باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • PDF ھۆججەت شەكلى ISO نىڭ تەستىقىدىن ئۆتتى

    ۋاقىت:2008-07-07 | تۈرى:ITئۇچۇرلىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/24289356.html

    سىنا پەن-تىخنىكىسىنىڭ چەتئەل ئاخبارات ۋاستلىرىدىن نەقىل ئىلىپ  خەۋەر قىلىشىچە 7-ئاينىڭ 3-كۈنى  Adobe شىركىتىنىڭ  PDF ھۆججەت شەكلى چارشەنبە كۈنى ئەڭ يىڭى خەلقئارا  ISO ئۆلچىمىدىن ئۆتكەن.

    PDF ھۆججەت شەكلىنىڭ ئاساسلىق ئىقتىراچىسى ۋە پاتىنتىغا ئىگىدارلىق قىلغۇچى] Adobe [شىركىتىنى بولۇپ، چارشەنبە كۈنى  ISO  تەشكىلاتىغا ئەڭ يىڭى بولغان 1.7 نەشىرىدىكى PDF ھۆججەت شەكلىنىڭ بارلىق ئۆلچەملىرىنى تاپشۇرغان. ئۇلار ISO تەشكىلاتىغا PDF ئۆلچىمىنى تاپشۇرۇشنى پىلانلىغاندىن تارتىپ تاپشۇرغىچە ئاران بىر يىرىم يىل ئۆتكەن.
    ISO تەشكىلاتى  بولسا بىر خەلىقئارالىق ئۆلچەملەشتۈرۈش تەشكىلاتى ،يەنى ئىنگىلىزچە ئاتىلشى  [International Organization for Standardization ] نىڭ قىسقارتىپ ئاتىلىش بولۇپ. ئۇنىڭ ئەزالىرى دۇنيادىكى 117 دۆلەتتىن كەلگەن ئۆلچەملەشتۈش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان تەشكىلاتلاردىن ئىبارەت. بۇ تەشكىلاتقا جۇڭگۇغا ۋاكالىتەن جۇڭگو دۆلەتلىك سۈپەت-تېخنىكا نازارەت قىلىش ئىدارىسى قاتناشقان.
    ISO تەشكىلاتى بۇ « ISO 32000-1:2008» نامدىكى يىڭى ئۆلچەمگە قارىتا دەرھال Adobe شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى  [Kevin Lynch] نىڭ سۆزىدىن نەقىل ئىلىپ، مۇنداق دىگەن. «  ھەر قايسى دۆلەتلەردىك ھۆكۈمەت ۋە باشقا تەشكىلاتلار ھۆججەت فورماتىنى ئىچىۋىتىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان پەيتتە ، PDF ھۆججەت فورماتىنى ISO تەشكىلاتىنىڭ ساقلىشى داۋاملىق يىڭىلىق يارىتىش ۋە مول ئىقتىدارالىق PDF مۇھىتىنى بەرپا قىلىشقا پايدىلىق. ئۆتكەن 15 يىلدا بۇ سىستىما داۋالىق ياخشىلىنىپ ، زور ئىلگىرلەشلەر بولدى»
    ISO نىڭ تەستىقدىن ئۆتكەن ھۆججەت فورماتىنىڭ ھۆكۈمەت ۋە چوڭ تىپتىكى كارخانىلار ئۈچۈن جەلىپ قىلىش كۈچى زور بولۇپ، شەخسى ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن بولسا ،  PDF نىڭ قانداق بولۇشى بەرىبىر ئىدى.  ئۇزاقتىن بىرى PDF فورماتىنى مەخسۇس] Adobe [نىڭ مەخسۇس ئوقۇش قورالىدا كۆرۈلۈپ كەلگەن.  ھەمدە بۇ خىل ھۆججەت فورماتىنى قوللايدىغان باشقا دىتاللارمۇ مەيدانغا كەلگەن. مەسىلەنReader Foxit دىگەندەك.

    مىكروسوفتنىڭ] OOXML [قاتارلىق ھۆججەت شەكىللىرىمۇ يىقىندا ISO نىڭ باھالىشىدىن ئۆتكەن.
    تەرجىمان ئىلاۋىسى: 
    PDF نىڭ فورماتىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى
    PDF فورماتىنى قوللانغاندا ئۇيغۇر ئەرەپ يىزىقى (كونا يىزىقى) نى ھەر قانداق كومپىيۇتېردا نورمال كۆرسىتىش مۈمكىنچىلىكى بولغاچقا ، يىقىندىن بىرى (كەڭ تارقالغىنىغا تەخمىنەن ئىككى يىلدىن ئىشىپ قالدى، ئىشقىلىپ مەن كۆرگەن ، دەسلەپ توردىن چۈشۈرگەن ئېلكىتاپ مۈنبەر تورى تارقاتقان ، ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى تەرجىمە قىلغان ئىسلامى كىتاپلار بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. شۇ چاغدا چۈشۈرگەن «ئۈمۈچۈك ئۆيى» دىگەن كىتاپ 2005-يىلى6-ئاينىڭ 4- تۈزۈلۈپ، 2005-يىلى12-ئاينىڭ 29- كۈنى قايتا تۈزىتىلىپتىكەن. شۇنىڭدىن كىيىن مۈنبەر تورى «قۇرئان كەرىم تەپسىرى قاتارلىق» بىر قانچە ئېلكىتاپلارنى تارقاتقان. كەينىدىن « ئالىم ئەركىن سىدىق بىلەن سۆھبەت » مۇ PDF فورماتى بىلەن تارقىتلىپ، ناھايىتى ياخشى تەسىر پەيدا قىلغان. مەنمۇ شۇ كىتاپلاردىن  ئۈلگە ۋە ئېلھام ئىلىپ دەسلەپ 2006-يىلى1-ئاينىڭ 28- كۈنى «كومپىيۇتېر ۋە ھەر خىل ئېلىكتىرۇنلۇق ئۈسكىنىلەرنى ئۇلاش» دىگەن نامدىكى 4 بەتلىك تۈنجى ئېلكىتابىمنى ئىشلەپتىكەنمەن.)ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە نۇرغۇن نەرسىلەرنى  PDF فورماتىدا ئىشلەپ تارقىتىپ،  ئېلىكتىرۇنلۇق كىتاپ  (ئېلكىتاپ) دەپ ئاتاپ كەلدۇق. ھەمدە بۇ ئىسىم خىلى يارىشىپ ، مۇقىملىشىپ قالدى.

    قارىسام بىزنىڭ ئىشلىتىۋاتقانلىرىمىزنىڭ(مېنىڭ قولۇمدىكى ئېلكىتاپلارنىڭ ئىچىدىكىلىرى) تەڭدىن تولىسى 1.4 نەشىرى ئىكەن. پەقەت بىرلا « ئەركىن سىدىق بىلەن سۆھبەتنىڭ 2- قىسمى» 1.6  نەشىرىنى ئىشلىتىپتۇ. ئەمدى مانا 1.7 نەشىرى چىقىپتۇ. مەن بارلىق ئېلكىتاپ ياساش ھەۋەسكارلىرىنىڭ بۇ توغرىدا تىخىمۇ كۆپ ئىزدىنىپ، بۇ 1.4 دىن كىيىنكى  نەشىرلىرىنىڭ  ئۇيغۇرچە كۆرسىتىش جەھەتتە بىز بىلمەيدىغان يەنە قانداق ئالاھىدىلىكلىرى بار تىخىمۇ ئوبدانراق قىزىپ بىقىشىنى ئۈمدى قىلىمەن.
     

     


    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !