باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • Word دىن ئەپچىل ھۈنەرلەر

    ۋاقىت:2008-10-17 | تۈرى:wordھۈنەرلىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/30349470.html

    1.    ھۆججەتكە ئايرىش سىزىقى قوشۇش (分隔线)
    بەزىدە ھۆججەتكە سىزىقلارنى قوشۇش توغرا كەلگەندە سىزىقنى سىزىشمۇ خېلى ئاۋارە قىلىدۇ.تۆۋەندىكى ئۇسۇللار ئارقىلىق ئايرىش سىزىقىنى ئاسانلا قوشالايسىز.
    1.قوش سىزىق سىزىش ئۈچۈن كەينى كەينىدىن = بەلگىسىدىن ئۈچنى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپنى كىرگۈزۈپ قايتۇرۇش كۇنۇپكىسىنى (Enter) باسسىڭىزلا بىز قوش تۈز سىزىققا ئېرىشەلەيسىز.
    2.دولقۇنسىمان سىزىق سىزىش ئۈچۈن، ~ بەلگىسىدىن ئۈچنى كەينى- كەينىدىن ئۈچنى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپنى كىرگۈزۈپ قايتۇرۇش كۇنۇپكىسىنى (Enter) باسساق، بىر دولقۇنسىمان سىزىققا ئېرىشەلەيمىز.
    3.ئۈزۈك سىزىق سىزىش ئۈچۈن كەينى – كەينىدىن * بەلگىسىدىن ئۈچنى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپنى كىرگۈزۈپ، قايتۇرۇش كۇنۇپكىسىنى (Enter) باسساق، بىر ئۈزۈك سىزىققا ئېرىشەلەيمىز.
    4.ئىنچىكە تۈز سىزىق سىزىش ئۈچۈن كەينى- كەينىدىن – بەلگىسىدىن ئۈچنى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپنى كىرگۈزۈپ، قايتۇرۇش كۇنۇپكىسىنى (Enter) باسساق، بىر ئىنچىكە ئۈزۈك سىزىققا ئېرىشەلەيمىز.
    5.توم سىزىق سىزىش ئۈچۈن كەينى – كەينىدىن # بەلگىسىدىن ئۈچنى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپنى كىرگۈزۈپ، قايتۇرۇش كۇنۇپكىسىنى (Enter) باسساق، بىر توم سىزىققا ئېرىشەلەيمىز.
    2.)پۈتۈن جەدىۋەلنى ئۆچۈرۈش
      ئەگەر سىز
    Word ھۆججىتى ئىچىدىكى جەدىۋەللەرنى ئۆچۈرمەكچى بولۇپ، del كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز جەدىۋەل ئۆچمەي، بەلكى ئۇنىڭ ئىچىدىكى سانلىق مەلۇماتلار ئۆچۈپ كېتىدۇ. قانداق قىلغاندا پۈتۈن جەدىۋەلنى بىراقلا ئۆچۈرىۋەتكىلى بولىدۇ؟ ناھايىتى ئاددى، سىز پەقەت پۈتۈن جەدىۋەلنى تاللاپ، ئاندىن Shift+delete كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىزلا پۈتۈن جەدىۋەل ئۆچۈپ كېتىدۇ. بۇ بىرلەشمە كۇنۇپكا ئارقىلىق يەنە بىر جەدىۋەلدىكى پۈتۈن قۇر ياكى پۈتۈن رەتنى ئۆچۈرگىلى بولىدۇ. يەنى ئالدى بىلەن پۈتۈن قۇر ياكى پۈتۈن رەتنى تاللاپ، ئاندىن Shift+delete بىرلەشمە كۇنۇپكا بىسىلسا پۈتۈن قۇر ياكى پۈتۈن رەتنى ئۆچۈرۈپ تاشلىغىلى بولىدۇ.
    3.)قانداق قىلغاندا
    X2 دىكى 2 نى X ئاستى ياكى ئۈستىگە چىقارغىلى بولىدۇ.ئىككى خىل ئۇسۇل بار. 1- سى تىزىملىكتىن فورمات – خەت نۇسخىسى بۇيرۇقىنى چەكسەك، خەت نۇسخىسى كۆزنىكى ئېچىلىدۇ. بۇ كۆزنەكتىن ئاستى (下标) ياكى ئۈستى (上标) دىگەن تۈرلەرنى تاللاش ئارقىلىق مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ. بىراق بەزى جايلاردا بۇ ئۇسۇل ئىشلىمەيدۇ. بۇ چاغدا 2- ئۇسۇلنى ئىشلىتىمىز.2- ئۇسۇلدا بولسا ctrl+= ۋە

    Ctrl+shift+= بىرلەشمە كۇنۇپكىسىنى بىسىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. يەنى ئالدى بىلەن 2 تاللاپ، ئاندىن بۇ بىرلەشمە كۇنۇپكىلارنى باسىمىز.


    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !