باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • Excel نى دەسلەپكى ئۈگەنگۈچىلەر ئۈچۈن ئاددى ھۈنەرلەر

    ۋاقىت:2008-07-08 | تۈرى:excel ھۈنەرلىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/24320526.html

    1. Excel نى تىز قوزغىتىش.
    1. ئەگەر سىز كۈندىلا دىگۈدەك
    Excel نى ئىشلەتسىڭىز. ئۇنى Windows نىڭ ئاپتۇماتىك قوزغىلىدىغان پىراگراممىلار قاتارىغا قوشىۋالسىڭىز بولىدۇ. ئۇسۇلى:
    (1) باشلاش – پروگرامما- قوزغىتىش (开始-程序-启动) دىگەن تۈرنى تىپىپ، ئۇنى مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسى بىلەن بىر چەكسەك، بىر تىزىملىك ئىچىلىدۇ. تىزىملىكىتىن« ئېچىش» دىگەن تۈرنى تاللىساق، قوزغىتىشتىكى پىراگراممىلار ساقلانغان مۇندەرىجىنى ئاچىدۇ. بىز ئىكران يۈزىدىكى ياكى باشقا جايدىكى Excel نىڭ  سىنبەلگىسىنى كۆچۈرۈپ ئەكىرىپ قويساقلا بولىدۇ. ئەگەر قوزغىتىش مۇندەرىجىسىنى تاپالمىسڭىز . ئۇنىڭ ئورنى ئادەتتە
     
    C:\Documents and Settings\Administrator\「开始」菜单\程序\启动

    سىز بۇنىڭدىكى دىسكا بەلگىسى بىلەن ئابونت نامىنى ئۆز كومپىۇتېرىڭىزدىكى مۇناسىۋەتلىك ئابونت نامىغا ئالماشتۇرسىڭىزلا بولىدۇ.
    (2)ئەگەر
    Windows قوزغىلىپ بولغان بولسا،  سىز تۆۋەندىكىدەك ئۇسۇل ئارقىلىق Excel  نى تىز قوزغىتالايسىز.
    1-ئۇسۇل. خالىغان مۇندەرىجە ئىچىدىكى خالىغان بىر
    Excel ھۆججىتىنى ئىككى چىكىش.
    2-ئۇسۇل.ئۈستەل يۈزى ياكى پىراگرامما تىزىملىكى ئىچىدىن
    Excel نىڭ سىنبەلگىسىنى بىر چىكىش .
    2- تىز سۈرئەتتە ياردەمگە ئىرىشىش
    قورال سىتونى ياكى تەھرىرلەش رايۇنى بولسۇن، سىز پەقەت
    Shift+F1  بىرلەشمە كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، ئاندىن مائۇس بىلەن قورال سىتونى ياكى تەھرىرلەش رايۇنىنى چەكسىڭىز ، Excel دەرھال سىزگە بىر ياردەم كۆزنىكى چىقىرىپ بىرىدۇ.ئۇنىڭدا  ئاشۇ سىزچەككەن ئىلمىنىتقا نىسبەتەن تەپسىلى چۈشەندۈرۈشلەر بولغان بولىدۇ.
    3- كاتەكچىنى تىز سۈرئەتتە يۆتكەش ياكى كۆچۈرۈش
    ئالدى بىلەن كاتەكچىنى تاللاپ، ئاندىن مائۇس سىتىرىلكىسىنى كاتەكچىنىڭ چۆرسىگە ئىلىپ كەلسەك، مائۇس سىتىرىلكىسىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىدۇ. شۇ چاغدا مائۇسنىڭ سول كۇنۇپكىسىنى بىسىپ تۇرۇپ، سىتىرىلكىنى يۆتكەپ، قەيەرگە قويساق شۇ يەرگە يۆتكىلىدۇ. ئەگەر كۆچۈرمەكچى بولساق، پەقەتلا مائۇس سىتىرىلكىسىنى قويىۋىتىش ئالدىدا
    Ctrl كۇنۇپكىسىنى بىسىپ ، تۇرۇپ ئاندىن قويىۋەتسەك بولىدۇ.
    4- خىزمەت جەدىۋىلىنى تىز سۈرئەتتە بىسىپ چىقىرىش
    ئەگەر سىز «ھۆججەت» تىزىملىكى ئاستىدىكى «بىسىپ چىقىرىش» بۇيرۇقى ئارقىلىق بىسىپ چىقىرىش مەشغۇلاتى ئىلىپ بارماقچى بولسىڭىز، «بىسىپ چىقىرىش» كۆزنىكى ئىچىلىپ، سىزنىڭ بىر قاتار تاللاش ئىلىپ بىرىشىڭىزنى ساقلايدۇ.ئەگەر بۇ باسقۇچتىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتمەكچى بولسىڭىز، سىز بىۋاستە قورال سىتونىدىن « بىسىپ چىقىرىش» كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىزلا بولىدۇ.
    5- خىزمەت جەدىۋىلىنى تىز سۈرئەتتە ئالماشتۇرۇش
    Ctrl+PageUp كۇنۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق ئالدىنقى خىزمەت جەدىۋىلىنى Ctrl+PageDown كۇنۇپكىسى ئارقىلىق كېيىنكى خىزمەت جەدىۋىلىنى تاللاشقا بولىدۇ. ياكى بولمىسا مائۇس ئارقىلىق  بىۋاستە تۆۋەندىكى  خىزمەت جەدىۋىلى  ئىسىملىرى ئارىسىدىن ئۆزىمىز ئاچماقچى بولغان خىزمەت جەدۋىلىنى تاللىساقمۇ بولىدۇ.
    6- خىزمەت دەپتىرىنى تىز سۈرئەتتە ئالماشتۇرۇش
    ئەگەر ئىچىلغان خىزمەت دەپتەرلىرى (
    工作簿)ئاز بولسا ئۇلارنى بىۋاستىلا ۋەزىپە سىتوندىن تاللىساق بولىدۇ. ئەگەر سەل كۆپى بولۇپ كەتسە ، ئۇ چاغدا «كۆزنەك» (窗口) تىزىملىكى ئاستىدىكى كۆرۈلگەن ھۆججەتلەر تىزىملىكى ئېچىدىن مەشغۇلات ئىلىپ بارماقچى بولغان ھۆججەتنى تاللاپ ئىشلەتسەك بولىدۇ.
    «كۆزنەك » تىزىملىكى ئەڭ كۆپ بولغاندا 9 دانە ھۆججەتنى كۆرسىتىپ بىرەلەيدۇ. ئەگەر ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتسە، «كۆزنەك» تزىملىكى بىر « كۆپ كۆزنەك» دىگەن بىر بۇيرۇق پەيدا بولىدۇ. بۇ چاغدا بىز پەقەت ئەشۇ « كۆپ كۆزنەك» دىگەن بۇيرۇقنى چەكسەك بىر كۆزنەك ئىچىلىدۇ.بۇ كۆزنەكتە نۆۋەتتە ئىچىلغان بارلىق ھۆججەتلەر تىزىلغان بولۇپ، بىز بۇنىڭ ئارىسىدىن ئۆزىمىزگە كىرەكلىك بولغان ھۆججەتنى تاللىساقلا بولىدۇ.
    7- تىز سۈرئەتتە
    Word جەدىۋىلىنى قىستۇرۇش
    Word دا تۈزۈلگەن جەدىۋەلنى قىستۇرۇشنىڭ بىر قانچە خىل ئۇسۇلى بار.
    (1) ئالدى بىلەن 
    Word جەدىۋىلى بار ھۆججەتنى ئېچىپ،  Excel گە قىستۇرماقچى بولغان جەدىۋەلنى تولۇق تاللىۋىلىپ، ئاندىن كۆچۈرۈش بۇيرۇقى بىلەن ئۇلارنى كۆچۈرىۋالىمىز.
    (2)جەدىۋەلنى قىستۇرماقى بولغان 
    Excel ھۆججىتىنى ئېچىپ،  قىستۇرىدىغان ئورۇننى بەلگىلىۋىلىپ، ئاندىن چاپلاش بۇيرۇقىنى بەرسەكلا ، Word دا تۈزۈلگەن جەدىۋەلنى Excel گە چىقىرىش مەقسىتىگە يىتەلەيمىز.
    8- تېز سۈرئەتتە قورال سىتونى قۇرۇش
      قورال سىتونى ئارقىلىق سىز ئىنتايىن تېز سۈرئەتتە دائىم ئىشلىتىلىدىغان بۇيرۇقلار ياكى ئۆزىڭىز تۈزگەن ماكرۇ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلالايسىز. ئەگەر سىز خالىسىڭىزلا ئىنتايىن تىز سۈرئەتتە ئۆزىڭىزگىلا خاس بولغان قورال سىتونىنى لايىھەلەپ چىقالايسىز.يەنى تىزىملىكتىن «قورال-ئۆزى ئىنىقلىما بىرىش» (
    工具-自定义) بۇيرۇقىنى چەكسەك ئۆزى ئىنىقلىما بىرىش كۆزنىكى ئىچىلىدۇ، بۇنىڭدىن قورال سىتونى (工具栏)دىگەن تاللانىمىنى تاللاپ، بۇ جايدىن « يىڭىدىن قۇرۇش» دىگەن كۇنۇپكىنى چېكىپ، يىڭىدىن قۇرماقچى بولغان قورال سىتونىنىڭ نامىنى كىرگۈزۈپ ، جەزىم كۇنۇپكىسىنى باسىمىز. بۇچاغدا يىڭىدىن بىر قورال ستونى قۇرۇلغان بولىدۇ. بىز بۇ قورال سىتونىغا «ئۆزى ئىنىقلىما بىرىش » كۆزنىكىدىكى« بۇيرۇق » تاللانمىسى ئىچىدىن  قورال كۇنۇپكىلىرىنى ياكى باشقا قورال سىتونىدىن قورال كۇنۇپكىلىرىنى سۆرەپ ئېلىپ كىرسەكمۇ بولىدۇ.ئەگەر سۆرەش جەريانىدا Ctrl كۇنۇپكىسىنى بىسىۋالساق، ئۇ ھالدا بۇيرۇق كۇنۇپكىلىرىنى پەقەتلا كۆچۈرۈپ ئېلىپ كىلىدۇ. دىققەت قىلىڭ، كۇنۇپكىلارنى «ئۆزى ئىنىقلىما بىرىش » كۆزنىكى ياكى خىزمەت جەدىۋىلى ئىچىگە سۆرەپ كىرىشكە بولمايدۇ. ئەگەر شۇنداق قىلىپ سالسىڭىز قورال كۇنۇپكىسى ئۆچۈرۈلۈپ كېتىشى مۇمكىن.
    9- تىز سۈرئەتتە خىزمەت دەپتىرى قۇرۇش
    ئۆرنەكتىن(
    模板) پايدىلىنىش ئارقىلىق ، شۇ خىل ئۆرنەككە ئوخشايدىغان جەدىۋەللەرنى تىز سۈرئەتتە قۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ.شۇڭا دائىم ئىشلىتىدىغان بىر قىسىم جەدىۋەللەرنى ئۆرنەك شەكلىدە ساقلاپ قويساق، كىيىنكى قېتىم شۇ خىل جەدىۋەل قۇرماقچى بولغاندا دەرھال پايدىلىنىشقا بولىدۇ.ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:
    (1) ئالدى بىلەن ئۆرنەك قىلماقچى بولغان خىزمەت دەپتىرىنى ئاچىمىز.
    (2)ھۆججەت تىزىملىكىدىن «باشقا نامدا ساقلاش» بۇيرۇقىنى چىكىمىز ، بۇچاغدا « باشقا نامدا ساقلاش» كۆزنىكى ئىچىلىدۇ.
    (3) ھۆججەت نامى دىگەن يەرگە ئۆرنەك قىلماقچى بولغان ھۆججەت نامىنى قويۇپ،  «ساقلاش تىپى» (
    保存类型) دىگەن« ئۆرنەك» (模板) دىگەن تۈرنى تاللايمىز، بۇ چاغدا ساقلاش مۇندەرىجىسى ئاپتۇماتىك ھالدا ئۆرنەكلەر ساقلانغان مۇندەرىجە  Templates مۇندەرىجىسىگە يۆتكىلىدۇ. ئۆرنەك ھۆججەتنىڭ كىيڭەيتىلگەن نامى xlt بولىدۇ.
    (4) ساقلاش ئورنى دىگەن يەردىن «ئېلىكتىرۇنلۇق جەدىۋەل ئۆرنەكلىرى» دىگەن مۇندەرىجىنى تاللاپ، ساقلاش كۇنۇپكىسىنى باسساقلا بولىدۇ.  بۇنىڭ بىلەن سىز كىيىنكى ۋاقىتلاردا بۇ ئۆرنەككە ئاساسەن مۇشۇ خىلدىكى جەدىۋەللەرنى ناھايىتى تىز سۈرئەتتە قۇرۇپ چىقالايسىز.

     


    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !