باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • بارماق دىسكىنى چەكلەش

    ۋاقىت:2009-05-11 | تۈرى:قاتتىق دېتال بىلىملىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/ilkitap-logs/39239228.html

    ھەممىمىز بىلىمىز، ھازىر بارماق دىسكا ھەممىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغان ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش، ئۇچۇر يۆتكەش قوراللىرىمىزنىڭ بىرسى. بىراق دەل مۇشۇ بارماق دىسكا يەنە نۇرغۇن ۋىرۇسلارنى تارقتىۋاتقان مەنبەلەرنىڭ بىرسى.
    ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا باشقىلارنىڭ كومپىيۇتۇرىمىزدا خالىغانچە بارماق  دىسكىنى ئىشلىتىشىنى  چەكلەپ، ۋىرۇس تارقىلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟ شۇنداقلا يەنە باشقا خىلدىكى USB ئۈسكىنىلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزمىگىلى بولىدۇ؟
    ئۇنداقتا دىققىتىڭىز تۆۋەندىكى مەزمۇنلاردا بولسۇن.
    ئالدى بىلەن باشلاش تىزىملىكىدىكى ئىجرا قىلىش بۇيرۇقىنى چىكىمىز، ئاندىن ئىچىلغان كۆزنەككە regedit دىگەن بۇيرۇقنى كىرگۈزۈپ، تىزىملاش جەدىۋىلىنى تەھرىرلەش ھالىتىگە كىرىمىز ھەمدە تەرتىپ بويىچە تۆۋەندىكى قىممەتنى تاپىمىز.
    [HKEY_LOCAL_MACHINE\SYSTEM\CurrentControlSet\Services|USBSTOR]
    بۇ يەردىكى قىممەتلەر USB ئۈسكىنىلىرىنىڭ قوزغىتىش پىراگراممىسى تۈرلىرى. بۇ يەردىن START دىگەن تۈرنى تېپىپ، ئۇنىڭ DWORD قىممىتىنى 4 كە ئۆزگەرتىپ قويىمىز. بۇنىڭ بىلەن بارماق دىسكىنى چەكلىگەن بولىمىز. ئەمما ئۆزىمىز بارماق دىسكا ئىشلەتمەكچى بولساق قانداق قىلىمىز؟
    ناھايىتى ئاددى، ئەگەر ئۆزىمىز بارماق دىسكىنى ئىشلەتمەكچى بولساق، بۇ قىممەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ قويساقلا بولىدۇ. ئەگەر دائىملا تىزىملەش جەدىۋىلىنى ئېچىپ، ئىزدەپ يۈرۈشنى ئاۋارىچىلىق كۆرسىڭىز، تىزىملاش جەدىۋىلىنىڭ ھۆججەتكە چىقىرىش ئىقتىدارىدىن
    پايدىلىنىپ، مۇشۇ يەردىكى قىممەتنى بىر ھۆججەتكە چىقىرىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ. يەنى
    ئالدى بىلەن بۇ يەردىكى قىممەتنى 4 كە ئۆزگەرتىشىتىن بۇرۇن ،USBSTOR دىگەن تۈرنى تاللاپ تۇرۇپ، تىزىملىكتىن ھۆججەت - چىقىرىش دىگەن بۇيرۇقنى بىر چىكىپ،  ئېچىلغان كۆزنەككە ھۆججەت ئىسمىنى كىرگۈزۈپ بىرىمىز مەسىلەن: بارماق دىسكا ئوچۇق دەپ، ئاندىن ساقلاش كۇنۇپكىسىنى باسساقلا بولىدۇ.
    2- قېتىمدا قىممەتنى 4 ئۆزگەرتىپ، يەنە بىر قېتىم ھۆججەت - چىقىرىش مەشغۇلاتى قىلىپ، ھۆججەت ئىسمىنى :» بارماق دىسكا ئۆچۈك « دەپ قويۇپ قويساقلا بولىدۇ. بۇندىن كېيىن ئەگەر بارماق دىسكىنى چەكلىمەكچى بولساق، بارماق دىسكا ئۆچۈك دىگەن ھۆججەتنى ئىككى چىكىپ ئىجرا قىلساقلا بولىدۇ. ئەگەر ئۆزىمىز
    ئىشلەتمەكچى بولساق، بارماق دىسكا ئوچۇق دىگەن ھۆججەتنى ئىككى چەكسەكلا بولىدۇ. قانداق بۇ ئۇسۇل ناھايىتى ئەپلىكمىكەن.

    ئەگەر قىلالمىسىڭىز تۆۋەندىكى ھۆججەتنى چۈشۈرۈپ سىناپ كۆرۈڭ.
    files/12428324280.rar

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

    评论

  • [avatar:30][avatar:30][avatar:30]ياخشىمۇ سىلەر تورداشلار! مەن يېڭى بىلوگ ئالغان ئۇنى قانداق ياساشنى ، قانداق ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشنى بىلەلمىدىم. ماڭا ياردەم قىلغان بولساڭلار! رەخمەت سىلەرگە!
  • [avatar:30][avatar:30]ياخشىمۇ سىلەر تورداشلار! مەن يېڭى بىلوگ ئالغان ئۇنى قانداق ياساشنى ، قانداق ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشنى بىلەلمىدىم. ماڭا ياردەم قىلغان بولساڭلار! رەخمەت سىلەرگە!
  • [avatar:30]ياخشىمۇ سىلەر تورداشلار! مەن يېڭى بىلوگ ئالغان ئۇنى قانداق ياساشنى ، قانداق ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشنى بىلەلمىدىم. ماڭا ياردەم قىلغان بولساڭلار! رەخمەت سىلەرگە!

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !