ چەكسىز كەتكەن تۆت بۇلۇڭىدىن سېنىڭ ئاۋازىڭ خۇددى غايىبتىن كېلىۋاتقاندەك ئۈزۈلمەي ياڭراپ تۇراتتى. مەن بولسام بۇ ھەسرەتلىك ئاۋازنىڭ تاۋۇش مەركىزىدە كۆز يەتكۈسىز يىراق كۆككە قاراپ خۇددى شامال چاقپەلىكىدەك توختاۋسىز پىرقىرايتتىم. پۈتۈن چۆل، پۈتۈن ئاسمان باش ئۈستۈمدە نۇر چېچىپ يېلىنجاپ تۇرغان قۇياش بىلەن قوشۇلۇپ چۆرگىلەيتتى. مەن ئىچىمنىڭ قىزىپ، كالپۇكلىرىمنىڭ قۇرۇپ گەز باغلاۋاتقانلىقىنى، ئۇچۇق چىققاندەك تىكەنلىشىپ كەتكەن تىلىمدىن ئىبارەت بىر پارچە يۇمشاق، ئىسسىق، نەم گۆش پارچىسىنىڭ تاڭلىيىمغا چاپلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلاتتىم. بوغۇزۇمدا يارىلانغان ئاھۇنىڭ نىداسىدەك ئاچچىق بىر يىغا ئېسەدەيتتى. بۇغدىيىكىم توختىماي لىكىلداپ، كېكىردىكىمدىكى غۇرتۇلدىغان ئاۋاز ئۆزۈمگە ئېنىقلا ئاڭلىنىپ تۇراتتى.7 t/ r$ G6 m) u# |9 w) u, j( w( p
قوناقلىقتىن قوناق ياپراقلىرىنىڭ شىلدىرلىغان ئاۋازى ئۈزۈلمەي كېلىپ تۇراتتى. ياز ئېيىنىڭ دىمىق ھاۋاسى كۆڭۈلنى بىئارام قىلاتتى. چېكەتكىلەرنىڭ يېقىمسىز ئاۋازدا چىرىلداشلىرى يەنىلا ئىلگىرىكىدەك مېڭىنىڭ نەق ئوتتۇرىسىغا يوتقان يىڭنىسىنىڭ ئۇچىدەك گىرتىلداپ سانجىلاتتى. كۆز ئالدىمدا بولسا نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى ئىپادىسىز كۆزىدىن بىلگىلى بولمايدىغان لالە ئىسىملىك سەندىن ئىبارەت چىرايلىق بىر تاش جىمجىت ئولتۇراتتى. لېكىن كۆز ئالدىمدا جىمجىت ئولتۇرغان بۇ چىرايلىق تاشنىڭ قەلب چوڭقۇرلۇقىدا، يۈرەك باياۋانىدا، روھىيەت بوشلۇقلىرىدا مىسكىنلىكنىڭ گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلىپ كەتكەنىدى. بوغۇزۇمغا لىققىدە قاپلىشىپ قالغان قىرتاق بىر چاپلىشاڭغۇ سۇيۇقلۇقنىڭ تەسىرىدىن دىماغلىرىم ئېچىشاتتى.
4 A) ?- g" ]/ T" i, h4 `8 n−− لالە...
, N+ B3 `. h( hئاۋازىم پەيلىرى توزۇغان قۇشتەك ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى دىمىق بوشلۇقتا لەيلەپ قالدى. سەن گەۋدەڭدە جاندىن ئەسەرمۇ قالمىغاندەك بېشىڭنى كۆتۈرمەيلا كۆز قۇيرۇقۇڭدا ماڭا ئىپادىسىز قارىدىڭ. كۆز ئەكسىڭدە تۇمان چاڭلىرىدەك لەيلەپ تۇرغان بىر قەۋەت ھەسرەت شولىلىرى سېنى تولىمۇ بىر بىچارە ھالەتتە نامايان قىلىپ تۇراتتى. سېنىڭ بۇ بىچارە ھالىتىڭ يىرتقۇچ بۆرە ئالدىدا بويۇن قىسىپ تۇرغان قوزىچاقنىڭ ھالىتىگە بەكمۇ ئوخشايتتى. ئوماق قوزىچاق ئۈچۈن سۇ شىلدىرلاپ كۆز يېشى قىلغان بولسا، سەن ئۈچۈن قېلىن ۋە دىمىق قوناقلىق شالدىرلاپ تۇرۇپ كۆز يېشى قىلىۋاتاتتى.! ?$ v/ w% t8 u- S
−− گەپ قىلغىن كامال.
6 p3 g# @& q, I4 }1 Y5 p7 hھەسرەتلىك ئاۋازىڭ ماڭا بەكمۇ يىراقتىن −− يەرنىڭ ئەڭ قاراڭغۇ تېگىدىن ياكى ئاسماننىڭ ئەڭ ئۈستۈنكى قاتلىمىدىن كېلىۋاتقاندەك تۇيۇلدى.& x6 b$ ]3 D! D- S# p3 v
−− نېمە دەيمەن؟3 b, K! l% h; d6 Q7 o) y1 X
−− بىلمەيمەن كامال، سوئالىمغا جاۋاب بەرمىسەڭمۇ بولىدۇ.
6 n7 t, \; \+ Y9 H4 T& p# s1 d−− سەندىن بىر گەپنى سورىسام بولامدۇ، لالە؟
7 h% E& I3 V* L# `+ a6 C7 k−− قېنى سورىدىن.
; ^ X8 J7 i( c; i6 `0 M& Y) ]−− ساڭا داداڭ نېمىشقا بۇنداق ئۆچ، لالە؟+ q3 V1 S4 c0 Q
ئۇزاقتىن بۇيان سەندىن سورىيالماي يۇمشاق تىللىرى بىلەن ئىچىمنى تىنىمسىز يەۋاتقان بۇ سوئالنى بۈگۈن ئاخىر سورىدىم. سوراپ بولۇپلا سەندىن سوراشقا تېگىشلىك بولمىغان بىر سوئالنى سوراپ سالغاندىمەنمۇ، دېگەن خىيال مېڭەمدە چىڭقىچۈشتىكى ئالۋۇندەك پەيدا بولۇۋىدى، ئۆزۈمنى قۇيۇن ئىچىدە قالغاندەك ھېس قىلىپ تىترەپ كەتتىم. چۈنكى مېنىڭ بۇ سوئالىم سوراشقا تېگىشلىك بولمىغان سوئال بولۇپ، سېنىڭ ھەسرەت ئىچىدە نالە قىلىپ ئىڭراۋاتقان جاراھەتلىك قەلبىڭگە تۇز سۈيى بولۇپ قۇيۇلسا، مەن خۇددى ئوت ئۈستىگە ياغ چاچقاندەكلا بولۇپ قالاتتىم.7 B1 t. y# Z8 `) }+ Y( p
كۆزۈم سەندە ئىدى. سەن گوياكى مېنىڭ ئاۋزىمنى ئاڭلىمىغاندەك ئىپادىسىزلا ئولتۇراتتىڭ. ئېھتىمال مەنمۇ باياتىن سېنىڭ سوئالىڭغا جاۋاب بېرىشكە ئامالسىز قالغاندەك سەنمۇ مېنىڭ سوئالىمغا جاۋاب بېرىشكە ئامالسىز قالغانسەن، ياكى جاۋاب بېرىشنى بىر قېتىملىق ئەھمىيەتسىز ئاۋاز چىقىرىش جەريانى دەپ قارىغانسەن. چۈنكى كۆپ ھاللاردا بىر ئادەمگە مۇھىم بولغان مەلۇم بىر ئىش - ھەرىكەت ياكى ئوي - پىكىر يەنە بىر ئادەم ئۈچۈن قىممەتسىز بولۇپ قالاتتى.
! o% i' Q8 f P9 x l* O3 Eئارىدىن بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن سېنىڭ ماڭا تونۇش ئاۋازىڭ ئاقىرىپ، قۇرۇپ كەتكەن لەۋلىرىڭ ئارىسىدىن تومۇز ئايلىرىنىڭ كۈچسىز شامىلىدەك لەيلەپ چىقىپ، قۇلاق پەردەمگە نېپىز بىر قەۋەت شايىدەك يۇمشاققىنە ئۇرۇلدى.
. `7 x/ X& I9 F* @' D3 Z" D& E−− ساڭا چوقۇم دەپ بېرىمەنمۇ كامال؟
1 E$ @) j# f/ v) J3 p- @−− ناۋادا قۇلايسىزلىق ھېس قىلمىساڭ.
+ m, @1 E, e8 B5 B−− ئەمەلىيەتتە...& F! n" k0 }8 o O" K. E
شۇنداق دەپلا سۆزدىن توختاپ قالدىڭ. مەن قوشۇپ قويدۇم:
1 D0 E1 n; f1 n4 e8 m. m" C, O−− ئەمەلىيەتتە سېنىڭ بۇ ھەقتە ماڭا بىر نېمە دېگۈڭ يوق ئىدى، شۇنداقمۇ؟4 Q2 ~! {+ q+ h+ j8 U. _ J- ~
−− ياق، مەن ئۇنداق دېمەكچى ئەمەس.- I" y1 z& R' s/ a9 \* I' r
−− ئەمىسە مەن خاتا ھېس قىلىپ قاپتىمەن.1 f& Z. E! F6 B# |9 H } w8 A% m7 n- b1 A
−− ئەمەلىيەتتە سەن بىلمەيسەن كامال، بۇ ئادەم مېنىڭ دادام ئەمەس !
e2 E" d+ v6 V9 W% @4 pماڭا بەرگەن جاۋابىڭدىن ھەيرانلا قالدىم. بۇ ئاۋاز ماڭا سەندىن ئەمەس، بەلكى سەن بىلەن مۇناسىۋىتى يوق باشقا بوشلۇقتىن كەلگەندەك تۇيۇلۇپ كەتتى. ئارقىدىنلا ئۆزۈمنىڭ ئاڭلاش سەزگۈسىگە بولغان گۇمانىم پەيدا بولدى. بۇ چاغدا سېنىڭ يۇمشاق ئاۋازىڭ ئاڭلاش سەزگۈم دائىرىسىدە يەنە پەيدا بولدى.
1 z W" @& L7 X" P−− بۇ راست، كامال. بۇ ئادەم بىلەن مېنىڭ ھېچقانداق قانداشلىق مۇناسىۋىتىم يوق. شۇڭا ئۇ ئادەمنىڭ قەلبىدە ماڭا قىلچىمۇ ئاتىلىق مېھرى يوق. مەن بولسام بۇ ئادەمگە ئارتىلىپ قالغان بىر تاغار كېرەكسىز يۈكمەن، خالاس.4 l! ]! H: M: l; p" y- L
−− نېمىلەرنى دەۋاتىسەن لالە، بەك چارچاپ كەتتىڭمۇ نېمە؟
8 c9 i( R! B, R7 D& jكۆز ئالدىمدىكى سەندىن ئىبارەت چىرايلىق تاشتىن چىققان بۇ غەلىتە ئاۋازلار مېنى ھەيرانلىق دەشتىدە سەرسان قىلماقتا ئىدى. مەن سېنى خۇددى ماڭا يالغان گەپ قىلىۋاتقاندەك، ياكى ئۆزۈڭمۇ بىلمەي بىرنېمىلەرنى دەپ كېتىۋاتقاندەك ئويلاپ قالماقتا ئىدىم.% T9 @ v& A$ P" R3 p' X" `/ I
−− ياق، كامال، −− سەن يۇمشاق ئاۋازدا سۆزۈڭنى داۋاملاشتۇردۇڭ، −− مەن چارچاپ ھارغان، شۇڭا ئەمدى چارچىمايمەن. لېكىن مېنىڭ سۆزۈم ساڭا بىنورمال تۇيۇلغان بولۇشى مۇمكىن.
. j( h7 ]3 G. I; n# C: y: c−− مەن بۇلارنى پەقەت ئويلاپ باقماپتىكەنمەن، ئەمىسە...4 j' U ?' M n2 B; D
−− ئەمىسە سېنىڭ بۇ ئادەم بىلەن نېمە مۇناسىۋىتىڭ بار، ئۆزۈڭنىڭ دادىسى كىم بولىدۇ، دەپ سورىماقچىمۇ كامال؟
$ T/ D& [/ U7 G' _−− ھەئە.
! Z; ?$ D0 j% |5 n( v" Dئاۋازىم بەكلا بوش چىقتى. چۈنكى سەن مەن سەندىن سوراشقا پېتىنالمىغان يەنە بىر سوئالنى ئۆزۈڭ سورىغان ئىدىڭ.* C% t/ q- o+ Z* p; V% Y% v4 K- [
−− ئۇ ئۆلۈپ كەتكەن.2 @9 [; N6 R+ {. W0 @& g7 }2 @! N
نەپەس ئېلىشلىرىڭنىڭ ئىتتىكلەپ كەتكەنلىكىنى روشەن ھېس قىلدىم. ئېھتىمال شۇ تاپتا ئاچچىق بىر يىغا يۈرىكىڭنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا يامغۇردەك تۆكۈلۈپ كەتكەندۇر. گەرچە سەن ئۇنى ھېچكىمگە كۆرسەتمىسەڭمۇ شۇ تاپتا مەن ئۇنى ئېنىق ھېس قىلىۋاتاتتىم.
5 s; d4 { W, R i; z& `- ^& h( q−− كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما، لالە.
, A& w1 D1 P' s) E−− ماڭا ئىچىڭ ئاغرىۋاتامدۇ؟
$ z9 p; {3 c9 F+ aنېمىدەپ جاۋاب بېرىشنى بىلمەي تۇرۇپ قالدىم. زۇۋانىم بۇ ئارىلىقتا ئېغىز بوشلۇقۇمدىن چىقىدىغاندەكمۇ قىلمايتتى. ئارىدىكى زىمىستان قىشتەك ئېغىر سۈكۈتنى يەنە ئۆزۈڭ بۇزدۇڭ:: E5 f4 `3 R3 i) a1 H9 P
−− دادام مەن بەش ياش ۋاقتىمدا قاتناش ھادىسىسىدە ئۆلۈپ كەتكەن.3 B% L0 e- K7 J; n2 z; i, k
−− دېمەك داداڭ شوپۇركەندە؟
( J: Q; o6 [0 G" ^; ? Y8 U% m2 [−− ياق، ئوقۇتقۇچى ئىدى. بىز دادام قاتناش ھادىسىسىدە ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن بۇ يۇرتقا كۆچۈپ كەلگەنكەنمىز. شوپۇرنىڭ كىملىكىنى بىلەمسەن كامال؟
; v# ~+ f' V% x7 W& C; O−− ياق.
2 p$ i8 G, F+ U% x−− ئۇ شوپۇر... دەل مۇشۇ ئادەم!
" s. u) L, ]+ ? J! N C−− بۇ قانداق گەپ بولۇپ كەتتى ئەمدى، مەن سېنىڭ زادى نېمىلەرنى دەۋاتقانلىقىڭنى راستلا ئاڭقىرالماي قالدىم، لالە.5 U8 ^) s' K* c4 Y6 Y$ Q0 E& G
−− ئۇ چاغلاردا دادام يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلاتتى. ھازىرقى ئۆگەي دادام بولسا تەمىنات - سودا كوپىراتىپىنىڭ شوپۇرى ئىكەن. ئېسىمدە غۇۋا قېلىشىچە، ئۇزاق يىللار ئىلگىرىكى قىشنىڭ بىر كۈنىسى لىققىدە كۆمۈر بېسىلغان بىر ماشىنا يولدىن چىقىپ كېتىپ دادامنى سوقۇۋەتكەن. مەن ھازىر پەقەت مونەك - مونەك قان ئۇيۇتمىلىرى بىلەن دادامنىڭ قانغا بويالغان قار ئۈستىدە جىمجىت ياتقان ھالىتىنىلا غۇۋا ئەسلىيەلەيمەن. دادامنى سوقۇۋەتكەن ماشىنىنىڭ شوپۇرى خۇدادىن قورققانمۇ، ياكى ھۆكۈمەتتىن قورققانمۇ پۈتۈن مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. ئۇ ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ بۇ قاتناش ۋەقەسى ھەققىدىكى بارلىق شەرتلىرىنى شەرتسىز ئورۇنلاشقا ماقۇل بولدى. ئاپامدىن ئۆزىنى ئەپۇ قىلىشىنى، بۇنىڭ بىر قېتىملىق تاسادىپىي ھادىسە ئىكەنلىكىنى، بىزگە ئۆزىنىڭ چوقۇم ئىگە بولىدىغانلىقىنى قايتا - قايتا دەپ، ئاپامنىڭ كۆزىدىكى غەزەپ نۇرلىرىنى يۇلتۇزلارنىڭ سەھەردىكى نۇرىدەك ئاۋۋال سۇسلاشتۇرۇپ ئارقىدىن ئۆچۈرۈپ تاشلىدى. دادامنىڭ قىرىق نەزىرىسى بېرىلىپ بولغاندىن كېيىن ماشىنىنىڭ شوپۇرى ئاپام بىلەن مېنىڭ ھالىمدىن بىر ئۆمۈر خەۋەر ئېلىپ دادامنىڭ روھىنى ئەمىن تاپقۇزۇش مەقسىتىدە ئاپامغا چوڭلاردىن بىر قانچىنى ئەلچىلىككە قويۇپتۇ. چوڭلارنىڭ نەسىھەت بىلەن ئارىغا چۈشۈشى، شوپۇرنىڭ سەمىمىي ۋە گۇناھكارلارچە ئۆتۈنۈشى نەتىجىسىدە ئاپام ئاخىر تەقدىرىگە تەن بېرىپ شوپۇرنىڭ تەلىپىگە ماقۇللۇق بىلدۈرۈپتۇ. چۈنكى دادامدىن ئايرىلىپ قالغان بىز ئىككى جاننىڭ باشقا چىقىش يولى بولمىغاچقا، ئاپام تولىمۇ ئامالسىز قالغانىدى. ئاپام زىلۋا بويلۇق، تېرىسى قاردەك ئاق، چىرايىدىن تەبەسسۇم كەتمەيدىغان چىرايلىق ئايال ئىدى. ئاپام دەسلەپ دادامنىڭ ھەسرىتى، شوپۇرنىڭ دادامنىڭ ئۆلۈمىدىكى سەۋەنلىكى ۋە ئۇنىڭ تېخىچە تۇرمۇشلۇق بولمىغان قېرى بويتاق ئادەملىكىدىن ئۇنى قەتئىي رەت قىلسىمۇ، لېكىن تەقدىرنىڭ قولى ئاپامنىڭ قىسمەت شېخىنى شوپۇرنىڭ تۇرمۇش بېغىغا قايرىپ تاشلاپتۇ. لېكىن ئارىدىن نەچچە يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن دادامنىڭ ئۆلۈمىنى خۇدا بىلەن ھۆكۈمەت ئۇنتۇپ كەتتى دەپ ئويلاپ قالدىمۇ، ئۆگەي دادام پات - پات ئاپامنى تىللايدىغان، ھەتتا گاھىدا ئۇرىدىغانمۇ بولۇپ قالدى. بارا - بارا بۇنداق خاپىچىلىق بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ قالدى. شۇ نەچچە يىلدىلا ئاپام ھالىدىن كەتتى. ھېلىقى تەمىنات - سودا كوپىراتىپى تارقىتىۋېتىلىپ، ئۆگەي دادام ماشىنىدىن ئىبارەت قويۇق سۈتلۈك سېغىن كالىسىدىن ئايرىلىپ قالغان يىلىدىن باشلاپ بىزگە بولغان زۇلمىنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى. ئاپام بىچارە كېچىلىرى مېنى باغرىغا بېسىپ يۇم - يۇم يىغلايتتى. ئۆگەي دادام زادىلا ھاراق ئىچمەيتتى. ھاراق ئىچىشنىڭ گۇناھ ئىكەنلىكىگە شەكسىز ئىشىنەتتى. لېكىن ئاپامنى ئۇرۇپ دۇمبالىغاندا خۇددى ئېسى يوقالغان مەست ئادەمدەكلا بولۇپ قالاتتى. بۇنداق چاغدا ئۇنىڭ بويۇن تومۇرلىرى كەتمەن سېپىدەك كۆپۈپ، كۆزلىرى لىق قان توشقۇزۇپ قويۇلغان پىيالىگىلا ئوخشاپ قالاتتى.
; \6 Q0 B0 w4 `−− سەن قېرى خوتۇن مېنى ۋەيرانلىق كوچىسىغا سۆرەپ كىرگەن. قاچان ساڭا ئالدىمنى قىلدىم، شۇ كۈندىن باشلاپ مېنى نەس بېسىپ كەلدى. ساڭا بەرگەن ئاش - تۇزۇمغا ئۇ دۇنيا - بۇ دۇنيا رازى ئەمەسمەن.
- J* Z: t# Z* S" c. Sئۆگەي دادام دائىم ئاپامغا مۇشۇنداق زەھەردەك تىل سالاتتى. ئاپام دەسلەپتە جېنى ئىچىگە پاتمىغاندا گەپ ياندۇرۇپ قويغانلىقى ئۈچۈن تاياق ئۈستىگە تاياق يەپ يۈرىكى سۇ بولۇپ، ئاستا - ئاستا زۇۋان سۈرمەسلا بولۇپ كەتتى.* t/ k' L1 @5 x/ d
−− خەق توي قىلىپ قىز ئالسا مەن توي قىلىپ سەن قېرىنى ئېلىپ ماڭا نېمە كۆرگۈلۈك، خورلۇق بۇ. يەنە تېخى بۇ ئاز كېلىپ قالغاندەك سەن ماڭا تويدا قىز مېلى سۈپىتىدە قويۇپ بەرگەن شۇمۇڭنىڭ دەردىنى ئۆلگىچە تارتىمەنمۇ دەيمەن. ئىست، سېنى ئېلىپ پالاكەتتىن قۇتۇلۇپ قالغۇچە كېسىلىپ كەتكەن بولسامچۇ كاشكى، ياردىن قاچقان، داردىن قاچقان بولۇپ ماڭا كۈشەندە - كېشەن بولغىنىڭغا تويە ئەمدى...
A4 o# H7 U" q# e, J, Bزەھەردەك ئاچچىق تىلنىڭ ئاخىرى تاياققا ئالمىشاتتى. ئۆگەي دادام ئاپامنى ھارمىسا ئۇرۇپ، ھارسا تىللاپ ئاپامنىڭ ھاياتقا بولغان ئۈمىدىنى رەھىمسىزلىك بىلەن ئۈزەتتى. ئەسلىي ئۆگەي دادام خۇدادىن قورقۇپ ئەمەس، ھۆكۈمەتنىڭ جازاسىدىن قورقۇپ ئاپام بىلەن تۇرمۇشلۇق بولۇۋالغان ئىكەن. ئۇ ئاپام بىلەن مېنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئۆزىنىڭ قىسمەت قەسرىنى بۇرنىغا پۇراپ تۇرغان قاباھەتتىن ساقلاپ قالغانىكەن. ئاپام بۇ چاغدا پۈتۈنلەي كېچىككەن بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ئاپام ئالدانغانىدى. مانا شۇ ئالدىنىش ئاخىر ئاپامنى يۈرەك مۇسكۇل تىقىلما كېسەللىكىگە گىرىپتار قىلىپ، بۇ دۇنيادىن ئازاب - ئوقۇبەت، قايغۇ - خورلۇق بولمىغان باشقا بىر جىمجىت دۇنياغا مەجبۇرىي ئېلىپ كەتتى.
% D* ^4 d- W3 t V" @, C0 dدىمىق ھاۋالىق قوناقلىق يەنىلا بىر خىل رىتىمدا شالدىرلايتتى، چېكەتكىلەر يېقىمسىز ئاۋازدا چىرىلدىشاتتى. ئاۋازىڭ ئارقىلىق ماڭا يېتىپ كېلىۋاتقان قان - ياشلىق ھايات كەچۈرمىشلىرىڭ يۈرەك - باغرىمنى خېمىردەك چەيلەپ، لايدەك پېتىقلاپ تاشلايتتى. ئۆپكەم تەتۈر ئۆرۈلۈپ ئاچچىق بىر يىغا ۋۇجۇدۇمدا چۆلدە تېنەپ قالغان كارۋاندەك ئەلەڭلەيتتى. شۇ تاپتا كۆزۈمنى چىمىلدىتىشقىمۇ چامىم يەتمەيتتى. كۆزۈمنى شۇنداقلا بىر چىمىلداتسام يىپى ئۈزۈلگەن ياشلار خۇددى ئاسمان كۆكسى يېرىلىپ يۇلتۇزلار تورۇكلاپ تۆكۈلگەندەك تۆكۈلۈپ كېتىشى ئېنىق ئىدى.
# }' @6 l0 v+ ^% u1 p' o6 D) ~سەن بولساڭ ئاۋۋالقى قىياپىتىڭنى بۇزماي ئىچ - ئىچىڭدىن ئېسەدەيتتىڭ - يۇ، ئاۋازىڭ چىقمايتتى. كۆزۈڭدىن يامراپ چىقىپ مەڭزىڭنى بويلاپ تۆۋەنگە سىرغىۋاتقان ياشلىرىڭ خۇددى سۈزۈك بۇلاق سۈيىنىڭ بىر بۆلەك ئېقىنىدەك ئۈن - تىنسىز ئاقماقتا ئىدى. بۇ ياشلارغا سېنىڭ ھەسرىتىڭ، قايغۇ - ئەلەملىرىڭ، خورلۇق - كۈلپەتلىرىڭ، زەرداپقا ئايلانغان قان - تەرلىرىڭ مۇجەسسەم ئىدى. ياش سۈيىگە چېلىشىپ ھۆل بولۇپ كەتكەن چېكە چاچلىرىڭ چۆچۈرىدەك چىرايلىق قۇلاقلىرىڭغا چاپلىشىپ قالغان بولۇپ، كېپەكتەك ئۇششاق ھاشارات - كۇمۇتىلەر ياش سۈيى بىلەن بويالغان يۈز - بويۇنلىرىڭغا ئۇششاق قارا چېكىتتەك چاپلىشىپ قالغانىدى.
! b2 w" n& _% t5 b$ [مەن سەن ھەققىدىكى بۇ تراگېدىيىلىك قىسمەتلەرنى ئاڭلاپ، كۆزۈڭدىكى مىسكىنلىكنىڭ سەۋەبىنى، لېۋىڭدىكى تەبەسسۇمنىڭ نېمىشقىدۇر بەكمۇ ئەلەملىك ئىكەنلىكىنى تولۇق ھېس قىلدىم. ئەسلىي سەن ئىچى ھەسرەت - نادامەت بىلەن توشقۇزۇلغان بولسىمۇ، تاشقى پوستى ساختا كۈلكە بېزەكلىرى بىلەن نەقىشلەپ قويۇلغان سىرلىق كومزەك ئىكەنسەن. سېنىڭ پۈتۈن تەن ۋە روھىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى جاراھەت گۈللىرى بىلەن ھۆپپىدە چېچەكلەپ كەتكەن بىر چىشلەم ئىسسىق گۆشكەن.
q/ \5 z9 ]" Q( N−− لالە...
6 v2 }; Y* R$ X$ g; F! nچىرايلىق ئىسمىڭ بىر - بىرىگە كىرىشىپ كەتكەن چىشلىرىم ئارىسىدىن كۆككە ئوچۇملاپ چېچىلغان گۈل بەرگلىرىدەك توزغۇپ چىقتى. سەن ئاھۇنىڭ كۆزىدەك چىرايلىق ۋە مۇڭلۇق كۆزۈڭنىڭ سۈزۈك نۇرىدا ماڭا مىسكىنلىك بىلەن قارىدىڭ. مەن سۆزۈمنى داۋاملاشتۇردۇم.) a6 k3 {9 H! o
−− كۆڭلۈڭنى بىھۇدە يېرىم قىلما، بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ. باھار ھامان كېلىدۇ، گۈللەر ھامان ئېچىلىدۇ.
5 b0 _- G! j; X$ C! I3 b9 i−− بىراق مەن بەكلا قىينىلىپ كەتتىم. گاھىدا سۇ بولۇپ يىراقلارغا ئېقىپ كەتكۈم، قۇش بولۇپ ئېگىزلەرگە ئۇچۇپ كەتكۈم كېلىدۇ. لېكىن بىر تامچە سۇمەن، ئاقالمايمەن. قانىتى قايرىلغان قۇشمەن، ئۇچالمايمەن.
3 d8 {' z% h+ { f, Rقوناق شاخلىرى شارىلدايتتى. نەم، دىمىق ھاۋا نەپەسنى بوغۇپ كۆڭۈلنى بىئارام قىلاتتى. ئارىمىزنى سۈكۈت باستى. نەدىندۇر كىمدۇر بىرىنىڭ مۇڭ بىلەن ئوقۇغان ناخشىسىلا ئارىمىزدىكى بۇ سۈكۈتنى بۇزماقتا ئىدى.' s5 c! g" w- _+ b) [* j- t/ x
- J) f f: g# A: j- [! J! T* v) }
تاۋار باللار تاۋار باللار،# X% A# u, S+ g0 q1 d
تاۋاردىن ئەتىۋار باللار.
0 ^$ m0 ]0 i% f+ Q/ oئاتا - ئانىدىن ئايرىلىپ،
: a1 Y0 ]2 S) i% }: U' [يۈرەكتە دەردى بار باللار.
/ _) |: f7 }4 {5 q# g$ sئاتام بولسا كۆرسەممەن،# Z7 e4 o4 j/ y4 V: W+ g
ئانام بولسا كۆرسەممەن.9 U. K- q+ g" p; ?9 m: }
ئاتام بىلەن ئانامنىڭ،
" i5 w% k) N) ?4 l- `1 f' |ئاياغىدا يۈرسەممەن.* Y/ J q/ c3 ^" w
! c7 X7 ?- [! g" e4 d9 ~0 m5 q
لالە، شۇ كۈنى ئاخشىمى مەن سەن ھەققىدە تۇنجى قېتىم پۈتۈن بىر كېچە خىيال سۈرۈپ چىقتىم. بۇ كېچە خىيال قەسىرىم سەن بىلەن لىق تولۇپ كەتتى ۋە بۇ قاراڭغۇ كېچە قوينىدا سەن بىلەن بولغان قايسىدۇر بىر سۆھبەتلىرىم ئەس - خاتىرەمدىن ئۇچۇپ ئۆتتى...) e( y% Y) I/ S" ?
−− نېمانچە كۆپ ئوت ئالدىڭ لالە؟
6 `2 a1 ~' u2 c. T5 W8 |7 a) N/ c−− ماللارنى ئاچ قالمىسۇن دەپچۇ.# ^3 w7 m2 I" H- e
−− مالنىڭ جېنى سېنىڭ جېنىڭدىنمۇ تاتلىقمۇ ئەمىسە؟
% B, d4 o2 ?, }* \8 t' _−− ماللار تويمىسا مەنمۇ ئاچ قالىمەن - دە.& X3 K1 F3 z: O6 z( g
....... J3 K) b7 u( P+ h) ^- a& w" b
−− لالە، قولۇڭ نېمە بولدى؟
$ f* J0 ~7 ^, b5 {8 V−− ھېچنېمە.
) x3 i3 |2 A5 M" r" L0 Q−− يالغان ئېيتما، بىلىكىڭدە قان دېغى تۇرمامدۇ ئەنە.: n9 d9 u3 N: \0 v* N9 p4 B' l
−− يىقىلىپ چۈشۈپ زەخىملەندۈرۈۋالدىم.
& J: d0 C$ j+ S8 v# R, B8 z/ ?5 E& f−− سەن نېمانچە پالاكەت - ھە، لالە؟
" w# K3 u) G4 h) u' F: O, W; d−− نېمە بولدى؟+ B9 K; z* x9 l
−− قاچانلا بولسا مۇشۇنداق يىقىلىپ ئۇ يەر - بۇ يەرلىرىڭنى زەخىملەندۈرۈپلا يۈرەمسەن دەيمەن.
3 x, k4 `4 `! l9 [$ N' P: _) U- w...4 S$ d2 i/ O2 \) ~& E0 k9 \/ W
−− يىغلىدىڭمۇ لالە؟
4 x+ [0 n8 S7 E+ ?9 `−− ياق، يىغلىمىدىم، قانداق دەيسەن؟ J& @" S. q- z) R$ p
−− كۆزلىرىڭ قىزىرىپ كېتىپتىغۇ ئەمىسە؟, ^- B* U; y/ }% s. g3 @1 w
−− ھاشارات كىرىپ كېتىپ قىزارتىۋەتتى.6 [& v& X, p( V& h3 c/ d
...& V' H7 b' K" Q1 P0 H( V& J8 d
−− دەريا بويىدا ئويناپ كېلەمدۇق لالە؟ W( l6 A. Z$ S2 W4 T/ x1 w* U
−− ئوقۇيدىغان دەرسىم بار ئىدى.9 t! s" P5 Z/ `/ F6 ]+ m' s7 Q
−− ئوقۇپ موللا بولاي دەمسەن نېمە؟ كەچتە ئوقۇۋالساڭمۇ بولىدۇ ئەمەسمۇ؟
0 N. O3 f* {+ B) V−− ياخشى ئوقۇپ كەلگۈسىدە بۇ يەرلەردىن يىراقلارغا كەتسەم دەيمەن.; H' V& v& q9 p& p, L9 o2 o
−− قايسى يىراق يەرلەرنى دەيسەن؟" N5 w5 c6 p0 p& t0 S6 Z& B
−− بىلمەيمەن., o( N) t' h1 P& U+ ~
−− سەن نېمانداق غەلىتە - ھە، لالە؟3 t3 p0 ?3 Y7 R2 ^' D! [6 C# a* w# F
−− قانداق دەيسەن؟& P6 e& v) }! m! b( l
−− ئۆزۈڭ بىلمەيدىغان يەرلەرگە قانداق كېتىسەن؟- T! A1 U8 k1 r6 n/ A8 @% s
−− بىلمەيمەن. ئىشقىلىپ بىزنىڭ مەھەللىدىكىلەر بارالمايدىغان يىراق بىر يەرلەر بولسا، شۇ يەرگە جىمجىتلا كەتسەم ئىزدە
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |
| |
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟ مۇناسىۋەتلىك تېمىلار |
بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يېزىلغان
ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى مۇناسىۋەتلىك نادىر تېمىلار
ئاپتورنىڭ بارلىق تېمىلىرى
|
| |
|