باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • ABC كىرگۈزگۈچتىكى مەخپىيەتلىكلەر

    ۋاقىت:2008-11-19 | تۈرى:باشقا ئىشخانا دىتاللىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/31535401.html

    مېنىڭچە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۆپ قىسىم كىشلەر خەنزۇچە خەت يازسا چوقۇم پىنيىن بويىچە يىزىش ئۇسۇلىنى ئىشلىتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئاساسلىق ئىشلىتىلىدىغىنى ئىقتىدارلىق ABC كىرگۈزگۈچ ، مىكروسوفت پىنيىن كىرگۈزگۈچىسى قاتارلىقلار بولۇشى مۇمكىن. تۆۋەندە مەن سىزنىڭ ABC  كىرگۈزگۈچتە خەت كىرگۈزگەندە خەنزۇچە خەت كىرگۈزۈش ئۇنۈمىڭىزنى يۇقۇرى كۆتۈرىدىغان بىر قانچە ئۇسۇلنى ئېيتىپ بىرەي.دىققەت بىلەن كۆرۈڭ.
    1. بىۋاستە كىرگۈزۈش

    ئەگەر سىز خەنزۇچە كىرگۈزىۋىتىپ، ئىنگىلىزچە كىرگۈزۈشكە ئىھتىياجلىق بولۇپ قالسىڭىز، پەقەتلا كىرگۈزمەكچى بولغان ئىنگىلىزچە سۆزلۈكنىڭ ئالدىغا v ھەرپىنى قوشۇپ كىرگۈزسىڭىزلا بولىدۇ. مەسىلەن: teacher دىگەن سۆزنى كىرگۈزمەكچى بولسىڭىز، vteacher دەپ يازسىڭىزلا بولىدۇ.2. سانلارنىڭ خەنزۇچە چوڭ خەت بىلەن يېزىلىشىنى كىرگۈزۈش
    ئەگەر سىز سانلارنىڭ خەنزۇچە خەت بىلەن  چوڭ- كىچىك يېزىلىشىنى كىرگۈزمەكچى بولسىڭىز، پەقەتلا I ۋە iنى كىرگۈزۈپ، كەينىگە ساننى قوشۇپ يازسىڭىزلا بولىدۇ.مەسىلەن: i3 نى كىرگۈزسەك، دىگەن خەتنى چىقىرىپ بىرىدۇ. ئەگەر I2 دىگەن خەتنى كىرگۈزسەك، دىگەن خەتنى چىقىرىپ بىرىدۇ.
    3.خەنزۇچە چىسلانى كىرگۈزۈش
    خەنزۇچە خەتلىك چىسلانى كىرگۈزگەندە n ئارقلىق يىلنى، y ئارقلىق ئاينى، r ئارقلىق كۈننى ئىپادىلەيمىز. ھەمدە ئالدىغا I نى قوشۇپ يازىمىز. مەسىلەن: ○○七年一月十五日 دىگەن چىسلانى كىرگۈزمەكچى بولساق، i2007n1y15r دەپ كىرگۈزسەكلا، مەقسەتكە يېتىمىز. ئىسىڭلاردا بولسۇن، I نىڭ چوڭ كىچىك يىزىلىشى ئوخشاش بولمىغان نەتىجىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.يەنى چوڭى يىزىلسا خەنزۇچە چوڭ خەت بويىچە، كېچىكى يېزىلسا خەنزۇچە ئادەتتىكى خەتلەر بويىچە كۆرستىپ بىرىدۇ.
    4.تىزلىكتە بىرلىك بەلگىلىرىنى كىرگۈزۈش
    ئەگەر بىز سانتا مىتىر دىگەندەك ئۆلچەم بىرلىكلىرىنى كىرگۈزمەكچى بولساق، پەقەتلا ئۆلچەم بىرلىكى ئالدىغان iنى قېتىپ يازساقلا بولىدۇ. يەنى« i+بىرلىك» شەكلىدە. مەسىلەن厘米 دىگەن خەتنى كىرگۈزمەكچى بولساق، icm دىگەن خەتنى كىرگۈزسەكلا مەقسەتكە يېتەلەيمىز. خەنزۇچە تۈمەن،مىڭ، يۈز، ئون قاتارلىقلارنى كىرگۈزۈشتىمۇ I نىڭ كەينىگە شۇلارنىڭ خەنزۇچە ئوقۇلۇشىدىكى 1- ھەرپنى قوشۇپ يىزىش ئارقلىق مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ. مەسىلەن: iq نى كىرگۈزۈش ئارقلىق دىگەن خەتنى كىرگۈزۈشكە بولىدۇ.
    5. باشقا بەلگىلەرنى كىرگۈزۈش
    بەلكىم بەزىدە بەزىبىر بەلگىلەرنى تاپالماي قىينالغان بولىشىڭىز مۇمكىن. تۆۋەندىكى ئۇسۇل سىزگە ئەسقىتىپ قىلىشى مۇمكىن، يەنى v كۇنۇپكىسى بىلەن سانلار كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بىسىش ئۇسۇلى . مەسىلەن: سىز v1 دىگەننى كىرگۈزسىڭىز ، جەمئى 104 خىل ھەرپ بەلگە كۆرسۈتۈشكە بولىدۇ. ئەگەر سىز ئىزدىگەن بەلگە يوق بولسا، ئاستىغا ئۈستىگە ئۆرۈش كۇنۇپكىسى ئارقىلىق ئىزدەشكە بولىدۇ. بۇندىن باشقا v2 دىن v9 بولغان كۇنۇپكىلارنى سىناپ باقساڭلار بولىدۇ.
    6. بىخۇا بويىچە كىرگۈزۈش.
    ABC
    كىرگۈزۈش ئۇسۇلى ساپلا پىنيىن بويىچە كىرگۈزۈش ئۇسۇلى بولۇپ قالماي ئۇ يەنە بىخۇا ئارقىلىق كىرگۈزۈش ئۇسۇلىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان. بىز كىرگۈزگەندە ئالدى بىلەن پىنيىننى يېزىۋىلىپ، ئاندىن شۇ خەتنىڭ بىرىنجى بىخۇسىنى ئىپادىلەيدىغان ساننى كىرگۈزۈپ بەرسەك بولىدۇ. بىخۇالار تۆۋەندىكىچە  2  3  5 左弯钩 6 右弯钩 7 十字交叉 8 方框 مەسىلەن: wu8 دىگەننى كىرگۈزسەك دىگەن خەتنى چىقىرىپ بىرىدۇ. چۈنكى بۇ خەتنىڭ 1- بىخۇاسى كاتەكچە بولۇپ، 8 بولسا كاتەكچىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.
    7. مەجبۇرى ئەستە تۇتۇش
    مەجبۇرى ئەستە تۇتۇش دىگىنىمىز ، بىز دائىم ئىشلىتىدىغان خەتلەرنى ئىشلەتكۈچى خەت ئىسكىلاتىغا مەجبۇرى قوشۇپ قويۇشنى كۆرسىتىدۇ. ABC كىرگۈزۈش تالچىسىنىڭ ئۈستىگە مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىنى بىر چىكىپ، تىزىملىكتىن،«يىڭى سۆزگە ئېنىقلىما بىرىش» (定义新词)دىگەن تۈرنى تاللايمىز. ئېچىلغان كۆزنەكتىكى «يىڭى سۆز» دىگەن قۇرغا阿布都拉 دىگەن خەتنى كىرگۈزۈپ، سىرتقى كودى(外码)دىگەن جايغا abdulla دەپ يازىمىز.ئاندىن ساقلاپ قايتىمىز. كىيىنكى قېتىم ئابدۇللا دىگەن خەنزۇچە خەتنى كىرگۈزمەكچى بولساق، uabdulla دەپ كىرگۈزسەكلا بولدى. بۇ چاغدا كىرگۈزۈش تالچىسدىن لوناردو دىگەن خەتنى تاللاپ، بوشلۇق كۇنۇپكىسىنى چەكسەك مەقسەتكە يېتىمىز. بۇ ئۇسۇلدا  بىز پەقەت بىر تال u ھەرپىنى قوشۇپ يازىمىز.
    8
    .ئەستە تۇتۇش ئۇسۇلىنى ئىشلىتىش
    ئادەتتە بىز بىر سۆزنى بىر قانچە قېتىم ئىشلەتسەك، بۇ سۆزلەرنى كىرگۈزگۈچ ئاپتۇماتىك ئېسىدە ساقلىۋالىدۇ.ئەگەر بىز بۇنداق سۆزلەرنى قايتا كىرگۈزمەكچى بولساق پەقەت، Ctrl +- كۇنۇپكىسىنى ئىككى قېتىم باسساقلا بولدى. مەسىلەن: 频繁 دىگەن خەتنى ھېلىلا بىر قانچە قېتىم كىرگۈزگەن بولساق،بۇ سۆزنى يەنە بىر قېتىم كىرگۈزمەكچى بولساق، بىزپەقەت Ctrl +- كۇنۇپكىسىنى ئىككى قېتىم باسساقلا يەنە بىرقېتىم كىرگۈزۈلىدۇ.


    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !