خەۋەرمەكتەپلەردە بوزەك قىلىنىش مەسىلىسى ئامېرىكىلىقلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى : i N8 S$ O, ~* l& C
3 @4 S) [ i/ j$ o: ?
مەكتەپلەردە بوزەك قىلىنىش ئامېرىكىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان بىر كونا مەسىلە. ئەسلىدە ئامېرىكىدا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇش باشلاش بىلەنلا ئاتالمىش «يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى بوزەك قىلىش كۈنى» بولىدىكەن. ھېچكىممۇ بۇ كۈننىڭ قانداق كېلىپ چىققانلىقىنى بىلمەيدىكەن، كونا ئوقۇغۇچىلار يېڭىدىن مەكتەپكە كىرگەن ئوقۇغۇچىلارنى بوزەك قىلىش خۇددى بىر ئادەتكە ئايلانغان بولۇپ، يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىشىدىكى بىرەسمىي مۇراسىمغا ئايلانغان. بۇ كۈنى، يېڭى ئوقۇغۇچىلار تاماق يەۋاتقاندا تامىقىنى ئېلىپ قېچىپ كېتىش، ياكى يوقىلاڭ پۇتلىشىپ يىقىتىۋېتىش، تۈكۈرۈپ قويۇش قاتارلىقلار. بەزى مەكتەپلەردە ھەتتا كونا ئوقۇغۇچىلار يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى ئەخلەت ساندۇقىغا سېلىۋېتىشتەك بىمەنە چاقچاقلارمۇ كۆرۈلگەن.
+ {1 o& o( [2 t$ _; w" ]«يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى بوزەك قىلىش كۈنى» ھەقىقەتەن ئەۋجىگە چىقتى. ئەمما بۇ، يىلدا بىر قېتىملىق ئىش. لېكىن كىشىلەرنى ھەقىقىي ئەندىشىگە سېلىۋاتقىنى دائىملىق ئىشقا ئايلىنىپ قالغان بوزەك قىلىش ئەھۋالى. ئىرق، يۈرۈش تۇرۇش، قىياپەت، كەمچىللىك، جىنسىي يۈزلىنىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بوزەك قىلىشنىڭ باھانىسىغا ئايلانغان. قورقۇش، خىجالەت بولۇش ھەمدە ئاتا-ئانا ۋە تەڭ دېمەتلىكلەرنىڭ بېسىمى ئارقىسىدا، بوزەك قىلىنغان نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار ئۈندىمەسلىكنى تاللىغان. ئۇزۇندىن بۇيان، كىشىلەر بۇ خىل ئەھۋالغا ئامالسىز قالسىمۇ، بولۇشىغا قويۇپ بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدىكى بىر ساقلانغىلى بولمايدىغان كەچۈرمىش دەپ قارالغان.
. y0 |/ l) \1 s% H: P
( } T: `, C* z. B* x D& Kئۇيغۇرچە رادىئوتورى
, G8 L; y$ X( }( q4 |ئوباما ھۆكۈمىتى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بوزەك قىلىشقا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى چىڭ تۇتتى، بۇنىڭ بىلەن بۇ كونا مەسىلە يېڭى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى، بۇ ئاساسلىق ئىككى چوڭ ئامىل بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بىرىنچىدىن، يېقىنقى بىر نەچچە ئايدىن بۇيان، مەكتەپلەردىكى بوزەك قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك چېكىدىن ئاشقان ۋەقەلەر كۆپ خەۋەر قىلىندى. بوزەك قىلىنغان بەزى ئوقۇغۇچىلار ئۆچ ئېلىش مەقسىتىدە بىگۇناھلارنى قالايمىقان ئۆلتۈردى ياكى ئۆلۈۋالدى. ئىككىنچىدىن، كىشىلەر مەكتەپلەردىكى بوزەك قىلىش ھەرىكىتىدە يېڭى ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى بايقىدى، يەنى توردا بوزەك قىلىشنىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقىشى قاتارلىقلار. ئىنتېرنېت تورى بولۇپمۇ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، بەزى ئوقۇغۇچىلار تور ئارقىلىق تەھدىت سالىدىغان پەسكەش ئۇچۇرلارنى تارقاتتى، ئادەتتىكى بوزەك قىلىش قىلمىشى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، توردىكى بوزەك قىلىش ماكان ۋە زامان چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ھەر ۋاقىت خۇپىيانىلىقنى ساقلىدى ھەمدە زىيىنى تېخىمۇ زورايدى. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: بۇ مۇشۇ ياشتىكى بالىلارنىڭ تەتۈرلىك قىلىش خاراكتېرىنىڭ كۈچلۈكلۈكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، شۇنداقلا ئالاقىدار قانۇنلارنىڭ يېتەرسىزلىكىنىڭ نەتىجىسى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يېتەكچىلىك قىلغان ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، بوزەك قىلىش ئەھۋالىغا تاقابىل تۇرغاندا، مەكتەپ ئىجابىي رول ئوينىمىغان. گەرچە ئامېرىكىدا 44 شىتاتتا بوزەك قىلىشقا قارشى تۇرۇشقا ئالاقىدار قانۇن تۈزۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ قانۇنلارنىڭ كۆپ قىسمى مۈجىمەل سىياسەت پرىنسىپى بولۇپ، ئاساسەن مەكتەپنىڭ توردا بوزەك قىلىشقا قانداق ئارىلىشىشىغا چېتىلمايدىكەن، بۇ خىل قانۇن-نىزام جەھەتتىكى يېتەرسىزلىك مەكتەپلەرنى ھوقۇقتىن ئاتلاپ باشقۇرىمەن دەپ دەۋالىشىش پاتقىقىغا پېتىپ قېلىشتىن ئەنسىرەتكەن.
) R- G% L0 \! a! eئامېرىكا مائارىپ مىنىستىرلىقى باشقا ھۆكۈمەت تارماقلىرى، مەكتەپ ۋە مەملىكەتلىك ئاتا-ئانىلار جەمئىيىتى قاتارلىق تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىشىپ، بوزەك قىلىشقا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش پرىنسىپىنى بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ، بۇ ھەقتە قوللىنىدىغان قانۇن چىقىرىشقا تىرىشماقتا. جامائەتچىلىك: قوشما شتاتلىق ھۆكۈمەتنىڭ مەملىكەت خاراكتېرلىك مەكتەپلەردىكى بوزەك قىلىشقا قارشى قانۇن چىقىرىشىنى مۇراجىئەت قىلدى. بەزى ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرى يەنە بوزەك قىلىشقا ئۇچرىغان ياش-ئۆسمۈرلەرگە توردا ياردەم بېرىشنى باشلىدى. مۇتەخەسسىسلەر مۇنۇلارنى ئالاھىدە تەكىتلىدى: ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇنىڭدىكى رولى ئىنتايىن مۇھىم. ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشى ۋە پاراڭلىشىشى كېرەك، پەرزەنتلىرىنى خاتىرجەمسىز مۇھىتتا مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش، ھاياتلىقنى قانداق قەدىرلەشكە تەربىيەلىشى، ھەم ئوقۇغۇچىلارغا باشقىلارنى بوزەك قىلغانلىقى ئۈچۈن قانداق مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى تونۇتۇشى كېرەك. تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، مەكتەپلەردىكى بوزەك قىلىشقا قارشى تۇرۇشتا يالغۇز بىر ئامىلنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىقلا تۈرتكە بولغىلى بولمايدۇ، ھۆكۈمەت، مەكتەپ، جەمئىيەت، ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار تەڭ ماسلىشىپ ھەرىكەت قوللانغاندىلا، بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىپ، بۇ خىل ئەھۋالنى تۈپتىن يوقاتقىلى بولىدۇ.
: ]( ^! R; E$ c# cئىزدە
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |