باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • Excel ماكرۇسىنى ئىشلىتىش (2)

    ۋاقىت:2008-10-08 | تۈرى:excel ھۈنەرلىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/30036471.html

    Excel   ماكرۇسىنى ئىشلىتىش (2)

    3. تەسۋىر سىتاتىستىكىسى

    ئەگەر مەلۇم سىنىپنىڭ مەۋسۈملۈك ئىمىتىھاندىكى نەتىجىسىدىن شۇ سىنىپنىڭ ئوتتۇرىچە نەتىجىسىنى، شۇ سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمى نومۇرى، ئەڭ يۇقۇرى نومۇر، ئەڭ تۆۋەن نومۇر قاتارلىقلارنى بىر يولىلا تىپىپ چىقىشنىڭ ئاددى ئۇسۇلى بولساExcel    ماكرۇسىدىكى سانلىق مەلۇمات ئانالىزى دىگەن ماكرۇ ئاستىدىكى «تەسۋىرى سىتاتىستىكا(描述统计)» ئىقتىدارىنى ئىشلىتىش.
    ئالدى بىلەن سانلىق مەلۇمات مەنبەسىنى ئېچىۋالىمىز.يەنى تۆۋەندىكىدەك.

    تىزىملىكتىن «قورال- سانلىق مەلۇمات ئانالىزى- تەسۋىرى سىتاتىستىكا» (工具-数据分析-描述统计) نى تاللاپ تەسۋىرى سىتاتىستىكا قىلىش كۆزنىكىنى ئاچىمىز. تۆۋەندىكىدەك.


    بۇ كۆزنەكتە كىرگۈزۈش رايۇنى (输入区域) بولسا، ئەسلى سانلىق مەنبە رايۇنى بولۇپ،كۆپ قۇر كۆپ رەتنى تاللاشقا بولىدۇ. بۇ يەرگە جەدىۋەلدىكى نەتىجە دىگەن رەتنى تاللايمىز.يەنى  b1   كاتەكچىدىن b29  كاتەكچىگىچە بولغان رايۇننى تاللىساق بولىدۇ.ئەگەر 1- قۇر يەنى نەتىجە دىگەن خەتنى بەلگە قىلماقچى بولساق، ئاستىدىكى «بەلگە 1- قۇرغا ئورۇنلىشىدۇ» دىگەن تۈرگە بەلگە سېلىپ قويىمىز.
    چىقىرىش رايۇنىغا مەزكۇر جەدىۋەل، يىڭى جەدىۋەل ۋە ياكى يېڭى خىزمەت دەپتىرى قاتارلىق تۈرلەرنى تاللاشقا بولىدۇ. مىسالدا بىز مەزكۈر جەدىۋەل ئۆزىنى تاللىدۇق. بۇ چاغدا بىز جەدىۋەلنىڭ باشلىنىش ئورنىنى ياندىكى ئورۇنغا كۆرسىتىپ بەرسەك بولىدۇ. يەنى بىزنىڭ كۆرسەتكىنىمىز
    d2 .
    جەملەش سىتاتىستىكىسى (
    汇总统计): بۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلەر، ئوتتۇرىچە قىممەت، ئۆلچەملىك خاتالىق، ئوتتۇرىدىكى قىممەت، ئەڭ كۆپ ئۇچرىغان سان، ئۆلچەملىك چەتنەش، كۇۋادىراتلىق پەرق، چوققا قىممىتى،قېيسىيىش دەرىجىسى، قۇتۇپ پەرقى، ئەڭ چوڭ قىممەت، ئەڭ كىچىك قىممەت، جەمئى، جەمئى سانى، ئەڭ چوڭ قىممەت، ئەڭ كىچىك قىممەت، ئىشەنچ دەرىجىسى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى چىقىرىپ بېرىدۇ.
    ئەڭ چوڭ قىممەت ، ئەڭ كېچىك قىممەت دىگەن يەرنىڭ يېنىدىكى سان بار ئورۇنغا سان يېزىپ قويساق، مەسىلەن، ھەر ئىككىسگە 2 دەپ كىرگۈزسەك، ئىككىنچى چوڭ سان بىلەن ئىككىنچى كېچىك ساننى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
    ئاندىن جەزىم كۇنۈپكىسىنى باسساق،
    d2 كاتەكچىدىن باشلاپ بىزگە تۆۋەندىكىدەك بىر جەدىۋەلنى چېقىرىپ بېرىدۇ.
    رايۇن پەرقى (
    区域) يەنى ئەڭ چوڭ قىممەت بىلەن ئەڭ كىچىك قىممەت ئارىسىدىكى پەرق بولۇپ، جەدىۋەلدە بۇ پەرق 54 بولغان.


    بۇ جەدىۋەلدىكى  ئوتتۇرىدىكى سان(中位数) بولسا رەتكە تىزغاندىن كېيىن ئوتتۇرىدا تۇرغان سان.
    ئەڭ كۆپ ئۇچرىغان قىممەت(
    众数)  بولسا  ئەڭ كۆپ قېتىم كۆرۈلگەن سان يەنى بىر قانچە قېتىم كۆرۈلگەن سان بولۇپ، جەدىۋەلدە 65 دىگەن سان ئىككى قېتىم كۆرۈلگەن بولۇپ، دىمەك ئىككى ئوقۇغۇچى 65 نومۇر ئالغان.
    ئىككىنچى چوڭ سان 93، ئىككىنچى كېچىك سان 52 .


    4.گىستوگىرامما


    ئەگەر يۇقارقى سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر قايسى نومۇر دائىرىسى ئىچىدىكى( يەنى 0-100 گىچە)ئوقۇغۇچىلار سانىنى سىتاتىستىكا قىلىش ھەمدە چاستوتىلىق تارقىلىش ئەھۋالىنى بىلىش زۆرۈر بولۇپ قالسا ھەمدە ئۇلارنىڭ گىستوگىراممىسنى چىقارماقچى بولساق، تۆۋەندىكى ئۇسۇل بويىچە ئاسانلا قىلالايسىز.
    ئالدى بىلەن ئەسلى مەنبە سانلىق مەلۇمات جەدىۋىلىنى ئېچىپ جەدىۋەلدىكىدەك قوبۇل قىلىش رايۇنى دەپ بىر رايۇن بىكىتىۋالىمىز ھەمدە 0-100 گىچە بولغان رايۇن سانىنى كىرگۈزىۋالىمىز.


    ئاندىن تىزىملىكتىن «قورال- سانلىق مەلۇمات ئانالىزى- گىستوگىرامما»(工具-数据分析-直方图) دىگەن تۈرلەر بويىچە گىستوگىرامما كۆزنىكىنى قوزغىتىمىز.تۆۋەندىكىدەك.


    رەسمدىكى كىرگۈزۈش رايۇنى دىگەن جايغا ئەسلى سانلىق مەلۇمات رايۇنى يەنى جەدىۋەلدىكى « نەتىجە دىگەن رايۇننى تاللايمىز.
    قوبۇل قىلىش رايۇنى دىگەن جايغا بىز ئۆزىمىز قۇرىۋالغان «قوبۇل قىلىش رايۇنى (
    接受段
    ) رايۇنىنى تاللايمىز.
    چىقىرىش رايۇنىغا مەزكۇر جەدىۋەل، يىڭى جەدىۋەل ۋە يىڭى خىزمەت دەپتىرى قاتارلىق تۈرلەرنى تاللاشقا بولىدۇ. بۇ مىسالدا مەزكۈر جەدىۋەل تاللاندى.نەتىجە تۆۋەندىكىدەك


    بۇ جەدىۋەل ۋە گىستوگىراممىدىن شۇنى كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى بۇ سىنىپتا 50 نومۇردىن تۆۋەن نومۇر ئالغانلار 1، 60 دىن تۆۋەنلەر 3، 70 دىن تۆۋەنلەر6 ، 80 دىن تۆۋەنلەر 9، 90 دىن تۆۋەنلەر 6، 100 دىن تۆۋەنلەر 3 بولۇپ، گىستوگىراممىدا كۆرسىتىلىشى بىلەن بىللە چېقىرىپ بېرىدۇ.


    5.پىلانلاپ يېشىمىنى تېپىش


    كىچىكىمىزدە توخۇ توشقان قىرىق سەككىز، پۇت قوللىرى يۈز سەككىز، قېنى ئېيتىڭچۇ توخۇ قانچە ؟ توشقان قانچە؟ دەيدىغان بىر تېپىشماق بولىدىغان. مۇشۇ تېپىشماقنى Excel   ماكرۇسىنى ئىشلىتىپ يېشىمىنى تاپايلى.
    بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن بىز
    Excel   نىڭ ماكرۇلىرىدىن بىرى «پىلانلاپ يېشىمنى تېپىش» (规划求解)دىگەن ماكرۇسىنى يۈكلەيمىز.يەنى تېزىملىكتىن «قورال- ماكرۇ يۈكلەش» (工具-加载宏)بۇيرۇقىنى بېسىپ، ئېچىلغان كۆزنەكتىن« پىلانلاپ يېشىمىنى تېپىش» (规划求解)دىگەن ماكرۇ تۈرىنى تاللاپ، جەزىم كۇنۇپكىسىنى باسساق، بۇ ماكرۇ تىزىملىكتىكى «قورال» دىگەن تۈر ئاستىغا قوشۇلىدۇ.
    ئەمدى رەسمى ھىساپلاشنى باشلايمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن بىر يىڭى جەدىۋەل قۇرۇپ،
    B1 كاتەكچىگە ئومۇمى پۇت سانى بولۇپ، تۆۋەندىكىدەك فورمىلا كىرگۈزىمىز. =2*B3+4*B4، B2 كاتەكچىگە بولسا، باش سانىنى يەنى توخۇ توشقاننىڭ ئومۇمى سانىنى يازىمىز. يەنى تۆۋەندىكىدەك فورمىلا =B3+B4 نى كىرگۈزىمىز. B3  ۋە B4 كاتەكچىلەرگە بولسا، توخۇ ۋە توشقاننىڭ ئەمىلى سانىنى چېقىرىش ئۈچۈن ئىشلىتىمىز. شۇڭا ۋاقتىنچە بوش تۇرۇپ تۇرىدۇ. چۈشىنىشلىك بولۇش ئۈچۈن A1A2A3A4 كىچە بولغان كاتەكچىلەرگە «ئومۇمى پۇت سانى، ئومۇمى باش سانى، توخۇ سانى، توشقان سانى» قاتارلىق خەتلەرنى يازىمىز.يەنى تۆۋەندىكىدەك:


    ئاندىن تىزىملىكتىن «قورال- پىلانلاپ يېشىمىنى تېپىش» بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلساق، تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك ئىچىلىدۇ. بۇ كۆزنەكنى رەسىمدىكىدەك تولدۇرىمىز.


    رەسىم ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە:
    1. «مەنبە كاتەكچىنى بەلگىلەش»(
    设置目标单元格) بۇ يەردە B1
    كاتەكچىنى تاللىدۇق.
    2.قىممىتى(
    值为) دىگەن يەرگە 108 دىگەن ساننى يازىمىز. سەۋەبى توخۇ توشقاننىڭ پۇت قولىنىڭ ئومۇمى سانى 108 . شۇڭا 108 دىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.
    3. ئۆزگىرىشچان كاتەكچە(
    可变单元格) دىگەن جايغا B3  ۋە B4  كاتەكچىنى تاللايمىز. سەۋەبى نەتىجە بۇ كاتەكچىگە چىقىرىلىدۇ.
    4. چەكلىمە (
    约束) دىگەن جايغا تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل چەكلىمە قويۇپ قويىمىز. يەنى 1. B2 كاتەكچىنى 48 گە تەڭ بولىدۇ دىگەن شەرتنى قوشىمىز . سەۋەبى توخۇ ۋە توشقاننىڭ ئومۇمى باش سانى 48  بولىدۇ. 2. B3  ۋە B4 كاتەكچىلەرنى پۈتۈن سان دىگەن شەرتنى قوشۇپ قويىمىز.
    يۇقارقى تۈرلەر توشقۇزۇلۇپ بولغاندىن كېيىن يېشىمىنى تېپىش(
    求解) دىگەن كۇنۇپكىنى چەكسەك، بىزگە توخۇ ۋە توشقاننىڭ ھەر قايسىسىنىڭ نەتىجىسىنىڭ قانچە ئىكەنلىكىنى دەرھاللا چىقىرىپ بېرىدۇ. تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك.


     


    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !