ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 873 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 3027|ئىنكاس: 1

دەرىس دۇنيانىڭ خەرىتىسى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجادىيى ...mp3

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

581

تېما

881

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
3811 سەر
تۆھپە
2477 سەر
تىللا
734 دانە
جەۋھەر
17 دانە

ئاكتىپ يىڭى ئەزائاۋانگارت ئوردېنىقىزغىن ئەزا كىڭەيتىش ماھىرىنامسىز ئوردېنى

مائارىپ دۇنيانىڭ خەرىتىسى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجادىيىتى
! I7 _5 d3 l- a( u; n' b1 }تەييارلغۇچى: ئابدۇل ئەھەد ھاپىز; t: r* O2 X: X$ d# v
  r; b8 `2 h1 l9 _

- D4 e4 m7 [2 j* [3 s8 Z. Jبىرىنچى قېتىم دۇنيانىڭ ئەڭ توغرا خەرىتىسىنى سىزغان، مۇسۇلمان جۇغرافىيە ئالىملىرىنىڭ ئەڭ چوڭى شېرىپ ئىدرىسىدۇر. ئۇنىڭ تولۇق ئىسمى مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئىدرىس سەقەللى بولۇپ، نەسىبى ھەزرىتى ئېلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا تۇتاشقانلىقى ئۈچۈن شېرىپ ئىدىرىسى، دەپ مەشھۇر بولغان. ئىدرىسى ھىجرى 493 560 (1100-1166) يىللىرى ئارىسىدا ئۆتكەن بولۇپ، ئەندولۇسنىڭ سەقەللىي شەھىرىدە ياشىغاندۇر. * W4 n: J+ k8 P) u

& P' ~' e6 ]. f$ H5 Bئىدرىسى جۇغرافيە، تارىخ، ئەدەبىيات، شېئىر، ئۆسۈملۈك، پەلسەپە، مېدىتسىنا، ئاسترونومىيە ئىلىملىرىدە پىشىپ يېتىلگەن ۋە مەزكۇر پەنلەردە ئەسەرلەر يازغان. ئىدرىسى ئەينى زاماندىكى ئاۋات يەرلەر بولغان ئاسىيا، ياۋروپا ۋە ئافرىقا قىتئەلىرىنى ئايلىنىپ، ئاخىرىدا سەقەللىيە پادىشاھى ئىككىنچى روجر (ياكى روگر) نورمانىنىڭ يېنىدا قارار تاپقان. ئىدرىسى نورمانىنىڭ تەلىپى بىلەن 15 يىل جاپالىق ئىشلەپ دۇنيا جۇغرافىيىسى ھەققىدە بىر كىتاب يازغان. كىتابنىڭ ئىسمى "ئاپاقلارنى بېسىپ ئۆتۈشكە مۇشتاق بولغانلارنىڭ باغچىسى" بولۇپ، ئۇنىڭدا يەتمىش نەچچە خەرىتە باردۇر. بۇ كىتاب 1154 يىلى كىشىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكەن بولۇپ، 300 يىلدىن كۆپرەك مۇددەت ياۋروپا ئالىملىرىنىڭ بىردىنبىر مەنبەسى بولغاندۇر. بۇ كىتاب فرانسۇزچە، ئىنگلىزچە، ئىسپانچە، نېمىسچە ۋە لاتىنچىگە تەرجىمە قىلىنىپ بىر نەچچە قېتىم بېسىلغان.
. M. b8 [& |/ S! F$ @
' r5 T3 N4 f' U" Gئىدرىسى ئۆمرىنىڭ كۆپ قىسمىنى دۇنيانىڭ ئەڭ توغرا خەرىتىسىنى سىزىش ئۈچۈن ئىشلەتكەن. ئۇ بىر نەچچە يىل ئىشلەپ زامانىسىدىكى ئىلمىي ئۇسۇلغا ئۇيغۇن بىر خەرىتە سىزىپ چىقىپ، مۇسۇلمانلار ۋە ياۋروپالىقلارنىڭ دۇنيا ھەققىدىكى خاتا مەلۇماتلىرىنى تۈزەتكەن. ئىدرىسىنىڭ سىزغان خەرىتىسى ناھايىتى ئىنچىكىلىك بىلەن سىزىلغان بولۇپ، مەملىكەتلەرنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكىنى ناھايىتى توغرا ھېسابلاپ چىققان. پاۋرۇپالىقلار يېڭى كەشپىيات ۋە قېزىشلىرىدا ئىدرىسىنىڭ خەرىتىسىگە تايانغان. : Z6 C% h% l5 j; ?. Z4 L2 \
2 G" ]  K0 G) d3 z  S
سەقەللىيەنىڭ پادىشاھى ئىككىنچى روجر ئىدرىسىنىڭ خەرىتىسىنى يوقىلىپ كېتىشتىن ساقلاش ئۈچۈن كۆمۈش تەختىگە سىزىشنى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن 400 كىلوگرام كۈمۈشتە بىر توپ شەكلى ياساپ. ئىدرىسى بۇ كۈمۈش توپقا دۇنيانى يەتتە ئىقلىمغا ئايرىپ، ئۇنىڭ چەك  چىگرالىرىنى، دېڭىز  دەريالىرىنى، دەريالانىڭ سۈيىنىڭ قەيەردىن باشلىنىپ، قەيەردە تۈگەيدىغانلىقىنى، ئاۋات يەرلىرىنى، چۆل  باياۋانلىرىنى ۋە يوللىرىنى نەقىشلىگەن.
1 k# `2 m, x# W& w2 I1 F6 a! F. B$ q: w
قۇياشنىڭ ھەرىكىتىنى كەشىپ قىلغانلار مۇسۇلمانلار:
) x' B1 h+ v$ w0 [6 ?! m$ h; e1 C( _/ K9 Y5 C
مىلادى 9 ئەسىردە ياشىغان تۈركىستانلىق ماتېماتىكا ۋە ئاسترونومىيە ئالىمى پەرغانىي، كائىناتتىكى سەييارىلەرنىڭ ھەجمىنى ۋە بىر  بىرلىر ئارىسىدىكى مەساپىنى تەتقىق قىلدى. پەرغانىي ئېلىپ بارغان تەقىقاتلىرى نەتىجىسىدە، بىرىنچى قېتىم قۇياشنىڭ ئۆزىگە خاس ئوربىتىسى بارلىقى ۋە ئۆز ئەتراپىدا غەربتىن شەرققە قاراپ ئايلىنىدىغانلىقىنى كەشىپ قىلدى. پەرغانى 41 يىللىق ئۈزلۈكسىز تەتقىقاتى نەتىجىسىدە يەر شارىنىڭ ئېكۋاتور بىلەن پاراللىللارنىڭ ئارىلىقىدىكى مەساپىسىنى تېپىپ چىقتى.1 q: \  |* \: k

! x4 Y# U7 ^, a( l9 R' N1 sپەرغانىي يەنەقۇياشنىڭ تۇتۇلۇشىنى ئالدىنئالا بەلگىلەش ئۇسۇلىنى ئىجاد قىلىپ، 842 يىلى قۇياشنىڭ تۇتۇلۇشىنى ئالدىنئالا كەشىپ قىلغاندۇر. پەرغانىنىڭ ئاسترونومىي ھەققىدە يازغان ئەسەرلىرىدىن پەقەت ئالتىسى كۈنىمىزگە قەدەر ئۇلاشتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە "ئاسترونۇمى ئىلمى ۋە ئاسمان جىسىملىرى ھەرىكەتلىرى ئانسىكلوپىدىسى" ناملىق ئەسىرىنىڭ قوليازمىسى ئوكسفورد، پارىژ، قاھىرە ۋە ئامېرىكىدىكى پرىنكىتون ئۈنىۋېرسىتىتى كۈتۈبخانىسىدە مەۋجودتۇر.   a3 L6 [# v1 S* ?2 h8 q

  ]8 c! A% r& {) g& o) z; bئاۋازلار سىستېمىسىنى مۇسۇلمانلار ئىزاھلىدى:7 ^( V# C% X/ {, v: c

0 Y9 Z# e+ |9 Lماتېماتىكا، ئۆسۈملۈك، مېدىتسىنا، مۇزىكا، پەلسەپە ۋە لوگىكا ساھەسىدە دۇنياۋى بۈيۈك ئالىم فارابى بىرىنچى قېتىم ئىلىملەرنى تۈرگە بۆلۈپ رەتلىگەن. ئۇ ئىلىمنى تىل، لوگىكا، ماتېماتىكا، فىزىكا، مېتافىزىك شەكلىدە بەش پەنگە ئايرىدى.
  d, }9 o3 v, K2 b4 p' W% R7 J/ b! y: h+ J9 H2 ^+ [4 U7 E* n
فىزىكا ساھەسىدە ناھايىتى مۇھىم تەتقىقاتلار ئېلىپ بارغان فارابى ئاۋازنىڭ فىزىكىلىق سىستېمىسىنى ئىزاھلىغان بىرىنچى ئالىمدۇر. ئۇ ئېلىپ بارغان تەجرىبىلىرى ئارقىلىق ئاۋاز تىترىشىنىڭ دولقۇن ئۇزۇنلۇقىغا كۆرە ئازىيىپ  كۆپەيگەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. , S" G; t0 c  \9 T6 W
% n! ]( Z* H: I4 |9 H3 b7 N, {9 w3 Y
مېدىتسىنا ئىلمىنىڭ پېشۋاسى ئىبنى سىنا:
; f) Y) G7 P7 j# E6 i4 v( U. q2 z1 T) X
دۇنيادىكى پۈتكۈل ئالىملار ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بىلەن دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئالىم ھېسابلانغان ئىبنى سىينا، 18 يېشىغا باسقاندا ئۆز زامانىسىدىكى پۈتۈن ئىلىملەرنى ئۆگىنىپ بولغان. ئىبنى سىنا مېدىتسىنا ھەققىدە "مېدىتسىنا قانۇنى" ناملىق ئەسەرنى يېزىش بىلەن تىب دۇنياسىغا كۆپلىگەن يېڭىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن. بۇ كىتاب بەش توم بولۇپ، 13 ئەسىردىن باشلاپ ياۋروپادا ئۈنىۋېرسىتىت دەرسلىكى قىلىپ ئوقۇتۇلۇشقا باشلىغان. ; `3 q: w& b2 Q6 ]

) n1 `5 S1 Z- x( p  eئىبنى سىنا دۇنيادا مېدىتسىنا ۋە ئوپېراتسىيىنى ئىككىگە ئايرىپ چۈشەندۈرگەن ۋە خەتەرلىك دەپ قورقۇپ يېقىنلىشالمىغان ئوپېراتسىيە قىلىش ئۇسۇلى ۋە ئۇنىڭدا ئىشلىتىلىدىغان سايمانلارنى كۆرسەتكەن بىرىنچى ئالىمدۇر.
3 y4 u+ O& u& m% {7 J& L9 Z
4 V+ G0 J" n, hئۇنىڭدىن باشقا ئىبنى سىنانىڭ پەلسەپە ئىلمىدىكى ئۈستۈنلۈكى بۈگۈنگىچە پۈتۈن دۇنيادا مەشھۇردۇر. ياۋروپالىقلار گرتسىيە پەلسەپىسىنى ئىبنى سىنانىڭ ئىزاھاتى ۋاسىتىسى بىلەن ئۆگەنگەن. # R/ M( Y* {# L& {
- M: r  h4 B. m0 J

$ G" S9 b# M/ o6 c+ l( ?مەنبە : مەرىپەت تورىئىزدە

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

0

تېما

3

يازما

68

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
2 سەر
تۆھپە
2 سەر
تىللا
60 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-12-3 21:26:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى ماتىريالكەن، مەنمۇ كۈرۈپ باقاي قېنى .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗