باش بەت | ئېلكىتاپ | تەرجىمە فىلىم | ئالبۇم | ULY نۇسخىسى |
-
تارىخى تېمىدىكى ئېلكىتاپلار
ۋاقىت:2010-06-01 | تۈرى:ئابرال ئېلكىتاپلىرى
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/64881683.html
بۇ يازمىغا تور دۇنياسىدا تورداشلار تەرىپىدىن ئېىشلەپ تارقىتىلغان بارلىق تارىخى تىمىدىكى ئېلكىتاپلار كىرگۈزىلىدۇ. ئەگەر سىزدە ئۆزىڭىز ئىشلىگەن ياكى ساقلاپ قويغان ئېلكىتاپلار بولسا بىزگە ئەۋەتىپ بېرىڭ. ھەممەيلەن تەڭ بەھىرلەنسۇن.
بىلوگىمىزدا ئېلان قىلىنغان ھەر قانداق شەكىلدىكى ئېلكىتاپلارنىڭ نەشىر ھوقۇقى ۋە بارلىق باشقا ھوقۇقلىرى ئەسلى ئەسەر ئىگىسىگە تەۋە بولۇپ، ئەگەر سىز ئۆزىڭىز ئىشلىگەن ئېلكىتاپ ياكى يازمىڭىز ۋە ياكى ئەسىرىڭىزنىڭ بىلوگىمىزدا ئېلان قىلىنىشىنى نەشىر ھوقۇقۇمغا دەخلى قىلغانلىق دەپ قارىسىڭىز دەرھال شۇ تىما ئاستىغا ئىنكاس قالدۇرۇڭ. بىز ئەڭ تىز سۈرئەتتە سىزنىڭ ئەسرىڭىزنىڭ چىقىرىۋىتىمىز.
تۆۋەندىكى بەزى ئېلكىتاپلاردا ئېلكىتاپ ئىشلىگۈچى ياكى تارقاتقۇچى ئىسمى بولمىغانلىقتىن ئېلكىتاپ تارقاتقۇچى ئىسمى ئورنىغا نامەلۇم دىگەن خەت يېزىلدى. ئەگەر شۇ ئېلكىتاپلار ئارىسىدا سىزنىڭ ئېلكىتابىڭىز بولسا، ئىنكاس شەكلىدە ئىسمىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ. دەرھال تۈزىتىپ قويىمىز. ھەمدە بۇندىن كىيىن بارلىق تارىخى تېمىدىكى ئېلكىتاپلار مۇشۇ يازما ئاستىغا تولۇقلاپ يېزىلىدۇ. تارىخ تېمىلىرىغا قىزىقىدىغان تورداشلارنىڭ داۋاملىق مۇشۇ يازمىغا دىققەت قىلىپ تۇرۇشىنى سورايمىز.
ئېلكىتاپ تارقاتقۇچى: ئورخۇن ئۇيغۇر تارىخى تور بېتى
ئورخۇن ئۇيغۇر تارىخ تور بىتىدە ئىلان قىلىنغان ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت بولغان تۈرلۈك تارىخى تىمىلاردىن تەركىپ تاپقان ئىلكىتاپ. كىتاپ جەمئى 2 قىسىم بولۇپ، PDF فورماتىدا تۈزۈلگەن.2- قىسىم : چۈشۈرۈش
ئورخۇن مۈنبىرىدىكى تارىخى يازمىلاردىن تۈزۈلگەن 41 پارچە ئېلكىتاپ
ئېلكىتاپ تارقاتقۇچى : ئۇيغۇر ئوغلى-ھەۋەسكار
2.تارىخى ھەمىدى
ئېلكىتاپ تارقاتقۇچى: شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇغۇچىلار كولۇبى
ئاتاقلىق تارىخچى موللا مۇسا سايرامىنىڭ تارىخى ھەمىدى ناملىق يىقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت ئەڭ قىممەتلىك ئەسىرى. بۇ ئەسەر ئەسلىدىكى تارىخى ئەمىنىيە ئاساسىدا ئاپتۇر تەرىپىدىن قايتا تولۇقلاپ يېزىلغان بولۇپ، بۇ ئەسەرنى تارىخى ئەمىنىيەنىڭ تولۇقلانغان ۋە تۈزىتىلگەن نۇسخىسى دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ. ئەگەر تارىخى ئەمىنىيەنى كۆرمەكچى بولسىڭىز. بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.http://good.gd/7318.htmتارىخى ھەمىدىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ. چۈشۈرۈش
3.سەلجۇقلار تەزكىرىسى
ئېلكىتاپ تارقاتقۇچى : ئابرال ئېلكىتاپ بىلوگى
سەلجۇق تۈرك پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىسى بولۇپ، ئورخۇن ئۇيغۇر تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان. تۈرك تارىخى ئۈگەنمەكچى بولغان دوسلارنىڭ كۆرۈپ قويۇشىغا ئەرزىيدۇ.4.شەجەرەئى تۈرك
ئېلكىتاپ تارقاتقۇچى : شنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇغۇچىلار كۇلۇبى
ئەبۇلغازى باھادىرخاننىڭ چىڭگىزخاندىن تارتىپ ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرىدىن تۈرك يۇرتلىرىدا پادىشاھلىق قىلغان خانلار ۋە ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغان شۇ دەۋرنىڭ تارىخى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن تارىخى ئەسەر.5.بوستاندىن تەرمىلەر
ئېلكىتاپ تارقاتقۇچى: ئابرال ئېلكىتاپ بىلوگى
پېقىرنىڭ تۈنجى قېتىم ئىشلەپ ئىلان قىلغان ئىلكىتابى. ھازىر قارىسام ئەڭ سۈپەتسىز ئىشلىگەن ئېلكىتابىم بولۇپ قاپتۇ. بىراق ئىچىدىكى مەزمۇنلار كۆپ پايدىلىق بولۇپ، ئاساسەن ئۇيغۇرلار تارىخى ھەققىدە بۇرۇنقى بوستان مۈنبىرىدە ئىلان قىلىنغان نادىر يازمىلاردىن تەركىپ تاپقان.6. شەرقنىڭ كۆزى فارابى
ئېلكىتاپ تارقاتقۇچى : نامەلۇم
مەرھۇم باتۇر روزى تەرىپىدىن مەشھۇر ئالىم فارابى ھەققدە يېزىلغان ئەسەر. بىر ئوقۇپ قويۇشقا ئەرزىيدۇ.
http://good.gd/536363.htm
7. ھودۇدۇلئالەم
بۇلاق ژورنىلىدا ئىلان قىلىنغان . قەدىمقى جۇغراپىيەلىك تارىخى ئەسەر. ئەسەردە ئۇيغۇرلارغا ئائىت بايانلارمۇ خىلى كۆپ.
تېكىست ھۆججىتى: http://good.gd/536365.htmخەرىتىلەر توپلىمى: http://good.gd/536366.htm
8. ئوغۇزنامە.
ئۇيغۇرلانىڭ قەدىمقى داستانى بولغان ئوغۇزنامىنى ئەلۋەتتە بىر كۆرۈپ قويمىسىڭىز بولماس
http://good.gd/536375.htm9. ئۇچ ۋىلايەتكە ئىنقىلابىغا ئائىت رەسىملەر توپلىمى
ئېلكىتاپ تارقاتقۇچى : ئۇيغۇر لېنىيەسى
ئۇيغۇر لىنىيەسى تەرىپىدىن رەتلەنگەن ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ئائىت سۈرەتلەر توپلام قىلىنىپ ئىشلەنگەن ئىلكىتاپ.
http://good.gd/536386.htm10. خوجىنىياز ھاجىمنىڭ ئىش پائالىيەتلىرى
ئېلكىتاپ تارقاتقۇچى :ئورخۇن ئۇيغۇر تارىخى تورى
خوجىنىياز ھاجىمنىڭ ئىش پائالىيەتلىرى سۆزلەنگەن ئىلكىتاپ، كۈلكە تەرىپىدىن ئىشلىنىپ،ئورخۇن مۈنبىرى ئارقىلىق تارقىتىلغان.11. زەپەرنامە
ئېلكىتاپ تارقاتقۇچى : ئۇيغۇر ئېلكىتاپ تورى
موللا شاكىر تەرىپىدىن يېزىلغان بولۇپ، ئاقسۇ خەلقىنىڭ مانجۇ ئىستىبداتلىرىغا بولغان كۈرەشلىرى تەسۋىرلەنگەن داستان . ئورخۇن مۈنبىرىدە ئىلان قىلىنغان.
12.تەڭرى قامچىسى ئاتىللا
ئېلكىتاپ تارقاتقۇچى : نامەلۇم
ئاتىللا ھەققىدە يېزىلغان كىتاپ. ئاتىللاغا قىزىقىدىغانلار ھەرگىز ئوقىماڭلار جۇما!
13. جاھالەت پىرلىرى شىنجاڭدا
ئېلكىتاپ تارقاتقۇچى :نامەلۇم
غوجا – ئىشانلارنىڭ ئىش –ئىزلىرىنى بىلىمىگەنلەر بىلىۋالسۇن .14. تۈركى تىللار دىۋانى
ئېلكىتاپ تارقاتقۇچى : ئورخۇن ئۇيغۇر تارىخ تورى
ئاتاقلىق تىلشۇناس، پەخىرلىك ئالىمىمىز مەھمۇت قەشقىرىنىڭ كاتتا ئەسىرى تۈركى تىللار دىۋانى بولۇپ، بىر كۆرۈپ باقماقچى بولغانلار ئۈچۈن مانا بۇ ئەڭ ياخشى پۈرسەت.
1- قىسىم : 1-بۆلەك 2- بۆلەك 3- بۆلەك
2- قېسىم : چۈشۈرۈش
3- قىسىم : چۈشۈرۈش
خەنزۇچە نۇسخىسى : http://good.gd/536412.htm
15. قۇتاغۇبىلىك
ئېلكىتاپ تارقاتقۇچى : نامەلۇم
مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قۇتاغۇبىلىك ناملىق داستانى. كۆرمىگەنلەر كۆرۈپ باققۇلۇق.
بۇ كىتاپنى ئوقۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى ئېلكىتاپ ئوقۇش قورالىنى چۈشۈرۈپ كومپىيۇتۇرىڭىزغا قاچىلاڭ.
ئېلكىتاپ كۆرۈش دىتالى: http://good.gd/538165.htm
ئۇيغۇرچە نۇسخسى: چۈشۈرۈش
خەنزۇچە نۇسخىسى: : http://good.gd/536409.htm
16. شىۋىت باسمىسىدا بېسىلغان ئەسەرلەر
ئېلكىتاپ تارقاتقۇچى : نامەلۇم
1920- يىللاردا قەشقەردە شىۋىتسىيە ئەلچىسخانىسىدىكى شىۋىت مىسسىئونىرلار دىن تارقىتىش مەقسىتىدە باسمىخانا قۇرغان. بۇ باسمىخانىدا بەزى خىرىستىيان دىنى يازمىلىرى بېسىلغان بولسىمۇ لىكىن يەنىلا بەزى ئۇيغۇر مەدىنىيىتى ئۈچۈن پايدىلىق يارزمىلار بېسىلغان. تۆۋەندە شۇ دەۋىردە نەشىر قىلىنغان 5 پارچە ئەسەرنىڭ ئېلكىتاپ نۇسخىسى بېرىلدى. بۇ ئېلكىتاپلارنى بەلكىم ئوقۇيالمايسىز ۋە بەلكىم ھەجىلەپ يۈرۈپ ئوقىيالىشىڭىز مۇمكىن. نىمىلا بولسۇن شۇ دەۋرىدىكى تىل ئالاھىدىلىكىنى بىلىشىڭىز ئۈچۈن بىر پايدىلىق ماتىريالدۇر.
1- كىتاپ: چۈشۈرۈش
4 كىتاپ:چۈشۈرۈش
17. تارىخى جاھانكۇشاي
ئېلكىتاپ تارقاتقۇچى : شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇغۇچىلار كۇلۇبى
ئەسەردە چىڭگىزخاندىن ھىلوكۇغىچە بولغان تارىخ جەريان بايان قىلىنغان بولۇپ، ئەسەردە ئۇيغۇر تارىخى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بايانلار كۆپتۇر.ئۇيغۇر تارىخىغا قىزىقىدىغانلار چۈشۈرىۋىلىڭلار.
18. ئىدىقۇت مەھكىمىسى سۆزلۈكلىرى
ئېلكىتاپ تارقاتقۇچى : نامەلۇم
مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە تۈزۈلگەن ئۇيغۇر تىلى بىلەن خەنزۇ تىلى تۈرلەرگە ئايرىپ سىلىشتۇرۇلغان سۆزلۈكلەر قوللانمىسى. ئەگەر بەش ئەسىر ئىلگىرىكى تىلىمىزنى بىلمەكچى بولسىڭىز كۆرۈپ بېقىڭ.
收藏到:Del.icio.us
كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !
评论
مەم سىز تەمىللىگەن كۆپقىسىم كىتاپلارنى چۇشۇرۋالدىم
رەخمەت . سىزگە بىر بوشلۇقىنى تەۋسىيە قىلىمەن 5جى سىغىم بىلەن تەمىللەيدەكەن.
مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ
1094725209
لىكىن http://www.91box.net غا يوللغان كىتاپلارنى چۈشۈرگىلى بولمايدىكەن مۇمكىن بولسا تۇزىتپ قويغان بولساڭلار!! تەشەككۇر سىلەرگە!!!