باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • رەسىمگە ساقال-بۇرۇت سىزىش

    ۋاقىت:2011-01-15 | تۈرى:كۆپ ۋاستە دىتاللىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/99744631.html

    ئۆتكەنكى   دەرسىمىزدە ئادەم چىرايىنى ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق دوسلارغا چاقچاق قىلىشنى  سۆزلىگەن ئىدۇق. بۈگۈنكى دەرىسىمىزدە ئانچە-مۇنچە ساقال-بۇرۇت سىزىپ قويساق، تېخىمۇ كۈلكىلىك بولۇشى مۇمكىن.

       قارىساق ھىسامكامنىڭ يېشىمۇ بىر يەرگە بېرىپ قالدى.ئەمما تېخىچە ساقال- بۇرۇتنى قىرىپ يۈرۈيدۇ. بەزىلەر نىمىشقا ھىسامكام ساقال-بۇرۇت قويمايدۇ دەيدۇ. بۇ گەپنى ھىسامكامدىن سورىساڭلا، چوقۇملا بىر چاقچاق بىلەن باشقىلار ئالدىدا كۈلكىگە قالىدىغان گەپ. شۇڭا ھىسامكامدىن سوراپ، باشقىلار ئالدىدا كۈلكىگە قالغۇچە، ھىسامكامغا ساقال-بۇرۇت سىزىشنىلا ئۈگىتىپ قوياي. ھىسامكامنىڭمۇ ساقىلى بار يۈرەرسىلەر.تۆۋەندىكىسى ھىسامكامنىڭ ساقالنىڭ يىڭى ئالدۇرغان ۋاقتى.

    ئەمدى بۇ رەسىمگە ساقال-بۇرۇت سىزىشنى باشلايمىز. ئالدى يىڭىدىن بىر رەسىم قەۋىتى قۇرۇپ، ئاشۇ قەۋەتكە قارا رەڭ بىلەن ھىسامكامنىڭ يۈز قىسىمىغا ساقال بۇرۇتنى سىزىۋالىمىز (ئەگەر باشقا رەسىمگە ساقال بۇرۇت سىزماقچى بولسىڭىز ئەشۇ رەسىمنىڭ ئەمىلى ئەھۋالىغا ئاساسەن رەڭنى مۇۋاپپىق قىلىپ ئۆزگەرتسىڭىز بولىدۇ.) تۆۋەندىكىدەك ھالەتكە كەلسە بولىدۇ.

    2-قەدەمدە تىزىملىكتىن سۈزگۈچ-ئالاچىپار-ئالاچىپار قوشۇش ( 滤镜 - 杂色 - 添加杂色 ) بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىمىز.تەڭشەكلىرىنى تۆۋەندىكى رەسىمگە ئوخشاش قىلساق بولىدۇ. يەنى مىقدارى( 数量 ) دىگەن يەرگە 70-80   گىچە بولغان ئەتراپتا قىلىپ، جايلىشىشى ( 分布 ) دىگەن يەردىن گائوس تەقسىماتى ( 高斯分布 )نى تاللاپ، ئاستىدىكى تاق رەڭ ( 单色 ) دىگەن تۈرگە بەلگە سىلىپ قويساق بولىدۇ.(دىققەت: سىز ئۆزىڭىز باشقا رەسىملەرگە بۇ ئۇسۇلنى قوللانغاندا بۇ ئۇسۇلنى ئامال بار جانلىق قوللىنىپ، سانىنى ئۆزىڭىز ئەھۋلاغا قارىتا مۇۋاپپىق قىلسىڭىز بولىدۇ. ئەڭ ياخشىسى بىر قانچە قېتىم سىناق قىلىپ، ئەڭ ياخشى بولغىنىنى تاللىسىڭىز بولىدۇ.)


    3-قەدەمدە يەنە تىزىملىكتىن سۈزگۈچ- غۇۋا- رادىئال غۇۋالاشتۇرۇش ( 滤镜 - 模糊 - 径向模糊 ) دىگەن تۈرنى تاللايمىز.تەڭشەكلىرىنى تۆۋەندىكى رەسىمگە ئوخشاش تەڭشىسەك بولىدۇ. يەنى مىقدارىنى ( 数量 )6 قىلىپ تەڭشەيمىز.غۇۋالاشتۇرۇش ئۇسۇلى ( 模糊方法 ) دىگەنگە چوڭايتىش- كىچىكلىتىش ( 缩放 ) دىگەننى تاللايمىز. سۈپىتى ( 品质 ) دىگەنگە ياخشى ( ) دىگەننى تاللايمىز.


    ئاخىردا رەسىم قەۋىتىنىڭ ئارلاشما مودىل ھالىتىنى ( 图层混合模式 ) يۇمشاق نۇر ( 柔光 ) ھالەتكە تەڭشىسەك تۆۋەندىكدەك ھالەتكە كېلىدۇ.


    ئەگەر ھىسامكام قېرىپ قالغان تۇرسا ساقىلى ئاقارمىسا قانداق بولىدۇ دەپ قارىساڭلار بۇمۇ ئاسان، رەسىم قەۋىتىنىڭ ئارلاشما مودىل ھالىتىنى ( 图层混合模式 ) رەڭ سۈزۈش ( 滤色 ) ھالەتكە تەڭشەپ، رەسىم قەۋىتىنىڭ سۈزۈكلۈك دەرىجىسىنى ئازراق تۆۋەنلەتسەكلا تۆۋەندىكىدەك ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيمىز.


    ئەلۋەتتە سىز ئۆزىڭىز ۋە باشقا دوسلىرىڭىزنىڭ رەسىمىگە ساقال بۇرۇت سىزماقچى بولسىڭىز مانا مۇشۇ يەردىكى رەسىم قەۋىتىنىڭ ئارلاشما مودىل ھالىتىدىكى ھەر خىل ھالەتلەردىن ياخشى پايدىلانسىڭىز ھەر خىل ئۈنۈملەرگە ئېرىشەلەيسىز.

    ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلار فوتوشۇپنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدىكى ئاتالغۇلار بويىچە ئېلىندى.


    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !