ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 874 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1721|ئىنكاس: 1

ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ...mp3

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

581

تېما

881

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
3811 سەر
تۆھپە
2477 سەر
تىللا
734 دانە
جەۋھەر
17 دانە

ئاكتىپ يىڭى ئەزائاۋانگارت ئوردېنىقىزغىن ئەزا كىڭەيتىش ماھىرىنامسىز ئوردېنى

ئۇيغۇر يار ئەسلى مەنىسىدە دوست، ھەمراھ مەنىسىدىكى پارىسچە سۆز بۇلۇپ، ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا«قاسىنچىغ»،«ئۆزكىيە»،«ئەش» شەكىللىرىدە ئۇچرايدۇ. ئەمەلىي پاكىت شۇنى كۆرسىتىدۇكى، ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا يار ئوبرازى كەمدىن-كەم ئۇچرايدۇ. ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ھېسابلانغان ئەڭ قەدىمكى ئەپسانە، رىۋايەت، قوشاقلاردىن تاكى 10-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى قاراخانىلارنىڭ ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغىچە بولغان دەۋر ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتىم،شامان، مانى،زاروئاستىر، بۇددا قاتارلىق تۈرلۈك دىنلارنى قۇبۇل قىلىش ۋە بۇ دىنلارنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرىغان مىللى مەدەنىيەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش جەريانى بولدى. بۇ مەزگىلدىكى ئەدەبىياتنىڭ ئاساسىي تېمىسى قەھرىمانلىق، ۋەتەنپەرۋەرلىك، ئىنسانپەرۋەرلىك،مەرىپەتپەرۋەرلىك ۋە ھەرخىل دىنىي مەزمۇنلار بۇلۇپ، ئىشىق-مۇھەببەت تېمىسى ئىنتايىن ئاز يېزىلغاچقا، بۇ مەزگىل ئەدەبىياتىدا يار ئوبرازى كەمرەك يارىتىلدى ھەم بۇ يار ئوبرازى خاركتېرى جەھەتتە ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى ئەدەبىياتىدىكى يار ئوبرازىدەك ئۇنچىلىك مۇكەممەل، روشەن ئەمەس. بۇ مەزگىل ئەدەبىياتىدا يار ئوبرازىنىڭ ئاز يارىتىلىشىدا بىزنىڭچە مۇنداق بىر قانچە سەۋەب رول ئوينىغان:
3 A6 o! m( i0 ~( s/ g+ Q. @
* F! ~. w1 ~$ w1.قەدىمكى دەۋردە ئوۋچىلىق ۋە چارۋىچىلىقنى ئۆزىنىڭ دەسلەپكى ۋە مۇھىم ئىگىلىك شەكلى قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئەت ۋە ئىجتىمائىي كۈچلەر بىلەن تىنىمسىز جاپالىق كۈرەشلىرىدە يېتىلدۈرگەن ئۇرۇش قىلىشقا ماھىر، باتۇر، جەڭگىۋار خاراكتىرى بىلەن«باتۇر تەڭرىقۇت»،«ئوغۇزنامە»،«مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرى»،«چىستانى ئىلىبەگ»گە ئوخشاش قەھرىمانلىق، ۋەتەنپەرۋەرلىك، ئىنسانپەرۋەرلىك تېمىسىدىكى ئەسەرلەرنى كۆپرەك يارىتىشقا مايىل بۇلۇپ، مۇھەببەت تېمىسىنى يۇقىرىقىلاردىن كېيىنرەك ئورۇنغا قويغان.
8 F4 N" N0 Y$ m3 y& r* B; e* C, ^6 D7 _, d
2.ئىجتىمائىي ئاڭ فورماتسىيىسىگە تەئەللۇق بولغان دىن مىللەتنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت، مىللىي پسىخىكا، ئۆرپ-ئادەتلىرىدە مۇقەررەر ھالدا بەلگىلىك تەسىرىنى قالدۇرىدۇ. بۇ مەزگىلدە ئۇيغۇرلارنىڭ شامان، مانىي، زاروئاستىر،بۇددا دىنلىرىغا ئېتىقاد قىلىشى بىلەن بۇ دىنلار پۈتكۈل ئۇيغۇر ئىدىئولوگىيە سىستېمىسىدا يېتەكچىلىك ئورۇنغا ئۆتتى. بۇلاردا بۇلۇپمۇ ئۇيغۇرلار خېلى ئۇزۇن مەزگىل ئېتىقاد قىلغان بۇددا دىنىي ئەقىدىلىرىدە مۇھەببەت (ئىنسانىي مۇھەببەت)چەكلەنگەن، ياقتۇرۇلمايدىغان تېما بۇلۇپ، بۇ ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ئىنكاسى بولغان ئەدەبىياتتا مۇھەببەت تېمىسىنىڭ ئىنتايىن ئاز يېزىلىشى.«ئىككى تېگىننىڭ ھېكايىسى»دەك دىنىي مەزمۇنىدىكى ئەدەبىيات، ئىككىنچىسى دۇنياۋىي تېمىدىكى ئەدەبىيات ئەدەبىيات، يەنى رېئال تۇرمۇش تېمىسىدىكى ئەدەبىيات، بۇ دەۋر ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسىنى دىنىي مەزمۇندىكى ئەدەبىيات ئىگىلەيدۇ.
! S$ e) V+ z# m4 ^- Y
5 {3 ^1 u% a1 ~# R3.تارىخىڭ دەھشەتلىك بۇران-چاپقۇنلىرىدىن ئۈتۈپ دەۋرىمىزگە يېتىپ كېلىشكە مۇۋەپپەق بۇلالىغان ئاز ساندىكى قەدىمكى ئەسەرلەرنىڭ ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىق قوللانغاندىن تارتىپ، ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلىشىقىچە بولغان ئۇزاق جەرياندا ئىجاد قىلغان كۆپلىگەن ئەسەرلىرنىڭ ناھايتتى ئاز بىر قىسمىلا ئىكەنلىكىنى قىياس قىلىشقا بولىدۇ. ۋاقىت جەھەتتىكى ئۇزۇنلۇق ۋە تۈرلۈك ئىچكى ۋە تاشقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، بۇ مەزگىلگە مەنسۇپ ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ ئىنتايىن ئاز ساندىكىلىرىنىڭلا بۈگۈنكى دەۋرگە يېتىپ كېلەلىشى بىلەن قۇلىمىزدىكى ماتېرىيالنىڭ چەكلىك بۇلۇشىمۇ، ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى ئۇيغۇرلار ئەدەبىياتىدا ئىشقى-مۇھەببەت تېمىسىغا باغلانغان«يار»ئوبرازىنىڭ ئاز ئوچرىشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
( u" x2 }5 @6 W1 O9 x* o( kبۇمەزگىل ئەدەبىياتىدىكى يار ئوبرازىنى ئاختۇرغىنىمىزدا قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىكى شائىر ئاپرىنچۇر تېگىننىڭ ئۆز ئايالىغا بېغىشلاپ يازغان «مۇھەببەتنامە»ناملىق يەتتە كۇپلىتلىق شېئىرنى،مەھمۇد قەشقەرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا ساقلىنىپ قالغان مۇھەببەت تېمىسىدىكى بەش كۇپلىتلىق قەدىمكى قوشاقنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ. بۇ مۇھەببەت شېئىرلىرىدا لىرىك قەھرىمان«مەن» ۋە «مەن» ئاشىق بولغان«يار» ئوبرازى يارىتىلغان بۇلۇپ، لىرىك قەھرىماننىڭ ئۆز يارىغا بولغان ئىنتىلىشى، تەڭرىدىن ئۆز يارى بىلەن مەڭگۈ بىرگە ئۆتۈش توغرىسىدىكى ئىلتىجاسى ئىزھار قىلىنغان. «يار» ئوبرازىنىڭ تاشقى قىياپەت تەسۋىرىدە شائىر يېقىملىق، ئاددى تىل،سۈپەتلەش، ئوخشىتىش، مۇبالىغىدەك ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەردىن پايدىلىنىپ ئىنسان گۈزەللىكىنى ئوبرازلىق ئىپادىلەيدىغان قاش، كۆز، يۈزدەك تىپىك دىتاللارنى تۇتقا قىلىپ يارنىڭ گۈزەل ھۆسىن-جامالىنى تەرىپلىگەن. خۇددى تۆۋەندىكىدەك:
- D6 Z" U/ s  D1 b4 c+ X
) E* }* a; I" {0 M( Q/ B) xبولغار مەنى ئۇلاس كۆز،' A' O5 `& l$ p- D; `  Y
قارا مەڭز قىزىل يۈز.' s  T7 J9 M6 f: Q: E' @
ئاندىن تامار تۈگەل قاچار،
7 u' v; e) T0 Dبولناپ يانا ئول قاچار.
  r! `1 z& c% `- H6 w3 l: p(ئەسىر قىلدى خۇمار كۆز، قارا مەڭلىك قىزىل يۈز. ئۇنىڭدىن پۈتۈنلەي گۈزەللىك ياغار، مېنى ئەسىر قىلدىيۇ، ئۆزى قاچتى).
: \4 F  r' D' S) Q2 ^يالۋىن ئانىڭ كۆزى،
1 ]9 i( [2 z; ]% N3 Pئەلكىن ئانىڭ ئۆزى.7 H- F: w" N4 k
تولۇ ئايىن يۈزى،
; F! r; S3 h" H' @5 n' wياردى مېنىڭ يۈرەك.0 R: C! ]& }: c& J1 D
(ئۇنىڭ كۆزى جادۇ كۆز، ئۇنىڭ ئۆزى مۇساپىر، ئۇنىڭ يۈزى تولۇن ئاي، ئۇ مېنىڭ يۈرىكىمنى ياردى).
1 C# z# p0 l5 k5 P' G
5 F' Q9 J8 `: J$ a! i, aقوشاقتا تەسۋىرلىگىنىدەك خۇمار ياكى قارا جادۇ كۆز، قېشى قارا، يۈزى تۇلۇن ئايدەك، پۈتۈن تۇرقىدىن گۈزەللىك يېغىپ تۇرۇش مۇشۇ مەزگىل ئەدەبىياتىدىكى يار ئوبرازىنىڭ ئورتاق تاشقى قىياپەت ئالاھىدىلىكى. بۇ قوشاقلاردا قىز-يىگىتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت ھېسسىياتى ئىزھار قىلىنغان بۇلۇپ، ئىنتايىن تەبىئىي رىتىمىدا ئۇرغۇپ چىقىۋاتقان بۇ قوشاقلارنى قايتا-قايتا ئوقۇغاندا ھېس قىلىدىغىنىمىز رېئال دۇنيادىكى ئىنساننىڭ ئىنسانغا بولغان مۇھەببىتىدۇر. يەنى ،بۇ قوشاقلاردا ئىزھار قىلىنغان مۇھەببەت چىن ئىنسانىي مۇھەببەت، «مەن» ۋە «مەن» ئاشىق بولغان «يار» مۇ رېئال تۇرمۇشتىكى ئىنساننىڭ تىپىك ئوبرازىدىن ئىبارەت.  [' M' f, y! Y
- x- A/ S3 |. i
دېمەك، ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى يار ئوبرازىنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرگەندە،يار- رېئال دۇنيادىكى ئىنساننىڭ بەدىئىيلەشتۈرۈلگەن ئوبرازىدۇر. كلاسسىك شائىرلىرىمىز كەمدىن-كەم يارىتىلغان مۇشۇ يار ئوبرازى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ چىن ئىنسانىي مۇھەببەتكە بولغان تەلپۈنىشى، مېھرى-ۋاپا، ساداقەت، ئانا ۋەتىنىنى سۆيۈشتەك گۈزەل ئىنسانىي پەزىلەتكە بولغان ئىنتىلىشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن.
- o! V0 W2 }  S! U+ o
5 R& r/ M$ F; e' Cمەنبەسى: «شەرق يۇلتۇزلىرىنى ئىزلەپ»ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى.: x7 v7 ^! x9 W/ e
3 I: Y3 n  J$ }5 s7 y) a- E
مەنبەسى : ئۇيغۇرلار تورى- |: [' A& u  B3 H! A
دىتال

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

0

تېما

2

يازما

47

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
2 سەر
تۆھپە
2 سەر
تىللا
40 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-12-3 20:16:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل تىما  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗