باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • ئادىل ئىسمائىل فوتۇ-سۈرەتلىرى

    ۋاقىت:2008-06-19 | تۈرى:ئابرال ئالبۇمى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/23233515.html

    تالانتلىق فوتوگراف ئادىل ئىسمائىل سانسىزلىغان ئۇيغۇر ياشلىرىغا ئوخشاش تىرىشچانلىقنى ئۆزىنىڭ ھايات مۇساپىسىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىلەرنىڭ ئاساسى دەپ بىلگەن، تەلەپچان تالانتلىق فوتوگراف ئادىل ئىسمائىل گۆھەر زېمىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چېگرا شەھىرى گۈزەل غۇلجا شەھىرىدىن بولۇپ، ئۇ 1963- يىلى 2- ئاينىڭ 11- كۈنى شۇ شەھەردە ئوقۇمۇشلۇق زىيالىي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.
    فوتو سۈرەت كەسپىگە ئوتتەك ئىشتىياق باغلىغان ئادىل ئىسمائىلنىڭ فوتۇ-سۈرەت ئەسەرلىرى 1986-يىلىدىن باشلاپ رەسمىي ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان. ئۇ بۇ يىگىرمە نەچچە يىل مابەينىدە جەمئىيەت ۋە كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش، ئۈزلۈكسىز تىرىشىش نەتىجىسىدە كۆپ تەرەپلىمە ئىقتىدارنى يېتىلدۈرگەن. ئىجتىھاتلىق، تىرىشچان ، يول ئىچىپ ئالغا ئىنتىلىدىغان ئىشتىن سىرتقى فوتوگراف بولۇپ، ئۇ فوتو سۈرەتچىلىك سەنئىتىگە كىچىكىدىن باشلاپلا چوڭقۇر ئىشتىياق باغلىغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلگەن يۇرتىنىڭ گۈزەل تاغ - دەريالىرى ، رەڭگارەڭ تۇرمۇشى ، قويۇق ئۆرۈپ- ئادەتلىرى ھەم يۇرتىدىكى خەلقىنىڭ مەردانە خارەكتىرى، گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى، تىرىشچانلىق ۋە باتۇرلۇق روھى بەئەينى ئانا سۈتىدەك ئۇنىڭ ئىجادىيىتىنىڭ تۈگىمەس بۇلىقى بولۇپ قالغان. فوتو - سۈرەتچىلىك سەنئىتى ھازىرقى زاماندىكى ئەڭ تەرەققىي قىلغان سەنئەت كەسىپلىرىنىڭ بىرى. بۇ سەنئەت يۇقىرى ماھارەت ، چوڭقۇر تۇرمۇش بىلىمى، يېتەرلىك دۇنيا قارىشى ، قايىل قىلارلىق بەدىئىي دىت، يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىقنى تەلەپ قىلىدىغان جاپالىق كەسىپ.ئۇ مۇشۇ جاپا- مۇشەققەتلىك يولدا باسقان ھەر بىر قەدىمىدە بىر ئىز قالدۇرۇپ، يىگىرمە نەچچە يىلنى تىرىشىپ ئۆگىنىش ، ئىزدىنىش، سۈرەت تارتىش بىلەن ئۆتكۈزگەن، ئادىل ئىسمائىل يۇرتىدىكى خەلقىنىڭ رەڭگارەڭ تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن سان - ساناقسىز سۈرەتلىرىدە ئەينەن ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئەسەرلىرىدىن قويۇق تۇرمۇش ھىدى، كۈچلۈك يەرلىك ئالاھىدىلىك ، قويۇق مىللىي ئۆرۈپ ئادەتلەر بىلەن كۈچلۈك رەڭنىڭ سېلىشتۇرمىسى ھەر نۇردىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىشى روشەن ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ.ئۇنىڭ ھەر بىر ئەسىرى ئۇنىڭ تۇرمۇش ھەققىدىكى تەسۋىرى ، قەلب ھەققىدىكى تەسۋىرى ، چىنلىق ھەققىدىكى تەسۋىرى ھېسابلىنىدۇ.
    ئۇ 2001- يىلى تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇرلاردىن بېيجىڭدىكى ئەڭ مەشھۇر گۈزەل سەنئەت سارىيى بولغان جۇڭگو گۈزەل سەنئەت سارىيىدا كۆرگەزمە ئۆتكۈزگەن.ئۇ بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنى ئىچىشتىن ئىلگىرى تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت سەرپ قىلىپ، شىمالى ۋە جەنۇبى شىنجاڭنىڭ چەت يېزا قىشلاقلىرى، يىراق تەكلىماكان بويلىرىنى ئارىلاپ، تۇرمۇش ئۆگىنىپ، مەزمۇنى ساغلام ، شەكلى خىلمۇ - خىل ، تۇرمۇش پۇرىقى كۈچلۈك، بەدىئىيلىكى يۇقىرى بولغان 1500 پارچىدىن ئارتۇق سۈرەت تارتىپ، بۇنىڭ ئىچىدىن مۇئەييەن بەدىئىيلىككە ئىگە 146 پارچە سۈرەتنى تاللاپ ، تۇنجى ئۇيغۇر فوتوگرافنىڭ جۇڭگو سەنئىتىنىڭ ئەڭ ئالىي قەسىرى بولغان جۇڭگو گۈزەل سەنئەت سارىيىدا ئۆتكۈزگەن شەخسى فوتو- سۈرەت كۆرگەزمىسى ھېسابلىنىدۇ.
    ئۇ بېيجىڭدىن قايتىپ كەلگەندىن كىيىن 2001-يىلى 10- ئايدا ئۆز يۇرتى غۇلجا شەھىرىدە يەنە بىر قېتىم كۆرگەزمە ئاچتى.2005-يىلى جۇڭگونىڭ ئەڭ چوڭ شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان گۇاڭجۇ شەھىرىدە 3- قېتىملىق كۆرگەزمىسىنى ئىچىپ، گۇاڭجۇدىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.
    تۆۋەندە كۆرگەزمىگە قويۇلغان سۈرەتلەردىن بىر قانچە پارچىنى كەڭ تورداش دوستلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇق.

     ئۆزىمىز يول تاپايلى

     

    مىسكەرچى ئانا

     

     جۇدۇندىكى ھايات

    بىر باش قوناق

      يىڭى بىر كۈن

     

      بۈگۈن پۇل تاپالمىدىم

     

     ئەسىر ھالقىغان بۇۋاي

     

    sf

    بىز تىخى ياشاۋاتىمىز

    بازارنى بىر چىتىدە

    تەكلىماكاننىڭ چۈشى

    بىزمۇ ئوقىغان بولساق ھە؟

    رەئىسمۇ كۈلەلەيدۇ

    قەدىمى شەھەر

    خېرىدار كۈتۈپ

    ھالاكەت

    بىر تىلىم قوغۇن

     يۈك

    تۈگىمەس يوللار

    تۇغۇلسىلا ھىساپمۇ؟

    ئوتۇنچىنىڭ ئوغلى

    سېتىقچى بالا

    مەن ساڭا ھەمراھ بولاي 

     مايلامچى بالا

    ئېتىز بىشىدىكى بالا 

    بىزنىڭمۇ كۈلىدىغان ۋاقتىمىز كەلدى

    غۇلجا بەيتۇللاھ مەسچىتى

     ئۇيغۇر ھويلا-ئاراملىرى

    ئۇيغۇر ھويلا-ئاراملىرى

    قۇلىقىڭغا بىر گېپىم بار 

    بۇۋا نىمىشقا يىغلايسىز؟

    غۇنچىلار ئارىسىدا

     ئۇيغۇر ھويلا-ئاراملىرى

    ھىيتگاھتا ھىيت بەزمىسى

    ئۇيغۇر مىماچىلىق سەنئىتى

    يىتىملار ئاتىسى

    نۇرغا بۆلەنگەن ھايات

    ئاتا- بالا قىزىقچىلار

     

     

     

     

     

     


    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !