باش بەت | ئېلكىتاپ | تەرجىمە فىلىم | ئالبۇم | ULY نۇسخىسى |
-
Photoshop دا چىراي گۈزەللەشتۈرۈش (4)
ۋاقىت:2009-05-06 | تۈرى:كۆپ ۋاستە دىتاللىرى
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/38981005.html
تۆۋەندىكى ئۇسۇل بەيدۇ تورىدىن ئىزدەش ئارقىلىق كۆچۈرۈپ ئېلىنىپ، تەرجىمە قىلىنىپ شۇ پېتى يوللاندى.
بۇ ئەڭ ئاددى ئۇسۇللارنىڭ بىرسى بولۇپ، پەقەتلا رەسىمنى ئاددى ھالدا ئاقارتىش ئۈچۈنلا ئىشلەيدىكەن. مېنىچڭە بۇ خىل ئۇسۇلنى ئىشلەتكەندە ئەڭ ياخشىسى ئىشلەتكەن سۈرەت ئۆزىدە ھىچقانداق چاتاق يوق ، پەقەت ئازراق ئاقارتىش لازىم بولسا قوللىنىشقا ياكى بولمىسا يۇقارقى ئۇسۇللارغا قوشۇمچە قىلسا بولىدىكەن.
1- ئالدى بىلەن رەسىمنى ئاچىمىز.
ئەسلىدىكى سۈرەت قەۋىتىنى يەنە بىر قەۋەت كۆچۈرىۋالىمىز. ( CTRL+J كۇنۇپكىسىنى باسساقمۇ بولىدۇ) قەۋەت ھالىتى «سۈزگۈچ» ھالەتتە بولىدۇ. تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ.
ئەمدى قارايدىغان بولساق رەسىم ئەسلىدىكىدىن خېلىلا يورۇق ھالەتكە ئۆتتى.
يىڭى قوشۇلغان رەسىم قەۋىتىگە ماسكا قەۋىتى قوشۇش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ بىر ماسكا قەۋىتى (蒙版) قوشۇپ، ئاشۇ رەسىم قەۋىتى تاللانغان ھالەتتە تۇرىدۇ.
2. ماسكا قەۋىتى تاللاپ تۇرۇپ (رەسىمگە دىققەت قىلىڭ) ھالەتتە تىزىملىكتىن «سۈرەت-سۈرەت ئىشلىتىش» (图像--应用图像) دىگەن بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىمىز.
ئەمدى قارىساق يورۇق ۋە قاراڭغۇ يەرلىرى ئېنىق بولدى.
3. ئەمدى رەسىم قەۋىتى 1 (图层1) نى تاللاپ(بىر چىكىۋىتىپ) تۇرۇپ، تىزىملىكتىن « سۈزگۈچ- تۇتۇقلاشتۇرۇش- گائۇسچە تۇتۇقلاشتۇرۇش » (滤镜--模糊--高斯模糊) دىگەن بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىمىز.
ئەمدى قارايدىغان بولساق رەسىملەر سەل تۇتۇق بولۇپ قالدى.
4. ئەمدى رەسىم قەۋىتى 1(图层1) تاللانغان ھالەتتە تۇرۇپ، CTRL+G نى بىسىپ بىر گۇرۇپپا قوشىمىز (ياكى ئاستىدىكى گۇرۇپپا قوشۇش كۇنۇپكىسىنى باسساقمۇ بولىدۇ)
ئاندىن گۇرۇپپا 1 (组1) غا بىر ماسكا قەۋىتى قوشىمىز. ھەمدە ماسكا قەۋىتى تاللانغان ھالەتتە يەنە بىر قېتىم تىزىملىكتىن «سۈرەت-سۈرەت ئىشلىتىش» (图像--应用图像) دىگەن بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىمىز.
رەسىمدىكى قىزىل بەلگىلەنگەن جايلارغا دىققەت قىلىڭ.
شۇنىڭ بىلەن بۇ دەرس تۈگىدى. ئاخىرقى نەتىجە تۆۋەندىكىدەك.
بىراق ئەسكەرتىپ قويىدىغىنىم بۇ ئۇسۇل ھەممىلا سۈرەتكە ماس كىلىۋەرمەيدىكەن. مەن بىر قانچە سۈرەتنى سىناپ باقسام ئۈنىمى تازا كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى. شۇڭا ئەسلى دەرسلىكتىكى سۈرەتلەرنى شۇ پېتى ئىشلەتتىم.
收藏到:Del.icio.us
كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !